كىچىك ئۆزگىرىشلەر ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى ئەكىلىدۇ.

كىتابدىن

ئاپتۇر جەيمىس كىلېر 2002-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنجى يىللىقىنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا، كالتەك توپ مەشىق قىلىش جەريانىدا ساۋاقدىشىنىڭ قولىدىن تاساددىبىي چىقىپ كەتكەن كالتەك ئۇچۇپ كېلىپ، قاتتىق زەربە بىلەن ئۇنىڭ يۈزىگە تېگىدۇ. دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز كىلىشمەسلىكتىن ئۇنىڭ بۇرنى قىڭغىر بولۇپ، كۆزلىرى پولتىيىپ ئىششىپ كېتىدۇ. باش قىسمىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، كىيىملىرى قانغا بويىلىدۇ.

يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يارىدىمىدە تەسلىكتە مەكتەپنىڭ داۋالاش بۆلىمىگە بارغان جەيمىس دوختۇرنىڭ«ھازىر قانچىنجى يىلى؟ ھازىرقى ئامېرىكا پىرېزىدېىنتى كىمۇ؟» دېگەن سۇئاللىرىغا خاتا جاۋاب بېرىدۇ. ھەتتا ئۆز ئاپىسىنىڭ ئىسمىنىمۇ تەسلىكتە ئەسكە ئالىدۇ.

قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىشتىن بۇرۇن ھۇشىدىن كەتكەن جەيمىس يەرلىك دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغاندا، ئىچكى ئەزالىرى خىزمەتتىن توختايدۇ،  ھەتتا نەپسى ئۈزۈلىدۇ.

دوختۇرلار جىددى تەدبىر قوللىنىپ، تىك ئۇچار بىلەن چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەيدۇ. بەخىتكە يارىشا، جەميمىس ھايات قالىدۇ. بۇ كېچە بىچارە ئاتائانا ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك بىر كېچە ھېسابلىنىدۇ.

ياشقىنە ھاياتىدا مانا مۇشۇنداق ئۆلۈم ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن جەيمىس شۇندىن كېيىن، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كالتەك توپ تىمىسىغا كىرەلمەيدۇ. ئۇ دېنسون ئالى مەكتىپىگە كىرگەندىن كېيىن يېڭىچە ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ ھەم بۇ ھاياتىدىكى يېڭى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇ باشقا ساۋاقداشلىرى يېرىم كېچىلەرگىچە ئويناپ يۈرگەندە، بالدۇر ئۇخلاش، ياتىقىنى رەتلىك تۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. بارابارا ئۆزىگە  ئىشەنچ شەكىللەندۈرگەن جەيمىسنىڭ دەرس نەتىجىلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ياخشى بولىدۇ. ئۇ ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم چىنىقىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن بەدەن شەكلىمۇ شۇنداق قاملاشقان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەت يېتىلدۈرۈش تەجىربىلىرىنى يېزىپ چىقىدۇ.

ئۇشبۇ كىتابتىن يېڭىچە ئادەت يېتلدۈرۈشنى، ھاياتىدا يېڭىچە ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىشنى خالايدىغان دوستلار ئوقۇپ پايدىلانسا بولىدۇ. رەيھان قىز بۈگۈن پەقەت كىتاب ئوقۇۋىتىپ خاتىرىلەپ قويغان،  ئۆزىگە تەسىر قىلغان مەزمۇنلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

 

Historia De Un Amor

 

ناچار ئادەتنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟

 

تېلىفۇنغا كۆپ قاراۋاتامسىز؟ ھاياتىڭىز نەدىكىبىر تايىنى يوق كۆرسىمۇكۆرمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەرگە ئىسراپ بوپ كېتىۋاتامدۇ؟ بۇنى بايقىغان بولسىڭىز، قانداق قىلغاندا بۇ ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟

يىمەكئىچمەك ئادىتىڭىزنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرغىڭىز بار، ئەرخوتۇنلۇق تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ ئىناق ھەم مۇھەببەتلىك قىلغۇڭىز بار، شۇنداقمۇ؟

تېخىمۇ ساغلام، گۈزەل بولۇش ئۈچۈن چىنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەكچى بولدىڭىز-يۇ، ھېچبىر باشلاپ بولالمىدىڭىز ياكى بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرمىكىڭىز مۇمكىنسىز بولىۋاتىدۇ

 تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىمىز بار، بىراق ھېچبىر ياخشى ئادەت يېتىلدۈرەلمەيۋاتىمىز، قانداق قىلىمىز؟

پىسخولوگ كارول يوڭ مۇنداق دەيدۇ: يوشۇرۇن ئاڭ ئاڭسىز ھالدا ھاياتىڭىزنى كونتىرۇل قىلىدۇ. سىز بۇنى«تەقدىر»دەپ ئاتايسىز. ئادەت ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ چوڭ دەرسلىكتىن بىرى رىئاللىقتىكى ھەركىتىمىزگە دىققەت قىلىش، كۈزىتىشتۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن«ئادەت نۇمۇر جەدىۋىلى»تۇرغۇزۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ. ناچار ئادەتلىرىڭىزگە مىنوس، ياخشى ئادىتىڭىزگە پىلوس، ياخشىمۇ-يامانمۇ ئەمەسلىرىگە تەڭلىك بەلگىسىنى ئۇرۇپ چىقىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ناچار ئادىتىڭىزنى تەنقىدلەشكە، ياخشىلىرىنى ماختاشقا يەنى، ھەرقانداق باھالاشقا بولمايدۇ. 

 ئاندىن يېتىلدۈرمەكچى بولغان ئادەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ناچار ئادەتنىڭ ئورنىغا دەسسەتسىڭىز بولىدۇ. 

كېلەر قېتىم ناچار ئادىتىڭىزنى يەنە قىلماقچى بولغىنىڭىزدا، مۇنۇ كىچككىنە تاكتىكىنى قوللىنىپ بېقىڭ. يەنى، ئاۋازىڭىزنى چىقىرىپ تۇرۇپ، شۇ ئىشنى قىلغاندىن كېيىنكى ناچار نەتىجىسىنى دېيىش ئارقىلىق ناچار ئادەتتىن ئۆزىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قاچۇرالايسىز.

مىسالغا ئالايلى،  تاتلىقلاردىن  ئۆزىڭىزنى تارتىشنى نىيەت قىلدىڭىزيۇ، ئالدىڭىزغا ئامراق  پىچىنىڭىز كەپقالسا، «بۇنى يىسەم سەمىرىپ كېتىمەن، سالامەتلىكىمگىمۇ زىيانلىق» دەپ ئاۋازىڭىزنى چىقىرىپ دەڭ، چوقۇم ئوڭۇشلۇق ھالدا پىچىنىنىڭ «زىيانكەشلىكىدىن» قۇتۇلالايسىز. ( سىناپ باقامدۇق؟😎)

ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ تۆت ئاساسى پىرىنسىپى

 

(1)

ئېنىق بېكىتىش

  ئادەت يېتىلدۈرۈش  ئۈچۈن ئېنىق پىلان بولۇش كېرەك. يەنى قاچان، قەيەردە، قايسى ئىشنى قىلىش ئېنىق بولۇشى كېرەك. مەسلەنئەتە ئەتىگەن سائەت 6:00 دە مىھمانخانا ئۆيدە بەش مىنۇت مەدېتەيشىن  قىلىمەن.

ھازىرقى ئادىتىڭىزنى ياخشى كۈزىتىپ، يېڭى بىر ئادەتنى ئەسلىدىكى ئادەتكە باغلاشمۇ يېڭى ئادەت يېتىلدۈرشىڭىزگە قولايلىق.

مىسالغا ئۆزۈمنىڭ  ئالسام، چىش چوتكىلاش جەريانىدا قەددىمنى تىكلەپ، پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قورساقنى ئىچىگە تارتىپ تۇرۇپ چىش چوتكىلاش كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدىكى ئورۇقلاش  ئادىتىمدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنى، كۈندىلىك نورمال ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن چىش چوتكىلاشقا،  يېتىلدۈرمەكچى بولغان ئورۇقلاش ھەركىتىنى باغلىدىم.

ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالىدىن بىرى «قېچىش»تۇر.

مەسلەن، نېمىشقىدۇرئۆزىڭىزدىن رازى بولالمىسڭىز،  يىتەرسىز ھېس قىلغىنىڭىزدا، توردىكى سىز ھەۋەس، ھەسەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىشنى توختىتىڭ

بىز شەكىللەندۈرمەكچى بولغان يېڭى ئادەتكە ماس كېلىدىغان ئارقا كۆرۈنۈش ياساش، كىچىككىنە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەركىتىمىزدە چوڭ ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز. ئۇندىن باشقا يېڭى ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان يەرلەرگە قويۇش، يېڭى بىر موھىتتا يېڭىچە ئادەت شەكىللەندۈرۈش..قاتارلىقلارمۇ ياخشى ئامال ھېسابلىنىدۇ.

مەسلەن، يوگا پالىسىڭىزنى كۆزگە كۆرۈنىدىغان يەرگە قويۇڭئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەكچى بولسىڭىز ئوقۇيدىغان كىتابلىرىڭىزنى ئۇخلاش ئۆيىڭىزنىڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان يېرىگە قويۇپ قويۇڭ.  مەن كىتابلىرىمنى  كارۋىتىمنىڭ  بېشىغا قويۇپ قويىمەن.

ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلىفۇنغا سائەتلەپ قاراپ كېتىدىغان ئادەتنى يوقاتماقچى بولسىڭىز، تېلىفۇنىڭىزنى ھوجرىڭىزغا ئېلىپ كىرمەڭ. شەخسەن مەن ئادەتتە ئۇخلايدىغان ئۆيگە تىلىفۇن قويمايمەن.

(2)

جەلىپكار قىلىش

 

يېڭى بىرئادەتنى باشلىماق قېيىنغا چۈشسە ئۇنى سىھىر كۈچكە ئىگە قىلىڭ. مەسلەن، ئەتىگەنلىرى مىڭىشقا چىقماقچى بولسىڭىز، قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان ھالىتىدىكى قۇياش نۇرىغا چۆمگەن ئۆزىڭىزنى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى، ئەتىگەننىڭ ئارامبەخش ساپ، تىنىچ موھىتىنى ئەسلەڭ.

يېتىلدۈرمەكچى بولغان يېڭى بىر ئادەتنى ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش بىلەن بىرلىكتە قىلسىڭىز، جەلىپكارلىقى ئاشىدۇ، قىلغۇڭىز كېلىدۇ. مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق چۈشەندىم.

كۈندە ئىزچىل قىلىپ كەلگەن، مەن بەك ياخشى كۆردىغان ئىشتىن بىرى، قىززىق قەھۋە ئىچىش. قىززىق قەھۋە ئىچكەچ شۇ كۈنلۈك پىلاننى تۈزىۋىلىش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، كىتاب ئوقۇشلارنى ئادەت قىلغاندا مەن ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنىڭ جەلپكارلىقى بار ھېسابلىنىدۇ ھەم بۇ ئادەتنى ئەنە شۇنداق يېتىلدۈردۈم دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا ئەتراپتىكى موھىتنىڭ تەسىرىگىمۇ سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. كىتاب ئوقۇشنى ئادەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىرى بولىسڭىز، بىزنىڭ «كىتابخۇمارلار ئارامگاھى»دەك  بىرەر كىتاب ئوقۇش گورۇپپىسىغا قېتىلسىڭىز، ئادەت يېتىلدۈرمىكىڭىز ئاسانغا توختايدۇ.

(3)

ئاسانلاشتۇرۇش

قىيىن بىر ئادەتنى تاللىۋالغان بولسىڭىز ئاسانلاشتۇرۇڭ. مەسلەن، ئەتىگەن 5:00 دە ئورنىڭىزدىن تۇرۇش تەس بولسا 5:30 دە ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.

ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان ئادەت ئۈچۈن نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ ھەم مۇشۇ نەچچە مىنۇت بىلەن شۇ كۈنلۈك نەچچە سائەت بەلگىلىنىپ كېتىدۇ. يەنى، ھەر كۈنلۈك ھاياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر قانچە قېتىملىق «تاللاش پەيتى»بار بولۇپ، بۇ تاللاش پەيتلىرى جۇغلىنىپ،تەبىئى ھالدا ھاياتىڭىزنىڭ رىلىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ تاللاشنى ياخشى ئېلىپ مېڭىش بەكلا مۇھىم.

بەزى يېتىلدۈرگىڭىز بولسىمۇ يېتىلدۈرۈش قىيىن بولغان ئەھۋالدا«ئىككى مىنۇتلۇق قائىدە»نى سىناپ بېقىڭ. يەنى، ئىشنى پەقەت ئىككى مىنۇتتىلا قىلالايدىغان ئىشتىن باشلاڭ.

مەسلەن، ھەر كۈنى كەچ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، پەقەت بىرلا بەت ئوقۇپ بولدى قىلىڭ. 30 مىنۇتلۇق يوگا ئىشلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يوگا پالسنى سېلىڭ. ئەتىگىنى سەھەردە يۈگۈرۈشكە چىقماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن تەنتەربىيە كىيىمىڭىزنى كىيىڭ. بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەكچى بولسىڭىز، سائەت 10دىن بۇرۇن تىلىفۇنلارنى ئۆچۈرۈپ كارۋاتقا چىقىڭ.

شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يېڭى ئادەت يېتىلدۈرۈشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يەتمەكچى بولغان نەرسە ئەمەس، بولماقچى بولغان ئۆزىڭىزگە دىققىتىڭىزنى قارىتىش.

ناۋادا پەقەت بەش مىنۇتلا چىنىققان تەقدىردىمۇ بەش كۈن ئۇدا چىنىقش ئۆيىگە بارغاندا، ئادەمدە يېڭى بىر كىملىك يەنى«چىنىقىدىغان كىملىك» شەكىللىنىدۇ. بۇ پەقەت چىنىقمىغاندىن ياخشى.

بۇ ئىككى مىنۇت ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوخشايدۇ. ئالدى بىلەن مۇشۇ ئىككى مىنۇتنى ياخشى قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاستائاستا ئىلگىرلەپ، ئاخىرىدا يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يېتىشكە بولىدۇ.

(4)

ئۆزىڭىزنى مەمنۇن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش 

بىرەر ئىشنى قىلغاندىن كېيىن مەمنۇنلۇق بولسا، مۇنداق ئىشنى تەكرارلاش ئاسانغا توختايدۇ. داۋاملاشتۇرۇش تەس كەلگەن بولسا، رازى بولىدىغان شەكىلگە ئەكىلىڭ.

مەسلەن، خۇشپۇراق سوپۇندا قولىڭىزنى يۇيغاندا، ئۆزىڭىزنى راھەت ھېس قىلغان بولسىڭىز، بۇ راھەت سىزىم مېڭىگە«ماۋۇ ئىش كۆڭۈللۈككەن، يەنە قىلاي» دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ. خۇشاللىق بەدەندە ساقلىنىپ قىلىپ، تەكرارلىنىش قىممىتى بار ھەرىكەت سىگنالىنى مېڭىگە يەتكۈزىدۇ.

يەنە ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، نەچچە يىللار ئىلگىرى سەھەردە ئايلىنىشقا چىقىپ، سەھەرنىڭ تىنچلىقىدىن، قۇياش چىقىۋاتقاندىكى گۈزەللىك،  ئىللىق نۇرلار ئىچىدىكى يوگا ھەركىتى قىلىۋاتقان ئۆزۈمدىكى بەخىت تۇيغۇلىرى، سەھەردىكى تەبىئەتنىڭ تىنىچ گۈزەللىكىدىن ئالغان خۇشاللىق ھەم ھوزۇر تۇيغۇسىنىڭ تەمىنى تىتىپ قالغاندىن كېيىن، ھەپتىدە كام دېگەندە بىر قېتىم سەھەردە ئايلىنىشقا چىقىش ئۇزۇن يىللىق ئادىتىمگە ئايلاندى.

ئۆزىمىزگە ماس كېىلىدىغان ئادەتنى قانداق بايقايمىز؟

 

مەلۇم بىر ئادەتنى يېتىلدۈرمەكچى بولۇپ ھېچ يېتىلدۈرەلمەيۋاتقان بولسىڭىز، بۇنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار. بىرى، سىز يېتىلددۈرمەكچى بولغان ئادەت سىز ئۈچۈن خاتا. يەنە بىرى، ئۇسۇلىڭىز خاتا.

مەقسەت يېڭى ئادەت يېتىلدۈرۈشلا بوپقالسا، ۋە ياكى بىرەرىنىڭ ياخشى ئادەتلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بوپقالسا بولمايدۇ. مۇھىمى «بۇ يېڭى ئادەت ماڭا ماس كېلەمدۇ-يوق؟» دېگەن نەرسە.

مەسلەن، ئۆتكەن يىلى ئوقۇغان كىتابىمدىكى موكا ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزچىل ئادىتىدىن بىرى، مەيلى دەم ئېلىش كۈنى بولسۇن، قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئەتىگەن سائەت 5:00 ئورنىدىن تۇرۇش. مەن ئۇ ئادەمنىڭ بۇ ئادىتىگە قايىل بولغان بولساممۇ، بۇنىڭ ماڭا ماس كېلىشى ناتايىن.

ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئادەت يېتىلدۈرگەندە، ئىلگىرلىمەك ئاسانغا توختايدۇ. ئەكسىچە، ماس كەلمەيدىغان ئادەت كىشىنى قىينايدۇ.

ئۇنداقتا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ئادەتنى قانداق بايقايمىز؟

بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى، ئالدى بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش. ناۋادا %80~90% قىلالىغان بولساق، بۇ بىزگە ماس كېلىدىغان ئادەت ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلى ئېيتساق:

بىرىنجىدىن: ھوزۇر تاپالايدىغان ئادەت، خىزمەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولسا باشقىلارغا قىيىن تۇيۇلغان خىزمەت، سىزگە نىسبەتەن كۆڭۈللۈك ھىسابلانسا، بۇ دەل سىزگە ماس كېلىدىغان ئادەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنجىدىن: ۋاقىتنى، ھەممىنى  ئونۇتقان ھالدا بېرىلىپ قىلالايدىغان، ئاجايىپ بەخىت ھەم ھوزۇر تۇيغۇسىغا ئېگە قىلالايدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟

بار بولسا بۇمۇ دەل سىزگە ماس كېلىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. مەن  يېزىقچىلىق قىلغاندا دەل مۇشۇنداق تۇيغۇ بولىدۇ.

ئۈچىنجى: باشقىلاردىن كۆزگە كۆرۈنۈپ، ياخشى قىلالايدىغان ئىشىڭىز.

تۆتىنجى: قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلالايسىز؟ ھەقىقى ئۆزىڭىزدە ياشاۋاتقان تۇيغۇغا كىلەلەيسىز؟

ئەگەر مەلۇم بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا دەل ئاشۇنداق تۇيغۇغا كىلەلىسىڭىز، سىز توغرا يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان بولىسىز.

مەن يالغۇز تەبىئەت ئىچىدە قالغاندا، كىتاب ئوقۇغان، يېزىقىچىلىق قىلىۋاتقنىمدا، ئوقۇغۇچىلىرىمغا دەرس ئۆتىۋاتقاندا، بالىلىرىم، ئائىلەم بىلەن مۇھەببەتلىك مىنۇتلارنى ياشاۋاتقىنىمدا…دەل ئاشۇ تۇيغۇدا بولىمەن.

قابىليەتنىڭ ئىرسىيەت بىلەن باغلىنىشلىق ھەم باغلىنىشسىز تەرىپى

 

ئۇلۇغ كىشىلەر پەقەت تىرىشچانلىققىلا تايانغان بولماستىن، پايدىلىق پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن تەلەيلىك كىشىلەردۇر. ھالبۇكى، ھەممىلا ئادەمگە بۇ خىل بەخىتتەلەي نېسىپ بولمايدۇ.

قىززىق قايناۋاتقان سۇ قاتتىق بەرەڭگىنى يۇمشىتىدۇ، تۇخۇمنى قاتۇرىدۇ. سىز يۇمشىغان بەرەڭگە بولامسىز ياكى قاتقان تۇخۇم بولامسىز بۇنى سىز ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلمەيسىز.

يەنى، سىزنىڭ قانداق بىر دۆلەتتە، قانداق بىر ئائىلىدە، قانداق چىرايدا…تۇغۇلىشىڭىزنى سىز ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلمەيسىز. بىراق، ۋاقتى كەلگەندە يۇمشاق بەرەڭگە ئۇتامدۇ ياكى قاتتىق تۇخۇم ئۇتامدۇ بۇ شۇنىڭ ئۆزىگە باغلىق. يەنى، قانداق بىر ھالەتتە بولۇڭ، ئاقىۋەتتە ئۇتۇش-ئۇتماسلىق يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق.

ئۆز قىزىقىشلىرىڭىز ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغىنىڭىزدا، پايدىسىز شارائىتنى پايدىلىق شارائىتقا ئايلاندۇرالايسىز.

ئىرسىيەتنى بىز ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئىرسىيەت پايدىلىق شارائىتتا سىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپىڭىزگە ئايلانسا، پايدىسىز شارائىتتا ئەجەللىك ئاجىزلىقىڭىز بوپقالىدۇ. ئىرسىيەتنېمىگە تىرىشچانلىق كۆرسىىش لازىملىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك، ئارتۇق تەرەپلىرىڭىزنى بىلگىنىڭىزدە، ۋاقىت ھەم ئىنىرگىيەرىڭىزنى قەيەرگە قارىتىشنى، قانداق پۇرسەتلەرنى ئىزدەيدىغىنىڭىز، قانداق ئارتۇقچە سىناقلاردىن ئۆزىڭىزنى ئېپقىچىشنى بىلىسىز.

قانچىكى ئۆزىڭىزنىڭ ماھىيتىگە يىقىنلاشقانچە، ياخشى بولغان تاللاشلارنى قىلالايدىغان بولىسىز. سىزدىكى كۈچلۈك تەرەپلەرنى قوزغىيالايدىغان ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلىڭ. ناۋادا، پايدىلىق شارائىت بولمىسا، بۇنى ئۆزىڭىز ياساپ چىقىڭ.

خۇلاسە-كالام

 

يېغىپ ئېيتقاندا، ئادەت ئەگەر تۇغما قابىلىيىتىڭىزگە ماسلاشسا، يېتىلدۈرمەك ھەم داۋاملاشتۇرماق ئاسانلىشىدۇ. شۇڭا، ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئادەتنى تاللاڭ. ئادەتنى ئۇزۇن مۇددەت قانائەتلىنەرلىك داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا، مىجەز ھەم قابىلىيىتىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئادەتنى تاللاش، ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىلماق ئاسان ئىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىزنى سەرپ قىلىشتۇر.

قىزغىنلىقنى يوقاتماسلىقنىڭ ئامالىدىن بىرى، ئادەم ھازىرقى قابىلىيىتى ئارانئاران يەتكۈدەك ئىشنى قىلىشى كېرەك. بەك ئاسان بوپقالماسلىقى، بەك قېيىن بوپكەتمەسلىكى كېرەك.

دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان بىرمۇ نەرسە بولمايدۇ. ھاياتمۇ ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ. قەرەرلىك ئۆز ئادىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ھېلىمۇ ھەم بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۆزىگە پايدىسى بولىۋاتامدۇيوق ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.

بىر مىنۇتلۇق مەدىتەيشىن، ھەر كۈنى بىر بەتلا كىتاب ئوقۇش، بەش مىنۇتلۇق چىنىقىش..دەك ئادەتلەر بەلكىم كۆپ ئۆزگىرىشلەر ئەكىلەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى ئادەتلەر بىرلەشكەندە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كېلىدۇ.

چىنىقىشتىن ۋاز كەچمىگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىز ھەيران قالغۇدەك  بەدەن شەكلىگە ئېگە بولىسىز.

ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمىگەندە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەيران قالارلىق بىلىمگە ئىگە بولىسىز.

ئاقكۆڭۈللۈكتىن ۋاز كەچمىسىڭىز، قەلبىڭىزنى ھاياجانغا سالالايدىغان گۈزەل مىھر-مۇھەببەتكە ئېرىشىسز.

ماڭا ئوخشاش ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان يىلىمان قايناقسۇ ياكى ھەسەل سېلىنغان لىمون چاي ئىچىپ بەرسىڭىز ساغلام بىر كۈننى باشلىۋالالايسىز.

ھەر كۈنى يېرىم سائەت كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەلبىڭىز ھەم ئەقلىڭىز ۋايىغا يەتكەن، پىشقان ئۆزىڭىزگە ئايلىنىسز.

خوش، سىز قايسى ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتىسىز، قانداق ئادەتلەرنى  يېتىلدۈرمەكچى سىز؟

***********************************

رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...