2022.11.1
«قىلالمايمەن» پەقەتلا بىر قىياس، خالاس
مۇمكىن بولۇش ئىھتىمالىنى چەكلەيدىغان بىردىنبىر نەرسە-ئۇنى قىلالىشىم مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلىۋالىدىغان ئۆزىڭىز.
「できない」は思い込みに過ぎない
可能性を狭めるものはただひとつ、できるはずがないと思うあなた自身だ。
Garden secret -Richard clayderman
2022.11.02
مۇكەممەللىك قوغلاشقاندىن كۆرە، تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتىپ باقايلى
تۇرمۇشتا جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئەگىپلا يۈرىدۇ. يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق بولغىنىدەك، خۇشاللىقلا ئەمەس، قايغۇ ۋەئازابنىڭ تەمىنى تىتىپ بېقىشمۇ ئىنساننىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان جەريان.
ھازىرقى قىيىن كۈنلىرىمىزدىن ھالقىيالىساق بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان ھايات ئېكەنلىكىنى بايقىيالىساق، تېخىمۇبەخىتلىك بولالايمىز.
ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەنگەندە، قىيىن ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز. ھازىرنى، ئۆتۈپ كەتكەن كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئاكتىپ قوبۇل قىلالايدىغان بولىمىز.
完璧を求めるのではなく、考え方を変える
人生に苦労や困難はつきものだ。光と闇があるように、人間として成長するためには、喜びだけではなく、悲しみや苦しみを経験する必要がある。
苦労を乗り越えた先に最高に素晴らしい人生が待っていることに気づけば、より幸せになれる。
物事をポジティブに考えられるようになると、辛い状況に陥っても行良い面を見つけられるようになり、現在、または過去の経験を肯定的に受け取れるようになる。
2022.11.03
ھۆرمەت،مىھرىبانلىق، مۇھەببەت
مەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، مىھرىبانلىقىغا، شۇنداقلا مۇھەببىتىگە لايىقمەن.
باشقىلارنىڭ دىققەت-ئىتىبارىغا ئەرزىيدىغان موھىم شەخسمەن.
كەچۈرمىشلىرىم تولىمۇ قىممەتلىك.
مەۋجۇتلۇقىمنىڭ مەناسى بار.
مەن سۆيۈلىۋاتىمەن.
尊敬、親切、愛
私は人から尊敬され、親切にされ、愛されるに値する。
私は注目される重要な存在。
私の経験は貴重で、価値のあるもの。
私の存在には意義があり、私は愛されている。
2022.11.04
زۆرۈر بولغىنىنى قىلىش
ئەگەر ھەممىنى تاشلىۋەتكىڭىز بولسا، تاشلىۋىتىڭ.
يىغلىغۇڭىز كەلگەن بولسا، يىغلىۋىلىڭ.
ئاچچىقىڭىز كەلگىنىنى بايقىسىڭىز، ئاچچىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ.
ئۇسسۇل ئوينىغۇڭىز كەلگەن بولسا، ئوينىۋىلىڭ.
يىغلىۋىلىش، سەمىمىيلىك بىلەن بىلەن ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان بارچە تۇيغۇلارنى قوبۇل قىلىشلارنىڭ روھى بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى بار. ئۇندىن باشقائۇسۇل ئويناش ئارقىلىقمۇ روھى-كەيپىياتنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
«ئۇنى قىلسام بولمايدۇ، بۇنى قىلسام بولمايدۇ..» لار بىلەن ئۆزىڭىزگە ھۆكۈم قىلماستىن، ئۆز-ئۆزىڭىزنى تۈرلۈك كىشەنلەر بىلەن چەكلىمەستىن يۈرىكىڭىزدىن ئىھتىياجلىق بولغانلىرىڭىزنى قىلىڭ.
必要なことをする
全てを投げ出したくなったら、そうしなさい。泣きたくなったら、泣きなさい。
怒りを感じたら、自分が怒りを感じていることを認めなさい。
踊りたくなったら、踊りなさい。
涙を流したり、胸にわき起こった感情を素直に受け入れる事は、ストレスを減らすなどのヒーリング効果が期待できるし、踊ると魂がリフレッシュする。
こんなことをしたらいけないのではないか…と判断したり、自ら制限したりせず、心が必要だと感じることをしよう。
2022.11.05
بەخىت-يېتىشتۈرىدىغان نەرسە
بەخىتنى ئۆزىمىز تاللايمىز، باشقىلار بىزگە بەرمەيدۇ ھەم بېرەلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىزدىن تاپالايمىز. ئوت يالقۇنىنى ئۆزىمىز ياندۇرۇپ، ئۆزىمىز كۆيدۈرىمىسەك بولمايدۇ.
قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى خۇشال ھېس قىلىسىز؟ قانداق ۋاقىتتا قەلبىڭىز تىنچلىنىدۇ؟ ۋاقىتنىمۇ ئۇنتۇلدۇرغۇدەك دەرىجىدە سىزنى مەشغۇل قىلدۇرالايدىغان نەرسە زادى نېمە؟
شۇنداق، دەل ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىش! قەلبىڭىزگە ئوت ياقالىغۇدەك ئىشلارنى ئىزدەپ بېقىڭ. ھەركۈنىڭىزدىن كىچىككىنە ئىشلاردىن بولسىمۇ خۇشال بولۇشنى يېتىشتۈرۈپ بېقىڭ.
بەخىتلىك تۇرمۇش دېگىنىمىز، ئەنە شۇنداق كىچىك-كىچىك خۇشال دەقىقىلەرنىڭ يېغىندىسى.
幸せは育てるもの
幸せは自ら選び取るもの。人から与えられるものではないし、自分自身のなかにしか見つからない。
自分で火をつけ、その火をあおいで燃え上がらせてなければならない。
幸せを感じるのはどんな時だろう?
どんな時にほっとするだろう?
時間が経つのも忘れてしまうほど夢中になれるものはなんだろう?
そう、自分の好きなことをすればいいのだ。
魂に火がつくようなことを探そう。
毎日少しずつ幸せを育てていこう。幸せな人生と言うのは、小さな幸せな瞬間が積み重なったものにほかならないのだから。
2022.11.06
ياردەم سوراش ئاجىزلىق ئەمەس
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياردەمگە موھتاج چاغلىرى بولىدۇ. ئۆزى يالغۇز كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر يۈكنى يەلكىسىگە ئارتىۋىلىش ئۆزىنى پۇشايمان، ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا ھېچ نەرسە بولمىغان قاقاسلىققا قاماپ قويغانغا ئوخشاش.
باشقىلاردىن يارىدەم سوراشنىمۇ ئۇنۇتماڭ. باشقىلارغا تايانمانمايدىغان كۈچلۈك بولىۋىلىش ماختىغۇدەك ئىش ئەمەس. بىراۋدىن ياردەم سوراشمۇ كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىسپاتى. ياردەم سوراش ئۆزى ھەم سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى موھىم دەپ بىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
ئېھتىياجلىق بىرسىنى كۆرگىنىڭىزدە، ياردەم قولىڭىزنى سۇنغىنىڭىزدەك، ئۆزىڭىزگىمۇ ياردەم قىلىڭ.
سىز يالغۇز ئەمەس. كەڭرى دۇنيادا سىزگە يارىدەم قىلغۇسى بار، ئەڭ ياخشى تۇرمۇشتا ياشىشىڭىز ئۈچۈم قولىدىن كېلىدىغان ئىشنى قىلغۇسى بار ئادەم چوقۇم بار!
助けを求めるのは弱いからではない
誰でも助けが必要になる時がある。ひとりではとても背負いきれないような重荷を背負い続けるのは、後悔とむなしさと絶望しかない場所に自らを縛りつけるようなものだ。
人に助けを求めることを覚えよう。強がって人に頼らないでいるのは、決して褒められたことではない。人に助けを求める事は自身の強さの証でもある。助けを求めるのは、自分自身や愛する人を大切にしたいと言う意思の表れだからだ。
あなたが困っている人を見たら、救いの手を差し伸べようとするように、自分も助けてあげよう。
あなたはひとりではない。この広い世界には、あなたを助け、あなたが最高の人生を送る手助けをしたいと思っている人が必ずいる。
ئارام كۈنىدىكى گۈزەللىكلەر
2022.11.07
تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش
ئادەم ئۆزى خالىمىغان، تەلەپ قىلمىغان نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما، تەلەپ قىلغان، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئېرىشىپ قىلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزنى سوراپ بېقىڭ، تەلەپ قىلىڭ!
求める勇気を持つ
求めていないのもを手に入れる事はできないが、求めているものは手に入れる可能性がある。
だから、求めなさい。
2022.11.08
ئىجابىي تەرەپتىن ئويلىغاندا
ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى-پىكىر قىكىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش.
ئىجابى تەپەككۇر رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش ۋە ياكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا كۆزىنى يۇمىۋىلىش دېگەنلىك بولماستىن، پاكىتى يوقئەنسىزلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن، يىتەرلىك ئۇچۇر ۋە ئەمەلى رىئاللىقنى ئاساس قىلغان ھالدا قارا چىقىرىشتۇر.
پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، ھەممە ئۆزگىرىدۇ. ئازابلىق كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرىۋاتقاندا، ئىشنى ياخشى تەرەپتىن ئويلىسىڭىز، قانداق ئشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
ポジティブにとらえる
状況を変える最も有効な手段は考え方を変えることだ。
ポジティブな思考は、現実を否定したり、うまくいっていないことを見て見ぬふりをすると言うことではない。根拠のない不安に左右されず、十分な情報としっかりとした事実に基づいた決定を下すことにほかならない。考え方を変えると、全てが変わる。
辛い経験をしているときに、ポジティブに考えるようにしたら、何が起きるかわかるはずだ。
2022.11.09
بۇندىن كېيىنمۇ مەندە چاتاق يوق
«چاتاق يوق» دېگەنلىك مۇكەممەل تۇرمۇشتا ياشاۋاتقىنىمىزدىن ۋە ياكى ھەممە ئىشلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىنمۇدېرەك بەرمەيدۇ. قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھامان تەمكىنلىكىمىزگە قايتالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
شۇ دەمنىڭ ئۆزىدە ياشاۋاتقانلىرىمىز ۋە ياكى ھازىرقى ھېس-تۇيغۇلىرىمىز قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىسى پەقەتلا ۋاقىتلىق. ھەممە خۇددى بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا ئوخشاش ھامان ئاخىرلىشىپ يوقايدۇ.
مەيلى ئىشلار ئويلىغىنىمىزدەك بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرىكى ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئادەم بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ يەنىلاھېچقىسى يوق!
私はこれからも大丈夫
大丈夫と言うのは、完璧な人生が送れるだろうと言う事でも、全てが以前よりも良くなるだろうと言う事でもない。
何があっても、いずれは落ち着きを取り戻せるということだ。
今経験していることや感じている事はどんなものであれ、一時的なものに過ぎない。
ほかのすべてのこと同じようにいずれは消え去ってゆく。
思っていたのとは違う結果になったとしても、以前とは違う自分になったとしても、大丈夫。
2022.11.10
壊れていないと肯定する
「私は壊れていない。
壊れたこともない。
修理する必要はない。
私には価値がある。
私は完全にありのままの私だ。」
ئۆزگەرمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش
مەن ئۆزگەرمىدىم ھەم ئۆزگەرگىنىممۇ يوق. قايتا ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتىمۇ ھەم يوق. قەدىر-قىممىتىم بار، ئەسلىدىكى ھەقىقى مەن شۇ.
2022.11.11
تۈرلۈك كەيپىياتنى قوبۇل قىلىش
خۇشاللىق، ئىجابى تەپەككۇر دېگەنلەر قايناق تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما قايغۇ-ئازاب، غەزەپ ۋە قورقۇنچ قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلارمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.
ئادىمىيلىكنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئۈچۈن، پەقەت گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنىڭ بولىشىلا كۇپايىلەنمەيدۇ. پاسسىپ تۇيغۇلارنىمۇ ئۆز-ئىچىگە ئالغان بارلىق ھېس-تۇيغۇلارنى تىتىپ بېقىش زۆرۆر.
ئادەمنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان ھېس-تۇيغۇنى تونۇشنىڭ ئۆزىلا داۋالاش خۇسۇسىيتى بولۇپ، قىيىن ئەھۋاللارنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق. سەلبىي دەپ قارالغان ھېسسىياتلاردىن قېچىشنىڭ ئورنىغا، قوبۇل قىلىشقا تىرىشقان تۈزۈك.
بەزىدە ئادەم كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن كەيپىياتلارغا بەرداشلىق بەرمىسە بولمايدىغان چاغلار بولىدۇ. مۇنداق چاغدا، بۇتۇيغۇلىرىڭىزغا قارشى چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ھېس قىلىسىڭىز كۇپايە.
ھامان خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىدىغان ۋاقىت يەنە كېلىدۇ.
喜怒哀楽を受け入れる
喜びとポジティブ・シンキングは、充実した人生を送るための強力なシールだけれど、悲しみ、嘆き、怒り、恐怖も同じように重要だ。人間として成長するためには、良いと言われている感情だけではなく、喜怒哀楽すべての感情を感じる必要がある。感情を認識することには治療効果があり、困難な状況をうまく乗り切る助けになる。
マイナスだと思われている感情も避けずに、受け入れるようにしよう。
次々に襲いかかってくる感情にじっと耐えるしかない時もある。そういう状況になったら、逆らわずにただ感じる事だ。
いずれまた喜びと幸せを感じられるようになる。
2022.11.12
ئوي-خىياللىرىنى كونترول قىلىش
قانداق ھېس قىلىۋاتقىنىڭىز قانداق ئويلاۋاتقىنىڭىز بىلەن باراۋەر. شۇڭا، بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئويلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ.
ئۆز ئويلىرىنى كونترۇل قىلغىلى بولىدۇ. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھاياتنى ئەڭ ناچار ھالىتىدە دەپ ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز يوق، ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
思考をコントロールする
どう感じるかは、どう考えるかと同じこと。
だから、感じていることが気に入らないなら、考えていることを変えよう。
自分の考えは、コントロールすることができる。
今、人生が最悪だと思っているなら、その見方を変えられないか考えてみよう。
2022.11.13
تىنچلىنايلى…
ئارام ئېلىڭ،
ئۆزىڭىزگە راھەتلىك بېرىڭ،
ھېچنىمە ئويلىماستىن، ھېچنىمە قىلماستىن تىنىچ ئولتۇرىۋىلىڭ،
چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ،
تۇيغۇلىرىڭىزغا ئەگىشىڭ،
ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،
ئاندىن، قايتا باشلىسىڭىز بولىدۇ.
落ち着こう
休む。
リラックスする。
じっと座る。
深呼吸する。
感情に身をゆだねる。
自分を大切にする。
それから、また始めればいい。
2022.11.14(月)
過去は変えられない
ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. دائىملا ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالسىڭىز، ئالدىغا ماڭالماي قالىسىز.
ئۆتمۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئەركىن-ئازادە ئۆزىڭىز بولۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ.
سىزنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقىڭىز بار.
過去は変えられない。
すんでしまったことはわすれよう。
いつまでもとらわれていたら、前に進めなくなってしまう。
手放して自由になり、未来に向かってある歩いて行こう。
あなたにはそうする権利がある。
2022.11.15 (火)
تەبەسسۇمنىڭ كۈچى
كۈلگىدەك كەيپىيات يوق چاغلاردىمۇ كۈلۈمسىرەپ بېقىڭ.( قىلالامسىز؟ 🤔)جاۋغاي ئازراق كۆتۈرۈلسىمۇ يېتەرلىك ئۈنۈملۈك.
كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ناچار كەيپىياتتا تۇرۇپ قېلىش تەس. شۇڭا قىيىن ئەھۋالدىمۇ كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداپ قالايلى.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭلىق بىلەنلا قىيىنچىلىقنىڭ ھەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما، يەلكىمىزدىكى ئېغىر يۈكنىڭ سەل يېنىكلەنگىنىنى ھېس قىلدىغىنىمىز ئېنىق.
تەبەسسۇم بىزگە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ.
تەبەسسۇم ئۆزىمىزگە ھەر ۋاقىت ئاتا قىلالايدىغان سوۋغا.
笑顔の効能
全然そんな気分になれなくても、笑顔になろう。
口角をほんのちょっとあげるだけでも十分に効果がある。笑顔で不機嫌でいる事は難しい。
だから、つらい時も笑顔で、自分をいたわってあげよう。もちろん、つらさが消えてなくなるわけでは無いけれど、背負っている重荷が少しだけ軽くなるのが感じられるはず。
笑顔は一時的でも安心を与えてくれる。
いつでも自分にできる贈り物だ。
تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت
مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel
25/11/2022 4:09 چۈشتىن كېيىن
بەك ياخشى ئوي-پىكىرلەر ئىكەن.ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندەك ياشىيالساق،روھىي بىسىملىرىمىز ئازلاپ قالاتتى.
27/11/2022 1:33 چۈشتىن بۇرۇن
ئانچە مۇنچە پەن تېخنىكا ھەققىدە ئوقۇپ قويۇڭ، بولسا ئىنىستەگرامدا تارقىتىپ قويۇڭ. بىلمىگەنلەر بىلۋالسۇن، بىلگەنلەر يازسۇن دەپ.
https://uyfintech.blogspot.com/
11/12/2022 9:01 چۈشتىن كېيىن
ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم. بولىدۇ، رەھمەت سىزگە~