2023.04.01

مانا بۇ بەخىت

بەختسىزلىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، بەخىتنىڭ قانداق تەمدە بولىدىغانلىقىنى  قانداقمۇ بىلگىلى بولسۇن؟! بەخىت بىلەن بەخىتسىزلىك  قوشماقتۇر.

 

Spring- Antonio Vivaldi

2023.04.02

قىيىنچىلىقلاردىن قانداق ھالقىيمىز؟

يىقىلغاندا ئورنىدىن تۇرۇش، ئۈستىباشلىرىنى قىقىشتۇرىۋىتىپ ئالدىغا قاراپ مېڭىشتىن باشقا چارىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندە، قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىيالايدىغان بولىمىز.

ئالدىڭىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى تاشلاپ قىچىپ كەتكۈڭىز كەلگەن تەقدىردىمۇ، ۋاز كەچمەڭ، تىز پۈكمەڭ. چۈنكى، ھاياتنىڭ سىز ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىكلىكىنى بىلىسىز.

قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلىنىسىز. قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر كۈنى سەھەر نىشان بىلەن ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز. تۇرمۇشىمىزدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يامان بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇ يەنە بىزگە يېڭىيېڭى مۇمكىنچىلىكلەرنى بايقاش پۇرسىتىنىمۇ بېرىدۇ.

 

2023.04.03

سىز قالتىس

ھەقىقىي ئۆزى بولۇپ ياشاش ئۈچۈن جاسارەت كېتىدۇ. ئادەملەر ئاجىز بولغاچقا، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرى توغۇرلۇق نېمە ئويلايدىغىنىغا دىققەت قىلماي تۇرالمايدۇ.

ئەمما، ھاياتىڭىزدا نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. شۇنداق، جاسارەتلىك تەرىپىڭىز بولغىنىدەك، ئاجىز تەرىپىڭىزمۇ بار ھەم ھازىرقى ھالىتىڭىزدىمۇ يىتەرلىك سىز.

توكيونىڭ باھارى چۈش كەبى گۈزەل

2023.04.04

ئەگەر

ئەگەر، ئۆز بەختىڭىزنى كىشىنىڭ بەختى بىلەن سېلىشتۇرۇشلارنى توختاتسىڭىز قانداق بولار؟

ئەگەر، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىق نىشانىڭىز، يۈكسەك غايىڭىز بولسا، ئۆزىڭىزنى قەھرىمان دەپ ئويلىسىڭىزچۇ؟

ئەگەر، بۈگۈن-پەقەت بۈگۈن بىر كۈنلا  ئېرىشكۈڭىز بار بارچە نەرسىلەرگە«ئېرىشىشكە لايىقمە» دەپ ئويلاپ باقسىڭىز قانداق بولىشى مۇمكىن؟

ئەگەر، مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزنى باشقىلارنىڭكى مۇۋاپىقىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇشنى توختىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلچىمى بىلەن باھالىسىڭىزچۇ؟

ئەگەر، بولغۇڭىز بار ئۆزىڭىز بولالىسىڭىز، قانداقراق ئادەم بولاتتىڭىز؟

2023.04.05

تەس بولدى ھە!

«سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس،«بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى…»، «چۈشىنىمەن…»

قىيىنچىلىقتا قالغان، مۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۆزى سەۋەپچى دەپ ئويلىۋالغان دوستىڭىز بولسا«ھەجەپ تەس بولدى ھە..»،«بۇ سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ئەمەس..» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بولۇڭ.

بەزىدە سۆز تاپالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنداق ۋاقىتتا دوستىڭىز بىلەن ئورتاق ھىسياتتا بولۇش، مىھرمۇھەببەت يەتكۈزۈش بەكمۇ قىممەتلىك ھەم ئۈنۈملۈك. ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىڭىزگىمۇ «ساڭىمۇ ئاسان بولمىدى..»دەپ ئۆزىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ يۈكسەك كەچۈرۈشئۆزىنى ئەپۇ قىلىشتۇر.

2023.04.06

ھاياتنى ئەسلىدىكىدىنمۇ قىيىنلاشتۇرىۋتمەڭ

ھاياتنى ئەسلىدىكىدىنمۇ قىيىنلاشتۇرىۋىلىشنى تاللىماڭ. ھازىرقى مىنۇتلىرىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتكەندىن كۆرە،  سوغۇققانلىق بىلەن سىزنى بىزار قىلغان، ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگەن، كەيپىڭىزنى بۇزغان ئىشنىڭ نېمىلىكىنى ياخشى ئويلاپ بېقىڭ.

بۇ مەسىلە پۈتۈن بىر كۈنىڭىزنى ناچار كەيپىيات بىلەن ئۆتكۈزىشىڭىزگە ئەرزىمدۇ؟باشقىچە تاللىشىڭىز يوقمىدۇ؟ نېمە بولىشىدىن قەتئىنەزەرخۇشال بولۇشنى تاللىيالامسز؟ مەسىلىنى يېنىك مۇئامىلىدە ئۆتكۈزىۋىتەلەرسىزمۇ؟  ناۋادا شۇنداق قىلالىسىڭىز قانداق بولار؟

كۆز-قاراش بىر خىل سوۋغىدۇر. بولۇپمۇ ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلغان دەملىرىڭىزدىكى ئوخشىمىغان نوقتىدىكى كۆز- قارشىڭىز.

 

2023.04.07

بۇ دۇنيا ئادالەتسىز بولسىمۇ

دۇنيانىڭ ئادىل ئەمەسلىكىدەك سوغۇق رېئاللىققا دۇچ كېلىدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئادالەتسىزلىكلەر سىزنى خۇنۇكلەشتۈرمىسۇن.

سىز بۇ دۇنياغا ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش ، ئۆسۈپ يېتىلىش ھەم غەلبە قازىنىش ئۈچۈن يارالغان.

تىرىشچانلىق، ئۆسۈپ يېتىلىش ھەم مۇۋەپپەقىيەت ئادالەتسىزلىككە قارشى بىردىنبىر جاۋابتۇر.

2024.04.08

ئۆزگىرىسىز

ئۆزگىرىش ئازابلىق، ئەمما ئەرزىيدۇ.

ھايات قىزىقارلىق ئۇسۇللاردا زەربە بېرىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق ھاياتنىڭ سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەندە، ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشىپ باققان بولسىڭىز، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. ئىشىنىڭكى، بېشىڭىزغا قانچىلىك كۈلپەتلەركېلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپلا كەتسىڭىز، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىن يەنە بىر«مەن»نى تاپىسىز.

ئۆزگىرىش-پىلە قۇرىتىنى كېپىنەككە ئايلاندۇرغىنىدەك، ئادەملەرمۇھەر بىرمۈشكۈلاتتىن كېيىن تېخىمۇ نادىر بولغان ئۆزىنى تاپىدۇ.

مەندىن: ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاراڭغۇ تونىلدەك بۇ قىيىن قارا يىللاردىن ئوڭۇشلۇق ھالقىغىنىمدا، ئالدى بىلەن ئاخىرىغىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئۆزۈمگە گۈلدەستىلەرنى سوۋغا قىلىمەن. بۇ قارا يىللاردا يېنىمدا مەدەت ھەم كۈچ بولغان يولدىشىم، بالىلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

بۇ يىللاردىكى ئىككى خىل ئادەملەرنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن! بىرى، ئىللىق سۆزلىرى، سەمىمىيلىكى بىلەن نازۇك كۆڭلۈمنى ئايىغان، ئىللىقلىق بەرگەن سۆيۈملۈكلەرنى. يەنە بىرى، ئارقامدىن خەنجەرئۇرغان، قوپال، زەھەرخەندىلىكى بىلەن دىلىمنى شىكەستىلىگەنلەرنى.

2024.04.09

باشقىلارغا ھۆكۈم پىچىش

ئەيىبلەش بىلەن بىراۋغا ساۋاق بەرگىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە،  يۈرىكىنى قاتۇرۇپ، ئارلىقنى يېراقلاشتۇرىدۇ.

سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاسىڭىزقارشى تەرەپنىڭ تاللىشىغا قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قوللاڭ ھەم ھۆكۈم پىچىشتىن ساقلىنىڭ. بىركۈنلەردە سىزمۇ باشقىلار قوشۇلالمايدىغان ئىشنى تاللاپ قىلىشىڭىزمۇمكىن.

مەندىن: ھەر قانداق ئادەمنىڭ نازۇك تەرىپى، كەمچىللىكى، ھەتتا سىز قوبۇل قىلالمايدىغان تەرىپى بولىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ نازۇك تەرەپلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋىلىش، ئەيىپلەش ھەتتا يوق يەرلەردە غەيۋەتنىڭ پىلتىسى قىلىۋىلىش دەماللىققا سىزنىڭ توغرىدەك، كۆپلىگەن ئادەم سىز تەرەپتە تۇرغاندەك قىلغان بىلەن ئاقىۋەتتە ئۆزىڭىزنى رەسۋا قىلىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ قەلبى راھەت بولالمايدۇ، دەماللىققا سىز«ئۇتقاندەك» تۇرغىنىڭىز بىلەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى كىشىگە قىلغىنىڭىز تېخىمۇ بەتتەر ئۇسۇلدا ئۆزىڭىزگە يانىدۇ.

 

2023.04.10

كۈتۈلمىگەن ئىشلارنى قارشى ئېلىش

«كۈتكەن ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، پىلانىمىزدىكى  ھاياتتىن ۋاز كېچىشكە تەييارلىقىمىز بولمىسا بولمايدۇ».

كەلگۈسىنى كونترول قىلالىغان بولساق، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپقان بولاتتى, ئەلۋەتتە. بىراق، نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا، يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈچۈن ھەيران قالالايمىز، يۈرىكىمىزدىن خۇشال بولالايمىز، ھەتتا كەمتەر بولالايمىز.

ئەندىشىلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، تەبىئى ئېقىنغا ئۆزىمىزنى قويۇپ بېرەيلى. ئۆزىمىزنى ئازادە تۇتساق، سېھىرلىك پەيت چوقۇم كېلىدۇ.

Joseph Campbell

* 1904-1987 يىللاردا ياشىغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى

2023.04.11

ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ

ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈشئۆزىڭىزگە بېرەلەيدىغان ئەڭ كاتتا سوۋغىڭىزدۇر. باشقىلارغا قىلالىغان كۆيۈمچانلىق، ھېسداشلىق ۋە ئاقكۆڭۈللۈكلەرنى ئۆزىڭىزگىمۇ قىلىڭ.

ئۆزىگە كۆيىنەلمىگەن ئادەمنىڭ باشقىلارغا ھەقىقى مەنادا كۆڭۈل بۆلەلىشى ناتايىنئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ياخشى كۆڭۈل بۆلەلىسىڭىز، تەبىئىي ھالدا باشقىلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلەلەيسىز، ئەلۋەتتە.

2023.04.12

سىز مۇھىم

سۆزلىرىڭىزئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ.

باشقىلارنىڭ دىققەتئىتىبارىغا ئەرزىيسىز.

ھاياتىڭىز، ھېكايىڭىز، كەچمىشلىرىڭىزئۆزىڭىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ  مۇھىم.

شۇڭا، بۇلارنى كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىڭ

2023.04.13

بۇ راستمۇ؟

«مەن كۆرۈۋاتقان رېئاللىق پەقەت ئۆز خىيالىممۇ قانداق؟» دەپ گۇمان بىلەن ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرۈش ئارقىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.

خاتا پەرەزلەرگە ئاساسەن كۆرگەن رىئاللىقىڭىزغا ئىشىنىپ قىلىۋاتقان، باشقىلارنى تەنقىد قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، ياخشىيامانلىقىغا ھۆكۈم قىلماستىن، ئۆزىڭىزدىن مۇنۇ سوئالنى سوراپ بېقىڭ.

_ بۇ راستمۇ؟ ھەقىقى بولماي پەقەت ۋە پەقەت پەرىزىم بوپقالسىچۇ؟

تېخىمۇ ئىجابى تەرەپتىن ئويلىغىلى بولماسمۇ؟ قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدىن ئويلاپ بېقىش مۇمكىن بولماسمۇ؟

بىز كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆزىمىز ئىجاد قىلىۋالغان سىنارىيەلەرگە ئاساسەن كىشىلەرگە ھەم ئۆزىمىزگە ھۆكۈم پىچىۋالىمىز.

ھەر دائىم ئۆزىمىزدىن گۇمان بىلەن سوئال سوراش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنى  تېخىمۇ چۈشىنىپ، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلالايمىز.

 

2023.04.14

ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز ھېچۋاقىت يالغان سۆزلىمەيدۇ

قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان بولسىڭىز، ئۇ ھامان چىن بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى قوبۇل قىلامىسز-يوق سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. قانداق ھېس قىلىش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز.

ھېستۇيغۇلىرىڭىز ھەقىقى ئۆزىڭىزنىڭ دەرىزىسى، شۇڭا ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى تىڭشاڭ ھەم ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىڭ.

جۈمە چۈشتىن كېيىن مەھەللەمنى ۋەلسىپىتلىك ئايلىنىپ، سۆۋەتنى گۈلگە تولدۇرۇپ قايتتىم.

2023.04.15

كەچۈرىۋىتىش بىلەن قوبۇل قىلىش ئوخشاش ئەمەس

سەلبىي ھېسسىياتقا پېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن، كەچۈرىۋىتىشمۇ مۇھىم. ئەمما كەچۈرىۋىتىش بىلەن قوبۇل قىلىش ئوخشىمايدۇ.

كەچۈرىۋىتىش دېگەنلىك، سىزگە ئازار بەرگەن ئىشلاردىن ۋاز كېچىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ يۈز بەرگەن ئىشلاردىن رازى بولغانلىق ئەمەس.

ئالدىغا قاراپ مېڭىش، ئىچكى تىنچلىقنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەچۈرىۋىتىشنى ئاڭلىق قارار قىلىشتۇر.

 

2023.04.16

سىز ئاخىرى يېتىپ بارغان جاي

دەل ھازىرقى ئورنىڭىز، بولۇشقا تېگىشلىك جايىڭىزدۇر.

ھازىرغا قەدەر بۇنى ھېچكىم سىزگە ئېيتىپ باقمىغان، ئۆزىڭىزمۇ ئۇنداق ئويلاپ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.

ئەمما، شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئاخىرى مۇشۇ يەرگە كەلدىڭىز. دەل ھازىرقى كەلگەن جايىڭىز سىز بولۇشقا تېگىشلىك جايدۇر.

بۇ جايدا بىر كىمنىڭ ئاغزىغا قارىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ھالدا دادىللىق بىلەن ياشاڭ.

2024.04.17

پارچىلىنىش ۋە گۈزەللىك

شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇچىقىش يولىمىزنى تاپالماي قالىدىغان، يىغلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قولدىن كەلمەيدىغان..يۈرىكىمىزيېرىلىپ كەتكۈدەك بولىدىغان..يەنە شۇنداق بىر دەملەر كېلىدۇكى، بەخىتسائادەت ئىچىدە بېشىمىز كۆككە يەتكەندەك، بارچە گۈزەللىكلەر روھىمىزغا مۇجەسسەملەشكەندەك ھېس قىلىدىغان..

مەيلى قايسى خىل ئەھۋالغا دۇچ كېلىڭ، سىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئۆسۈپيېتىلدىڭىز.

 

2023.04.18

خاسلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ

دۇنياغا كىملىكىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

ئۆزىڭىزنى قېلىپقا سېلىۋالماڭ.

ئۆزلىكىڭىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.

قاراڭغۇلۇقنى غايىپ قىلغۇدەك دەرىجىدە نۇر بولۇپ چاقناڭ.

شۇنداق قىلالىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزدەك قىلىشقا باشلايدۇ. ئىشھەركىتىڭىز يورۇقلۇققا مۇھتاج ئۇشبۇ دۇنيادا نۇر بولۇپ چاقنايدۇ.

 

2023.04.19

ياخشىلىق ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ

ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ھەممىگە ياخشى مۇئامىلە قىلايلى. باشقىلارغا ئورۇن بېرىش، يېقىملىق تەبەسسۇم، يېقىشلىق سۆزلەرنى قىلىشمۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقتۇر.

باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىمىز، كەڭ قورساقلىقىمىز باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىنشۇنداقلا، بۇ قىلغان ياخشىلىقىمىز سەۋەبىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

 

2023.04.20

يۈرىكىڭىزدىن ياخشى كۆرگەن ئىشلىرىڭىزنى قىلىڭ

تولا ئاڭلاپ زىرىككەن«شۇئار» تۇيۇلىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ يەنە دىسەك، پەقەت بىرلا قېتىم ياشايدىغان ھاياتىڭىزدا، ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىڭ.

ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلغانلىق، پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، مەيلى قانداق نەتىجە بېرىشىدىن قەتئىينەزەرھەرقانداق باھانە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

ھاياتىنى  يۈرىكىدىن خۇشال بولالايدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلماستىن ئۆتكۈزىۋىتىشتىنمۇ ئارتۇق ئىسراپچىلىق بولمىسا كېرەك!

كۆڭۈللۈكلىكىدىن ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە ئۆزىڭىزنى بېرەلىگۈدەك ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىڭ.

رەسىم سىزغۇڭىز كەلسە، رەسىم سىزىڭ.

بىرەر پارچە بىر نەرسە يازغۇڭىز كەلسە، يېزىڭ.

كىتاب ئوقۇغۇڭىز كەلگەن بولسا، ھەممىنى ئۇنتۇپ ئوقۇۋىلىڭ.

ئوتچۆپلەر ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ ماڭغۇڭىز كەلگەن بولسا، ئايغىنىڭىزنى سېلىۋىتىپ راھەت مېڭىۋىلىڭ.

مەيلى ھەر كۈنى بىر نەچچە مىنۇت ۋە ياكى ھەپتىدە بىرەر كۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرىتىڭ. مانا مۇشۇنداق كىچىك دەقىقىلەر يىغىلىپ ھاياتقا ئايلىنىدۇ. ھاياتىڭىزنى ھورۇنلۇق قىلماستىن، خۇددى ئۇسسۇلغا چۈشكەن يېنىك قەدەملەردەك ئۆتكۈزۈڭ.

مەندىن: دەل 9 ئاي بوپتۇ. ھەر كۈنى كام دېگەندە 30مىنۇت ئۇشبۇ كىتابتىن بىر ۋاراق ئوقۇش ھەم تەرجىمە قىلىش مېنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە، مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بىلمىدىم، ئوقۇرمەنلىرىممۇ مەن بىلەن بىرگە ئۇشبۇ ئىلھامبەخش قۇرلاردىن ئىلھام ھەم مەدەت ئېلىپ ياشاۋاتامدىكىن؟!

بەلكىم، دەماللىققا سەرپ قىلغان ۋاقتىم ھەم ئەجرىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن. بىراق، يىللاردىن كىيىن ئارقامغا قارىغىنىمدامەن بۇ يىللارغا چوقۇم مەمنۇنىيەت بىلەن قارايمەن.

روزا ھېيتىمىزغا مۇبارەك

2023.04.22

ئۆزىڭىزدىن ئىپتىخارلىنىڭ

كىشىلەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە مۇئامىلە قىلىدۇ.  ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزدىن ئىپتىخارلانغان ھالدا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆزىڭىزنى قانداق ئويلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ ھەر بىر بىر قارارىڭىزنىڭ ئاساسى.

ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ئۆگەنسىڭىز، باشقىلارنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى قاندۇرۇشتەك تار ھېسسىيات قىلىپىدىن خالاس بولالايسىز. مانا بۇئۆزىنى قەدىرلەشنى يېتىلدۈرۈشتىكى قۇدىرەتلىك كۈچ.

كىچىكلىتىلگەن دۇنيا

2023.04.23

قۇرۇق بوتۇلكىدىن ھېچنىمە چۈشمەيدۇ

چارچىغان بولسىڭىز،  بەرداشلىق بېرىش چېكىڭىزگە يېتىپ قالغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدىكى ھارغىنلىق تۇيغۇلىرىڭىزغا ئىشىنىڭ ھەم بىرپەس ئارام ئېلىڭ. ماغدۇرىڭىز ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن،  قايتا باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

يېتەرلىك جىسمانىي ھەم روھى كۈچ بولمىسا، دۇنيادىن ئىبارەت بۇ چوڭ دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرى ئىچىدە ئۆز تىزگىنىڭىزنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالىسىز.

2023.04.24

دۇنيا ئاجايىپ قالتىس!

بۇ دۇنيا ئاجايىپ گۈزەل جاي.

ھاياتنىڭ ھەر بىر نەرسىسىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن پەقەت نەچچە مىنۇتلا ئۆمىرىڭىز قالغاندەك ياشاڭ.

گۈزەللىكلەرنى بايقاڭ.

نۇرلاردىن، رەڭلەردىن، كۈلكەچاقچاقلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ.

ھەر خىل ئىشلارنى سىناپ بېقىڭ, مانا بۇ ياشاش دېگەنلىك.

بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇت بولۇشنىڭ تەمىنى تولۇق تېتىپ، ھاياتقا چۇڭقۇر چۆمۈلۈپ ياشاپ كۆرۈڭ.

دۇنيانىڭ مۆجىزىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش، پۇخادىن چىققۇچە ياشاشتىن ئارتۇق قالتىس كەچمىش بولمىسا كېرەك.

 

2023.04.25

ئىككى يۈزلۈك ھايات

ھاياتتا ئۇتۇش بولغانىكەن، ئۇتتۇرۇشمۇ بولىدۇ. مەيلى ئۇتۇڭ مەيلى ئۇتتۇرۇڭ ھاياتنىڭ مۇشۇنداقلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل ئىتىراپ قىلىڭ.

تۇرمۇشتا باشتىن كەچۈرگەن بارچە كەچمىشلىرىڭىزگە قىممەت بېرىڭ.

ياخشىيامان ئىشلار ئۈچۈن.

گۈزەل ھەم كۆرۈمسىز نەرسىلەر ئۈچۈن.

خاتىرجەملىك ھەم تەشۋىشلەر ئۈچۈن.

قارا، ئاق، شۇنداقلا كۈلرەڭ ئۈچۈن.

بەخىت ھەم غەزەپ ئۈچۈن.

خۇشاللىق ۋە قايغۇ ئۈچۈن.

نۇرغۇن كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن سىز ھازىرقى ھالىتىڭىزدىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە قالتىس سىز.

شۇنى ئۇنۇتماڭكى، تۇرمۇشتا نېمە ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان  ئۆگىنىدىغانلىرىمىز، پۇرسەتلىرىمىز چوقۇم بار.

بۇ سەھەر باغچامدىكى ئەتىرگۈلۈم تۇنجى ئېچىلدى

2024.04.26

جاۋابى تېپىلمىغاندا

پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن شۇنچىلىك تىرىشسىڭىزمۇ، كۈتكىنىڭىزدەك جاۋابقا ئېرىشەلمەيدىغان چاغلىرىڭىزمۇ بوپقالىدۇمانا مۇشۇنداق پەيتلەردە قەلب، تۇيغۇ، ئەقىل بىربىرىگە زىددىيەتلىك بولۇپ كېتىدۇ.

توغرا جاۋاب ھەمىشە ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە چوقۇم تېپىلىدۇ. كېينكى قەدەمدە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى  بىلەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بولسۇن. ئەمما، ئالدى بىلەن سەۋرىچانلىق بىلەن سۇئاللىرىڭىزغا يۈزلىنەلىشىڭىز كېرەك.

 

2023.04.27

ئالدىغا قارايلى

ئۆتمۈشكە قاراۋەرگەندە،  ئالدىغا ماڭالمايسىز، ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇپ چىقىڭ.

بۈگۈنگە قەدەر ياشىغان ھاياتىڭىزدا ئۆگەنگەن پاراسەت ھەم پەزىلىتىڭىز بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ.

ئۆزىڭىزنى كەچۈرىۋىتىڭ.

يۈز بېرىپ بولغان ئىشلارنى ئۆزگەرتەلمىگىنىڭىزدەك، يۈز بەرمىگەن ئىشلارنىمۇ يۈز بەرگەندەك قىلالمايسىز.

ئەكسىچە، ھازىرقى دەل شۇ پەيتتە ياشاڭ. بۈگۈندىن ئىبارەت بۇ كۈنگە تولغان گۈزەللىك ھەم مۇمكىنچىلىكلەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.

 

2023.04.28

نېمىنى مۇۋەپىقىيەت دەپ قارىسىڭىزدەل شۇ نىشانىڭىزدۇر

نېمىنى مۇۋەپپەقىيەت دەپ قاراش ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىگە باغلىق. ۋەھالەنكى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس مۇۋەپىقىيەت ئېنىقلىمىسى بولىدۇ.

ئەگەر باي بولۇشنى مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارىسىڭىز، بايلىق قوغلاشسىڭىز بولىدۇ.

ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ۋە ياكى كىچىككىنە شەھەرگە ئولتۇراقلىشىپ ئەتىگەن سائەت 9:00دىن كەچ سائەت 5:00كىچە ئىشلەيدىغانمۇقىم خىزمىتىڭىز بولۇشنى مۇۋەپىقىيەت دەپ قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ياكى تەۋەككۈلچىلىككە تولغان ھاياتتا ياشاشسىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز.

تاللايدىغان ئادەم دەل ئۆزىڭىز. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ توغراخاتاسى يوق! مۇۋەپپەقىيىتىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تەئەللۇق نەرسە. ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

مەيلى 20ياش،40 ياش، ھەتتا70 ياش بولۇڭ،  مۇھىمى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىز ئويلىغىنىڭىزدەك مۇۋەپىقىيەتلىك ھاياتتا ياشاش.

 

2023.04.29

بەخىت يولدا ئۇچرايدۇ

بەخىت سەپەرنىڭ ئاخىرىقى بېكىتىدە ئەمەس، يېرىم يولدا يېنىڭىزغا كېلىدۇ.

2023.04.30

توقۇلما ھېكايىلەر ھامان توقۇلما، خالاس

ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئۆتمۈشىڭىزگە پېتىپ قىلىۋاتامسىز؟ تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلاردىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟

ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ، مانا مۇشۇنداق ئەنسىرەشلىرىڭىز، قورقۇنچلىرىڭىز ھەقىقەتەن سىز ئۈچۈن پايدىلىقمىدۇ؟

شۇنى ئۇنۇتماڭكى، مەيلى قانچىلىك پاكىتنى ئاساس قىلغان بولىشىدىن قەتئنەزەر، توقۇلما ھامان توقۇلما نەرسىدىن باشقىسى ئەمەس.

مارىئان ۋىليامسون

1952-يىلى تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق يازغۇچى

 

ھەش-پەش دېگۈچە يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. گۈزەل ساكۇرا پەسلىنى ئۇزىتىپتۇق، بالىلار يېڭى بىر ماۋسۇم، يېڭى بىر يىللىققا قەدەم قويۇپتۇ، باغچامدىكى ئەتىرگۈلۈم ئېچىلىپتۇ، روزا ھېيتنى كۈتىۋاپتۇق، ھېيتلىق مىھمانلارنى ئۇزىتىپتۇق، يەنە بۇ ئاينىڭ ئاخىرى كۆڭۈللۈك بىر پائالىيەتكە داخىل بولدۇق. پۇرسەت بولسا سىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئەسرالىشىمەن، ئامان بولۇڭلار~

 

***********************

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

APRIL

 

 

تارقىتىڭ...