2023.10.01

ھامان نورمال تۇرمۇشقا قايتالايمىز

قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ھامان نورمال تۇرمۇشقا قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۇنۇتمايلى، «قايتىدىن نورمال تۇرمۇشقا قايتتىم»دېيىلگەن تەقدىردىمۇ.

شۇ دەمنىڭ ئۆزىدە مەيلى قانچىلىك قېيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇڭ، بۇمۇ ھامان ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى، دۇنيانىڭ ھەقىقىتى ئاشۇنداق.

رىئاللىق گەرچە ئۆزگەرمىگەن تەقدىردىمۇ، قاراڭغۇ تونېلنىڭ چېقىش ئېغىزىدىكى نۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلاڭ.

ۋاقىت ھەقىقەتەن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇھامان نورمال تۇرمۇشمىزغا قايتالايمىز.

 

2023.10.02

غەلىتە بولسىمۇ مەيلى

ئەسلى كىملىكى بىلەن ياشاش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. قانداق تۇغۇلغان بولسا، شۇ پېتى يالغانسىز ياشاش ئۈچۈن خېلى جاسارەت كېتىدۇ.

بىراق، نقابسىز ياشاش يەنىلا كۆڭۈللۈك ھەم ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئورنىنى تاپقىلى بولىدۇ.

 

بالىلار بىلەن مەھەللە كۈتۈپخانىسدىن ئۆيگە قايتىش يولىدىكى كەچكى شەپەق

 

2023.10.03

بۇ دۇنيا گۈزەل

بۇ دۇنيانى گۈزەل جاي دەپ ئويلىسىڭىز، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەيلى كىچىك مەيلى چوڭ نەرسىلەردىن بولسۇن. ئاكتىپلىق بىلەن گۈزەللىك ئىزدەپ بېقىڭ.

 

 

 

2023.10.04

قۇياش ھامان كۈلۈپ باقىدۇ

يامغۇر ياغىدۇ، ھەسەن-ھۈسەن چىقىدۇ.

كۈچلۈك بورانمۇ ھامان  ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ھاياتمۇ ئەنە شۇنداق.

ھازىر قانچىلىك ئازابلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قۇياش ھامان پارلايدۇ.

 

 

2023.10.06

قاينام-تاشقىنلىق ھاياتتا ياشاش

مەنىلىك ھايات شۇنداقلا ئالدىڭىزغا كەپ قالمايدۇ. ھايات سىزنى تاللىغىنىدەك، سىزمۇ ھاياتىڭىزنى تاللايسىز. ھەر كۈنى ھاياتى كۈچكە تولغان ھاياتنى تاللايلى.

ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈڭ، غايىلىك بولۇڭ! بەزىدە مەغلۇبمۇ بولىسىز، شۇنداقتىمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، قايىدىن تىرىشىپ بېقىڭ. قەددىڭىزنى رۇسلاپ، مەيدىڭىزنى تىك تۇتۇپ ياشاڭ. ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، ئۆسۈپيېتىلىڭ، ئىجات قىلىپ بېقىڭ.

مەنىلىك ھاياتتا ياشاش ئۈچۈن نۇرغۇن تاللاشلارنى قىلغانكەنسىز، سىز شۇنداق ياشىيالايسىز.

 

 

2023.10.07

ئۆتمۈش قەلبنى داۋالايدۇ

مەيلى ئۆتمۈشتىكى قەلب يارىسى بولسۇن ۋە ياكى خۇشال كەچمىشلەر بولسۇن، باشتىن كەچۈرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنى بۈگۈنكى «سىز»قىلىپ يېتىشتۈرگەن.

مۇشۇنداق ئويلىغاندا، كىشى ئۆزگىنىڭ ئازابىنىمۇ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزىگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلالايدىغان بولىدۇ. ئۆتمۈش ئارقىلىق قەلبىدىكى جاراھەتلەرساقىيىپ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىمۇ ئاشىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم ئازابلىق ئۆتمۈشىمىز بولغانلىقىنى  ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ئۆتمۈشتىكى ئازابنىمۇ، خۇشاللىقنىمۇ ئۆز پېتى قوبۇل قىلىشمىز تولىمۇ مۇھىم.

 

مەخمەل گۈلى ئېيى

2023.10.08

ئىستاكاندىكى سۇ پەقەت يېرىمىغىچىلا بارمۇ ياكى تېخى يېرىمىمۇ بارمۇ؟

بىر كۈنىڭىزنى ئاكتىپ ياكى سەلبىي كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈشىڭىز يېرىم ئىستاكان سۇنى«پەقەت يېرىمىغىچىلا قاپتۇ»ياكى«تېخى يېرىمى باركەن» دەپ ئويلىشىڭىزغا باغلىق. ئۇنداقتا، سىز قايسى تىپتىكى پىكىر قىلغۇچىلاردىن؟

ئۆتكەنكى 48 سائەت ئىچىدىكى ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ. بۇ ۋاقىتنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆتكۈزەلىگەن كىشىلەر يېرىم ئىستاكان سۇنى«يەنە يېرىمىمۇ باركەن» دېگەن تەپەككۇردا قوبۇل قىلالىدىغۇ دەيمەن؟

پاسسىپ كەيپىياتتا ئۆتكۈزگەنلەر ناچار ئىشنى قانداق قىلىپ ئاكتىپ ھالەتكە ئەكىلىشنى ۋە قانداق قىلغاندا ئەتىكى تۇرمۇش دەرسىلىكىگە  ئايلاندۇرالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ.

 

2023.10.09

ھەر بىر كۈنىڭىزنى خۇددى ساياھەت قىلىۋاتقاندەك ئۆتكۈزۈڭ

يېڭىلا ھاياتقا كۆز ئاچقان دەملىرىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. تۇنجى ھاياجان، تۇنجى كۈلۈش، تۇنجى خۇشاللىق ۋە تۇنجى مۇھەببەت….گۈزەللىك ھەممە يەرگە يوشۇرۇنغان.

ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن قارىساق، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر بار.

تالتال چاقنىغان نۇرلار ۋە شولىلار، شەھەر ۋە يېزاقىشلاقلارنىڭ كىشىنى مەست قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىسى، پىيادىلەر يولى، دەلدەرەخلەر، ھەر بىر يوپۇرماق ، قۇياش نۇرى ھەم يامغۇرھەممەھەممىسى بەجايىكى مۆجىزەلەردەك كۆرۈنىدۇ.

ھەممىگە قىزىقىدىغان ساياھەتچىنىڭ كۆزى بىلەن قارىغان كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئاددى مەنزىرىمۇ كىشىگە ئالاھىدە كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇرمۇشتا ئازابلىق ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇتۇرمۇش سىزگە ئاجايىپ قالتىس  تۇيۇلىدۇ.

 

 

2023.10.10

ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار

ھەركىمنىڭ دەردى ھەر خىل بولۇپ، بىرىنىڭ دەردىنى بىرنىڭكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىراۋنىڭ دەردىنى نەچچە مىنۇت تىتىپ باققان تەقدىردىمۇ، ئادەم يەنىلا ئۆزىنىڭ دەردىنى قايتۇرىۋالىدۇ.

ھەر قانداق ئادەم يوقىتىپ بېقىشنىڭ ئازابىنى، مۇھەببەتنىڭ خۇشاللىقىنى، ماكانسىزلىقنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى، شۇنداقلا دوستلۇق ئارقىلىقساقىيىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بولىدۇ.

گەرچە كەچۈرمىشلەرنىڭ شەكلى ئوخشاشمىسىمۇ، ھەممىلا ئادەمنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچمىشلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق رىئاللىق.

دەردىڭىزنى باشقىلارنىڭكى دەردى بىلەن سىلىشتۇرماڭ. ھەر ئادەم يەلكىسىدە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ.

 

كۈز ئاپتىپىدا كىتاب ئوقۇش بەك راھەت ھە!

 

2023.10.11

چىنلىقنى ئورتاقلىشىش

چىن يۈرىكىمىزدىن پاراڭلىشايلى.

ساپ تۇيغۇلىرىمىزنى ئورتاقلىشايلى.

يۈرىكىمىزدىن چىققان سۆزلەر ھەقىقەتەن قۇلاق سېلىشقا ئەرزىيدۇ.

سەمىمىيتىمىز بىلەن سۆزلەيلى.

قەلبىمىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئارزۇلىرىمىز، ھېكايىلىرىمىز ۋە سۆزلىرىمىزنى خۇدۇكسىسرىمەستىن ئورتاقلىشايلى.

 

كۈز ئاپتىپىغا چۆمۈلگەن يوللار

2023.10.13

دۇنيا ھەر ۋاقىت تولۇق

دۇنيانىڭ نوپۇسى 7 مىلياردتىن ئاشىدۇ. ئەمما، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېتەرلىك پۇل، مۇھەببەت، پۇرسەت ۋە يوشۇرۇن كۈچكە تولغان. ھېچ نەرسە كام قالمىغان.

ئەلۋەتتە، بۇلارغا ئاسانلا ئېرىشەلەيدىغان ئادەملەر، ھەتتا ئېرىشمىكى تولىمۇ مۈشكۈل ئادەملەرنىڭ بارلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ، ھەممىلائادەمنىڭ ئېرىشكۈسى بار نەرسىلەرگە ئېرىشىش پۇرسىتى باراۋەر بېرىلگەن.

باشقىلىرىنى قۇربان قىلماستىن، ۋازمۇ كەچمەستىن ھەر قانداق ئادەم پۇل، مۇھەببەت، مۇۋەپپەقىيەت ھەم ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ.

 

2023.10.14

سېلىشتۇرۇش توزىقى

ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش بەئەينى بىر قېتىم كۆنۈپلا قالدىڭىزمۇ ئىككىنجى قېتىم ئۆزىڭىزنى تارتالمايدىغان سەلبىي توزاققاچۈشۈپ قالغانغا ئوخشايدۇ.

ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنى توختىتىڭ. ئەگەر«مەندە  يوق  نەرسە ئۇنىڭدا بار» دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇ نەرسە سىزدە بولغان تەقدىردىمۇ قارشى تەرەپنىڭ يەنىلا كۆپ كۆرۈنىدۇ. مۇنداق سېلشىتۇرۇشنىڭ چېكى بولمايدۇ ھەم سېلىشتۇرۇشتا ھەرگىزمۇ باشقىلارنى يېڭىۋىلىش بولمايدۇ.

باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرگەننىڭ ئورنىغا، قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۆگىنىڭ ياكى«خەق قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن» دەپ قەلبىڭىزدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇلغايتىڭ.

2023.10.15

بەخىتلىك بولۇش ھوقۇقى

ھەركىم بەخىتلىك بولۇشقا ھوقۇقلۇق. سىز ئۈچۈن بەخىت ئۇقۇمى جەمىئەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە ياكى ماددىي بايلىق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بەخىت سىزنىڭ دۇنيا قارىشىڭىزغا باغلىق.

ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز زۆرۈركى، بىز ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان دۇنيا پەقەت بىز ھەقىقىي دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ شولىسى چۈشكەن ئەينەكتىن ئىبارەت، خالاس.

ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك دەپ ئويلىسىڭىز، بەخىتلىكسىز.

بەزى كىشىلەر قىممىتى يۈزەكى  نەرسىلەر بىلەن بەخىتلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، يۈرىكىدىن بەخىتنىڭ تەمىنى تىتىيالمايدۇ.

بەخىتلىك بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولۇشقا ھەققى بارلىقىغا ئىشىنىڭ. كېيىنكى قەدەمدە «…»نىڭ ئىچىگەسىزگە نىسبەتەن قانداق ئىشلارنىڭ بەخىت ئېكەنلىكىنى يېزىپ چىقىڭ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا،ئۆي،ماشىنا دېگەندەك ماددى مۇۋەپىقىيەتلەرنى يازماستىن«مەنبولغانلىقى ئۈچۈن خۇشالمەن،«دۇنيانىڭمۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەندەك جاۋابلىرىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ ھەم بەخىت، خۇشاللىق تەبىرلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە خاسمىكەن-ئەمەسمىكەن تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

 

CHOPIN Waltz in A minor

2023.10.16

سۆيۈش ئۆزىڭىزدىن باشلانسۇن

باشقىلارنى يۈرىكىدىن سۆيەلىگۈدەك جاسارەت، ئۆزىنى سۆيۈشتىن كېلىدۇ.

 

2023.10.17

ياخشىيامان ۋاقىتلارنى قانداق ھېس قىلسىڭىز، شۇنداق قوبۇل قىلىڭ

مەغلۇبىيەت سىزنىڭ باتۇرلۇق بىلەن سىناپ باققانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى. ھايات دېگەندە كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، يەرگە گۆس-گۆس دەسسەپ ماڭسىڭىزمۇ، يەنىلا پۇتلىشىپ كېتىدىغان، يىقىلىپ كېتىدىغان ئىشلار دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ.

يېقىلسىڭىز يەنە ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز بولىدۇ. يىغلىغۇڭىز كەلگەندە قېنىپ يىغلىۋىلىڭ، ئۇسسۇل ئوينىغۇڭىز كەلسە ئۆزىڭىزنى قويۇپ بېرىپ ئۇسسۇل ئويناڭ، كۈلگۈڭىز كەلگەندە پۇخادىن چىققۇچە كۈلىۋىلىڭ. غەزەپ، ئازاب، خۇشاللىقلارنى ھېس قىلغىنىڭىز كەبى قوبۇل قىلىڭ.

ياخشى كۈنلەرمۇ بولغىنىدەك يامان كۈنلەرنىڭ بولىشى، ھەر خىل ئىشلارنى بولىشىنىڭ ئۆزىتۇرمۇش! پەقەت خۇشاللىقلا ۋە ياكى ئازابلا بولمايدۇ، ھەر ئىككىسى مەۋجۇت بولغاندا ھايات ھاياتتەك بولىدۇ!

 

2023.10.18

تېخىمۇ چاقناش

چاقناشتىن ئەنسىرىمەڭ. قۇياش ھېچنىمىدىن قورقماستىن، ھەر كۈنى چاقناپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. خالىسىڭىز سىزمۇ قىلالايسىز. سىزدە باشقا ھەرقانداق ئادەمدە بولمىغان ئۆزىڭىزگە خاس نۇرلار بار.

 

 

2022.10.19

بولۇشقا تېگىشلىك ئورنىڭىز

تۈزۈك ئورنۇم يوق، دوستلىرىممۇ يوق دەپ ھەسرەت چىكىشىڭىز مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇن دەل ھازىرقى ئورنىڭىز، سىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇۋاپىق جاي يوق!

ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق ئورۇننى يوق دەپ ئويلىۋالغانلىقىڭىز، دەل ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن. پەقەت ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئورنۇم بار، تەۋەلىكىم بار دەپ ئويلىيالايدىغان بولۇشقا باشلايسىز.

مەيلى قەيەردە بولۇڭ، مەيلى نەگە بېرىڭ، شۇ يەر دەل سىز بولۇشقا تېگىشلىك ئورنىڭىزدۇر. ئۇ ھېچكىمنىڭ ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت سىزگە تەئەللۇق جاي.

 

 

2023.10.20

ناچار ئىشلارنى ئۆزگەرتىڭ

ھازىر تۇرۇۋاتقان مۇھىتىڭىزدا خۇشال بولالمىغان بولسىڭىز، ئۇنى ئۆزگەرتىڭ.

 

2023.10.21

قايسى يولدا مېڭىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ

«ھېچكىمنىڭ ئارزۇيىمىزغا يامغۇر ياغدۇرۇش ھوقۇقى يوق».

– Marian Wright Edelman

«مۇۋەپپەقىيىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى» دىن پارچە

باشقىلارنىڭ سىزگە «ۋاز كەچكىنىڭ تۈزۈك» دەيدىغان گەپلەرنى قىلىشىغا يول قويماڭ. «ئارزۇيۇڭ ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دەيدىغان كىشىلەرگە ئىشەنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

خەق نېمە دېسە دېسۇن، قەلبىڭىزدىكى ئارزۇدىن ۋاز كەچمەڭ! سزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئارزۇ تاللاش ھوقۇقىڭىز بار.

 

 

2023.10.22

ئۈمىد كۈتسىڭىز، ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز

ئۈمىدنىڭ بولغىنى ياخشى، بىراق ئۈمىد كۈتمىگەن تۈزۈك. كۈتكىنىدەك چىقمىسا، ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىغان گەپ.

كېلەر قېتىم ئەنە شۇنداق كۈتكىنىڭزدەك چىقماي ئۈمىدسىزلىنىپ قالغىنىڭىزدا، تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. يەنى، ئۈمىدسىزلىنىشنى سەلبىي تەرەپتىن ئويلىماستىن، تۈزىتىشكە تېگىشلىك نوقتىلارنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ بېقىڭ.

2023.10.23

سەلبىي ھېسسىياتتىن قۇتۇلۇپ چىقىڭ

سەلبىي ھېسسىياتنى تاشلاپ قويساق، بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا قۇتۇلۇپ چىقايلى.

ئۆزىڭىزنى ئازابلايدىغان ھېسسىياتتىن ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىڭ. ئازابنىڭ مۇدھىش قوللىرىدىن قۇتۇلالماي قالغان بولسىڭىز،دۈشمىنىڭىزنى تولۇق مەقسىتىگە يەتكۈزۈپ قويغان بولىسىز.

سەلبى ھىسياتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، يىنىك، يېڭىچە ئۆزىمىزدە ئالدىغا قارايلى.

 

كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپى ھەم گۈزەل گۈللەر

 

 

2023.10.24

ئۆزگەرتەلەيدىغان ئادەم پەقەتلا ئۆزىمىز

سىز ئۆزگەرتەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم پەقەت ئۆزىڭىز. بۇئادەملەر نۇرغۇنلىغان يىللار سەرپ قىلىپ ئېرىشكەن پاراسەت.

ئەگەر ياشاۋاتقان مۇھىتىڭىز ئويلىغىنىڭىزدەك بولمىسا، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلاڭ. مەسىلەن، پاسسىپ ئۇچۇرلارنىلا يەتكۈزىۋاتقان نەرسىلەرنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى بايقىسىڭىز، باشقىلىرىنى ئوقۇڭ. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ خۇشال ئەمەسلىكىنى بايقىغان بولسىڭىز،سىز ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز بەلكىم، سىزدىكى خۇشاللىق باشقىلارغا يۇقۇشى مۇمكىن.

خۇشال بولالمايۋاتقىنىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟ موھىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش  ئۈچۈن نېمىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

 

 

 

2023.10.25

ئۆزىڭىز بولۇڭ

سىز ئۆزىڭىز بولالىسىڭىز، باشقىلارمۇ ئۆزى بولۇپ ياشىيالايدۇ.

ئىنسانلارغىلا ئاتا قىلىنغان يول قويۇش، ھېسداشلىق، ئاق كۆڭۈللۈكتىن ئىبارەت ساماۋى كۈچكە تولغان، ئىنسانلار ياشاشقا قولاي، ئارامبەخش بىر جاي بەرپا قىلايلى.

يەنىمۇ ئەسلى ئۆزىمىزدە ياشايلى. سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز، باشقىلارمۇ ئۆزىدە ياشىيالايدۇ.

 

2023.10.26

شارائىت يارىتىش

«مەغلۇبىيەت»تىن قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز، قانچىلىغان قېتىممۇ ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز.

ھايات نىشانىڭىزغا مۇۋاپىق مۇھىت تېپىڭ، تاپالمىغىنىڭىزدا ئۆزىڭىز يارىتىڭ. نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن مۇۋاپىق ھېچكىم يوق.

 

 

2023.10.28

تەييارلىق ئاللىقاچان پۈتتى

ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىشىڭىزنى قىپ بېقىڭ يا سايرامدىن يا قاينامدىن چىقىدۇ. قورقۇنچلىرىڭىزغا ئەمەس، بىۋاستە سىزىمىڭىزغا ئەگىشىڭ. ئىزچىل قىلغۇڭىز بار ئىشنى قىلماسلىق ئۈچۈن باھانە ئىزدەشلىرىڭىزنى توختىتىڭ.

تەييارلىقىڭىزنى پۈتتى دەپ ئويلاڭ. مەيلى كەينىگە سۈرگەن تەقدىردىمۇ، تەييارلىقىڭىزنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلماقچى بولغانلىرىڭىزنى قىلىڭ.

10-ئايدا ياپون مەھەللىرى مۇشۇ دەرەخنىڭ خۇش ھېدىغا چۆمىدۇ..شۇنچىلىك خۇش ھېدكى…

2023.10.29

ئىشلارنىڭ مۇۋاپىق پەيتى بار

نېمىشقىدۇر ئىشىڭىز ئالغا سىلجىماي قالغان ۋاقىتلاردا، ئۆزىڭىزنى زورلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىر ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە مەجبۇرىيەت قىلىۋالسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ھېسسىياتىڭىزغا تەسلىم بولۇڭ. بىر ئاز ئۆزىڭىزگە ئاراملىق بېرىڭ. بەلكىم، بۈگۈن ئۇ ئىشنىڭ پەيتى ئەمەستۇ.

يەر شارى ئايلىنىشتىن توختاپ قالمىسىلا، ئەتە، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان يېڭى بىر كۈن يەنە كېلىدۇ، مۇمكىنچىلىككە تولغان يېڭى بىر كۈن!

نورمال روھىي ھالەت بولالمايۋاتقاندا، ئادەم ئۆزىنى مەلۇم ئىشنى قىلىشقا زورلاش پەقەت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، خالاس!

بىر ئاز كۆڭۈلسىز يەردىن يېراقلىشىپ، ئەھۋالنى ياخشىراق چۈشىنىپ، كەيپىيات ياخشىلانغاندا قايتقان تۈزۈك. بۇ دەل سىز تەييار بولغان ۋاقىتتۇر.

 

2023.10.30

ياخشىلىق يۇقۇملاندۇرىدۇ

پەقەت ياخشى ئادەملەر بىلەنلا تولمىغان ئۇشبۇ ئالەمدە باشقىلارغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ئاجايىپ جاسارەت كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، مەيلى باشقىلار كۆرسۇنكۆرمىسۇن ، ئاق كۆڭۈل بولايلى.

باشقىلارنىڭ ئاق كۆڭۈل مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭمۇ ھۆرمەت ۋە كۆيۈنۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن ئەتراپىدىكىلەرمۇ باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى  قىلىدىغان بولىدۇ. مانا بۇياخشىلىق يۇقۇملاندۇرىدۇ،دېيىشنىڭ سەۋەبى.

قىلىنغان بىر ياخشىلىق بىر ئۈمىد نۇرى بولۇپ تارقىلىدۇ. شۇڭا، ھەر دائىم ئاق كۆڭۈل بولۇشقا تىرىشپ باقايلى.

 

 

2022.10.31

ئۆزىنى ھۆرمەتلەش خىتابنامىسى

دۇنيانى خۇددى دۈشمىنىڭىزدەك ھېس قىلغىنىڭىزدا (ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇنداق ۋاقىتلىرى ھامان بولۇپ قالىدۇ) ، ئۆزىڭىزگە تېخىمۇكۆيۈنۈڭ ھەم ئۆزىڭىزگە يىتەرلىك مۇھەببەت بېرىڭ.

تۆۋەندىكى سۆزلەرنى كېرەك بولغاندا ئۆزىڭىزگە تەكرار ئېيتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىڭ.

«مەن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆزۈمنى ھۆرمەتلەيمەن. مەن باشقىلارنىڭ سۆيۈشىگە، ھۆرمىتىگە، سەمىمىيىتىگە لايىق».

 

 توكيونىڭ كۈز پەسلىنى ياخىشى كۆرىمەن. ئىللىق ئاپتىپى، پۈتكۈل مەھەللىلەرنى قاپلىغان دارچىنگۈل دەرىخىنىڭ خۇشپۇرىقىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن.بولۇپمۇ نويابىر ئايلىرىدا قىزىرىشقا باشلايدىغان رەڭدار يوپۇرماقلار شۇنچىلىك گۈزەل. شۇ تاپتا ئۇشبۇ قۇرلارنى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى كچىككىنە گۈللۈكۈمدە ئۆزۈمنى كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا سالغاچ يېزىۋاتىمەن…

قايسى كۈنى بىر سۆيۈملۈك ھەدىمىزنىڭ  تېلىفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ  مەلۇم سەۋەبتىن شۇنچىلىك كۆڭلى يېرىم، ئۈمىدسىز تۇرغان ۋاقتىدا يوللىغان يازمام يەنى، بۇ نادىر جۈملىلەرنى ئوقۇپ، كۆڭلىنىڭ شۇنچىلىك يورۇپ كەتكىنىنى، مەندىن بەكلا مىننەتدار بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ جۈملىلەرنىڭ ماڭىلا ئەمەس باشقىلارغىمۇ كۈچ بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم.

خەير، ئامان بولۇڭلار، ئۇشبۇ كىتابنىڭ تەرجىمىلىرىدىن بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى.

 

************************************

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel

 

تارقىتىڭ...