دۇنيانى قانداق كۆرۈش كېرەك؟\ئىيۇل

571 قېتىم ئوقۇلدى

2023.07.01

سەمىمىي ياشاش ئۇسۇلى

ئۆزىڭىزگە سەمىمىي بولۇپ، ئويلىغىنىڭىزچە ياشاڭ. دۇنياغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ قېلىشتىن قورقماڭ. ھەر نەپسىڭىزدە ئۆزىڭىزگە«قىلالمايسەن»دەپ كەلگەن ئىشلارنى(ئەمەلىيەتتە) قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.

سىز ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس. نېمە قىلىش، قانداق ياشاشقا قارار بېرىش ھوقۇقىڭىز بار.

 

Guzlerin – Bris Akarsu

 

 

2023.07.02

كەڭ قورساق بولۇش

«شەخسىيەتچى بولۇپ كەتتىممۇ قانداق؟»دەپ دادىل ئويلىنىپ كۆرەيلى.

شەخسىيەتچىلىك–بىزگە كەڭ قورساق، مۇھەببەتلىك ئىنسان بولۇش پۇرسىتى بەرمەيدۇ.

باشقىلارنىڭ پىكرىگىمۇ قۇلاق سالايلى. ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىمۇ قوبۇل قىلايلى. كۆزقارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى بولمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلايلى. باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، ياخشى-يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىمىزنىڭ، ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. ئەسلى ئۆزى بولۇپ ياشاش پەقەت سىزنىڭلا ھوقۇقىڭىز بولماستىن، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ھوقۇقى بار.

 

 

2023.07.03

ھەقىقى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىڭىزنى تېپىش مەشىقى

قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قەغەزگە يېزىپ چىقىڭ. بەك چوڭقۇر ئويلاپ كېتىشىڭىز ھاجەتىسىز، كاللىڭىزغا كەلگىنىنى يېزىڭ. ئاندىن يۇقارقى ھەر بىر ئىشنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى كىمنىڭ ئېيتقانلىقىنى يۈرىكىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ. بەزىدە ئۆزىمىز قارار بەرمىگەن ئىشلارنى قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ كېتىمىز.

سىزگە «بۇنى قىلمىسام بولمايدۇ، ئۇنى قىلىشىم كېرەك…» دېگۈزىۋاتقىنى بەلكىم سىزدىكى گۇناھكارلىق ھېسسى، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ۋە ياكى باشقىلاردىن كېلىۋاتقان بېسىم بولۇشى مۇمكىن. مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىنلا قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھاياتىڭىز ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئارزۇيىڭىزدىكى ھايات ئۈچۈن پايدىسى بارمۇ؟

يەنە بىر قېتىم يازغانلىرىڭىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، ھاياتىڭىزدا ئەمدى كېرىكى يوق ئىشلارنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ. ئۆچۈرىدىغاننى ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ھەقىقىي قىلغۇڭىز بار، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىڭىزنى قارارلاشتۇرۇڭ.

 

 

2023.07.04

ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش

مەن ئۆزۈمنى شەرتسىز ياخشى كۆرىمەن.

ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە بولۇشىغا تېگىشلىك ئورنىدا.

 

ئائىلە بويىچە ماۋۇ كىنونى كۆرۈش كۆڭۈللۈك، سىناپ باقامسىلەر؟

 

2023.07.05

سۆز رېئاللىققا ئايلىنىدۇ

سۆز دېمەك، پۈتمەس تۈگىمەس سېھرىي كۈچنىڭ مەنبەسى.

«خاررى پوتېر» فىلىمىدىن ئارىيە

ئارزۇلىرىڭىز ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشقاندەك سۆزلەڭ. ئارزۇغا ئىشىنىڭ ھەم ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە قەلبىڭىزدىكى ئارمانلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.

شۇندىلا پۈتكۈل ئالەم ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.

2023.07.06

ئاچچىقلىنىش-ئۆزىڭىزگە زىيان

ئاچچىقلىنىش بىلەن ھېچنىمىگە  ئېرىشكىلى بولمايدۇ. غەزەبلەنگەن ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى زەربە يەپ قالىدۇ.

ئەڭ چوڭ يېڭىش غەزەبنى يېڭىشتۇر.

 

ئۇزۇن سەپەر يولىنى كۆڭۈللۈك مىنۇتلارغا تولدۇرۇش

2023.07.07

گۈزەللىكىڭىزنىڭ چېكى يوق

ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزغا ماس كەلمەيدىغان تار دائىرىنىڭ ئىچىگە سولىنىۋىلىپ، ئۆزىڭىزنى كىچىك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.

 

ئىللىق سۆز، سەمىمى قەلبى بىلەن ھاياتىمغا ئىللىقلىق بېرىپ كەلگەن دوستلىرىمغا ئەڭ گۈزەل كۈنلەر نېسىپ بولسۇن دەپ تىلەيمەن.

 

First Coffee in ARE

 

ئۈژمە

دەرىزەمدىن كەچكى شەپەق

2023.07.08

دۇنيانى قانداق كۆرۈش كېرەك

ئۈمىدۋارلىققانداقدۇر ئۆزىنى ئالداشنىڭ رېتسىپى ئەمەس!

دۇنيا تراگېدىيە ۋە رەھىمسىزلىكنىڭ ئۇۋىسى بولالىغىنىدەك، يەنە قالتىس ۋە ئاجايىپ گۈزەللىكنىڭ ماكانىمۇ بولالايدۇ. دەرۋەقە، ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەقىقەت بولسىمۇ، ئوتتۇرىدا تۇرۇۋېلىشنى ئەمەس، قايسى ھەقىقەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تاللاش مۇھىم.

Sonia Lyubomirsky

1966-يىلى موسكۋادا تۇغۇلغان، پسىخولوگ.

11يىلدىن كېيىنكى دوستلار ئۇچىرىشىشى

 

بەزى چۈشىنىش، بەزى يېقىنلىقلارغا ۋاقىت، سەۋەب كەتمەيدۇ.

 

2023.07.09

جاسارەتنى خۇددى مۇسكۇلغا ئوخشاش چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ

ۋەھىمەجاسارىتىمىزنى سۇندۇرۇپ، يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىش ئىستىكىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش. بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالدىغا سىلجىيالىساق، ئاخىرى ئۇ قورقۇنچلۇق جايدىن قۇتۇلۇپ چىقالايمىز.

قورقۇنچمىزغا قانچە يۈزلىنەلىسەك، شۇنچە كۈچلىنەلەيمىز.

 

ئەتىگەنلىك قەھۋە

سەھەردىكى مەھەللە ئايلىنىش

 

 

مىھرلىك قىزچاق

2023.07.10

مۇشۇ ھالىتىڭىزدىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە قالتىس سىز

سىز ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ قالتىس ھەم پارلاق. سىزدىكى نۇر كۈندىن كۈنگە چاقناپ، تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ جەزبىدارلىشىۋاتىدۇ ھەم كۈچلىنىۋاتىدۇ.

سىز ھازىرقى ھالىتىڭىزدىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە قالتىس سىز.

ئەتىگەنلىك ئايلىنىش

16يىلدىن كېيىنكى شاختىن ئۈژمە يېيىش…بۇ سەھەردىكى بۇ بەخىتكە گەپ كەتمەس

2023.07.11

ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى ئەسكەرتىش مەشىقى

كەمچىلىكلىرىڭىزنى ئويلىغۇدەك ۋاقتىڭىز بولسا، شۇ ۋاقتىڭىزنى ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز، تەپەككۇرىڭىز ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر پىلانلىرىڭىز ھەققىدە ئويلىنىشقا سەرپ قىلىڭ. شۇندىلا قايسى تەرەپتىن كۈچلىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلەلەيسىز.

ۋاقىتنى 20 مىنۇتقا توغرىلاپ قويۇپ، ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى يازالىغىنىڭىزچە يېزىپ چىقىڭ. ئاندىن10 مىنۇت ۋاقىتىڭىزنى سەرپ قىلىپ ئۆزىڭىزدە يېتىلدۈرمەكچى بولغانلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ. مەسىلەن: «تېخىمۇ سەۋرچان بولغۇم بار» دەپ يازغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە يۇقىرى ئاۋازدا: «مەن ناھايتى سەۋرچان» دەپ بېقىڭ.

ئەتىگەنلىك ناشتا

 

پويىزدا

2023.07.12

نومۇسچان قەلبنى كۈچلەندۈرۈش

نېمىدىن ئەڭ نومۇس ھېس قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، نومۇس ئادەمنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈرتكىسى بولالايدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نومۇس كۈچكە ئايلىنىدۇ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، نومۇسچان قەلب كۈچلىنەلەيدۇ.

 

 

 

ئەڭ گۈزەل نەرسىلەر ئۈنسىز، تىنىچ بولىدۇ. بۇ گۈزەللىك مەڭگۈ قەلبتە ساقلىنىپ قالىدۇ…

2023.07.13

ئۈمىد-ئارزۇلىرىمىز بولسۇن

دۇنيا قانچىلىك دەرىجىدە بۇلغانغاندەك كۆرۈنۈشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيانىڭ ھامان ياخشىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىمىز ئۈزۈلمىسۇن. غايىمىز بولسىلا، روھىمىز ئۇرغۇپ، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا دادىل يۈزلىنەلەيمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

كەلگۈسى توغرۇلۇق ئېنىق تەسەۋۋرىمىز بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھامان مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەيلى. ئۈمىد ئارزۇسىز نېمىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن؟ ئۈمىد ئارزۇلارغا يوشۇرۇنغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە قەتئىيلىك مۆجىزە يارىتالايدۇ.

بۇلارنىڭ رېئاللىققا ايلىنىشى ئۈچۈن قەلبىمىز ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولسۇن.

 

گۈزەل سەھەر

 

دېڭىز ساھىلىدىكى دېلكەشلىك

2023.07.14

چەك قويۇڭ

قىلالايدىغانقىلالمايدىغان ئىشلىرىڭىزغا ئېنىق چەك قويسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلەيدۇ، تەلەپلىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ھېسسىياتىڭىزغا ئىشىنىدۇ. قەلب دەرۋازىڭىزنى ئېتىۋالماستىن، نېمىنى قىلىپ،نېمىنى قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلدۈرۈڭ.

ساغلام مۇناسىۋەت يېتىلدۈرگەندىلا، ئۆزئارا مۇھەببەت ئاتا قىلغىلى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۆزئارا ھىمايە قىلغىلى بولىدۇ.

 

 

ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياغ ئېزى

 

2023.07.15

گۈزەللىكنى تاللاش

ھاياتلىقتا دىققىتىمىزنى گۈزەللىكلەرگە قاراتقانسىرى، تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىكلەرگە ئېرىشىمىز.

ئەكسىچە بولغىنىدا، نەتىجىمۇ ئەكسىچە بولىدۇ.

 

يەنە بىر گۈزەل سەھەر

 

ئۆپكە-ھېسىپ

 

2023.07.16

دۇنيا سىزگىلا موھتاج

ئۆزىڭىز بولۇڭ.

باشقىلارغا ئوخشىمايسىز، دەل شۇ ئوخشىماسلىق سىزدىكى قالتىسلىق ھېسابلىنىدۇ.

بۇ دۇنيا ئەمدى باشقىلارغا ئوخشاش پىكىر ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەملەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس.

تەپەككۇر، قوبۇل قىلىپ چۈشىنىش، قەلب چوڭقۇرلۇقى ۋە گۈزەللىكى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى خاسلىقتىن كېلىدۇ.

كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكىڭىزگە ئىشەنچ بىلەن قارىيالىغاندا، كۈنسېرى ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز.

كۈتۈلمىگەن ناشتىلىق

 

ئاخىرى….بۇلۇتنىڭ ئۈسىتىدىكى كەچكى شەپەق

 

بۇ كىنوغا ئامراقلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!

2023.07.17

قايغۇرغاندىمۇ راۋۇرۇس قايغۇرۇڭ

چۇڭقۇر قايغۇھەسرەتكە چۆككىنىڭىزدە، پۇخادىن چىققۇچە ئازابلانسىڭىز بولىدۇ. سىزنى ئازابلايدىغان ئىشلارنى ئۆتكۈزۈۋېتىىشنىڭ باشقا چارىسى يوق. ئازابلىرىڭىز، غەزىپىڭىزنى ئەسلى تەمى بىلەن تېتىپ كۆرۈڭ. يۈرىكىڭىز پارەپارە بولسىمۇ مەيلى.

يىغلىغۇڭىز كەلسە يىغلىۋىلىڭ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭقۇر نەپەس ئېلىشنى، سىزنى تىز پۈكتۈرگەن سۆيگۈنى، سىزنى ئەسىر قىلغان يېقىملىق تەبەسسۇمنى، كۈلكە ۋە خۇشاللىققا تولغان دەملەرنى ئەسلەشنى ئۇنۇتمىغايسىز.

ئازاب ئىچىدە قالغاندىمۇ خۇشاللىق تېپىش قايغۇنى پەسەيتىپ، كىشىگە ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىك بېغىشلايدۇ. ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ ھەم قەلبىڭىزدىكى تۇيغۇلارنى ئەسلى پېتىدە ھېس قىلىڭ.

ۋەتەننىڭ ئاسمىنى

2022.07.18

جاسارەتكە كېلىپ، ھەقىقەتنى سۆزلەڭ

ئەتراپىڭىزدا پەقەت سىزدىنلا ئاڭلىيالايدىغان گەپلەرنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان ئادەم چوقۇم بار!

جاسارەتكە كېلىپ، ئۆزىڭىز ئىشەنگەن چىن سۆزلىرىڭىزنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىڭ، ئاۋازلىق ئېيتىپ بېرىڭ!

ھەقىقەتنى سۆزلىيەلەيدىغان سىزنى كۆرگەن باشقىلارمۇ سىزگە ئوخشاش قىلالايدىغان بولىدۇ.

رەھمەت

2022.07.19 سەيشەنبە

ئەمدى ۋاز كېچىڭ

ئۇزۇندىن بېرى ساقلاپ كەلگەن بەزى نەرسىلىرىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.

مەسىلەن، سىزنى غېرىبلىقتا قويغان تۇيغۇلىرىڭىزدىن، سىزنى مەمنۇن قىلالمايدىغان خىزمەتتىن، بىللە بولۇشقا ئەرزىمەيدىغان ئادەملەردىن.

مانا مۇشۇنىڭدەك ئامالسىزلىقتىن كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان روھىي يۈكلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ. ۋاز كېچىش بەزىلەرگە نىسبەتەن يېڭى بىر باشلىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەيلى نېمە بولسۇن، قورقماستىن ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىڭ. ۋاز كېچىش پەقەت ۋە پەقەت بىر جەرياندىن ئىبارەت بولۇپ، ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ بېرىدىغان مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.

ناۋادا، نېمىدىن ۋاز كېچىشنى بىلەلمەيۋاتقان بىرى بولسىڭىز، ئەينەكتىكى ئۆزىڭىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ، چوڭقۇرنەپەس ئېلىڭ ۋە ئۆزئۆزىڭىزگە سوئال قويۇڭ. ئۆز ئەكسىڭىزگە گەپ قىلىش ئارقىلىق ئېڭىڭىزغا يوشۇرۇنىۋالغان بەزى نەرسىلەرنى بايقىيالايسىز.

 

 

2022.07.20

قانداق قىلغاندا گۈزەل ياشىغىلى بولىدۇ؟

خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان نەرسىلەرنى تاللاش

ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈش

باشقىلارنى قوبۇل قىلىش

كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش

باشقىلارنى ھۆرمەتلەش

ئۆزىنى سۆيۈش.

يۇقىرىقىلار تەكرارلىنىپ تۇرسا، تەبىئىي ھالدا گۈزەل تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان بولىسىز.

 

2022.07.21

تەشۋىشلەردىن قۇتۇلۇش مەشىقى

تەشۋىشپۇرسەتلەرنى ئازايتىۋېتىدۇ. تەشۋىشلەرنىڭ ئىشلىرىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىشىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھايات خەرىتىڭىزنىڭ سىرتىدىكى ئەزەلدىن خىيالىڭىزغىمۇ كېلىپ باقمىغان بوشلۇققىچە شۇڭغۇپ بېقىڭ.

ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ قارايدىغان كىچىك ئەندىشىلىرىڭىزدىن تارتىپ، ئەڭ چوڭ ئەندىشىلىرىڭىزگىچە كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرماستىن، ھەممىنى تەپسىلىي يېزىپ چىقىڭ.

ئىچىدىن بەشنى تاللاڭ ۋەئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشتىن ئىككىسىنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى يېزىپ چىقىپ، يازغانلىرىڭىز بويىچە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا، يۇقىرىقى ئامالنى قايتاقايتا سىناپ كۆرۈڭ.

 

 

2022.07.22

سىز يالغۇز ئەمەس

ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئېغىر دەملىرىڭىزدىمۇ، سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس.

چۈنكى بۈگۈنگىچە يالغۇز قالمىدىڭىز.

ھېلىمۇ ھەم سۆيۈلۈپ كېلىۋاتىسىز، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم سۆيۈلىسىز.

سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ.

مەقسەت نىشانلىرىڭىز بار.

مەۋجۇتلىقىڭىزناھايىتى مۇھىم!

2022.07.23

ئۆزىگە ئىشىنىش خىتابنامىسى

ھەرقانداق ئادەمنىڭ:«بۇ ئىشنى قىلالىشىم مۇمكىنمۇ؟»دېگەندەك ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدىغان، نېمىشقىدۇر بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرىلىگۈدەك غەيرىتىنى تاپالمايدىغان چاغلىرى بولىدۇ.

مۇشۇنداق چاغلاردا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى ھەم ئىدىئيە جەھەتتىن تەييارلىقىمىز پۈتكەندە:«ئۆزۈمدە بار كۈچكە ئۆزۈم ئىشەنمىسەم، قانداق بولىدۇ؟!» دەپ ئۆزئۆزىمىزگە ئېيتايلى.

تۆۋەندىكى سۆزنى كۈنىگە بىر قانچە قېتىم ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ ئۆزىمىزگە ئېيتساقمۇ، خالىساق قەغەزگە يېزىپ، ئۆينىڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان بىرەر يېرىگە چاپلاپ قويساقمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.

«مەندە ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېنىرگىيە بار.»

«مەن قىلالايمەن.»

«مەن چوقۇم بۇ ئىشنى قىلىپ كۆرسىتىپ قويىمەن!»

 

 

2023.07.24

«قىلالايمەن»دەپ ئويلاڭ

«قىلالايمەن»دېسىڭىز، قىلالايسىز.

ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، ئارزۇلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.

 

2022.07.25

تەشۋىشنى ئىشەنچكە ئايلاندۇرۇش

سىز«مۇكەممەل»دەپ قاراپ ئۈلگە ئالىدىغان كىشىمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاشكىملەرنىدۇر ئۈلگە ئېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئۇشبۇ ئالەمدە ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس ھەم ھېچكىممۇ غەمئەندىشىسىز ياشىيالىغان ئەمەس!

شۇنداقتىمۇ ئادەم ئۆزىنىڭ مۇكەممەلسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۆزىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى مۇھىم.

ئادەم بولغانىكەن غەمئەندىشىنىڭ بولۇشى ناھايتىمۇ نورمال بولۇپ، ئۆزىدە بار ئەندىشىلەرنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئەندىشىلەرنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

 

2022.07.26

قەلبىمىزنى ئېچىپ، دۇنياغا باقايلى

دۇنيا سىر ۋە گۈزەللىكلەرگە تولغان. بىز ئانچە پەرۋا قىلمايدىغان ئۇششاق ئىشلارغىمۇ باشقىچە نۇقتىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغىنىمىزدا، سىرتقى كۆرۈنۈشنىڭ ئاستىغا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئىشلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقاپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ھەردائىم قىزىقىش، يېڭىچە قاراش، يېڭىچە تەپەككۇرغا ئۆزىمىزنى ئاچايلى. باشقىلاردىن ئۆگىنىپ، ئۆز پۇرسەتلىرىمىزنى كېڭەيتەيلى..

ھەيران قالارلىق ئىشلار ئۈچۈن قەلبىمىزنى ئېچىپ دۇنياغا باقىدىغان بولساق، يېڭىچە بايقاشلارغا ئىگە بولىمىز، مۇمكىنچىلىك پۇرسەتلىرىمىز كېڭىيىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلەلەيمىز.

 

2022.07.27

يەنە بىر رەت سۆيۈش

مۇھەببەتتىن ۋاز كەچمەڭ.

مۇھەببەت ھامان مۇكەممەل بولمايدۇ.

ئىزچىل مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەملەر بولغىنىدەك، ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ سۆيگۈ قاينىمىغا شۇڭغۇپ باقمىغان ئادەملەرمۇ مەۋجۇت.

مەيلى قايسى تىپتىكى ئادەم بولۇڭ، سۆيگۈنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماڭ، سۆيۈشتىن قورقماڭ.

 

2022.07.28

ھەل قىلغۇچ ئامىل

ھايات -كۆرسىتىلگەن جاسارەتنىڭ نىسبىتىدە كېڭىيىدۇ ياكى تارىيىدۇ.

ئانايس. نىن

 

 

2023.07.29

غايىڭىز بولسۇن

غايە تىكلەپ، سىزنى چۈشكەللەپ تۇرغان ئىشكەللەرنى چېقىپ تاشلاڭ.

 

 

2023.07.30

ئەنسىرەش ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

ئادەم بولغانىكەن، ئەنسىرەشنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما ئەنسىرەش بىلەن ھېچنىمە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، ئەندىشىنىڭ بىزگە بېرىدىغىنى كېچىلىرى ئۇخلىيالماسلىق، دىققىتىمىزنى يىغالماسلىق، يۈرىكىمىز سىقىلىش... دېگەندەك بىئارامچىلىقلار، خالاس!

ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنىغا، قانداق قىلغاندا غەم ئەندىشىلىرىڭىزنى يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى باشقىلاردىن ياردەم سوراش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار يوقلۇقى دېگەندەك كونكرېت ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇڭ.

كۈچىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتەلمەيمىز،قىلالايدىغان ئىشلىرىمىزنى قىلغىنىمىزدا ئىشەنچكە تولىمىز. ھەرىكەت بولمىغىنىدا، ھېچنىمە ئۆزگەرمەيدۇ. ئەندىشە قىلىۋېرىش-ئەھۋالنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 

 

 

2022.07.31

بۇ دۇنيا مېھىرگە تولغان

بۇ دۇنيا ئاقكۆڭۈللۈككە تولغان، ئەمما ئۇنى ئىزدەشكە ئۇرۇنمىدۇق، خالاس.

ئىزدىسەك، ھامان تاپالايمىز!

توكيونىڭ ياز ئايلىرى بولۇپمۇ 7 –ئېيى بىلەن خوشۇم يوق! شۇنداقتىمۇ، بۇ ئاي تولىمۇ ئىللىقلىققا، گۈزەللىككە، يېڭىلىققا تولغان بىر ئاي بولدى…بۇ ئايلىق خاتىرەمنى يېزىۋىتىپ، رەسىملەرنى كىرگۈزۈۋېتىپ ئۆز كۆزۈمدە كۆرگەن، قەلبىمدە تۇيغانلىرىمنى يېزىپ قويمىسام، بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

يىل ئاي ناملىرىغا قاراپ: «رەيھان خاتالاشتىمۇ قانداق؟» دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز تەبىئىي. ئەمما يىل ئايدا خاتالىق يوق. چۈنكى، 7- ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ كىتاب بىلەن ئۇچراشقىنىمغا دەل بىر يىل بولدى. ئاساسەن ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ كىتابنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېىلىۋاتقىنىغىمۇ بىر يىل بولدى… شۇڭا ئۆتكەن يىلغا تەۋە يىلئاي قىسىملىرى شۇ بويىچە ئېلىنىۋەردى. ھەربىر بەتتىكى چىرايلىق رەسىم ھەم ئىلھامبەخش سۆزلەر بۇ بىر يىلىمغا گۈزەللىك ھەم قۇۋۋەت بەردى. ھەركۈنى ماڭا ھەمراھ بولغان بۇ كىتابقا، بىر يىللىق ئىزچىللىقنى داۋاملاشتۇرغان تىرىشچان ئۆزۈمگە، ھەر كۈنى ئىنىستىگرامدا ئېلان قىلىپ تۇرغان تەرجىمىلىرىمدە ماڭا قەلبداش بولغان بارچە دوستلارغا رەھمەت!

 

ھەركۈنلۈك تەرجىمەم شۇ كۈندىكى خاتىرە سۈرەت ھەم گۈزەل مۇزىكىلار بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ ئىنستىگرامنىڭ قىسقا ھېكايە قىسمىدا خاتىرىلەگلىك.

ئىنستىگرام: Reyahn_ablet

***********************

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

JULY

تارقىتىڭ...

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

دۇنيانى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى