ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟
روھنى پاكلاش بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ مەناسىدۇر.
ئىنامورى كازىئو
يېڭى ياپونغا كەلگەن مەزگىللەردە ئېگىلىك تىكلىگەن دوستىمىز ئوسمانجاندىن ئىنامورى كازېئو ئەپەندىنىڭ«ياشاش ئۇسۇلى»ناملىق كىتابىنىڭ ھاياتىغا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاب ئېكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم،-يۇ، «ئېگىلىك تىكلەشكە ئائىت كىتاب بولسا كېرەك»دەپ بەك قېززىپ كەتمەپتىمەن. ھالبۇكى، بىر قانچە ئاي بۇرۇن مەلۇم كىتابخۇمار دوستىمىزنىڭ بۇ كىتاب توغۇرلۇق سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ«نېمە ئۈچۈن بۇرۇنراق ئوقۇمىغاندىمەن دەپ قالدىم» دېگەن سۆزى دېققىتىمنى تارتتى.
«دېققىتىمىز قەيەردە بولسا، شۇنى تاپىمىز»دېگەندىكىدەك، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىتابخانىدا بۇ كىتابنى ئۇچىرىتىپ قالدىم–دە، ئوقۇپ بېقىش ئىستىكىدە ئىككىللەنمەستىن سېتىۋالدىم.
كىتابنىڭ تۇنجى بەتلىرىنى ئوقىۋىتىپ مۇشۇنداق نادىر بىر كىتاب بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن خۇش بولدۇم ھەم بۇ كىتاب بىلەن ئىشقا بېرىپ-كېلىش جەريانىدىكى مىتىرولاردا پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇپ كىتابقا چۆككەن بەخىتلىك مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۈم. بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن كىتاب ئوقۇۋىتىپ خاتىرىلەپ قويغان ماڭا تەسىر قىلغان نوقتىلارنى ئورتاقلىشىشتىن بۇرۇن كىتابنىڭ ئاپتۇرى، داڭلىق ئېگىلىك تىكلىگۈچى، مەن كېچىكىپ تونۇغان قالتىس شەخس مەرھۇم ئىنامورى كازىئو ئەپەندى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
Saidly Spain-Nicolade Angelis
ئۇتۇق قازىنىشىمنىڭ سەۋەبى سورىسىڭىز، مەن ئۇنچىلىك قابىلىيەتلىك بولماسلىقىم مۇمكىن. ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا ئىش قىلىشنى قوغلىشىشتىن ئىبارەت ئاددى، كۈچلۈك نىشانىمنىڭ بولغانلىقى ئۇتۇق قازىنىشىمنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
ئىنامورى كازىئو
ئاپتۇر ھەققىدە
ياپوننىڭ ئىقتىسادىغا زور تۆھپە قوشقان، داڭلىق ئېگىلىك تىكلىگۈچى ئىنامورى كازىئو 1932-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيەنىڭ كاگوشىما ئارىلىدا تۇغۇلغان. كاگوشىما ئونۋىرىستىتىنىڭ سانائەت كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1959-يىلى كىيوسېرا (ياپوندىكى داڭلىق ئىلىكتىر زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى )نى قۇرغان. 1984-يىلى ئىككىنجى ئېلىكتىر شىركىتى KDDI (ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ تىلگىراف شىركىتى)نى قۇرغان.
2010-يىلى ياپون ھاۋا يوللىرى قاتناش شىركىتىنىڭ باش لىدىرى بولغان.
1984-يىلى ئىنامورى فونتى تەسىس قىلىپ، ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سالغان.
ئۇنىڭ «قەلب»، «خىزمەت قىلىش ماھارىتى»، «تەپەككۇر ئۇسۇلى» قاتارلىق كىتابلىرى بار بولۇپ، «ياشاش ئۇسۇلى»ناملىق ئۇشبۇ كىتابى 2004-يىلى 7-ئايدا تۇنجى نەشىردىن چىققان.
كازىئو ئەپەندى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاپات بولغان.
ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟
ئالدى بىلەن سىلەردىن سوراپ باقسام، ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟
باشقىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى، كىتابتىن ئوقۇۋالغانلىرىڭلارنى ئەمەس، ئۆزۈڭلارغا خاس قەلبىڭلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
خوش، ئۇنداقتا كىتابىمىزغا قايتىپ كەلسەك، ئىنامورى كازىئو ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ كىتابىدا بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ.
ياشاشنىڭ مەناسى، ياشاشنىڭ مەقسىتى نېمە دېگەن سۇئالغا جاۋابىم شۇكى: ئۇ بولسىمۇ قەلبنى يۈكسەلدۈرۈش، روھنى پاكلاشتۇرۇشتۇر. ئۆلۈمنى كۈتىۋالغىنىمىزدا،ئۆلۈمدىن ئىبارەت يېڭى، ئۇزۇن سەپىرىمىزدە بۇ دۇنيادا تىرىشىپ–تىرمىشىپ تاپقان بايلىقىمىزنى، ئابروي–مەرتىۋىلەرنى، شانۇ-شۆھرەتلەرنى ئۇدۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيمىز. بىزنىڭ بىردىنبىر ئېلىپ كېتەلەيدىغىنىمىز پەقەت روھىمىز.
«بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟» دېگەن سۇئالغا، مەن ئىككىللەنمەستىن، ئەيمەنمەستىن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، « تۇغۇلغاندىكىدىنمۇ ياخشىراق قەلب، گۈزەل ھەم يۈكسەك روھ بىلەن ئۆلۈش ئۈچۈن».
***
بالىلىق چاغلىرىمدا ئانامنىڭ«ئەسكى بالىسەن»دېگىنى ئېسمدە. شۇ چاغدا بالىلىق روھىمدىكى قانداقتۇر يامانلىقنى ئانام ئانىلىق كۆزىدە كۆرگەن بولىشى مۇمكىن.
ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ مەن ياشانغان راھىبنى يوقلاپ باردىم ھەم ئۇنىڭغا:«روھى جەھەتتە شۇنچىلىك چارچىدىم، بەرداشلىق بېرەلمىدىم…»دېگىنىمدە، ئۇستاز ماڭا تەسەللى بەرگۈدەك بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا:«ئاسان ئەمەس! بىراق، ئامال يوق،ياشىغانىكەن چوقۇم ئازاب–ئوقۇبەت دېگەن بولىدۇ»دېگەنىدى.
ئۇ يەنە:«باشقا كۈن چۈشكەندە، چۈشكۈنلەشكەننىڭ ئورنىغا خۇشال بولسا بولىدۇ. بالايئاپەت–روھىمىزدىكى كىرلەرنى تازىلايدۇ. شۇڭا، كازىئو سەنمۇ ئۆزۈڭنى تەبرىكلىشىڭ كېرەك!». ئۇستازنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى مېنى قۇتقۇزىۋالدى ھەم ھاياتنىڭ، ياشاشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى قايتا تونۇتتى.
ياشاش سەپىرىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقلار ئاز ئەمەس. «ئازاب–ئوقۇبەتلەر نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بېشىمغىلا كېلىدىغاندۇ؟!»دەپ ياراتقۇچىدىن زارلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولىدۇ. ئاشۇنداق چاغلاردا«بۇ ئازاب–ئوقۇبەتلەر روھىمنى تاۋلاش ئۈچۈن بېرىلگەن سىناق»دەپ ئويلىغان تۈزۈك.
ئازاب–ئوقۇبەت ئادىمىيلىكىمىزنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت. ئۇشبۇ دۇنيا قەلبىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىتلىق پۇرسەت، روھىمىزنى پاكلايدىغان جايدۇر.
ئىنساننىڭ ياشاش مەناسى ھەم ھاياتنىڭ قىممىتى قەلبىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش، روھىمىزنى پاكلاشتا.
پەزىلەت قابىلىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ
بىزدە«ئالىم بولۇشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇش كېرەك»دەيدىغان گەپ بار. يۇقارقى سۆزگە شەخسىي قارىشىم شۇكى، ئالىم بولۇش ئاخىرىقى نىشان بولماستىن، ئادەم بولۇشنىڭ جەريانى،خالاس. ئاددى بىر تازىلىق ئىشچىسىدىكى ئادىمىيلىك ئالى مەكتەپ پىروففىسورىدىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئادىمىيلىك قىممەت نېمە ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ؟
ئادەم قانچىلىك قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا پەزىلەت بولمايدىكەن، قابىلىيەت توغرا يۆنىلىشكە ئىشلىتىلمىگەن، يول خاتا بېسىلغان ھېسابلىنىدۇ. توغرا بولغان ياشاش پەلسەپىسىنى يىلتىز قىلغاندا، كىشىلىك خاراكتىردىن ئىبارەت بۇ دەرەخ مەزمۇت، كۈچلۈك بولۇپ ئۆسۈپ–يېتىلىدۇ.
ھاياتتا ھەر خىل ئىزىقتۇرۇشلارغا، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، تىڭىرقاشلارغا دۇچ كېلىمىز. بەزى كۈنلىرى سەھەردە كۆزىمىزنى ئاچقىنىمىزدا خۇددى يىلتىزىدىن ئۈزۈلگەن گۈلدەك ئۆزىمىزنى كۈچسىز، باش–پاناھسىز ھېس قىپ قالىمىز.دەل مۇشۇنداق چاغدا ئەسقاتىدىغىنى روھىمىزدا يىلتىز تارتقان ئىتىقاد، ھاياتلىق پىرىنسىپى. يەنى، ھايات قاراشلىرىمىز، ئىتىقادىمىز، ئەخلاق مىزانلىرىمىز بەئەينى بىزدىكى ماياكتەك قايسى يولغا مېڭىشنى، قايسىسىنى تاللاشقا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ.
باشقىلارغا باش بولىدىغان يىتەكچى، لىدىرلاردا مۇنداق ئۈچ خىسلەت ھازىرلىنىشى كېرەك. بىرىنجىسى، مىجەز. ئىككىنجىسى، جاسارەت، ئاخىرىغا تېزىلىدىغىنى قابىلىيەت.يەنى، قابىلىيەتلىك بولۇشتىنمۇ بەكرەك پەزىلەتلىك بولۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك.
ئىنسانىيەت پەن–تېخنىكا، ئەقىل–پاراسەت، قابىليەتتە قانچىلىك يۈكسەلمىسۇن، ئەگەرئىنسانلارئادىمىيلىك پەلسەپە، تەپەككۇرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىكەن، بۇ يەرشارىنىڭ زور ئاپىتى بىلەن خاتىمىلىنىدۇ.
ئىنسانغا خاس توغرا بولغان يۆنىلىشتە مېڭىش–ماڭماسلىق پەقەت شەخسى مەسىلىلا ئەمەس. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى توغرا يۆنىلىشكە باشلاپ، يەر شارىنى ۋەيران بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى تۈزىتىشكە، توغرىلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ياپون مائارىپ بىلەن ھازىرقى مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ پەرىقى شۇكى، بالىلارغا باشقىلارغا كۆيۈنۈش، باشقىلارغىمۇ مەنپەئەت بېرىشنى ئۆگىتىش–ئۆگەتمەسلىكتە. ئۇرۇشتىن كېيىن مائارىپ ئەخلاقنىڭ تۈپ يىلتىزى بولغان دىندىن چەتنەپ كەتتى. ئەسلىدە ئەخلاقنىڭ يىلتىزى دېن بولىشى كېرەك ئىدى-د ەپ يازىدۇ ئىنامورى ئەپەندى.
تەڭرى ئاتا قىلغان بايلىقنى جەمىئەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن سەرپ قىلىش كېرەك. پايدا ئېلىشنىڭ يولى بولغىنىدەك، بايلىقنى سەرپ قىلىشنىڭمۇ يولى باردۇر.
پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەش، سەمىمىيلىك،ئەستايىدىللىق…مانا مۇشۇنداق ئاددىي ۋە ئېنىق بولغان ئەخلاق مىزان–پىرىنسىپلىرىمىزنى ساقلاپ، ئادىمىيلىك پەلسەپىمىز ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزنىڭ تەۋرەنمەس ئاساسى قىلغىنىمىزدا، ھاياتىمىز مۇۋەپىقىيەت ھەم يورۇقلۇققا قاراپ ماڭىدۇ ھەم ئىنسانىيەت تىنچلىق، بەخىت–سائادەتكە يۈزلەنگەن پارلاق يولدا بولىدۇ. مەن ئۇشبۇ كىتابنى ئەنە شۇنداق ياشاش ئۈچۈن يازدىم.
مەن ئانچە قابىلىيەتلىكلەردىن سانالماسلىقىم مۇمكىن. بىراق، بىر ئۆمۈر ھاياتىمدا توغرا قىلدىممۇ–يوق؟ قىلىۋاتقانلىرىم ئادىمىيلىكىم پىرىنسىپىم ھەم ئەخلاق مىزانىمغا زىتمۇ–ئەمەسمۇ؟ دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم ھەم بۇنى بىر ئۆمۈر ھايات قىبلىنامەم قىلىپ كەلدىم–دەيدۇ ئىنامورى ئەپەندى.
ئادىمىيلىكنى يۈكسەلدۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
ھاياتنىڭ ھەقىقىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ. كۆز ئالدىدىكى ئۆزىگە تەئەللۇق خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلەش قەلبنى يۈكسەلدۈرىدىغان، كىشىلىك خاراكتىرنى تاۋلايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك يول دەپ قارايمەن.
خىزمەت قىلىش ئەڭ يۈكسەك ئىبادەت بولۇپ، يۇقىرى قىممەت ھەم مەناغا ئېگە. ئامال بار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى مۇئاش ئالالايدىغان خىزمەتنى قىلىپ، قالغان ۋاقىتنى ئۆزىنىڭ قىزىقىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى، ئەركىن ياشاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش دەپ قارايمەن.
ئىشلەش–پەقەتلا ئىقتىسادى قىممەتلا يارىتىپلا قالماستىن يەنە ئادىمىيلىك قىممەتنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۆز خىزمەت ئورنىنى روھىنى تاۋلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئورۇن بىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، قالتىس بىر ھاياتتا ياشاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى قەلبىڭىزگە مەھكەم ئورنىتىۋىتىڭ.
ھايات قەلبنىڭ رەڭگىدە
ئىمامورى ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىمۇ«مەن نېمانچىمۇ تەلەيسىز ئادەمدىمەن!» دەپ تالاي قېتىم تەقدىردىن، ياراتقۇچىدىن ئاغرىنغان، ھاياتقا ئۆچلۈك قىلغان چاغلىرى بولغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى دىشۋارچىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمىتىھانىسىدا مەغلۇپ بولۇش بولىدۇ. ئۇلىشىپلا تۇبىركىليۇز كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ. ئۇ زامانلار تېببى ساھەت تېخى تەرەققى قىلمىغان، تۇبىركۇلىيۇز داۋالىغىلى بولمايدىغان،ئۆلۈپ كېتىدىغان كېسەل ئىدى. يامان يېرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئىككى تاغىسى، ھاممىسى دەل مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ كېسەل جەمەت كېىسىلىدەك بوپقالغانىدى. شۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ خوشنىسى موماي ئۇنىڭغا تانىگۇچى ماساخارۇنىڭ«ھاياتنىڭ رىئاللىقى»ناملىق كىتابنى ئوقۇشقا بېرىپ تۇرىدۇ. ئەينى يىللاردىكى گۆدەك ئىمامورىغا بۇ خىلدىكى كىتابنى ئوقۇش تەس بولسىمۇ ئوقۇپ چىقىدۇ. كىتابتىكى مۇنۇ جۈملە ئۇنىڭغا شۇنداق تەسىر قىلىدۇ. «يۈرىكىمىزدە ئاپەت چىللايدىغان بىر ماگىنىت بار بولۇپ، كىسەل بولغانلىق كىسەلنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئاجىز بىر يۈرەكنىڭ بولغىنىدىن». گۆدەك ئىمامورىنىڭ كاللىسى يورۇپ كېتىدۇ. ئەسلىدە ئۇ تاغىسىنىڭ كىسىلىنىڭ ئۆزىگە يۇقۇپ قىلىشىدىن قانچىكى ئەنسىرىگەنسىرى، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئاغزى–بۇرنىنى توسۇپ ئىھتىيات قىلغانسىرى ئۇ ئۆزىگە بۇ كىسەلنى شۇنچىكى تارتىپ ئەكەپتۇ.
شۇندىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە ياخشى ئىشلارنىلا ئويلاشقا قەسەم قىپتۇ. كۆپ ئوڭۇشسىزلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئىمامورى ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىردىنبىر نەرسىنىڭ ئۇنىڭ يۈرىكى ئېكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى تالاي قېتىملىق ھايات تەجىربىلىرىدىن چۈشىنىپتۇ.
«ھايات ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدۇ!»دەپ قارىغىنىمىز ئۈچۈنلا ھايات ئەنە شۇنداق بوپقالىدۇ. ھەقىقەتتە كۆڭۈل چاقىرمىغىنىنىڭ يېنىمىزدا بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئادەم تالانتى ھەم قابىلىتى يوق ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلغۇم بار دەپ ئويلىمايدۇ.
شۇڭا، تەسەۋۋۇرىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ شۇ ئىشنى قىلغان، ئۇتۇق قازانغان ھالىتىڭىزنى قانچىكى تەپسىلى سىزىپ بېرەلىسىڭىز، شۇنچىكى ئۇتۇق قازىنىش ئىھتىماللىقىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. قانچىكى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالىسىڭىز، شۇنچىكى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.
ھاياتنىڭ رەڭگى قەلبنىڭ شەكلىگە بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قەلبىڭنىڭ شەكلى قانداق بولسا، ھاياتىڭنىڭ رەڭگى شۇنىڭغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
دېمەك، ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىردىنبىر نەرسە–دەل ئادەمنىڭ يۈرىكى.
بۈگۈندە ياشىيالمىساق، ئەتىگە ئۇلىشالمايمىز
ئەتىنى كۆرەلمىسەك، بەش يىل..ئون يىلدىن كېيىنكى ئىشلارنى خىيال قىلالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟
ئالدى بىلەن بۈگۈندىن ئىبارەت بىر كۈندە راۋۇرۇس ياشاش ناھايتى مۇھىم دەپ قارايمەن. ئەنە شۇنداق ھاياتى كۈچكە تولغان كۈنلەر بەش يىل..ئون يىل داۋاملاشقاندا قالتىس بىر نەتىجىگە ئۇلىشىمىز.
بىزگە ئاتا قىلىنغان بۈگۈن، ھازىردىن ئىبارەت پەيتنى قەدىرلەپ ياشاش، پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان ھاياتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەستىن، راۋۇرۇس ياشاش كېرەك. يېغىپ ئېيتقاندا، بۈگۈندە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تىرىشىپ، ئەستايدىللىق بىلەن تولۇق ياشىيالىساق، ئەتىنى كۆرەلەيمىز.
يېقىندىن بېرى ئۇچراشقان كىتابلاردىكى، ئۇتۇق قازانغان شەخسلەردىكى ئورتاقلىقتىن بىرى-دەل ھازىردا ياشاشنى تەشەببۇس قىلىشكەن ھەم ئۇلار ھازىردا ياشىيالايدىكەن. بۇ مەنمۇ ھاياتىمدا دېققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھەم يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان نوقتامكەن.
يۈكسەك ئىتىقاد
تسۇكۇبا ئونۋىرستىتىنىڭ داڭلىق پىروففىسورى، گىن تەتقىقاچىسى كازىئو مۇراكامى ئەپەندى گىن تەتقىقاتى قىلىش جەريانىدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى كونتىرۇل قىلىپ تۇرىدىغان غايەت زور بىر كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گەرچە بۇنى پەن–تېخنىكىدا ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئاددى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل–ئىدراكىدىن ھالقىغان، ئالەم ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان كۆرۈنمەس قۇدىرەتلىك بىر كۈچ مەۋجۇت. بۇ قۇدىرەتلىك كۈچ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى كونتىرۇل قىلىپ تۇرىدۇ.
ھاياتلىقتا مۇنداق ئىككى خىل«كۆرۈنمەس قۇدىرەتلىك قول»بار بولۇپ، بىرى تەقدىر. يەنى، ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە خاس تەقدىر بىلەن تۇغۇلىدۇ. ئادەم ئەقىل–ئىدراك، نىيەتتىن ھالقىغان قانداقتۇر بىر قۇدىرەتلىك كۈچ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. باشقىلار باشقىچە قارىشى مۇمكىن، بىراق مەن تەقدىرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن. ئۇنداقتا، ئىنسان تەقدىر ئالدىدا پۈتۈنلەي چارىسىزمۇ؟
ئۇنداق ئەمەس! ھاياتلىق يىلتىزىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يەنە بىر كۆرۈنمەس قۇدىرەتلىك قول مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «سەۋەب–نەتىجە پىرىنسىپى» دىن ئىبارەت.يەنى، ياخشىلىق ياخشىلىق بىلەن، يامانلىق يامانلىق بىلەن نەتىجىلىنىدۇ،–دېگەندىن ئىبارەت. ئىنسان تەقدىر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش بىلەن بىرگە، ياخشى ئوي، ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. قەلب چاقىرمىغىنى كەلمەيدۇ.
***
ئىنامورى ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سېڭىپ كەتكەن ئىككى نەرسە بولۇپ بىرى شۈكۈر قىلىش يەنە بىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن تۆۋبە قىلىش. ئۇ ھېلىغۇ ياخشى كۈنلەركەن، باشقا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندىمۇ شۈكۈر قىلىش، پەرۋەردىگارىغا ھېلىمۇ ھايات ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، «رەھمەت» دېگەن سۆزنى بەجايىكى دۇئا كەبى چوڭ بېلىدۇ ھەم ھەر ئىش ئۈچۈن ئىختىيارسىز يۈرىكىدىن مىننەتدار بولىدۇ.
ئۇ سەل كىبىر بىلەن سۆزلەپ قويغان ياكى شۇنداق بىر ھېسلاردا بولۇپ قالغىنىدا:«رەببىم، مېنى ئەپۇ قىلغىن!»،«رەببىم، ساڭا مىڭلارچە شۈكۈرلەر بولسۇن!» مانا بۇ ئىككى قىسقىنە جۈملە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئەڭ كۆپ چىقىدىغان، ئۇنىڭ ھاياتلىق پىرىنسىپىغا، يېمىرىلمەس ئىتىقادىغا ئايلانغان جۈملە بوپقالىدۇ.
ئاچكۆزلۈك– بەجايىكى يۈرىكىمىزنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىگە يوشۇرۇنىۋالغان قۇرۇتتەك ھاياتلىق يولىمىزنى تورايدۇ.
مىننەتدار قەلب، سەمىمىيلىك بىلەن قىلىنغان تۆۋبە يۈرىكىمىزدىكى بۇ قۇرتلارنىڭ يۈرۈكۈمىزنى يەپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ ھەم ئادىمىيلىكىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ.
ئ
ئۆلگەندە تەن ئۆلسىمۇ، روھ ئەبەدى ياشايدۇ.
ئۆلۈم–روھنىڭ يېڭى بىر سەپىرىنىڭ باشلىنىشىدۇر.
يۈرەكتە ھەقىقەت بىلەن باغلانغان گۈزەل يادرو بار.
ئادەم چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىككە ئىنتىلمەي تۇرالمايدۇ. بۇ دەل ئادەملەرنىڭ يۈرىكىدە ئەنە شۇ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكلەرنىڭ ئەزەلدىن ساقلانغانلىقىدا. ئىنسان ئەسلىدىلا ۋۇجۇدىغا تەقسىم قىلىنغان نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ.
***
دۇنيادا بىرمۇ ئادەم تاساددىبى تۇغۇلۇپ قالغان، ئارتۇق يارتىلىپ قالغىنى يوق. ھەر بىر ئادەمگە تەڭرى تەرىپىدىن ۋەزىپە تەقسىملەنگەن. مەيلى ئادەملەر بولسۇن، ئۆسۈملۈكلەر، ھەتتا بىر تۈپ دەرەخ، بىر تال تاشقىچە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەلۇم ۋەزىپە بىلەن يارالغان. ئالەمنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن ھەتتا بىر تال تاشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.
شۇنداق قىلىپ بىلوگىمدا يەنە بىر نادىر كىتابتىن ئۇچۇر بەردىم. كىتابدىن ئالغىنىم يەنە بىر ئاجايىپ روھ ئېگىسى بىلەن ئۇچراشتىم ھەم ئۆزۈمنىڭ يەنىمۇ تىرىشىشىمنىڭ كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، ھاياتقا بولغان سۆيگۈم تېخىمۇ ئاشقاندەك بولدى. ھاياتنى سۆيۈش، تىرىشچانلىقمۇ يۈكسەك ئىبادەت!
خەير،ئامان بولۇڭلار~
13/08/2023 9:41 چۈشتىن كېيىن
ھارمىغايسىز ،بەك ياخشى ئەسەركەن