ھۆرلۈك ئىكىكىگە ئىككىنى قوشسا تۆت دېيىشتۇر. ئەگەر مۇشۇ توغرا تېپىلسا، باشقا ھەممە نەرسە مۇشۇنىڭغائەگىشىدۇ،
ۋىنستون
1984-يىلى، لوندون.
ئۇ 39 ياكى 40 ياشتا.
ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن بىرى ئېرىشكەن ھەم بىلگەن تۇنجى ھەم ئاخىرىقى مۇھەببىتى11ياش ۋاقتىدا يوقاتقان ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى. ئۇ ئانىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ ئۆلگەن ۋە ياكى بىرەر جازا لاگىرىدا ھايات ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. دادىسى بولسا بەكمۇ كىچىك ۋاقتىدا پارغا ئايلىنىپ كەتكەن.
پارغا ئايلىنىشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندىڭلار، بەلكىم!
يەنى، ئادەملەركېچىسى تۇتۇلىدۇ. تۇيۇقسىز ئۇيقۇدىن سىلكىپ ئويغىتىلىدۇ. ئەتراپىدا نۇرغۇن قارا كىيىملىكلەرنى كۆرىدۇ. مۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇتۇلۇش، سوراق خاتىرىلىرى بولمايدۇ. ئىسىم–فامىلىسى، بارلىق ئىزلىرى مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلىرىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. ھەتتا، ئۇئادەمنىڭ ياشىغانلىقىغا ئائىت بىرمۇ ئۇچۇر قالمايدۇ. ئازلا ۋاقىتتىن كېيىن تەلتۈكۈس كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلىدۇ. مانا بۇ «پارغائايلىنىش» دىيىلىدۇ.
بۇ جەمىيەتنىڭ ھەممە يېرى پاسكىنچىلىققا، بۇرۇقتۇرمىچىلىققا، ئىشپىيونلۇق، ساتقىنلىق، تۇتۇش–سولاش، قىيناش–ھاقارەتلەش، يوقاپ كېتىشلەرگە تولغان بىر جەمىيەت.
بۇ جەمىيەتتە تۇرۇپ–تۇرۇپ ئادەملەرنىڭ پارغا ئايلىنىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇنداقتا، بۇ قانداق جەمىيەت؟
River Flows In You
بۇ قانداق جەمىيەت؟
بۇ جەمىيەتتە ھەقىقەت مۇنداق بولىدۇ.
ھەممىلا ئادەم پارتىيە دىگەن يالغانغا ئىشەنسە، بارلىق يازما خاتىرىلەر ئوخشاش گەپنى قىلسا، دىمەك بۇ يالغان ۋاقتى كەلگەندە ھەقىقەت بولۇپ قالىدۇ.
ھەممىلا يەردە ھەر بىر ئادەمنى ھەر دائىم كۈزىتىپ تۇرىدىغان ئىكران يەنى«غوجىكا»بار. ھېېچكىم-ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان بۇ جەمىيەتتە ھەممىلا يەر بىر-بىرىنى كۈزىتىدىغان ئىددىيە ساقچىسى بىلەن تولغان، «غوجىكا» غا قارىشى بىرەر خىيال، ھەتتا چۈشمۇ ئىددىيە جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ، بالىمۇ ئۆز ئاتا–ئانىسىنى سېتىۋىتىدۇ.
بۇ جەمىيەتتە سۆيگۈ بار دېيىلسە پەقەت«غوجىكا» غا بولغان سۆيگۈ بولىشى كېرەك!
شۇنداق، بۇ جەمىيەتتە نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەت، مىھىر-مۇھەببەت، قېرىنداشلىقتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا، ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتمۇ!
ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت مەۋجۇت بولمايدۇ. توي قىلىشىكى بىردىنبىر مەقسەت پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەۋلات يېتىشتۈرۈش.
ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئەقەللىي تەننىڭ ئۇچىرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئىپتىدائى ئىستەكمۇ تارتىۋىلىنغان بولۇپ،ئادەملەر ئۆزىدىكى ئىپتىدائى، ئەسەبى، قىزغىن ھىسياتىنى «غوجىكا»نى مەدىھلەش ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك!
بالىلار بالىلىق دەۋرىدىلا ئى پىيونلۇق ئۈچۈن، پارتىيە ئۈچۈن سىستىمىلىق تەربىيلىنىدۇ. ھەتتا،ۋاقتى كەلگەندە بالىلار ئۆز ئاتا–ئانىلىرى ئۈچۈن ئىددىيە ساقچىلىرى بولىدۇ. ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ھەتتا چۈشىدە خاتا جۆيلۈپ سالغانلىرىمۇ بۇ كىچىك ئىددىيە ساقچىلىرىنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولالمايدۇ ھەم ئاتا–ئانىسىنى تۇتۇپ بېرىدۇ.
كىتابتا مۇنداق بىر ۋەقەلىك تىلغا ئېلىنىدۇ. ۋىنستوننىڭ خوشنىسى، خىزمەتدىشى پارسونسنىڭ ئىككى بالىسى غوجىكىنىڭ رەسىمى بار قەغەزگە كولباسا يۆگەپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ ئايالنىڭ كۆينىكىگە ئوت قويۇپ بېرىدۇ. شەھەر مەيدانىدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردىنمۇ شۇنداق ھوزۇرلىنىدىغان بۇ «قالتىس بالىلار» ئاقىۋەتتە، دادىسىنىڭ ئۇيقۇچىلىقتا جۆلىگەن سۆزىنى ئىددىيە جىنايىتى دەپ پاش قىلىپ دادىسىنى تۇتۇپ بېرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئاتا–ئانىسىنىڭ پارتىيەگە نارازىلىقى، بىھۆرمەتسىزلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قىلىپ ئىددىيە ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغان ئىشلار ئادەتتىكىچە ئىش ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىسيانكار ئويلار بولسا، كېيىنكىسى بۇلارنى خاتىرىسىگە يېزىش بولدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ ھەتتا ئاشخانا، ياتاق ئۆيدىمۇ كۈزىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ كىچىككىنە بىر بۇلۇڭى بۇ كۆزدىن خالى بولۇپ، شۇيەردە بىر كۈنى مەخپى سېتىۋالغان خاتىرىسىگە ھەقىقى ئويلىرىنى خاتىرىلەپ قويىدۇ.
ئۇيەتتە يىل بۇرۇن بىر چۈش كۆرىدۇ. چۈشىدە قاراڭغۇلۇقتا بىرسى « بىز زۇلمەت يوق يەردە ئۇچىرىشىمىز» دەيدۇ. بۇ چۈشنى ئۇ ئوبرايننى بەلكىم دەسلەپتە ئۇچىرىتىشتىن بۇرۇن كۆرگەن. لېكىن، چۈشىدىكى ئاۋاز دەل ئوبرايننىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
ھەممىلا جاي ئىددىيە ساقچىلىرى بىلەن تولغان، «غوجىكا» غا قارىشى بىرەر خىيال، ھەتتا چۈشمۇ ئىددىيە جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان، بالىمۇ ئۆز ئاتا–ئانىسىنى سېتىۋىتىدىغان بۇ جەمىيەتتە ئۇ چۈشىدە كۆرگەن ئوبرايىنغا ئىشىنىدۇ. ئوبراين بىلەن زۇلۇم يوق يەردە كۆرىشىدىغانلىقىغا، ھامان بىر كۈنى ئوبرايننىڭ ئۇنى چاقىرىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
دەرۋەقە، بىر كۈنى كۆمۈلگەن ئۇرۇقلارنىڭ بىخلىرىنى كۆرگەندەك ئوبراين بىلەن ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدا ئۇچىرىشىدۇ.ئوبرايننى ئىددىيە ئاقارتىدىغان، بىللە كۆرەش قىلىدىغان قېرىنداش دەپ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارىلايدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئويلىرىنى خاتىرىلەپ قويغان ھېلىقى خاتىرىسىنى سېتىۋالغان دۇككانغا ئانچە–مۇنچە بارىدۇ ھەم دۇككان خوجايىنى چاررىڭتون ئەپەندى بىلەن پاراڭلىشىدۇ. قانداقتۇر ئىچكى كۈچنىڭ تەسىرىدە بۇ دۇكاندار بوۋايغا ئىشىنىدۇ ھەم بوۋاينىڭ ئىككىنجى قەۋەتتىكى ئىكران يوق، كۈزىتىش يوق، ئىددىيە ساقچىسى يوق ئۆيدە ئۆزى تىنچ، ئاددى بىر ئادەمدەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ بېقىش ئارزۇسىدا ئۆينى ئىجارىگە ئالىدۇ.
ئۇ دەسلەپتە ئۆزى ئىددىيە ساقچىسى دەپ گۇمانلانغان، ئىچ-ئىچىدىن ئۆچلۈك قىلىدىغان27 ياشلىق گۈزەل قىزجۇلىيانىڭ مۇھەببەت ئۇچۇرىدىن كېيىن قىزغا بولغان ھىسياتى ئۆزگىرىدۇ. بۇ قىز بىلەن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكىدۇ ھەم دۇنيادىن خالى، تىنچ مەخپى ئۆيىدە ئىككى كىشىلىك دۇنياسىغا قايتىدۇ.
ھالبۇكى، جۇلىيانىڭ«سىزنى سۆيىمەن» دىيىشىنىڭ، ئۇلارنىڭ مەخپى دۇنياسىدا ئۇچىرىشىشلىرىنىڭ ئۆزىلا يېتىپ–ئاشقۇدەك ئىسيانكارلىق، ئىددىيە جىنايىتى ھېسابلىناتتى.
ئىددىيە جىنايىتى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدۇ، ئىددىيە جىنايىتىنىڭ ئۆزى ئۆلۈمدۇر.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ئىسيانكار تۇيۇقسىز قارا كىيىملىكلەر تەرىپىدىن تۇتۇلىدۇ.
ئاقىۋەتتە، كىتابىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ۋىنستون ئەڭ ئىشەنگەن ئادەم ئوبراين ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۇسۇلدا قىينايدىغانلارنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ چىقىدۇ.
ئۇ ئىشەنگەن، ئىكرانسىز ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن، كۈزىتىلىش يوق مەخپى دۇنياسىنى يارىتىپ بەرگۈچى چاررىڭتون ئەپەندى ئۇنى تۇتقان قارا كىيىملىكلەرنىڭ كاتتېبىشى، ئىددىيە ساقچىسى بولۇپ چىقىدۇ.
ھېچنىمىگە قارىماي مەخپى ئۇچراشقان، بىر-بىرىنى سۆيگەن بۇ ئىككىسى ھالبۇكى، ئاخىرىدا ئەڭ ئېغىر قېيىن–قىستاق ئاستىدا ھەر ئىككىسى بىر–بىرىگە ئاسىيلىق قىلىدۇ.
ھەتتا، ئۇلار ئېغىر كۈنلەردىن كېيىن ئۇچراشقاندا ۋۇجۇدىدا بىر-بىرىگە ئىنتىلىش، مۇھەببەت.. ھېچنىمە قالمىغانلىقىنى بىلىشىدۇ.
ۋىنستون قەلبىنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىدىن ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ تولىمۇ بىمەنلىكىگە ئىشىنەتتى، نەپرەتلىنەتتى.
نەچچە يۈز ئادەمدىن چىققان ئاۋاز شۇنچىلىك قۇدىرەتلىك تۇرسا، ئادەملەرنىڭ توۋلاشقا ئەرزىيدىغان بىرەر ئىشقا توۋلاپ باقمايدىغانلىقىغا ئەپسۇسلىناتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەم ئېكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنى يەڭگەنلىك دەپ قارايتتى.
ۋىنستوننىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئادەمنىڭ بارلىق سۆزلىرى، ئويلىرى، قىلغانلىرىنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرسىمۇ، ئىنسان ئۆزىمۇ ئېنىق ئاڭقىرىپ بولالمايدىغان قەلبىدىكى نازۇك تۇيغۇلارغا چىقىلالمايتتى.
ۋىنستوننىڭ ئىددىيەسىدە بىر مەدەنيەتنى ئۆچمەنلىك، ياۋۇزلۇق بىلەن ياراتقىلى بولمايتتى. يارىتىلدى دېيىلگەندىمۇ بۇنداق مەدەنيەتتە ھاياتى كۈچ بولمايتتى، ئۇزاققا بارماي ئۆزلىكىدىن ۋەيران بولاتتى.
مانا مۇشۇنداق ۋىنىستون نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ساقلىيالىدىمۇ؟
ۋىنستون تۇتۇلىدۇ. تەسەۋۋۇرقىلغۇسىز ئۇسۇلدا خورلىنىدۇ، قىينىلىدۇ، ئۆزىدە بار ھەم يوق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقرار قىلىدۇ. لېكىن،ئۇنى شۇنداقلا ئۆلتۈرىۋەتمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
مەقسەت، ۋىنستوندەك كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسى ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن پاكلىنىشى، قورقۇپ تۇرۇپ مەجبۇرى ئەمەس يۈرىكى،ۋۇجۇدى بىلەن «غوجىكا»نى ياخشى كۆرگەن بولىشى كېرەك!
دىمەك،ئۇلار ۋىنستوندەكلەرنى شۇنداقلا ئۆلتۈرىۋەتمەيدۇ. ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن يات، ئىسيانكار ئىددىيەنى داۋالايدۇ، ئۆزگەرتىدۇ، قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن نەپرەتلىىپ ئۆلۈشتەك ئەركىنلىكىنى بېرىشكە بولمايدۇ!
مۇنداق قايتىدىن قۇرۇلغانلار مىڭ يىلدىمۇ ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەردە بولىدىغان ھېس–تۇيغۇلار ئۆلگەن بولىدۇ. مۇھەببەت،دوستلۇق، كۈلكە، خۇشاللىق، قىزغىنلىق، ئىرادە دېگەنلەر بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي قۇرۇقدالغان بولىدۇ!
ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھوقوقتا بولۇپ، ھوقۇق دىمەك باشقىلارنىڭ جېنىنى قىيناش، ھاقارەتلەش. ئىنسانلارنىڭ ئېڭىنى چۇل–چۇل قىلىۋىتىپ ئۇنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ياساپ چىقىش دەپ قارايدۇ.
ۋىنستون ئۆگىنىش،چۈشىنىش، قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئۆزگەرتىلىدۇ.
خاتىرىسىگە مەخپى ھالدا ئىكىكىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ دېيشنىڭ ئۆزى ھۆرلۈك دەپ يازغان، ئىسيان كۆتۈرگەن ۋىنىستون ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن «ئىكىكىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ» دەپ يازىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ ئاي ئىچىدە ئوقۇپ چىققان ئۈچىنجى كىتابىم بولغان جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق قورقۇنچلۇق بىر دۇنيانى يالىڭاچ ئىپادىلەپ بەرگەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغىلى نەچچە كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، كاللام ئېغىر ئويلاردا…مۇشۇنداق مۇستەبىت جەمىئەت تۈزۈلمىسى ئىچىدە تۇغۇلۇپ قىلىشنىڭ ئۆزىلا نەقەدەر چوڭ بەخىتسىزلىك؟!
ئۈمىد – زۇلۇم قىلىنغۇچىلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك قۇرالى. بۇ مەن يېقىندا ئاڭلىغان ئەڭ چىرايلىق بىر جۈملە.
ئەسەردىكى ۋىنىستون ئاقىۋەتتە ئۆزىنى، ئادىمىيلىكىنى، تۇيغۇلىرىنى، سۆيگۈسىنى، ھەتتا ئۈمىدنى ساقلاپ قالالمىدى. ئۇ ئۆزگەرتىلدى خۇددى ئوبراين ئېيتقاندەك…
ھالبۇكى ۋىنىستوندەكلەرنىڭ باشقا چىقىش يولى يوقمۇ؟!
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلسۇن. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: كىتابنىڭ ئاخىرقى مۇقاۋا سۆزىدە دېيىلگىنىدەك بىر مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ماھىيتىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ كىتابنى ئوقۇڭ.
*************************
رەيھان ئابلەت
2021.01.29 (شەنبە)
ئىنكاس يازىمەن