ئىجتىمائى ئالاقە تورلىشىپ كەتكەن ھازىرقى جەمىئەتتە بىراۋنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئىرىشمەك ئانچە قىيىنغا توختىمايدۇ.

ئۆتمۈشكە ئايلانغان مۇھەببەتنى، دىلىڭىزنى يارىلىغان مۇناسىۋەتنى، ھەر قېتىم كۆرسىڭىز سىزنى بىئارام قىلىدىغان كىشىلەرنى رىئاللىقتىكى دۇنيارىڭىزدىنغۇ چىقىرىۋىتىپ بولدىڭىز، بىراق كۆرۈنمەس مەۋھۇم دۇنيارىڭىزدىنچۇ؟

سىزدىمۇ تۆۋەندىكى ئەردەك ئىجتىمائى ئالەقە تورلىرىدىكى «خۇپىيانە مارىلاش» بارمۇ؟

Itzhak_perlman_tango

 

 

دېۋ 40نەچچە ياشلاردىكى ئاجراشقان بويتاق ئەر.

ئۇ ھازىرقى قىز دوستى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسىلا، تۇرمۇشتىن روھى بىسىم ھېس قىلىسىلا، ئايرىلىپ كەتكىلى 20 يىلدىن ئاشقان ئەينى چاغدىكى ئالى مەكتەپتىكى تۇنجى قىز دوستىنىڭ فېيسبۇك، تىۋىتىر، ئىنستىگرام قاتارلىق بارلىق ئىجىتىمائى ئالاقە  تور ۋاستىلىرىدىكى ئۇچۇرلىرىنى كېچىلەپ كۆرۈپ چىقىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا قىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كالىفورنىيەگە قايتىپ كېتىشنى تاللىغان ھەم ئارىلىق يېراق بولغاچ ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرغا قويغان.

دېۋ قىزنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئايرىلىشقا قوشۇلمىغان، يالۋۇرغان، توختىماي ئۇچۇر يوللىغان، ھەتتا ساراڭلاردەك ھېلى ئاچچىقلىسا ھېلى ھۆڭرەپ يىغلىغان. ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن دېۋ بۇ سەۋەبلىك يۈرەك كىسىلىگە گېرىپتار بولغان.

ھالبۇكى، ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇ بۇرۇنقى قىز دوستىغا تونۇشلۇق بەرمەستىن پەقەتلا نامەلۇم ئىسىمدا ئاكۇنت ئېچىپ قىزنىڭ شەخسى ھاياتىنى ئۈنسىز كۈزىتىپ تۇرىۋاتقاچقا، مۇنداق قىلىشنى ھەرئىككى تەرەپكە ئارتۇقچە زېيىنى يوق دەپ قارايدۇ.

ئەر مۇنداق ئادەتنى يېڭى توي قىلغان چاغلاردىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى پەقەتلا روھى بىسىم يېنىكلىتىش، كەيپىياتىنى يېڭىلاش جەريانى دەپلا ئويلايدۇ.

دېۋنىڭ كېچەكېچىلەپ ئولتۇرۇپ مۇشۇنداق سېغىنشلىرىنى بېسىشى ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىكى بىسىملارنى يېنىكلىتىپ كۈچقۇۋۋەت ئاتا قىلامدۇ؟

ياق! پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ قىلمىشبۇرۇنقى پۈتۈنلەي ھەل قېلىنمىغان ئازابنى يېڭىلاش، كونا يارىنى تاتىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

ئۇ ھەر قېتىم كونا قىز دوستىنىڭ رەسىملىرى، ۋىدىئولىرىنى كۆرگىنىدە، قەلبىدە ئەينى يىللىرى ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەنلىك يارىسى قوزغىلىدۇ. بۇ يەنە ئۆزنۆۋىتىدە ھازىرقى مۇھەببەت تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بۇ نوقتىنى دېۋ چۈشەنگەندىن كېيىن بىر قانچە ئاي پىسخكىلىق داۋالىنىش ئورنىغا بارىدۇ ھەم بۇرۇنقى قىز دوستىنى ئوغۇرلۇقچە كۈزىتىپ تۇرىدىغان بارلىق ئاكۇنتلىرىنى ئۆچۈرىۋىتىدۇ. شۇندىن كېيىن ھازىرقى قىز دوستى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.

خوش، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك پىقىر بۇ جەھەتتە شەخسى تەكلىپپىكىرلىرىمنى قاتمىغان ئەھۋالدا يۇقارقى رىئال تۇرمۇش كارتىنىسىنى، پىسخىكىلىق ھەل قىلىش تەدبىرىنى  سىلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم. قالغان ھۆكۈم ئۆزۈڭلارغا قالسۇن.

**********

«How to fix a broken heart-Guy Winch» ناملىق كىتابنى ئوقۇۋاتقاچ قالدۇرغان خاتىرە دەپ تۇرۇڭلار.

تارقىتىڭ...