ھەقىقى خۇشاللىق بار جاي/ئىيۇن

536 قېتىم ئوقۇلدى

چىن خۇشاللىق ئەسلى كىملىكىڭىزدە ياشاشنى قارار قىلغان ئەنە شۇ پەيتتىن باشلىنىدۇ.

ئاجىز تەرەپلىرىڭىزدىن تارتىپ بارلىقىڭىزنى  قوبۇل قىلغان چاغدا، بەخىتنىڭ ئىزچىل ھالدا سىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز.

 

Si tu me dices ven

 

2023.06.01

خاتالاشساق كەينىگە يانساق بولىدۇ

خاتا يولغا كىرىپ قىلىپ، ئۇزاقلاپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق. ھامان ئارقىڭىزغا يانالايسىز.

بۈگۈن تۆت ياشلىق ئوماق ئوقۇغۇچۇمدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم.

2023.06.02

گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىش خىتابنامىسى

ئەسلى ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاشنى تاللىغىنىڭىز ھەرگىزمۇ گۇناھ ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا بولۇشقا قەتئى يول قويۇشقا بولمايدۇ.

ئەتىگەنلىك دورام

2023.06.04

قانداق باشلايمىز؟

مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن، ئەھمىيەتلىك بىرەر ئىش قىلىپ باقاي دېسىڭىز، جەزمەنكى ۋاقىت سەرپ قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

شۇنداقتىمۇ ھامان قىلىدىغان ئىشنى باشلىمىسا بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن باشلاپ بېقىڭ.

دەسلەپكى كىچىك بىر قەدەم كېيىنكى قەدەمگە باشلايدۇ. ئەنە شۇ كىچىك قەدەم سىز باشلىغۇڭىز بار ئىش بولسا، ئالدى بىلەن ئىشنى شۇنىڭدىن باشلاڭ.

ئوي–پىكىر ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەسلەپكى كىچىك قەدەم قانداقلا ئىش بولسۇن، كېچىكتۈرمەستىن دەرھال باشلاڭ.

 

باغچامدىكى ئۈنچەگۈللەردىن، مەھەللە ئايلىنىشتىن ھورۇرلانغان سەھەر

2023.06.05

قەدىرقىممىتىمىزنى كىم بەلگىلەيدۇ؟

قەدىرقىممىتىمىز قەيەردە؟

ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاۋازىڭىزنى چىقىرىپ سۆزلەپ بېقىڭ، قانداق تۇيغۇلاردا بولىسىزكىن؟

«كىشىلەرنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقى بىلەن پەرۋايىم پەلەك» دەپ قارىيالىسىڭىز ئىككىلەنمەستىن ئېيتىپ بېقىڭ.

ئۇنداقتا، يۇقارقى ئىككى سوئالنىڭ جاۋابىدا قانداقدۇر ئورتاقلىق بارمۇ؟

ئەگەر بار بولسا، بۇ دەل سىزدىكى قەدىرقىممەت. سىز ئۈچۈن قەدىرقىممەت قانداق نەرسە بولسا، سىزدەل ئاشۇ خىل قەدىرقىممەتكە لايىقسىز.

 

2023.06.06

سىزنى خېجىلجىلىقتا قويىدىغان ئىشلارنى كۈچلۈك تەرىپىمىزگە ئايلاندۇرۇش مەشىقى

«نۇمۇس» كۈچلۈك تۇيغۇ بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك تەرىپىڭىزگە ئايلاندۇرالايسىز.

سىز نېمىدىن نومۇس قىلىسىز؟ نۇمۇس قىلىدىغان تەرىپىڭىزنى قوبۇل قىلىپ، كۈچلۈك تەرىپىڭىزگە ئايلاندۇرالامسىز؟

مەسىلەن، «ئىقتىساد ئەھۋالى ناچار ئائىلىدە تۇغۇلغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن» دېيىشنىڭ ئورنىغا ، «قولى قىسقا ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن، تېخىمۇ تىرىشىشنى، ئۆزۈمدە بار نەرسىلەردىن چوڭقۇر مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋالدىم»دېيىشكە تىرىشپ بېقىڭ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن نومۇس قىلىدىغان تەرەپلىرىمىزدىن پايدىلىنايلى.

مەندىن: مەسلەن، ئۇيغۇرلىقىمىزدىن نۇمۇس قىلىشنىڭ ئورنىغا، شۇنچىلىك كۆپ روھى بىسىمغا بەرداشلىق بېرىپ يەنە قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ ياشاۋاتقىنىمىزدىن ئىپتىخارلىنايلى، دېگەندەك.

 

2023.06.07

دىققىتىمىزنى بىزنى سۆيىدىغانلارغا قارىتايلى

ھەممىلا ئادەمنىڭ بىزنى ياخشى كۆرۈپ كېتىشى ناتايىن.

دىققىتىمىزنى  بىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارغا ئەمەس، سۆيىدىغانلارغا قارىتايلى. شۇندىلا تېخىمۇ بەخىتلىك بولىمىز.

دەم ئېلىشىمدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنىڭ ئۇشبۇ كىنوسىنى كۆرۈپ چىقىتىم. شۇنداق پەچەت كىنوكەن.

2023.06.08

ئېنىق سۆزلەڭ

روشەن سۈپەتلەر:

بىرىنجىدىن، سەزگۈ ئارقىلىق، بولۇپمۇ كۆرۈش ئارقىلىق ئېنىق بىلگىلى بولىدىغان ئىشلار.

ئىككىنجىدىن، ئاسانلا چۈشەنگىلى، جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىغان ئىشلار.

تەپەككۇر سۆزگە، سۆز بولسا رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئويلىرىڭىزنى ئېنىق، ئوچۇق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەڭ.

 

 

2023.06.09

پۇشايمانئارتۇقچە ھېسسىيات، خالاس!

پۇشايمان  بىلەن ئۆتكۈزگەن خاتالىق تۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

ئەڭ ياخشىسى ئۇنتۇپ كېتىش. ئۆزىڭىزنى كەچۈرىۋىتىپ ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ.

 

2023.06.10

دوستلۇق ھامان مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ

دوستلۇقنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتۇشۇپ، ئاخىرىدا مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ مۇھەببەت خۇددى ئۆسۈملۈككە ئوخشاش يىلتىز تارتىپ،كۈنسىرى ئۆسۈپيېتىلىدۇ.

قارشى تەرەپنى چۈشىنىش، مۇكەممەل بولمىغان ئۇنى قوبۇل قىلىپ تىنىچقىنە پېشىپيېتىلىشنىڭ ئۆزى مۇھەببەتتۇر.

مۇھەببەت كىشىنى خاتا يولغا باشلىمايدۇ. مۇھەببەت ئادەمنى تېخىمۇ يۈكسەكلەشتۈرىدۇ، بەخىت تۇيغۇلىرى ئاتا قىلىدۇ، تېخىمۇ يۇقىرىغا قاراپ ئىنتىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ سىزنى كۈندىنكۈنگە پېشىپيېتىلدۈرىدۇ.

ئەن لاندېرس

1918-2002 يىلغىچە ياشىغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى

باغچامغا بۇ يىل تىككەن ھالرەڭلىك ئەتىرگۈلۈم تۇنجى ئېچىلدى.

2023.06.11

قىيىن چاغلاردىمۇ كۈلۈمسىرەپ بېقىڭ

كۈلۈمسىرىگەندە خۇشال بولغىلى بولىدۇ،بۇ يالغاندەك ئاڭلىنىدىغان راست گەپ.

كۈلۈمسىرىگەندە ، چوڭ مېڭە قانداقتۇر كۆڭۈللۈك بىر ئىش يۈز بەردى دەپ ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىۋالىدۇ. بۇ چاغدا مېڭىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئېندورفىن روھى بىسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. خۇش بولغۇدەك ئىش بولمىسىمۇ كۈلۈمسىرەشكە  تىرىشىپ باققاندا، مېڭىنى «خۇشاللىق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن سىگىنال بىلەن ئالدىغىلى بولىدۇ.

زېرىكىشلىك ۋە ياكى جاپالىق ، ئازابلىق چاغلاردىمۇ كۈلۈمسىرەشكە تىرىشىپ تىرىشىڭ.

يامغۇردىكى ئاجىساي

2023.06.12

دېققەتنى ھازىرغا يېغىش

دەل ھازىرقى پەيتكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق مۇھىم ئىش يوق.

ئەتراپىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاڭ.

دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاش لەززىتىنى تىتىپ ياشاڭ.

ھەرىكەت سۈرئىتىڭىزنى تېخىمۇ ئاستىلىتىڭ.

سۇس كۈلۈمسىرەشنىمۇ قولدىن بېرىپ قويماڭ.

گۈللەرنى پۇراپ بېقىڭ.

كۈلكە ئاۋازلىرىغا قۇلاق سېلىڭ.

«ئاياللار سۆھبىتى»ناملىق ئۇشبۇ كىنو يېزىدىكى مەلۇم بىر ئۆيدىكى ئاياللارنىڭ سۆھبىتى بولۇپ، جىمجىت، پەلسەپىۋى، خارلانغان ئاياللارنىڭ ئىسيانى، چۇقانى تەسۋىرلەنگەن فىلىمكەن. ھازىرقى زاماندىمۇ ئەر تەرىپىدىن خورلىنىۋاتقان، تۆۋەن كۆرىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.

 

2023.06.13

سىزگە ئىجازەت بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم ئۆزىڭىز

ئەسلى ئۆزىڭىز بولۇپ ياشىغىنىڭىز ئۈچۈن كىملەرنىڭدۇر كەچۈرۈۋېتىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماڭ‌. سىزگە ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئىجازەت بېرىش سالاھىيىتى يوق.

 

2023.06.14

ئىجابى بولۇشنىڭ ئۇسۇللىرى

كۈلۈمسىرەڭ.

ئاغزىڭىزدىن ياخشى سۆزلەر چىقسۇن.

ھېچكىمنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا رەزىل بولۇپ تۇغۇلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.

ئۈمىدۋار بولۇڭ.

كەلگۈسىنىڭ گۈزەل بولىدىغىنىغا ئىشىنىڭ.

ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ.

باشقىلارغىمۇ ئىلھام بولغۇدەك ياشاڭ.

يۇقارقىدەك كىچىك ئىشلار يېغىلىپ، يېمىرىلمەس بەختكە باشلايدۇ.

2023.06.15

ئەتە ھېچقانچىلىك ئىش بولماي قىلىشىمۇ مۇمكىن

بۈگۈنى سىزگە قىين كۆرۈنگەن ئىشلار،  ئەتىسى ھېچقانچىلىك ئىش تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن.

قىلىشتىن بۇرۇن شۇنچىلىك ئەنسىرىگەن بولسىڭىزمۇ ۋاقتى كەلگەندە «ھېچقانچىلىك چوڭ ئىش ئەمەسكەنغۇ!» دەپ قالغان چاغلىرىڭىز بولۇپ باققانمۇ؟

قەغەزگە«ئۇنچىلىك ئەنسىرىگۈدەك ئىشلار ئەمەس» تېمىسنى قويۇپ،بۇرۇن ئەنسىرىگەن، ۋاقتى كەلگەندە قىلالىغان ئىشلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ. يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىشتىن ئەنسىرىگەن چاغلىىڭىزدا، ئۇشبۇ تېزىملىكنى كۆرۈپ چىقىڭ ھەم ئۆزىڭىزنى تىنىچلاندۇرۇڭ.

2023.06.16

تەشۋىشنى ئىجابى تۇيغۇغا ئايلاندۇرۇش

تەشۋىشلىرىمىزنى قىزىقىش، ھاياجان، ئۈمىدۋارلىققا ئۆزگەرتىپ باقساق قانداق بولۇشى مۇمكىن؟

مەسلەن، «تەجىربەم بولمىغاچ ئەنسىرەۋاتىمەن»نىڭ ئورنىغا «بۇرۇندىنلا قىلغۇم بار ئىش ئىدى، شۇنچىلىك ھاياجانلىنىۋاتىمەن» دەپ ئويلايلى دېگەندەك.

ھەرقانداق ئىش ئالدى بىلەن كۆڭلىمىزدە نېمە دەپ ئويلىغىنىمىزدىن بولىدۇ. ئۇنداقتا، سىناپ باقامدۇق!

 

2023.06.17

ئۆتمۈشكە نەزەر سېلىپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىش

ئۆتمۈشىمىزدە تۇرۇپ قىلىشتىن ساقلىنايلى. پەقەت قانچىلىك ئىلگىرىلىكەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈنلا كەينىمىزگە قارىساق بولىدۇ.

ئۆتمۈشتىن ئۆگەنگەنگەنلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، خاتىرجەم ھالدا نىشانىمىزغا قاراپ ماڭايلى.

2023.06.18

قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ

«ئۇ» مەن قىلالمايدىغان ئىشنى نېمە قىلالايدۇ؟

«ئۇمۇ» مەن قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ؟

ئۇلار قىلالىغاننى سىزمۇ قىلالايسىز، قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ.

بۇ دەريانىڭ ھەر ھالىنى رەسىمگە تارتىيمەندە ھەر ئۆتسەم.

2023.06.19

مىننەتدارلىق خېتى

مىننەتدارلىقتا غايەت زور كۈچ بار. بىزگە ئىجابى تەسىر كۆرسەتكەن كىشىگە مىننەتدارلىق خېتى يازايلى.

چۈشكۈنلەشكەنلىرىڭىزدە سىزگە گۈزەل سۆزلەرنى قىلغان، ئۆزىڭىزنى سۆيەلمەي قالغاندىمۇ سىزگە  مۇھەببىتىنى بىلدۈرگەن كىشىگە يۈرىكىڭىزدىن مىننەتدارلىق خېتى يېزىڭ.

دەل شۇ چاغدىكى قەلبىڭىزدىكى ھېسسىياتنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ بېقىڭ. بۇ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى قانچىلىك ۋاقىت  داۋاملىشىشى مۇمكىن؟

يازغان خېتىڭىزنى قارشى تەرەپكە بەرگۈڭىز بولسا، بەرسىڭىز بولىدۇ. مەيلى خەتنى قارشى تەرەپكە بېرىڭ ياكى بەرمەڭ قەلبىڭىزدىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلالايسىز.

ئايدا بىر قېتىم مانا مۇشۇنداق مىننەتدارلىق خېتى يېزىشنى ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرايلى.

2023.06.20

ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ ئۇسۇلى

ئۆزىنى سۆيۈش ئارقىلىق، قايسى خىل ئۇسۇلدا سۆيۈلگۈسى بارلىقىنى باشقىلارغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

 

2023.06.21

يورۇقلۇق بار يەردە

قاراڭغۇلۇق بولمىغان بولسا ئىدى، يۇلتۇزلارنى كۆرۈشمۇ ئەسلا مۇمكىن بولماس ئىدى…

2023.06.22

ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىش خىتابنامىسى

«ھاياتىم ، تۇيغۇلىرىم، جۈملىدىن ياخشىلىقيامانلىقتىن ئىبارەت ھاياتىمدا يۈز بەرگەن بارچە ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتىم بار. شۇڭا، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالدىغا قاراپ ياشايمەن».

نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ئەھۋالغا يولۇققىنىڭىزدا، يۇقارقى سۆزلەر ئارقىلىق ھاياتىڭىزغا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىڭ.

2023.06.24

داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەڭ

بىر پۇتىڭىزنى يەنە بىر پۇتىڭىزنىڭ ئالدىغا قويۇپ بېقىڭ، يىقىلىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، پۇتىڭىز ھەرىكەتتىن توختىمىسىلا، ئالدىغا ماڭالايسىز.

ئەنە شۇنداق ۋاز كەچمەستىن ئالدىغا قاراپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ماڭسىڭىزمۇ ھېساب. مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىزلا، ھامان مەنزىلىڭىزگە يېتىسىز.

2023.06.25

كەچۈرۈۋېتىشنى مەشىق قىلىش

ئۆزىمىزنى كەچۈرۈۋېتەيلى. مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن بولسۇن ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى.

بەزى ئىشلاردا ھېچقانداق سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئەيىپلىنىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ.بولۇپمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلار.

ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز. ئەمدى ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈۋېتىپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ.

ئوقۇتقۇچىلار زىياپىتىدىن بىر كۆرۈنۈش

2023.06.26

بۇ يەردە تۇرۇش ھوقۇقىم بار

بۇمەن بولۇشقا تېگىشلىك يەر.

مەن سۆيۈلىۋاتىمەن.

باشقىلارماڭا ئىھتىياجلىق.

مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇش ھوقوقۇم بار.

2023.06.27

باشقىلارنىڭ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەشىقى

سىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم سانىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ چىقىڭ.

ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن نېمىشقا مۇھىملىقىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىسملىرىنىڭ ئاستىغا مۇھىم دەپ قارىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى يېزىپ چىقىڭ.

ئاندىن مۇمكىن بولسا، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىگە تېلېفۇندا ئېيتىپ بېرىڭ ھەمدە شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىڭىزغا دىققەت قىلىپ كۆرۈڭ.

ھېيتىمىزغا مۇبارەك

 

2023.06.28

ھەقىقى خۇشاللىق بار جاي

چىن خۇشاللىق ئەسلى كىملىكىڭىزدە ياشاشنى قارار قىلغان ئەنە شۇ پەيتتىن باشلىنىدۇ.

ئاجىز تەرەپلىرىڭىزدىن تارتىپ بارلىقىڭىزنى  قوبۇل قىلغان شۇ پەيتتە، بەخىتنىڭ ئىزچىل ھالدا سىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز.

2023.06.29

ئارقىمۇئارقا مەغلۇپ بولايلى

مەغلۇب بولۇش ناھايتى تەبىئى ئەھۋال. ئارقائارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ بېقىڭ.

مەغلۇبىيەت دەل سىزنىڭ تىرىشقانلىقىڭىزنىڭ  ئىپادىسى. تىرىشچانلىق سىزنىڭ تولۇق ياشاۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى.

مانا مۇشۇنداق ياشىغاندىلا، ھاياتنىڭ پەيزى بولىدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبى گۈلدەك گۈزەل بولىدۇ. ئۇلاردىن كەلگەن خۇش-پۇراق كۆڭۈللەرنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ.

2023.06.30

ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئادەم

ھاياتقا ھۆرمەت بىلدۈرۈڭ.

مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بولىدىغىنىغا ئىشىنىڭ.

ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ سۆيۈڭ.

يۈرۈكۈڭىزگە ئىشىنىڭ.

ھاياتىڭىزغا ئەڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشى- دەل ئەينەكتە ئەكس ئەتكەن ئۆزىڭىز.

يامغۇر پەسلى بولغان 6-ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى..بۇ ئاي باغچامدىكى ئاجىساي(ئۈنچىگۈل دېيشىكە ھېچ كۆنەلمىدىميا) گۈللىرىمدىن، ئەتىرگۈللىرىمدىن ھوزۇرلىنىۋالغان، ھەر كۈندىن ئەسلىمىلىك خاتىرە قالغان گۈزەل بىر ئاي بولدى.

بۈگۈندىن باشلانغان تومۇز ئېيىمىزدا يېڭى-يېڭى ھاياجانلىق مىنۇتلارنىڭ بىزنى ساقلاپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن~💙

 

 

***********************

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

JUNE

تارقىتىڭ...
  1. يەنە بىر نادىر. ئەسەرنى روياپقا چىقىرىپسىز،ئاپىرىن!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھەقىقى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى