كىتاب/يەرشارىدىكى ئەڭ خۇشال ئادەم(1)

961 قېتىم ئوقۇلدى

Evgeny Ginko-Jane Maryam

 

كىتاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

رەيھان ئابلەت

 

بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان كىتابنىڭ ئىسمى«يەر شارىدىكى ئەڭ خۇشال ئادەم».

ھالبۇكى، بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى گىرمانىيەلىك يەھۇدى ئېدى جەكۇ بولۇپ، ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە ناتسىسلارنىڭ بىر قانچە لاگىرى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئۆلۈم لاگىرى بولغان ئاۋشۋىتىس شاھىدى.

ئېدى لاگىرىدا ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قىيناشلارنى،  ئاچارچىلىق، ئېغىر ئەمگەك ئازابىنى، ئەڭ مۇھىمى ھەر كۈنى ئۆلۈم بىلەن ھايات ئوتتۇرىسىدىكى چىدىغۇسىز ۋەھىمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادىمى بولغان ئانىسى، تۇنجى ئۇستازى ھەم ئۈلگۈسى بولغان دادىسى لاگىردا زەھەرلىك گاز بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. قېرىنداشلىرى، دوستلىرىدىن ئايرىلىدۇياشلىقى مانا مۇشۇنداق چىدىغۇسىز ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە، قورقۇنچلۇق ۋەھىمىدە ئۆتكەن ئېدى ئۆزىنى يەنە «دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشى» سانايدۇ، بۇ زادى  نېمە ئۈچۈن؟

ئۇشبۇ كىتابتا رىئاللىقنىڭ چۇڭقۇر ئازاب ۋە تىراگىدىيەسىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرىدا ئەڭ گۈزەل بەخىتكە ئېرىشكەن ئېدى جەكۇنىڭ چىن ھايات سەرگۈزەشتىسى يېزىلغان بولۇپ، ئۇ 100 ياشقا كىرگەندە نەشىر قىلىنىدۇ ھەم دۇنيادا زىلزىلە قوزغايدۇ.

بۇ كىتاب ماڭىمۇ ئەڭ تەسىر قىلغان كىتابتىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، كىتابتىكى چىن قۇرلار، ۋەقەلىكلەر يۈرەكنى تىتىرىتىدۇ، ئۇخلاپ قالغان ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرىمىزنى ئويغىتىدۇ.

ھەقىقى نەرسىلەر مەيلى قانچىلىك ئازابلىق بولسۇن يۈرەكنى لەرزىگە سالىدۇ. ئەڭ مۇھىمى80 يىل ئاۋۋالقى بۇ تۇيغۇلار، ۋەقەلىكلەر بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان سىز ھەم  مېنىڭ تۇيغۇلىرىم بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ.

كىتابتا باشتىنئاخىرى ئەخلاق، ئادىمىيلىك پەلسەپىسى..ئۇنى قىلىڭ، بۇنى قىلىڭدېگەندەك ئىش ئۆگىتىدىغان، ۋەز سۆزلەيدىغان مەزمۇن يوق. لېكىن، كىتابنى ئوقۇغان ئەقلىھۇشى جايىدا ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئويغىنىدۇ، ئېدى بىلەن بىرگە ئازابلىنىدۇ، ئۇرۇشتىن، ئادىمىيلىك قىلىپىدىن چىققان بەتبەشىرە رەھىمسىزلىكتىن سەسكىنىدۇ، ئىنسانى مىھرمۇھەببەت، ئائىلە، دوستلۇق، ھاياتنىڭ نەقەدەر يۈكسەك قىممىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىدۇ.

ئۇندىن باشقا دېققىتىمنى قوزغىغان يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئېدى ئېغىر روھى يارىلىرىدىن پىسخولوگىيە ئۆگىنىش ئارقىلىق ۋە ياكى پىسخولوگلارنىڭ ياردىمى بىلەن ساقايمايدۇ. ئۇ بۇ يارىلىرىنى تەبىئىي ھالدا ئۆزى داۋالايدۇ ھەم يارىلار بىلەن تولغان ھاياتىدىن تولىمۇ گۈزەل، چاقناپ تۇرغان سۈزۈك بەخىتنى تاپىدۇ.

ئېدى ئۇشبۇ كىتابنى ئۆزى كۆرگەن قورقۇنچلۇق تارىخنىڭ تەكرارلانماسلىقى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرىدۇ.

ئېدى جەكۇنىڭ ھاياتى بۈگۈنكى دۇنيادىمۇ 80 يىل ئاۋۋالقى قارا تارىخنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رىئاللىق ئىچىدە تولغىنىۋاتقان بىزلەرنىڭمۇ دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال ئادەم سۈپتىدە ياشىيالايدىغانلىقىمىزدەك ئۈمىدنى بىزگە ئاتا قىلالايدۇ.

ئېدى جەكۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

 

ئېدى جەكۇ 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى شەرقى گىرمانىيەدىكى لېيپزىگ شەھرىدە يەھۇدى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

1933- يىلى يەھۇدىيلارنىڭ مائارىپ ئېلىشى چەكلەنگەنلىك سەۋەبىدىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان ئېدى «گىرمانىيەلىك يىتىم بالا»لىق يالغان سالاھىيەت بىلەن ئۆيدىن پويىزلىق توققۇز سائەت كېلىدىغان  يېراق بىر شەھەردىكى ئىنژىنىرلىق كەسپى مەكتىپىگە ئوقۇشقا بارىدۇ.

ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ بەش يىللىق ھاياتى ئەسلى سالاھىيتىنى يوشۇرۇپ، ئاتائانىسىز، ئۇرۇقتۇغقانسىز ھەتتا، ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقىسىز ياشىشى ئاسان ئەمەس بولۇپ، بۇ يىللاردىكى غېرىبلىق، يالغۇزلۇق ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ.

1938-يىلى ئۆيگە قايتقان ئېدى ناتسىسلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، بۇخىنۋالددىكى لاگىرغا سولىنىدۇ. شۇندىن كېيىن بىر قانچە قېتىم لاگىردىن قېچىش، تۇتۇلۇشلار داۋاملىشىپ، 1943-يىلى ئائىلە بويىچە ئاۋشۋىتىسقا ئەۋەتىلىدۇ.  ئېدى ئاۋشۋىتستا ئاتائانىسىدىن ئايرىلىدۇ. ھەر كۈنى ھايات-ماماتلىق ئىچىدىكى ئېغىر قاباھەتتە ياشايدۇ.

1945-يىلى ئامېرىكا قوشۇنى تەرىپىدىن قۇتقۇزېۋىلىنىدۇ. 1950-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئاۋستىرالىيەگە كۆچمەن بولۇپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.1992-يىلىدىن باشلاپ 72 ياشلىق ئەيدى سىدنى يەھۇدىيلار مۇزىيخانىسىدا خالس ئىشلەيدۇ. 2016-يىلى96 يېشىدىن باشلاپ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى يۇتىيۇبتا سۆزلەشكە باشلايدۇ. 2019-يىلى99 يېشىدا «تېد پاراڭلىرى»دا سۆزلەپ دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغايدۇ. 2021-يىلى7-ئايدا ئۇشبۇ كىتاب نەشىر قىلىنىپ، 10-ئايدا ئېدى 101 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

***

ھاياتىڭىزنى گۈزەللەشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ھاياتىڭىز گۈزەللىشىدۇ.

بەخىتنى تاللىغىلى بولىدۇ. بەخىتنى تاللامسىزتاللىمامسىز ئۆزىڭىزگە باغلىق.

Life can be beautiful if you make it beautiful. It’s up to you.

 

 

 

كىتابنىڭ تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز ھەر جۈمە كۈنى كەچتە دىققىتىڭىز بىلوگىمدا شۇنداقلا ئىنىستىگرامدا بولسۇن.

رەيھان ئابلەت

 

ئەسكەرتىش: مەيلى بىلوگىم ياكى باشقا تاراتقۇلاردا بولسۇن، يوللاۋاتقىنىم ماڭا خاس ئىجادى ئەمگەكلەر، خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. باشقا تاراتقۇلاردا تارقاتماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن رۇخسىتىمنى ئالغايسىز.

تارقىتىڭ...
  1. ئەمگىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت
    شۇنداق ياخشى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ

  2. بولسا ياپونلانىڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىنمۇ چۈشەنچە يىزىپ ھەمبەھىرلىگەن بولسىڭىز سايىڭىزدە ئاز تولا ئىلىملىك بوپ قالاتتۇق

    • ياپونلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن سىرىت «ۋۇييۇ»ئەسىرىدىن بىرەرنى ئوقۇغۇدەك بولماپتىمەن ئۆزۈممۇ، ئوقۇغۇنۇم ھەم تەرجىمە قىلغىنىم ئاساسەن پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلار.

  3. ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ بەش يىللىق ھاياتى ئەسلى سالاھىيتىنى يوشۇرۇپ، ئاتا–ئانىسىز، ئۇرۇق–تۇغقانسىز ھەتتا، ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقىسىز ياشىشى ئاسان ئەمەس بولۇپ، بۇ يىللاردىكى غېرىبلىق، يالغۇزلۇق ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ.ئەمدىلا منىڭمۇ 12 ياشتىن ئاشقان قىزىم كۆز ئالادىمغا كەلدى
    ھارمىغايسىز

  4. بۇ تونۇشتۇرۇشنى كۆرۈپلا كىتابقا قىزىقتىم ۋە دەرھال ئېلكىتابىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇشنى باشلاپ كەتتىم. ھازىر بىزدە كېچە سائەت 1:45 بوپتۇ، كىتابنىڭ ئاخىرقى بېتىنى ئوقۇپتىمەن. بۇ كىتاب ھەققىدە يەنە يازغىنىڭىزدا ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىمەن. مۇشۇنداق ئېسىل كىتابنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب/يەرشارىدىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى