2023.03.01

قەدىمىنى توختىتىشنىڭمۇ مەناسى بار

ھاياتتا قايتا ئۆرلەش ئۈچۈن بەزىدە قەدىمىمىزنى توختىتىشقا توغرا كېلىدىغان چاغلار بولىدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدە توختاڭ. نىكاھىڭىزدىن مەسىلە چىققاندا، سالاھىيتىڭىز بولغان خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئىشەنگەن ئادىمىڭىز سىزدىن يۈز ئۆرۈگەندە، ئەھۋالنى ياخشىلاشنىڭ بىردىنبىر ئامالى  تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش.

مەن ھاياتىمىزدىكى بارچە قىيىنچىلىقلارنىڭ مەناسى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. قىيىنچىلىقتىن ئاكىتىپلىق بىلەن  ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى-مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى قېيىنچىلىق ئىچىدە قاپسىلىپ قىلىشنى بەلگىلەيدۇ.

ئوپرا ۋىنفرېي

What I Know For Sureدىن پارچە

 

Secret Love

 

2023.03.02

ئۈمىدۋارلىق ھەققىدە

ئۈمىدۋار بولۇش تولىمۇمۇھىم. ئۈمىد كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، يۈرىكىمىزنىڭ قات-قاتلىرىغا ئورناپ كەتسۇن.

تۇرمۇش دېگەن ھەر دائىم ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. بىز خۇشاللىقتىن بېشىمىز كۆككە يەتكەن كەچمىشلەرگە مۇھتاج بولغىنىمىزدەك، ئازابلىنىپ كۆز-ياشلىرىمىزسەلدەك ئاققان كەچمىشلەرگىمۇ مۇھتاجمىز. ئەگەرقەلبىمىزدە ئۈمىد بولمايدىكەن ھېچنىمىگە  ئېرىشەلمەيمىز.

ئۇنداقتا سۇئال: سىز ئۈمىدكە كىم ئارقىلىق ئېرىشەلەيسىز؟

ئۈمىد ئىنىرگىيە بولۇپ، ئۈمىدسىزلىك پاتىقىغا پېتىپ قالغىنىمىزدا، بىزگە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلالايدىغان نۇر.

 

 

2023.03.03

چۈشكۈنلۈككە  پېتىپ قالماسلىق

«بۇنى قىلغىلى بولمايدۇ»دەپ بەل قويىۋىتىش ئاسان. ئىككىللىنىش، تەشۋىشلەر ئاسانلا كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ناۋادا، ئەنە شۇنداق. چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالغان ئۆزىڭىزنى بايقىسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىچە  قىزىقىش يېتىلدۈرۈڭ.

 

2023.03.04

ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇپ چىقىڭ

ئۆتمۈشنى تاشلاپ، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن قۇچاق ئاچايلى. مەيلى بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىمىز قانچىلىك گۈزەل ۋە ياكى قانچىلىك ئازابلىق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، بالىلىق ئەسلىمىلىرىمىز  ئىچىدە تۇرۇپ قالمايلى.

ئۆتمۈشىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ، مىننەتدار بولۇڭ، شۇنداقلا ئالدىغا قاراڭ. ئۆتمۈشنىڭ ئەسلىمىلىرى ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ سۆيۈشكە، ئۆسۈپ يېتىلىشكە ۋە ئۆگىنىشكە جۈرئەت قىلىڭ. شۇندىلا كۆك ئاسماندا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلالايسىز.

2024.03.05

نۇرلۇق چاقناڭ

ھەر كۈنى سەھەر ئويغانغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىگە ھۆكۈم بېرىدىغان ئادەمنىڭ دەل ئۆزىڭىز ئېكەنلىكىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىڭ. سىز ئۆز ھىكايىڭىزنىڭ ئىجادچىسى.

يۇمۇرلۇق، زىرەك، جاسارەتلىك..دېگەندەك بارچە ئارتۇقچىلىقىڭىزنى گەۋدىلەندۈرۈڭ.  بىز بۇ دۇنياغا كىچىك ئىشلار ئۈچۈن يارالمىدۇق. ئاسانلا زۇلمەت باسىدىغان ئۇشبۇ ئالەمدە، ھەرقانچە نۇر بولۇپ چاقنىسىڭىزمۇ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.

 

 

2023.03.07

ئاق كۆڭۈل بولۇشقا تىرىشىڭ

ناچار كىشىلەر تولىمۇ كۆپ ئۇشبۇ دۇنيادا، قانداقلا بولمىسۇن كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

 

2023.03.08

پىكىرلىرىڭىز ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ

ئاۋازنىڭ كۈچى بار. ھەقىقەتنى ئېنىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن سۆزلەڭ. پىكىرىڭىز ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ.

شۇڭا پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆز پىكىرلىرىڭىزنى ئېيتىڭ. سۆزلەشكە تەييارلىقىڭىز پۈتكەندە، پۈتۈن دۇنيا سۆزلىرىڭىزگە قۇلاق سالىدۇ.

سۆزلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ سۆزلەڭ.

 

2023.03.10

تەنھالىق

دۇنيا شۇنچە كەڭرى ھەم گۈزەل بولسىمۇ، تۇرۇپلا  يەنە بىر سوغۇق يۈزىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ.دەل مانا مۇشۇنداق چاغلاردا بىز غايەت زور تەنھالىق تۇيغۇلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايمىز.

شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزنى يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتقان ئاشۇ دەملەردىمۇ سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس سىز. مەلۇم كوللىكتىپقا قوشۇلسىڭىز، يېڭى دوست تۇتسىڭىز، مۇھەببەتلەشسىڭىز بولىدۇ. كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشتىن قورقماڭ، بەلكىم شۇ ئارقىلىق ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قىلىشىڭلارمۇ مۇمكىن.

دۇنيادا ھەر خىل ئادەملەر بار بولۇپ، مانا مۇشۇنداق كۆپ خىللىقنىڭ بولىشىمۇ ناھايىتى قالتىس ئىش. قىزغىنلىقىڭىز بىلەن قورقۇنچىڭىزنى  يېڭىڭ. «ئوخشىمايمىز» دەپ قارىسىڭىزمۇ، ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن ئورتاق تەرەپلىرىڭلار بولىشىمۇ مۇمكىن.

ئەتراپىڭىزدا يالغۇزلۇق ھېس قىلغان بىرەرىنى بايقاپ قالسىڭىز، پەرۋاسىز قارىماستىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئېچىڭ.

2023.03.11

بەخىت تۇيغۇڭىزنى ئۇلغىتالايسىز

شۇنى ئۇنۇتماڭكى، بەخىتلىك ياكى ئەمەسلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلىدىغىنى باشقىلار بولماستىن دەل ئۆزىڭىز.

2023.03.12

بۈگۈن يەنە بىر رەت تەكرارلانمايدۇ

بۈگۈن يەنە بىر رەت كەلمەيدۇ. شۇڭا بۈگۈنىڭىزدە تولۇق ياشاڭ، ئەپۇ قىلىڭ ھەم سۆيۈڭ. ېبارچە گۈزەل ئىشلار ئۈچۈن مىننەتدار بولۇپلا قالماستىن، مېڭىشقا تېگىشلىك يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن كۈلپەتلىرىڭىز ئۈچۈنمۇ مىننەتدار بولۇڭ.

بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش ئۆزىڭىزگە باغلىق. مەيلى قانچىلىك قاملاشمىغان بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىز يېزىپ چىققان ھېكايىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسۇنكى، بەك مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھاجەتسىز. مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ھازىرقى شۇ ھالىتى يېتەرلىك.

بۈگۈندىن ئىبارەت ۋاقىت ئىلكىڭىزدە بار بولغان ھەممىگە باراۋەر. بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، دەل ھازىرقى دەقىقىلىرىڭىزنى قەدىرلەپ ياشاڭ.

 

2023.03.13

ئويلىرىڭىز رىئاللىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ

ئويلىرىڭىز رىئاللىقىڭىزغا ئايلنىدۇ. ئىجابىي تەرەپتىن ئويلىسىڭىز، تاپىدىغىنىڭىز ياخشىلىق بولىدۇ. يامان دەپ ئويلىسىڭىز، ئىشلار يامىنىغا ماڭىدۇ.

 

2023.03.14

كىشىگە بەرگەن تۇيغۇلىرىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلمايدۇ

نېمە دېگىنىڭىز، نېمە قىلغانلىرىڭىز ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئەمما، كىشىگە بەرگەن تۇيغۇلىرىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلمايدۇ.

مايا ئەنجىلو

* 1928-2014بىلغىچە ياشىغان ئامېرىكىلىق شائىر ، يازغۇچى ۋە پۇخرالىق ھوقۇقى پائالىيەتچىسى

مەندىن: يۇقارقى جۈملىنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم. بەزىدە باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن«سىز پالانى ۋاقىتتا مۇنداق دېگەنىدىڭىز..»دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز ھەم ئاددىيلا، ئانچەموھىم دەپ قارالمايدىغان، مەقسەتسىز دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ پەش، چىكىتلىرىگىچە قارشى تەرەپنىڭ ئېسىدە تۇتقانلىقىغا ھەيران قالىمىزھەم شۇ گەپكە ئىشىنىپمۇ قالىمىز.

سىزنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر كەمچىللىكلىرىڭىزنىمۇ ياقتۇرىدىكەن. سىزنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم ئۈچۈن خاتا كەتكەن پەش،چىكىتلىرىڭىزمۇ قۇسۇر ئىزدەشنىڭ يىتەرلىك ئىسپاتى بولالايدىكەن.

قىسقىسى، بىز پەقەت يېقىملىق تۇيغۇلارنى بەرگەن ھەم بېرەلىگەن ساناقلىق ھەم سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىدە ياشايدىكەنمىز ھەم ياشىتىدىكەنمىز.

 

2023.03.15

تايچاقتەك ياشاش

سىز ئادەتتىكىچە دۇنيادا زاھىر بولغان، مۇنداقچە ئېېيتقاندا،ھەممىلا ئادەمنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان تايچاقسىز. شۇنداقتىمۇ ھېچقىسى يوق. ئۆزىڭىزنىڭ قالتىس تەرەپلىرىدىن گۇمانلانماڭ.

سىزدىكى سېھرى كۈچكە قايىل كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇڭ. پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.

باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق. سىزدىكى يارقىن تەرەپلەرگە ھەسەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن قەستەن ئۆزىڭىزنى كىچىك كۆرسىتىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق!

 

2023.03.16

كۆڭۈلكۆكسڭىزنى كەڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ

بىلمەسلىك نۇمۇس ئەمەس. قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماستىنلا ئاغزىنى تۇۋاقلاشقا ئۇرۇنماڭ. ۋاڭچۇڭغا تولغان ئۇشبۇ ئالەمدە، ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز پىكىرىنى باشقىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

پىكىرىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنىمۇ چۈشىنىشكە تىرىشىپ بېقىڭ. قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىگە قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ كۆڭۈلكۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. باشقىلارنىڭ سۆزىنى ھېسداشلىق بىلەن ئاڭلىيالايدىغان ئىقتىدار  ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇپ قىلىشقا سەۋەب بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن.

ھېچكىمنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا رەزىل بولۇپ تۇغۇلمايدىغانلىقىغا، مۇمكىنسىز ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنەيلى. ئادەملەرنىڭ كۆڭلىمۇ خۇددى پەسىللەرگە ئوخشاش ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

 

2023.03.17

ئۆتمۈشىڭىز بۈگۈنكى سىزنى ياراتقان

ئۆتمۈشىڭىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈڭ.

ئۆتمۈشىڭىز قانداق ئادەم ئېكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سىزدىن ئىبارەت گۈزەل بىر مەۋجۇداتنى ياراتقىنى ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن بارلىق كەچمىشلىرىڭىزدۇر. مانا بۇ ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىڭ.

ھازىرقى سىز قانداق بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بۇرۇنقى  ئۆزىڭىز بىلەن قوشۇپ بارچە ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ.

ئادەم قانچە كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغانسىرى، ئېرىشىدىغانلىرىمۇ شۇنىڭغا يارىشا كۆپ بولىدۇ.

 

2023.03.18

مەسلىھەت ئالغاندا

كۆپلىگەن كىشىلەر ياخشى نىيەتلىرى بىلەن، قانداق ياشاش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشىدۇ. شۇنىسى خەققە پايدىلىق بولغاننىڭ سىز ئۈچۈن ياخشى بولىشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ ئالدى بىلەن«ماڭا ياخشى بولسۇن» دەپ ئېيىتتى دەپ بىلىپ، چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدار بولايلى. ئاندىن ھەقىقى قىلغۇمىز بار ئىشقا ئۆزىمىزنىڭ قارارىنى بەرسەكمۇ بولىدۇ.

 

2023.03.19

قەلبنى تىنچلاندۇرۇش مەشىقى

قەلب ئاۋازىڭىزغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىڭ.

«مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئارزۇيۇڭ ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ»، «قەلبىڭ كاۋاك…»، «دېققىتىڭنى مەركەزلەشتۈرۈشكەتېگىشلىك ئىشلار بۇ ئەمەس، خاتا ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىۋاتىسەن»…دېگەندەك قەلب سادايىڭىزنى ئاڭلىيالىغىنىڭىزدا، قەلبىڭىزنىڭ تەلىپىبويىچە ھەركىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.

چۈنكى قەلب ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ.

 

2023.03.20

كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇشتىن ئەنسىرىمەڭ

ھەمىشە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئادەم بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇيۇ، باشقىلار بىلەن ئوخشىماي قالسىڭىز ئاسانلا باشقىلارتەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىنىپ قالىسىز. شۇنداقتىمۇ مۇنداق خاتا چۈشىنىلىشتىن قورقماڭ. ئۆزگىچىلىكتە ئۈمىد نۇرلىرى بولىدۇ.

كەمتەرلىك بىلەن باشقىلاردىن ئۆگىنىش ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، ئۇ كىشىگە ئوخشاش بولۇۋىلىشنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوق. بۇخۇددى سىز ئۈچۈن ياسالمىغان ساندۇققا ئۆزىڭىزنى پاتقۇزۇشقا مەجبۇرلىغانغا ئوخشاش.

روھىڭىز ئەركىن قاناتلانسۇن. باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزدە بار سىھرىكۈچنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ.

نورۇز مۇبارەك

2023.03.22

مەسئۇلىيەت ئۆزىڭىزدە

مەن ئۆزۈمنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىمدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق يەكۈنگە كەلدىم.

بىر كۈنلۈك ھاۋارايىنىڭ قانداق بولىشى مېنىڭ قانداق ئويلىشىم تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن. يەنى ھاۋارايىنى بەلگىلەيدىغىنى مېنىڭ شۇكۈنلۈك كەيپىياتىمكەن.

مەندە  ھاياتنى ھەسرەتكىمۇ، خۇشاللىققىمۇ تولدۇرالايدىغان زور ھاياتى كۈچ باركەن.

كىشىنى قىيناپ ئازابلىيالىغىنىمدەك، ئىلھاممۇ ئاتا قىلالايدىكەنمەن.

كىشىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويالىغىنىمدەك، خۇشاللىقمۇ ئاتا قىلالايدىكەنمەن.

كىشىنىڭ قەلبىنى يارا قىلالىغىنىمدەك، يارىلىرىنى ساقايتىدىغان مىھرشەپقەتمۇ ئاتا قىلالايدىكەنمەن.

بىر ئىنكاسىم بىلەن كىرىزىسنى ئېغىرلىتىۋەتكىلىمۇ، زىددىيەتنى يېنىكلەتكىلىمۇ  بولىدىكەن.

ئۇچراتقان ئادەملەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى ياخشىمۇ، ناچارمۇ قىلالايدىكەنمەن.

ئۇچراتقان شۇ كىشىگە ئۇ بولۇشقا تېگىشلىك ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلساق، ئۇنىڭ شۇنداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا يارىدەم قىلغان بولىدىكەنمىز.

يوھان ۋولفگان فونگەيت

 

2023.03.23

ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ ناچار ئەھۋالدا ئۆزىنى باھالىماسلىق

ھاياتنىڭ مەيلى قانچىلىك چۇڭقۇر تەگلىرىگە چۈشۈپ كېتىشىدىن قەتئنەزەر، پۈتۈنلەي ئەسكى ئادەم بولمايدۇ. تۇرمۇشتا ياخشىمۇ، يامانمۇ ۋاقىتلار بار.

ھەممە ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتقۇدەك بىر كۈنلەر كېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇ چاغدىمۇ پۇتىڭىز يەرنى دەسسەپتۇرمىسا بولمايدۇ. (ئۆزىڭىزنى بىلەلمەي بەك ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندەك بوپكەتسىڭىزمۇ، بەرىبىرى پۇتىڭىز يەردە دېمەكچىدە بۇ يەردە)

ھازىرغا قەدەر باشتىن كەچۈرگەن بارلىق كەچمىشلىرىڭىز توپلىنىپ بۈگۈنكى سىزنى ياراتقان. زىيادە باھالارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەڭ ياخشى، ئەڭ يامان چاغلارمۇ ھەممىگە ئوخشاش پەقەت ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچىدۇر، خالاس.

 

202303.24

يىقىلسىمۇ ئورنىدىن تۇرۇش

يىقىلسىڭىزمۇ يەنە ئورنىڭىزدىن  تۇرسىڭىزلا بولىدۇ.

Angelique Kidjo*

* 1960-يىلى تۇغۇلغان. بېنىن جۇمھۇرىيەت ناخشىچىسى، جۇمھۇرىيەت ئەلچىسى

 

2023.03.25

خەتەردىن قورقماسلىق

ھەقىقى ئۆزىڭىز بولۇپ  ياشىشىڭىزنىڭ ھەمىشە خەتىرى بار. ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشياقتۇرماسلىقىغا ئاساسەن سىزنى باھالايدىغان، سىزنى ياقتۇرمايدىغان بەزى ئادەملەر چىقىپ قالىدۇ.

باشقىلارنىڭ ياقتۇرماسلىقى سىزگە قورقۇنچلۇق تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھەممىلا ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ رولىغاچىقىشىڭىز ھاجەتسىز.

خەقنىڭ باھاسىدىن ھەقىقەتەنمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، باشقىلار ھۆكۈم قىلىشسىمۇ ھەقىقى ئەسلىدىكى سىزگەباھا بەرگىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟

 

2023.03.26

كېچىكتۈرۈلگەن ئارزۇ

ئارزۇ بولۇش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك. ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولۇپ ياشاش راھەترەك بولسىمۇ.

ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ قورقۇنچلۇق. بەلكىم، يەتكىلى بولمايدىغان نىشاننى تىكلىۋالغان بولشىمىزمۇ، نىشانىمىز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىمۇ، مۇنداق ئارزۇيىمىزنىڭ بولغىنىئۈچۈن پۇشايمان قىلىشىمىزمۇ مۇمكىنياق، ئەمەلىيەتتە پۇشايمان قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.

مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاشۇنداق ئويلارنى قىلغاندىن كۆرە، ئارزۇ بولۇشتىن ئىبارەت جاسارەتنى ئاتا قىلغان بارچە نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان ئەۋزەل.

 

2023.03.27

ئۆزىڭىزگە ناچار مۇئامىلىدە بولسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە قوپال مۇئامىلىدە بولىدۇ

ئۆزىڭىزگە ياخشىلىق ۋە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئۆزىڭىزگە قوپال مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە ناچار مۇئامىلىدە بولىدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايدىغانلىرىڭىز ھەم قىلالمايدىغانلىرىڭىزنى ئايرىۋىلىڭ.

ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئوچۇق قىلىپ «ياق»دەڭ.

ئىككىلىنىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا بىۋاستە سىزىمىڭىزغا ئىشىنىڭ.

سىز ھۆرمەتكە، قەدىرلىنىشكە لايىق سىز.

ئۆزىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە لايىق مۇھەببەت، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.

 

2023.03.28

ھەمىشە مۇھەببەتنى تاللاڭ

مۇھەببەتتە ئىھتىياتچان بولماق ياخشى. ئەمما كىچىككىنە ئېھتىماللىق بولسىلا قەلبىڭىزنى قۇلۇپلىۋالماڭ.

تۇيغۇلىرىڭىزغا ئەگىشىڭ، تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ چبنلىقىغا ئىشىنىڭ.

مۇھەببەت تەقدىرنى قايتىدىن يېزىپ چىقالايدىغان، ھەمراھىڭىز بولمىسا ئويىغىلى بولمايدىغان ئۇسۇل.

ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەستىن، جاسارەت بىلەن سۆيۈڭ. سىز يۈكسەك مۇھەببەتكە لايىق سىز.

 

2023.03.29

دۇنيا ھامان ئەسلىگە قايتىدۇ

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خۇشاللىقى قەلبىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان كۈنلەر بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن تەلەي قۇشى بېشىمىزغا قونۇپ ئۇسسۇلغاچۈشكىمىز كېلىدىغان پەيتلەر بولىدۇ. مۇنداق چاغلاردا كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ، بۇ سېھىرلىك پەيتلەر ئۈچۈن مىننەتدار بولۇڭ ھەم سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭ. ئەمما،ئاينىڭ ئونبەشى يورۇق بولغان بىلەن يەنە ئونبەشىنىڭ قاراڭغۇمۇ بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ

ھاياتىڭىزنىڭ ئېغىرچاغلىرىدا، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ قويغان كۈنلەردە، ئازابلىق تۈنلەردە ئۆزىڭىزگە ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ۋاڭچۇڭغا تولغان ئۇشبۇ دۇنيادا، مۇنداق چاغلارغىمۇ ئىھتىياجىمىز بار، ئەلۋەتتە.

يىغلىغۇڭىز كەلگەندە يىغلىۋىلىڭ. كۈلگەندە قانغۇچە كۈلىۋىلىڭ. ئۇسسۇل ئوينىغۇڭىز كەلگەن بولسا، ئوينىۋىلىڭ. قەلبىڭىزدىكى بارچە ھېستۇيغۇلارنى شۇ پېتى ھېس قىلىپ بېقىڭ.

شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، دۇنيا ھامان ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.

 

2023.03.30

 نىشانىڭىزغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈڭ

«كۈچلۈك بولغىن»دەپ ئۆزىڭىزگە جاسارەت ئاتا قىلىپ، تېخىمۇ پارلاق ئەتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا كۈچىڭىزنى قاراتسىڭىز، كەلگۈسىدىن ئەنسىرەشلىرىڭىز بارغانسىرى مۇھىم بولماي  قالىدۇ.

Audrey Lord *

The Cancer Journals

 

2023.03.31

مىننەتدارلىق تىزىملىكى

ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەرگە ئەمەس، ئىلكىمىزدە بارلىرىغا دىققىتىمىزنى بېرەيلى.

بىر پارچە قەغەز ئېلىپ، مىننەتدارلىق تىزىملىكى يېزىپ چىقايلى. «مەندىن مىننەتدارمەن» دېگەندەك ئاددىي سۆزدىن باشلاڭ. نېمە بولسا مەيلى، كاللىڭىزغا كەلگەنلىرىنى يېزىپ چىقىڭ، يازغانلىرىڭىزنى باھالاشقا، تەنقىد قىلىشقا بولمايدۇ.

يېزىپ بولغاندىن كېيىن، تامنىڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان ئورنىغا چاپلاپ قويۇڭ. ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى سۆيگۈنىڭىز بىلەنئورتاقلاشسىڭىزمۇ، رەسىمگە تارتىپ يانفونىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىكران كۆرۈنۈشى قىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بارغانسىرى تىزىملىكنىڭ سانننىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، شۇنداقمۇ؟

ئۆزىمىزدە بار بولغانلىرىغا دىققىتىمىزنى بېرىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغانلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتەلەيمىز. پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تاللاشلىرىڭىزنىڭ تىزىملىككە كىرىدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن.

 

3-ئاي خۇددى نورۇز گۈللىرىدەك چىرايلىق ئۆتكەن بىر ئاي بوپتۇ .  بۇ ئايدا مەن مۇۋاپىقيەتلىك سەھەر تۇرۇشنى ئادەت قىپتىمەن. بۈگۈندىن باشلانغان ئۈمۈد ئېيىمىزنىڭ بەرىكەتلىك، گۈزەل بىر ئاي بولىشىغا تىلەكداشمەن~❤️

 

***********************

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

تارقىتىڭ...