رازىمەنلىك-بىر خىل تاللاشتۇر/ئاۋغۇست

801 قېتىم ئوقۇلدى

رازىمەنلىك، قىيىن بىر كۈننىڭ ئاخىرىدىكى مېھىرلىك قۇچاقلاشقا ئوخشايدۇ.

ئىللىق قۇچاقلانغان، چوڭقۇر نەپەس ئالغان شۇ دەقىقىدە بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

مۇشۇ يېتەرلىك> دەپ قارىسىڭىز، قانائەت، خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيسىز. ئادەم ئۆزىدە بارىنى <يېتەرسىز> دەپ ئويلىغانسېرى، رازىمەنلىك تۇيغۇسىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.

 

 

Sarah Brightman – Scarborough Fair

 

2023.08.01

نېمىلەرنى قوبۇل قىلىپ، نېمىلەردىن ۋاز كېچىمىز؟

ئۆزگەرتىشكە قۇدرىتىڭىز يېتىدىغانلىرىنى قوبۇل قىلىپ،

ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىرىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.

 

 

 

2023.08.02

چىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش

دوستلارنىڭ ئوخشاش نەرسىگە قىزىقىشى ھاجەتسىز، ھەتتا مىجەز – خاراكتېرلىرى ئوخشىمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مۇھىم بولغىنى قەلبلەرنىڭ باغلىنىشى ھەم بۇ خىل ھېسسىي باغلىنىشنى قەدىرلەش تۇيغۇسىدۇر.

سىزنى راھەت بەلبېغىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقالايدىغان, يېڭىلىقلارغا باشلىيالايدىغان ئادەم ئۆسۈپ–يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ.

دوستلۇق ئورناتقاندا، ئۇ ھاياتىڭىزغا مېھر–مۇھەببەت، خۇشاللىق ۋە سىز تەسەۋۋرۇر قىلىپمۇ باقمىغان چوڭقۇرباغلىنىش ئاتا قىلىدۇ. چىن دوستلۇق ياخشى–يامان كۈنلىرىڭىزدە، قىسقىسى ھاياتىڭىزنىڭ ھەر پەيتىدە سىزنى ھىمايە قىلىدۇ.

دوگماتىزمدىن خالىي پەرقلىق پىكىردىكى  ئادەملەرنى قوبۇل قىلالايدىغان كەڭ قەلبىمىز بولسۇن!

 

 

2023.08.03

خۇشال بولۇشنى تاللاڭ

ھەر كۈنى، ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنت بىزگە ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئورنىغا خۇشاللىقنى تاللاش پۇرسىتى بېرىلگەن. شۇڭا ھېچ ئىككىلەنمەستىن خۇشاللىقنى تاللاڭ!

 

 

2023.08.04

گۈزەل ھايات ھەرگىزمۇ مۇكەممەل ھايات دېگەنلىك ئەمەس

ئەڭ گۈزەل ھايات – دەل ئۆزىڭىز تاللىغان ھاياتتۇر. ھاياتىڭىزنى نېمىلەرگە سەرپ قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق.

ئىشلار ئويلىغىنىڭىزدەك بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ تۇرمۇشنى تاللىغىنى دەل ئۆزىڭىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بارچە گۈزەل ھاياتنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن.

 

 

2023.08.05

سېھىرلىك پەيت

 ھايات ھەرگىزمۇ زېرىكىشلىك ئەمەس. زېرىكىشلىك تۇيۇلغان بولسا، ئۇ سىزدىكى مەسىلە. يەنى، ئەتراپىڭىزدىكى سېھىرلەرنى ھېس قىلىپ يېتەلمىدىڭىز، خالاس!

يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن – ھۈسەن بىلەن رەڭلەنگەن چىغىر يول،

ئۇزۇندىن بېرى ئالاقىڭىز ئۈزۈلۈپ قالغان دوستىڭىز بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش،

ناتونۇش بىرىنىڭ قىلغان يېقىملىق تەبەسسۇمى،

ئۇندىن باشقا، مەلۇم بىرىنى ئويلاپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ قالغان ۋاقىتلار بولۇپ باققانمۇ؟

پەيتى كەلگەندە، دېمەكچى بولغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى كاللىڭىزغا كەلگەن چاغلار بولۇپ باققانمىدى؟

بىز ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدىغان مانا مۇشۇنداق ئىشلار ئەمەلىيەتتە سېھىرلىك دەقىقىلەردۇر.

ھاياتىڭىزدىكى ئەنە شۇنداق سېھىرلىك پەيتلەرنى بايقاشنى ئۆگىنىڭ.

قەلبىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ، كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ.

ھاياتىڭىزدىكى گۈزەل تاسادىپىيلىقلار، سېھىرلىك پەيتلەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.

 

سەھەردە يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغان مەن

2023.08.06

ھېچيەرنىڭ بۇزۇلغىنى يوق

بىرەر يېرىڭىزنى ئوڭشاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاللىكىملەرنىڭ ئويلىغىنىدەك مۇكەممەل ئادەم بولۇۋېلىشىڭىزنىڭ زۆرۆرىيىتى تېخىمۇ يوق. ئادەم بولغانىكەنمىز، ئارتۇقچىلىقىمىز بولغىنىدەك، كەمچىلىكلىرىمىزمۇبولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ نۇقسان ئەمەس.

ياشىغانىكەنمىز، پۇچىلىنىپ كەتكەندەك ياكى ئۆزىمىزنى تولىمۇبەخىتلىك ھېس قىلىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، سىز قالتىس بىر ئادەم! كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقلىرىڭىز بىلەن ياشاپ كېتىۋاتقان قالتىس بىر ئادەم سىز.

 

 

2023.08.07

ئاددىي–ساددا بولۇڭ

ئاددىيلىقنىڭ ئاجايىپ ئىشلىقىنى پەقەت دانالارلا بىلىدۇ.

پائۇل كوئىلھو

1947 – يىلى تۇغۇلغان. بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى بولۇپ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى «ئەلكىمياگەر».

 

 

2023.08.08

ئۆزىڭىزنى ياخشى كۈتۈشنى بىلىڭ

ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ.

ياخشى غىزالىنىڭ.

ياخشى ئارام ئېلىڭ ۋە تۇرمۇش رېتىمىڭىزنى ئاستىلىتىڭ.

ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

ئون مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، ۋاراقچىلارغا ئۆزىڭىزنى ماختايدىغان سۆزلەرنى يېزىڭ ۋە پورتمىلىڭىز، تازىلىق ئۆيى ياكى سىز ئامراق ئىستاكان دېگەندەك كۆزىڭىزگە ئاسان چېلىقىدىغان يەرلەرگە قويۇپ قويۇڭ.

كېيىنچە، تۇيۇقسىز قولىڭىزغا چىقىپ قالغىنىدا ياكى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ياخشى تەرەپلىرىڭىز بارلىقىنى سىزگە ئەسلىتىپ قويىدۇ.

 

 

2023.08.09

ئۈمىد-ئارزۇلىرىڭىزنى سۆز بىلەن ئوچۇق ئىپادىلەڭ

قايسى تەرەپلىڭىزنى ئۆزگەرتكۈڭىز بولسا، ئۇلارنى كونكرېت سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەڭ.

 

2022.08.10

ئۆز تەپەككۇر ئۇسلۇبىنى چۈشىنىش مەشىقى

كەلگۈسىدىكى ئۆزىڭىزگە خەت يېزىڭ. ھازىر نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى، نېمىلەردىن ئەندىشىلىنىپ، نېمىلەرگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى، ھاياتتىكى نىشانىڭىز، تېخىمۇ تىرىشىپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىز، ئۆزىڭىزگە بېرىدىغان مەسلىھەتىڭىز، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئۆزىڭىزگە يەتكۈزمەكچى بولغان ۋە ھاياتتىن ئالغان ساۋاقلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ.

ئاندىن خەتنى پېچەتلەپ، مەخپىي بىر جايدا ساقلاپ قويۇڭ ،تېلېفونىڭىزنىڭ ئەسكەرتكۈچىسىگە بۈگۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ئارىلىقنى ”خەتنى قايتا ئېچىش ۋاقتى“ قىلىپ بېكىتىپ قويۇڭ (شۇنداق، ۋاقتى كەلگەندە خەتنى ئاچىسىز). نەچچە يىلدىن كېيىن ئۆزىڭىزگە يېزىلغان خەتنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۆتمۈشتىكى تەپەككۇر ئۇسلۇبىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيسىز.

 

 

 

2022.08.11

ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ

ۋاقىت قەلب جاراھەتلىرىنى ساقايتىدۇ. بىراق بەزى جاراھەتلەر باركى، شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ، كۈتكىنىمىزدەك ياخشىلىنىپ كېتەلمەيدۇ..

ئەمما ھېچقىسى يوق. سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇلىدا  داۋالىيالايسىز.

ھازىرقى «ھېچقىسى يوق» بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى «ھېچقىسى يوق»لار بىلەن ئوخشاش مەنىدە بولمىغان تەقدىردىمۇ، سىز ھامان ئۆزىڭىزنى داۋالاپ كېتەلەيسىز.

 

 

2022.08.12

ھەرقانداق تۇيغۇڭىزنى قوبۇل قىلىڭ

ئازابلانغاندا، ئازابنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، يالغاندىن خۇشال قىياپەتكە كىرىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

خۇشاللىق بىر خىل كۈچ بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ كېڭىيىدىغان بوشلۇققا مۇھتاج.

 باشقا تۇيغۇلىرىڭىزغا ئورۇن بېرىشتىن بۇرۇن، قايغۇ – ھەسرىتىڭىز ئۈچۈنمۇ ئاجراتقان بوشلۇقىڭىز بولسۇن.

قەلبىڭىزدە قانداق تۇيغۇ بولسا، ھەممىنى سەمىمىيلىك بىلەن شۇ پېتى قوبۇل قىلىڭ.

تۇيغۇلار پەقەت ۋاقىتلىقلا بولۇپ، ھامان يوقىلىدۇ.

تەييارلىقىڭىز تەل بولغاندا، ئالدىغا قاراپ قەدەم ئالالايسىز.

قەلبىڭىزگە ئەسلى ھالىتىدە قۇلاق سېلىڭ.

 

 

2022.08.13

كېرىكى قالمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىڭ

ئەمدى كېرىكى قالمىغان ئۆتمۈشتىن ۋاز كېچىڭ.

مەيلى ئادەم ياكى نەرسە بولسۇن ۋەياكى كونا تەپەككۇر ئۇسلۇبىڭىز بولسۇن، كېرەكسىزلىرىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن بىر تەرەپ قىلىۋېتىڭ. بوش قالغان ئورۇنغا ھەقىقىي مۇھەببەت، سەمىمىي رىشتە ۋە گۈزەل تۇرمۇشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭ.

 

 

2022.08.14

ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ

قەددىڭىزنى رۇسلاپ ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا،

دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى كۆرەلەيسىز!

 

2023.08.15

ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈڭ

مەيلى قەيەردە بولۇڭ، ئەتىگەنلىك قۇياش ھەم كەچكى شەپەقنى ئوخشاشلا كۆرەلەيسىز.

ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكىنى ھېس قىلالامسىز–يوق، گەپ ئۆزىڭىزگە باغلىق.

دېمەكچى، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلەيدىغان بولۇڭ.

Cheryl Strayed

«كۆرۈشكىچە 1600 كىلومېتىر»دىن

 

2022.08.16

رازىمەنلىك – بىر خىل تاللاشتۇر

رازىمەنلىك، قىيىن بىر كۈننىڭ ئاخىرىدىكى مېھىرلىك قۇچاقلاشقا ئوخشايدۇ.

ئىللىق قۇچاقلانغان، چوڭقۇر نەپەس ئالغان شۇ دەقىقىدە بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

مۇشۇ يېتەرلىك> دەپ قارىسىڭىز، قانائەت، خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيسىز. ئادەم ئۆزىدە بارىنى <يېتەرسىز> دەپ ئويلىغانسېرى، رازىمەنلىك تۇيغۇسىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.

 

 

2022.08.17

قارار قىلىدىغان ئادەم دەل ئۆزىڭىز

 

ھايات – ئۆز قولىڭىز بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقىدىغان بۇيۇم.

سىز قانداق تۇرمۇش بەرپا قىلىۋاتىسىز؟

ئۆزگەرتىدىغان يەرلىرى بارمۇ؟

بار بولسا، ھاياتىڭىزدا نېمىلەرنى ئۆزگەرتمەكچىسىز؟

ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نېمە قىلىشڭىز كېرەك؟

 

 

2023.08.18

ئۆزىنى ھۆرمەتلەش خىتابنامىسى

ھازىر مەن كۈچلۈك، مەن قالتىس، مەن تالانتلىق، مەن بۇ دۇنيادا مەۋجۇت، مەن ئەڭ ياخشى نەرسىلەرگە لايىق.

 

 

2022.08.19

نۇمۇسنىڭ ماھىيتى

نومۇسسىزلىق دېگىنىمىز، بىراۋلارنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدە توقۇغان يالغانچىلىقىدۇر.

Anaïs Nin

 

 

 

2022.08.20

ئارزۇ روياپقا چىقىشقا تەييار

ھاياتنىڭ ھەر خىل سىناقلىرىدىن ھالقىپ بۈگۈنگە كەلدىڭىز. ھازىرقى ئورنىڭىز دەل سىز بولۇشقا تېگىشلىك جاي. ھازىر ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن لازىملىق ھەممە نەرسە تەل، پەقەت ئۆزىڭىزلا كەم.

دېمەك، ئىزچىل زارىققان ئارزۇيىڭىزغا قاراپ ئۇچىدىغان پەيتىڭىز كەلدى.

 

 

2023.08.21

ئىشەنچ

 سېنى ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر بولسا بولۇۋەرسۇن.

بىراق، سېنىڭ ئۆزۈڭنى سۆيەلەيدىغان بولۇشۇڭنىڭ ئۆزى–ئۆزۈڭگە ئاتا قىلالايدىغان ئەڭ ئېسىل سوۋغاڭدۇر.

 

 

2023.08.22

ئەمدى يۇقىرى ئۆرلىسەڭلا بولىدۇ

ئەزەلدىن چىقىپ باقمىغان چوققىغا يېتىش ئۈچۈن، نەقەدەر چۇڭقۇرلۇققا چۈشۈپ باقمىسا بولمايدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ.

 

 

 

2023.08.23

ئۆزىڭىزنى چۈشىنىڭ

شۇ دەقىقىدە قانداقراق سۆزلەرنى ئاڭلىغۇڭىز بار؟ ئاڭلىغۇڭىز بار سۆزلەرنى قەغەزگە يېزىپ چىقىڭ.

سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەرىپىڭىز قايسى؟ بۇنىمۇ قەغەزگە يېزىڭ.

ھازىرغىچە سىز يولۇققان سىناقلاردىن ئۆگەنگەنلىرىڭىز نېمە بولدى؟ ھەممىنى تەپسىلىي يېزىڭ.

سىز ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان كۈچنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزىڭىزگە بېرەلەيسىز.

ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر قالتىس، كۈچلۈك ۋە قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىيالايدىغان ئىقتىدارىڭىز بارلىقىنى ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ قالتىسلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ئۆزىڭىزدىن باشقا كىم بار؟!

 

 

 

2023.08.24

قىيىنچىلقمۇ زۆرۈر

 

قىيىنچىلىقنىڭ ئازابلايدىغىنى ھەقىقەت بولسىمۇ، ئەمما ھاياتنىڭ بەزىدە ئۇچراپ تۇرىدىغان قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىش ئارقىلىق قەيسەرلىك ۋە جاسارەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇ بىزگە ئەڭ قەدىرلەيدىغانلىرىمىزنى چىڭ تۇتۇشنى، ئەرزىمەس ئىشلاردىن ۋاز كېچىشنى  ئۆگىتىدۇ.

ئۇ يەنە بەك ئۇچۇپ كەتمەسلىكنى، ھايات سۈرئىتىنى بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى، قۇياشنىڭ تەپتىدە كۆيۈپ كەتمەسلىكنىمۇ ئۆگىتىدۇ.

ھايات گۈزەل، ھەقىقەتەنمۇ تولىمۇگۈزەل.

تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ياشاش ئۈچۈن بەزىدە قىيىنچىلىقنىڭ بولۇشىمۇ زۆرۈر.

 

 

2022.08.25

يېڭى باشلىنىش

 

مەلۇم ئىش ئاخىرلاشقاندا، يېڭى بىر ئىش باشلىنىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ ھاياتنىڭ تەبىئىي يۆنىلىشى.

خۇشاللىق ھامان ئازابنىڭ قارشى قۇتۇبىدا. ھاياتنى ئۆز ئېقىشىغا قويۇپ بەرسىڭىز، يېڭى بىر باشلىنىش پۇرسىتى ھەر ۋاقىت تېپىلىپ تۇرىدۇ.

 

 

2023.08.26

سۆزلىرىڭىز كىملىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

سىزدە قانچىلىك مۇمكىنچىلىك ھەم يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم بەلگىلىيەلمەيدۇ.

باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك، ئۆزىڭىزدىن پەخىرلەنگۈدەك ئىشلارنى قىلىڭ.

نۇرلۇق چاقناپ، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك چاقنىيالىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلىڭ. ئۆزىڭىزنى دۇنياغا كۈچلۈك ئىنسان سۈپىتىدە بىلدۈرۈڭ.

 

2023.08.27

ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىشنىڭ قۇدرىتى

ئۆزىڭىزنى قەدىرلەش–ئۆزىڭىزدە كۆرۈشنى خالىمايدىغان ناچار تەرەپلىرىڭىز، كەمچىلىكلىرىڭىزنى قوبۇل قىلغان دەقىقىدىن باشلىنىدۇ.

ئۆزىگە كۆيۈنۈش ئۆزىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇشنىڭ يولى بولمىغىنىدا، بىز يەتمەكچى بولغان غايىمىزدىكى ئۆزىمىزمۇ بولالمايمىز.

 

 

2023.08.28

بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق خۇشال بولۇشنى مەشىق قىلىش

 

كىشىنىڭ كەيپىياتىنى خۇشاللىققا باشلىيالايدىغان مۇزىكىدىن بەشنى تاللاڭ، قانداقلا مۇزىكا بولسا بولىدۇ، يادىڭىزغا كەلگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇڭ.

ھەپتىدە بىرەر قېتىم، مۇزىكىغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناڭ. بىرەرسى كۆرۈپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. كۆرۈپ قالسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ. ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئويناڭ. قانداق ھېسسىياتتا بولىسىزكىن، قېنى سىناپ كۆرۈڭ. ئۇسسۇل ئويناپ بولغاندىن كېيىن، ناچار كەيپىياتلارنىڭ نەلەرگىدۇر غايىب بولغىنىنى چوقۇم بايقايسىز.

 

2023.08.29

دەسلەپتىلا مۇكەممەللىك تەلەپ قىلماسلىق

 

يېڭى – يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىڭ. مەغلۇب بولۇشتىن قورقماستىن، چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىڭ، نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئىشنىڭ دەسلىپىدىلا بەك ئۇلۇغ نىشاننى كۆزلىمەسلىك كېرەك، يۈز بېرىشقا تېگىشلىك ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ. ئىرادىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىناپ باقىدىغان، ئۆزىڭىزگە قىيىن بىلىنىدىغان ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلىڭ. پەقەت قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان كىشىلەرلا مۆجىزىگە ئېرىشەلەيدۇ.

 

 

2022.08.30

پۇشايمان قىلغاندىن كۆرە، ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش

 

ھايات ئۆزگىرىشچان نەرسە، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلسىمۇ بەرىبىر. ۋاقتىڭىز بولسا، پۇشايمان قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تېخىمۇ سۆيۈڭ، مەيلى بۇ سۆيگۈ قەلبىڭىزنى يارىلاندۇرغان تەقدىردىمۇ. ئاندىن، ئازابنى ھېس قىلالايدىغان سۆيۈملۈك ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈۋېتىڭ، ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ ۋە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەڭ. ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، كۆپرەك سەيلى – ساياھەت قىلىڭ. ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ، ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. خىزمەتكە زىيادە بېرىلمەستىن، ئۆزىڭىزگە خاس ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قېلىڭ. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئۆكۈنۈشلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ ۋە ئۆزىڭىزدىن ئىپتىخارلانغۇدەك ياشاڭ!

 

 

2022.08.31

چىقىلغاندىلا يېڭىدىن قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ

ئىمارەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن، پۈتۈنلەي چېقىۋىتىشكە ۋە ئۇلىدىن تارتىپ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ.

غايىڭىزدىكى ئۆزىڭىز بولۇش ۋە ئۆزىڭىز پەخىرلەنگۈدەك ياشاش ئۈچۈن يەنىلا كېچىكمىدىڭىز. ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، شۇنداق.

چۈنكى، بىز ھەر قاچان يېڭىباشتىن باشلىيالايمىز!

 

خەير-خوش ياز!

 

8-ئاي ئاپتاپپەرەستەك قۇياشقا لىق تويۇنغان ئاي. يىللاردىن بىرى بۇ يىلقى ئىسسىق بەكرەك جاندىن ئۆتكەندەك…مەن يەنىلا كۈزگە ئامراق.

خەير، ئامان بولۇڭلار!

 

ھەركۈنلۈك تەرجىمەم شۇ كۈندىكى خاتىرە سۈرەت ھەم گۈزەل مۇزىكىلار بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ ئىنستىگرامنىڭ قىسقا ھېكايە قىسمىدا خاتىرىلەگلىك.

ئىنستىگرام: Reyahn_ablet

***********************

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

 

تارقىتىڭ...
  1. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،يازمىلىرىڭىزنى ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇيمەن!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

رازىمەنلىك-بىر خىل تاللاشتۇر/ئاۋغۇست"

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى