ئۆزۈمگە مەكتۇپ/ماي

603 قېتىم ئوقۇلدى

قەدىرلىك ئۆزۈم:

سەندىكى ھەقىقىي گۈزەللىكنى  بايقىيالايدىغان، سېنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا ئەرزىيسەن.

چىن يۈرىكىدىن سۆيۈشكە، بارلىقىڭ بىلەن قوبۇل قىلىنىشقا، بىر ئۆمۈر سەبىر بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ھەم لايىقسەن.

ئۆزۈڭنى ھەرگىزمۇ قەدىرسىز قىلما. سەن ھەر ۋاقىت تولىمۇ قىممەتلىكسەن.

مەندىن.

 

An umbrella over vosporos

 

 

2023.05.01

پۇخادىن چىققۇچە ئويناپكۈلۈڭ

بالىلىق قەلبىڭىزنى يوقاتماڭ. يۇقىرى كەيپىياتتا قاقاقلاپ  كۈلۈڭ. ھېچبىر مەنىسى يوق ئىشلارنىمۇ قىپ بېقىڭ.

مەسلەن، قىزىقارلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا تاشلارنى، قۇلۇلە قېپى تېرىپ بېقىڭ.

يامغۇرلۇق كۈنلەردە يامغۇردا ئۇسسۇل ئويناڭ.

كىشىلەرنى تېزلا ياخشى كۆرۈپ بېقىڭ.

قول تۇتۇشۇڭ.

بىر ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ كەتمەستىن، ئۆزىڭىزنى راھەت تۇتۇڭ، ھاياتتىن ھوزۇرلىنىڭ.

2023.05.02

خۇشاللىق

تويۇنغان بىر ھاياتتا ياشاۋاتقان بولسىڭىز، تەبىئى ھالدا خۇشال بولىسىز.ئەمما، قىيىن كۈنلەرگىمۇ خۇشاللىقنىڭ ئۇرۇقى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

ئازابلىق، قايغۇلۇق كۈنلەردىمۇ خۇشاللىقنى ھېس قىلالايدىغان بولۇش تولىمۇ مۇھىم.شۇنداق بولغىنىدا، قەلبىڭىزنىڭ قاتقېتىغا يوشۇرۇنغان خۇشاللىقنى تاپالايسىز.

بۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقتىن بىرى «مەن قىلالايمەندېگەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتۇر.

2023.05.03

داۋاملاشتۇرسىڭىز، يول ئېچىلىدۇ

سىزنىڭ ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش، ھەر خىل ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىش مەجبۇرىيىتىڭىزبار.

تولۇپتاشقان بىر ھاياتتا ياشاش، بىلىپبىلمەي ھايات رىلىسىدىن چىقىپ كەتكەندە، يولنى تېپىۋىلىش مەسئۇلىيىتىڭىزمۇ بار. ھەتتا،تەكرار ھەم تەكرار.

ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ھالدا ئۆزىڭىز تاللىغان يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. شۇندىلا يورۇقلۇقنى كۆرەلەيسىز، ئۇتۇق قازىنالايسىز.

بۈگۈن سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشپەقەت ۋە پەقەت داۋاملاشتۇرۇش.

2023.05.04

ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلىش

ئۆزىڭىزگە ھەم ئىشىندىغانلىرىڭىزغا ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىشىنەلمىسىڭىز، ھېچكىم سىزگە ئىشەنمەيدۇ.

2023.05.05

ئۆيگە قايتىڭ

مېڭىشقا تېگىشلىك ئوڭ تەرەپكە ئەمەس، سولغا كېتىپ قالغان،دۇنيا ئۆزگىرىپ  ئۆزئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويغان تەقدىردىمۇ، ھېچقىسى يوق!

ئۆزىڭىزنى «يولدىن ئاداشتىم»دەپ بىلىپ، قەلبىڭىزگە سىزىلغان قايتىش يولىنى تېپىڭ.

سەۋرچانلىق، ئاق كۆڭۈللۈك ھەم بارچە مۇھەببىتىڭىز بىلەن قەلبىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، ئۆيىڭىزگە قايتالايسىز.

2023.05.06

ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق

ئايال قولىدىكى بىر ئىستاكان سۇنى كۆرسىتىپ، خىزمەتداشلىرىدىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ قانچىلىكلىكىنى پەرەز قىلىپ بىقىشىنى سورىدى.

– 560 گرام ئەتراپىدا،دېگەندەك پەرەز قىلىشلار ئىچىدە بىرى«ئۆلچەپ باقمىغۇچە  بىلگىلى بولماس» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بايىقى ئىستاكان تۇتقان ئايال قايتا سورىدى:

سىزچە بۇ ئىستاكاننى بىر سائەت تۇتۇپ تۇرساق قانداق ئەھۋال كۆرۈلىشى مۇمكىن؟

مەلۇم خىزمەتداش جاۋابەنقولبىلەكلەر ئاغرىپ كېتىدۇ شۇ»،دېدى.

دۇرۇس، ئەمدى گەپنىڭ نەق يېرىگە كەلدۇق.

ئۇنداقتا بىر ھەپتىگىچە تۇتۇپ تۇرساقچۇ؟

ھىم، بىلەكلەر تىلىپ، غوللار ئاغرىپ سىزىممۇ قالماس ھەقاچان!

شۇنداق! شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قىلچىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.

يۇقارقى بىر ئىستاكان سۇنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدىكى ئۇشبۇ ھەقىقەت، بىزنىڭ رىئاللىقىمىزدا  يۈدۈپ يۈرگەن يۈكىمىزگىمۇ ماس كېلىدۇ. سەپەر جەريانىدا ئۈستىڭىزدىكى يۈكىڭىزنى پاتپات يەرگە قويۇپ ئارام ئېلىۋالامسىز ياكى باشتىنئاخىرى يۈدىۋالامسىز؟ بۇ سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش. ئەمما قانداقلا قىلماڭ، يۈكنىڭ ئېغىرلىقى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، يۈكنى ئۇزۇن كۆتۈرىۋالغاندا، دۈمبىڭىز ئاغرىيدۇ، يۈرەككە بىسىم بولىدۇ.

روھىڭىزنى خورىتىدىغان ئارتۇقچە يۈكنى تاشلىۋىتىڭ.ئەكسىچە، سىزگە خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇلىرى ئاتا قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپەيتىڭ.

ئۆزۈڭگە قۇياشتەك مۇئامىلە قىلغىن

2023.05.08

ئارزۇكەلگۈسىدىكى ئۆزىڭىز

سىز ئارزۇ قىلغان نەرسىڭىزگە ئايلىنىسىز.ئارزۇيىڭىزدىكى ھاياتتا ياشاۋاتقىنىڭىزنى  تەسەۋۋۇر قىلىڭ.

تەسەۋۋۇرىڭىزنى مىڭىڭىزگە ئورنىتىۋىتىڭ ھەمدە ھەر كۈنى ئەسكە ئېلىپ تۇرۇڭ.

ئارزۇلىرىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشئايلىنالماسلىقى كەلگۈسىنى قانچىلىك ئېنىق تەسەۋۋۇرقىلالىشىڭىزغا باغلىق.

2023.05.09

كىشىلەرگە ئوخشىمىسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ

ئۆزىڭىزدىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان،  غەلىتە تەرەپلەرنىمۇ قوبۇل قىلىڭ، چۈنكى بۇ سىز.

ھەقىقىي ئۆزىڭىزنى چۈشىنىڭ ۋە ئىپادىلەڭ.

ئۆزئارا پەرق بولغانلىقى ئۈچۈنلا قىزىقارلىق.

ئەسلى ئۆزىڭىزنى سۆيەلسىڭىز، سىزگە ھېچكىممۇ بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆزىڭىزگە ئاتا قىلالايسىز.

مانا بۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىشنىڭ گۈزەللىكى.

Beyaz giyme kalun

2023.05.10

ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ

قەيەردىن كېلىپ، نەگىلا بارماڭ، بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ. سىزنىڭ شۇ جايدا تۇرۇش ھوقۇقىڭىز بار.

چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ.

مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ.

سىز تاللىغان شۇ جاي، سىز بولۇشقا تېگىشلىك جايىڭىزدۇر.

2023.05.11

ئۆزىڭىز بولۇشنى مەشىق قىلىڭ

تار رامكا ئىچىدىن چىقماسلىق ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياسىۋالغان خىيالىي رامكىڭىزنى  چۆرۈپ تاشلىيالامسىز؟

ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلالامسىز؟

سۆيگەن ئادىمىڭىزنى ياخشى كۆرەلەمسىز؟

رامكا، كىشەنلەر بولمىغان ئەركىن ھايات قانداق بولىدۇ؟

ھازىرقىغا ئوخشىمىغان باشقىچە«مەن»بولالامسىز؟

ئۇنداقتا قانداقراق ئادەم بولغۇڭىز بار؟

جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئۆزىڭىزدىن پاتپات يۇقارقى سۇئاللارنى سوراپ، قەلبىڭىزنىڭ جاۋابىنى تىڭشاپ بېقىڭ. ئاندىن جاۋابقا ئاساسەن قىلماقچى  بولغان ئىشنى قىلىڭ.

2023.05.12

بىرەر ئىش قىلمىسىڭىز، ھېچ نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ

ئۆزگەرتىشنى ئويلىغاندىن باشلاپ ئۆزگىرىش باشلانغان بولىدۇ.

ھەرىكەتكە ئۆتكەندە ئۆزگىرىش تېخىمۇ زورلايدۇ.

يامغۇر ياغقان شەنبە سەھىرى&ئىشقا بېرىپ كېلىش يولىدىكى گۈزەللىك

 

2023.05.13

مەن قالتىس

ئۆزىڭىزنىڭ قالتىسلىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ.

دەرۋەقە، باشقىلارغا ئوخشاپ كەتمەيسىز. دەل مۇشۇ ئوخشىماسلىق سىزنىڭ قالتىس تەرىپىڭىز.

باشقىلار ئارزۇ قىلغىنىدەك سىز بولىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

مەيلى قانچىلىك تەرەققىي قىلىڭ، قانچىلىك ئۆسۈپيېتىلگەن بولۇڭ، سىز يەنىلا سىز.

قانچىلىك مەسىلە بولغان تەقدىردىمۇ، قالتىس، راستچىل، بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزىڭىز بولالىدىڭىز.

2023.05.14

قورقماڭ

تەشۋىشلەردىن قورقىشىڭىز ھاجەتسىز.

چۈنكى، تەشۋىش نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، خالاس.

2023.05.15

ئۆزىڭىز بولۇشقا جۈرئەت قىلىڭ

«باشقىلارنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىگە جاۋاب قايتۇرمىسا بولمايدۇ» دېگەندەك كۆزقاراشلار بىلەن تولغان ئۇشبۇ دۇنيادا،  ئۆزىڭىز بولۇشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىز، تېخىمۇ خۇشال، تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولغان ھاياتتا ياشىيالايسىز. شۇنداقلا پۇشايمىنىڭىز ئاز بولىدۇ.

2023.05.16

پەقەت ھازىرلا بار

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۇشىڭىزنى تاپقاندا«ئەمدى ۋاقىتى كەلدى» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئۇ «ھازىر» زادى قاچان كېلىدۇ؟

قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ «ھامان بىر كۈنى قىلغۇم بار، كۆرۈپ باققۇم بار، بولغۇم بار…»دەپ كىچىكتۈرۈپ كەلگەن ئىشلىرىڭىزنى ئەسلەپيېزىپ چىقىڭ.

دەل ھازىر سىز كۈتكەن ئاشۇ ۋاقىت، ھازىرنى چىڭ تۇتۇپ قىلماقچى بولغان ئىشڭىزنى قىلىۋىلىڭ.

بۇ ئايدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىمدىن بىرى، باغچامدىكى گۈللىرىم شۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپ بەردى.

2023.05.17

باشقىلارغا كۈچ بولۇش

باشقىلارنىڭ تېخىمۇ نۇرلۇق چاقنىشى ئۈچۈن  يارىدەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ.

باشقىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا مىھرىلىك بولۇڭ.

ئىنسانى مىھرىمۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىڭ ھەمدە مىھرلىك، ھىسداشلىق قىلالايدىغان بولۇڭ.

كەچۈرىۋىتىڭ.

ئەلۋەتتە، مۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. ئەمما سىزدىكى سەبىرچانلىق قارشى تەرەپنىڭ قەلبگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامان بىر كۈنى ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش باشقىلارغا ياخشى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ.

سەھەر 4:42
بۇ سەھەر مېنى قۇشلار ئويغاتتى

2023.05.18

ئويلىنىشقا ۋاقىت ئاجىرىتىڭ

بىر كۈن ئاخىرلاشقاندا، ئۆزىڭىز بىلەن تىنىچ قىلىپ ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قالالايسز ھەمدە كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرالايسىز.

ھەر كۈنى پەقەت 10 مىنۇت، باشقا ئىش قىلماستىن،  پەقەت شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە يالغۇز ئويلانغۇدەك ئۆزىڭىزگە ۋاقىت بېرىڭ.

2023.05.19

ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىشىڭىز مۇكەممەل ئەمەس

مۇبادا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىرىڭىز ئىچىدە ئۆزىڭىز بولمىسىڭىز، بۇ ئۆزىڭىزگە كۆيۈنۈشىنىڭىزنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى.

 Jack Kornfield

1945-يىلى تۇغۇلغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى، بۇددا دېنى تەلىماتىنىڭ تەرغىباتچىسى

10يىل بۇرۇنقى مەھەللىدىكى ئوخشاش قەھۋەخانا، ئوخشاش سۈت چاي ھەم بولكا

2023.05.20

باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالايلى

چىقىشماق تەسرەك ئادەم بىلەن بىللە بولغاندا، ئىشلارغا تېخىمۇ يۇمشاق مۇئامىلە قىلالايدىغان، تېخىمۇ ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان بولالايدۇ.

باشقىلارنىڭ پىكىرىنىمۇ ئاڭلاپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتەيلى. ئۆزىمىز بىلەن پەرقلىق پىكىردىكى كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىزمۇ كۆپ.

2023.05.21

قەلبڭىز بىلەن ھەرىكىتىڭىز بىردەك قىلىش

ھاياتلىق نىشانىڭىزدىن تەۋرەنمەي ياشاش ئۈچۈن ، سىز ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىغا ئىشىنىڭ.

ھەتتا، ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان ئىشلارنىڭمۇ رىئاللىققا ئايلىنالايدىغانلىقىغا  ئىشىنىڭ.مۇنداق بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلغان ھەممە ئىشلارنى خۇددى يۈز بەرگەندەك سۆزلەڭ. ئارزۇلىرىڭىز رىئاللىققا ئايلىنىدىغان ياشاش ئۇسۇلىدا ياشاڭ.

سۆيگۈگە مۇھتاج بولسىڭىز، سۆيۈڭ. يەنى، باشقىلارغا مۇھەببەت بېرىش ئارقىلىق مۇھەببەتنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىڭ.

خۇشاللىق ئىزدىسىڭىز، خۇشال بولۇڭ. سىز خۇشال بولسىڭىز، سىز بىلەن بىللە بولغان كىشىلەرگىمۇ تەبىئى ھالدا بۇ خۇشاللىق يۇقىدۇ.

بولغۇڭىز بار ئۆزىڭىز بولۇڭ. قەلبىڭىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى نەرسىلەر ياشاش ئۇسۇلىڭىزدىمۇ ئەكس ئەتكەن بولسا، ئويپىكىرلىرىڭىز بىلەن ھەرىكىتىڭىز مۇكەممەل ماسلاشقان ھېسابلىنىدۇ.

2023.05.22

قىزىقىشىڭىز بولسۇن

قىزىقىشھەۋەس كىشىنى ئويلاپ باقمىغان تەۋەككۇلچىلككە باشلايدۇ.

ھەر ۋاقىت قەلبىڭىز ئوچۇق بولسۇن.

تۆت يىلدىن بىرى تۇنجى ئېچىلغان باغچامدىكى گۈلچىمەن

2023.05.23

باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشنى ساقلاۋاتقان بولسىڭىز

سىز يەنىلا بىركىملەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ئېيتىشىنى ساقلاۋاتامسىز؟

شۇنداق بولسا ئەمدى ئېيتاي: سىز باشتىن تارتىپ ئىزچىل توغرا ئىش قىلىۋاتىسىز، داۋاملاشتۇرغايسىز.

بۇ كۈندىكى گۈزەللىكلەر

 

 

2023.05.24

ئايدا بىر قېتىملىق ئىجابىيلىق مۇراسىمى

ئۆزىڭىز خۇشاللىق تاپالايدىغان ئىشتىن بەشنى يېزىپ چىقىڭ.

ياقتۇرىدىغان جايلارنى زىيارەت قىلىش، ياقتۇرىدىغان  كىتابلارنى ئوقۇش بولسىمۇ بولىدۇ.

داۋاملاشتۇرالايدىغان بولۇش ئۈچۈن دوستلىرىڭىزنىمۇ قاتناشتۇرۇپ ، بىرلىكتە قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

شۇنداقلا، شۇ بىر ئاي ئىچىدە يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ چىقىڭ ھەم ئاي ئاخىرىدا دوستلىرىڭىز بىلەن نەتىجىسى ھەققىدە پاراڭلىشىپ، كېلەر ئايلىق كۆڭۈللۈك ئىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىڭ.

بۇنى ھەر ئايدا داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، ۋاقىتنى مەقسەتلىك ئۆتكۈزگىلى، تولۇپتاشقان ھاياتى كۈچكە تولغان كۈنلەردە ياشىغىلى بولىدۇ.

مەندىن: «كىتابخۇمارلار ئارامگاھى»دىكى دوستلار كېلەر ئايلىق پىلاننى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تۈزدۇق.

2023.05.25

ھاياتىڭىزدىن پەقەت ھازىرقى ۋاقتىڭىزلا قالغان بولسا.. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ

قىسقىغنە ۋاقتىڭىز قالغانلىقىنى بىلسىڭىز نېمىلەرنى قىلغان بولاتتىڭىز؟ سۆيگەن ئادىمىڭىزگە نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟ نېمىلەرنى قىلغان بولاتتىڭىز؟

سىزگە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم پۇرسەت بېرىلگەن بولسا، قانداق يېڭى ئىشلارنى سىناپ باققان بولاتتىڭىز؟

ئەمدى دېگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتىمۇ قىلىپ بېقىڭ.

 

2023.05.26

今いる場所を受け入れるための宣言

「私は、自分がいるべき場所にいる」

 

2023.05.27

«مۇھەببەت + ياخشى ئىشلار»توپلىمى ياسايلى

قىيىن پەيتلەردە باشقىلارنىڭ بىزگە ئېيتقان ياخشى سۆزلىرىنىمۇ ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىمىز. ئۆزىمىزنى يوقىتىپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتىمىز.

مۇنداق چاغلاردا ئەسقاتىدىغىنى، «مۇھەببەت +ياخشى ئىشلار توپلىمى»دۇر.

قەغەز ياكى رەقەملىك بولسۇن تاپشۇرۇۋالغان كارتىلارنى، بېسىپ چىقىرىلغان ئېلخەتلەرنى، سەمىمى ئۇچۇرلارنى، سىزنى خۇشال قىلغان سۆزلەرنىڭ خاتىرىلىرىنى توپلام قىلىپ قويۇڭ ھەم ئۆزىڭىز ئامراق رەڭلىك قەلىمىڭىزدە«مۇھەببەت+ياخشى ئىشلار»دەپ تېما قويۇڭ.

بۇ توپلامنى كۆزگە چىلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويۇڭدە، داۋاملىق كۆپەيتىڭ ھەم پاتپات كۆرۈپ تۇرۇڭ.

2023.05.28

مۇھەببەت ھەققىدە ھەقىقەت

كىشىگە مۇھەببەت بىلەن قارىساق، ئۇلارنىڭ ئۆزىمىزدىن ئۇنچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بايقايمىز.

مۇھەببەتلىك كىشىلەردە باشقىلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرۈش ئىقتىدارى بولىدۇ.

Barbara L. Fredrickson

باربارا ل.فرېدرىكسوننىڭ «يېڭى مۇھەببەت ئىلمى» ناملىق كىتابىدىن

2023.05.29

قېچىشتىن ئىبارەت تاللاش يولى

قېچىشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق پەيتلەر بولىدۇ.

مۇنداق ئەھۋالدا، كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشنى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش يولىنى تاللىغانلىق دەپ قارايمىز.

جاسارەت ئەڭ كۈچلۈك ھەمراھ!

ئۆزىڭىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىڭىزنى قوبۇل قىلىپ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ.

ئۆز يولىنى ئۆزى تاللىغانلارنىڭ ھەر ۋاقىت غالىبلاردىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ.

2023.05.30

ئۆزۈمگە خەت

قەدىرلىك ئۆزۈم:

سەندىكى ھەقىقىي گۈزەللىكنى  بايقىيالايدىغان، سېنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا ئەرزىيسەن.

چىن يۈرىكىدىن سۆيۈلۈشكە، بارلىقىڭ بىلەن قوبۇل قىلىنىشقا، بىر ئۆمۈر سەبىر بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ھەم لايىقسەن.

ئۆزۈڭنى ھەرگىزمۇ قەدىرسىز قىلما. سەن ھەر ۋاقىت تولىمۇ قىممەتلىكسەن.

مەندىن.

2023.05.31

خۇشال تۇرۇشنى مەشىق قىلىش

ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپ كۆرۈڭ:

مەن ئۈچۈن بەخىت دېگەن زادى نېمە؟ قانداق قىلغاندا كۈندىلىك ھاياتىمدا ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلالايمەن؟ قانداق قىلسام ئۆزۈمگە تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلالايمەن؟

يۇقارقى سۇئاللارغا جاۋابىڭىزنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىكى قەدەمدە قايسى ئىشىڭىزنى ئۆزگەرتكەندە كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىنتېخىمۇ ھوزۇرلىنالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ.كىچىككىنە ئىشلارمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەپ بولالايدۇ.

قانداقلا ئۆزگەرتىش بولسۇن، كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشمۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا خۇشاللىقىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

خۇشاللىق كۈندىلىك خاتىرىسى يېزىش ئارقىلىق قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدۇ.

ئالدى بىلەن سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىڭىزنى، ھەر كۈنى نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزنى خاتىرىلەپ قويۇڭ.

ئەتىرگۈل پەسلى بولغان باھار شۇنداق قىلىپ ئاخىرلاشتى…خۇش كەلدىڭ گۈلچىمەن پەسلى!

 

***********************

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

MAY

تارقىتىڭ...
  1. ئىسىل ❤️ھاياتىڭىز تېخىمۇ مۇھەببەتلىك،مەنالىق،ئىزگۈلۈك ئىچىدە داۋام قىلغۇسى

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئۆزۈمگە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى