ئارقامدا قالمىغىن، سېنى يىتەكلەپ بولالماسلىقىم مۇمكىن.
ئالدىمدا ماڭمىغىن، ساڭا ئەگەشمەسلىكىم مۇمكىن.
يېنىمدا ماڭغىن ھەم مېنىڭ دوستۇم بولغىن.
ئالبىرت كامۇس
Hauser-Aramjuez
ياخشى دوست-مېنىڭ بارلىقىم
سىڭلىمنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتىم. مېنىڭ بۇرۇنقى خۇشال كۈنلىرىمنى بىردىنبىر ئەسلىتىپ تۇرالايدىغىنى كۇرت ئىدى. ئۆلۈم لاگىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى يەتتە ئاي بولۇپ، كۇرت بولمىغىندا ئۈمىدسىزلىكتىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغان، ھاياتىمدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتىم. بۇ كۈنلەردە دوستلۇق ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىگە ئايلانغانىدى.
ئورنىمىز باشقا بولسىمۇ بىر كۈن ئاخىرلاشقاندا، چوقۇم بىر كۆرۈشۈپ بىردەم بولسىمۇ ماڭغاچ پاراڭلىشاتتۇق. بۇ گەرچە كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ، ياشىشىم ئۈچۈن كۈچ بولاتتى. مېنى قەدىرلەيدىغان، مەن قەدىرلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا بارلىقىنى بىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى.
ئانتسىسلار قورقۇنچلۇق، قابىلىيەتلىك قاتىللار بولۇپ، ئۇلاردا ھەر بىر يەھۇدىنىڭ ئادىرىسى، خىزمەت ئورنى ساقلىنىقلىق ئىدى ھەم شۇنىڭغا قاراپ ئىشقا سالاتتى. كۇرت پولشا بىلەن گىرمانىيەنىڭ چىگراسىدىكى بىر شەھەردە تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ئارخىبى تۇرغۇزۇلمىغاچقا، كۇرتنىڭ ئەسلى خىزمىتىنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى ئۇلار بىلمەيتتى. كۇرت ئۆزىنى«ئاياغ تېككۈچى» دەپ تونۇشتۇرغاچقا، لاگىردىكى ئاياغ زاۋۇتىدا ئىشلەپ قالدى. زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلار بىزدەك قار–يامغۇردىمۇ يېراقلارغا بېرىپ ئېغىر ئەمگەك قىلمايتتى ھەم تامىقى ياخشىراق ئىدى. شۇڭا، كۇرت تامىقىنى ئۆزىدىن ئېشىنىپ ماڭىمۇ ئەپ قوياتتى. بىزچىش پاستىسى، لاتا پارچىسى، سوپۇن دېگەندەك كىچىككىنە ھەدىيەلىرىمىزنى ھاجەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تېقىپ قويۇش ئارقىلىق بىر–بىرىمىزگە ئۆتۈنۈشەتتۇق، كۆڭۈل بۆلەتتۇق. دوستلۇق ھەم مىننەتدارلىق گىتلىرنىڭ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بۇ ۋەھشى لاگىرىدا بەئەينى قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدىكى كىچىككىنە يورۇقلۇق ئىدى.
لاگىرنىڭ ئەتراپى بەكمۇ ئۇچلۇق سىم توساقتا توسالغان بولۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن توك سىمى بار ئىدى. يېقىن كەلگەن كىشى ئېنىقلا جىنىدىن ئايرىلاتتى. كۆپ تۇتقۇنلار شۇ يەرگە بېرىپ ئۆلىۋىلىشنى تاللىغانىدى. مەن يېقىن ئۆتىدىغان ئىككى دوستۇممۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆلىۋىلىشتى. ئۇلار يالىڭاچ ھالدا قول تۇتۇشقىنىچە سىم توساققا ئۆزىنى ئېتىشتى…
مەنمۇ تالاي قېتىم مۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگەن ئەۋزەل دەپ ئويلىغان ھەم كۇرتقا«سىم توساققا بارايلى، ياشىغاننىڭ نېمەپايدىسى؟ بەرىبىر ئەتىمۇ يەنە مۇشۇنداق ئازابلىنىدىغان گەپ!»دېگىنىمدە، كۇرت ئۇنىمىغانىدى، مېنى بارغىلى قويمىغانىدى.
ئېدى يەنە مۇنداق دەيدۇ:
ھازىرغا قەدەر ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ئىچىدە يەنە بىر مۇھىمى شۇ بولدۇكى، ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىكلىكى–سۆيۈلۈشتۇر.
بولۇپمۇ ياشلارغا بارچە ئاۋازىمدا شۇنى دىمەكچىمەنكى، دوستلۇق بولمىسا ئادىمىيلىك يوقىلىدۇ. دوست دېمەك، سىزگە ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرغۇچى دېمەكتۇر.
دوست–يېمەكلىكتىنمۇ، ئىسسىق كىيىمدىنمۇ، ھەتتا دورىدىنمۇ مۇھىم بولغان قەلبىڭىزدىكى يارىنى ساقايتقۇچى ئۈنۈملۈك دورىدۇر. دوستىڭىز بولسا مۇمكىنسىزلىكمۇ مۇمكىنچىلىكلەرگە ئايلىنىدۇ.
ئەخلاقنى يوقاتسڭىز، ئۆزىڭىزنى يوقاتقان بولىسىز
ئاۋشۋىتىس ھەقىقەتەن ئۆلۈم لاگىرى ئىدى. ئەتىگىنى ئويغانساق، كەچكىچە ھايات تۇرۇش–تۇرالماسلىقىمىزنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۆلۈمنىڭ مۇدھىش كۆلەڭگۈسى ھەر مىنۇت، ھەر دەقىقىدە قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا ۋەھىمىلىك گۆلىيىپ تۇراتتى..
كېچىلىرى شۇنچىلىك سوغۇقتا ئۈستىمىزگە ياپقۇدەك يوتقان بەرمەيتتى ھەم يالىڭاچ ئۇخلاشقا مەجبۇر ئىدۇق. شۇڭا، كىچىككىنە ئورۇندا 10 ئادەم چاپلىشىپ ئۇخلايتتۇق. ھەر كېچە 20-30 ئادەم توڭلاپ ئۆلۈپ قالاتتى. يېنىڭىزدا ياتقان ئادەمنىڭ ئەتىگەنلىرى ئويغانغىنىڭىزدا ئاللىقاچان مۇزلاپ تىنىقىدىن قالغانلىقىنى كۆرەتتىڭىز.
بىر كۈنى بولكامنى قويۇپ قويۇپ ھاجەتخانىغا چىقىپ كىرسەم، بولكام ئوغۇرلىنىپتۇ. بەلكىم، ھايات قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش يوللۇق ھەم تەبىئىي دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. ئەگەر باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بەدىلىگە ھايات قالسا، مۇنداق ھاياتلىقنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
ھەممىلا ئادەمنىڭ ھايات–ماماتلىق شارائىتتا جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەممىنى يوقىتىشى ناتايىن. شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن ھايات قىلىش ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىدىم. ئەكسىچە ئامال باريارىدەم قىلىشقا تىرىشىپ كەلدىم. بىرەر قېتىممۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بولكىسىنى ئوغۇرلاپ باقمىدىم…
ئادەم ئەخلاقنى يوقاتسا ھەممىنى يوقاتقانغا باراۋەر.
ھاياتلىق بار يەردە ئۈمىد بار
ئۇرۇش گىرمانىيەگە پايدىسىز تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. ناتسىسلار ئالاقىزادە بولۇپ چېكىنىشكە باشلايدۇ ھەم ئاۋشۋىتستىكى يەھۇدىيلارنى باشقا لاگىرغا يۆتكەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھارۋىدا يۆتكەشكە سالىدۇ. جەسەتلەر ئىچىدىن تۇيۇقسىز بىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئېدىغا سۆز قىلغاندا، قورققىنىدىن يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالاي دەيدۇ.
ئۇئۆزىنىڭ ئۈچ ھەپتە بۇرۇن توي قىلغانلىقىنى، ئېدىدىن يانچۇقىدىكى ئايالىنىڭ رەسىمىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىگە نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئايالىغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈنىدۇ…
يېگىت ئەمدىلا 20 ياش ئەتراپىدا ئىدى… ئېدى كۆز–ياشلىرىنى تۇتالمىغان ھالدا ئۇنى ئۆلۈكلەرنى كۆيدۈرۈش ئورنىغا تاشلايدۇ…
***
ئېدى يەنە بىر قېتىم قاچىدۇ، بىخەتەر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇپ بىر مەزگىل شۇ يەردە ياشايدۇ، يەيدىغان يىمەكلىك يوق قۇلۇلىلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ..ئاخىرى ھالسىزلىنىپ ھۇشىدىن كېتىدۇ.
(كېيىنكى بايانلار يەنىلا ئېدى تىلىدا بايان قىلىنىدۇ.)
بىر ھەپتىدىن كېيىن ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە ئۆزۈمنى گىرمانىيەدىكى دوختۇرخانىدا كۆردۈم. دەماللىققا كاللامدىن كەتتىممۇ قانداق دەپمۇئويلىدىم. تېخى تۈنۈگۈنگە قەدەر ئۆڭكۈردە تېرىك قۇلۇلىلەرنى يەپ يۈرگەنىدىم، ھازىر ئاپئاق كىرلىكلەر ئىچىدە كارىۋاتتا يېتىپتىمەن.
بىراق، ئەھۋالىم ئېغىر ئىدى. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئېغىرلىقىم ئاران 28 كىلوگىرام كېلەتتى. دوختۇردىن كېسىلىمنى قانچە قېتىم سورىساممۇ جاۋاب بەرمىدى. ئاخىرى سىستىرا ئېمادىن نېمە كېسەللىكىمنى، ئۆلۈپ كېتىدىغان–كەتمەيدىغانلىقىمنى سوراپ، ئېيتىپ بەرمىسە قولىنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى دەپ يىغلاپ تاشلىدىم.
«ئۆلۈپ كېتىش ئىھتىماللىقىڭىز 65%، ياشاش ئىھتىماللىقىڭىز 35% »،– دېدى سىستىرا ئاخىرى.
شۇ چاغدا تەڭرىگە مۇنداق قەسەم قىلدىم:
ئەگەر ھايات قالسام باشقىدىن ئادەم بولىمەن. بارلىقىمنى بەرگەن، يەنە ھەممە نەرسەمنى مەندىن تارتىۋالغان گىرمانىيەدىن ئايرىلىپ، ئىككىنجى بۇ زېمىنغا قايتا ئاياغ باسمايمەن!
ناتسىسلار ھاياتىمغا قالدۇرغان بۇ قانلىق جاراھەتنى ساقايتىش ئۈچۈن قالغان ھاياتىمنىڭ ھەر بىر كۈنىنى قەدىرلەپ راۋۇرۇس ياشايمەن!
ئىتىقادىم، پەزىلىتىم، ئۈمىدىمنى يوقاتمىسام سالامەتلىكىممۇ مۆجىزە كەبى ئەسلىگە كېلىدۇ.
ھامان ئۆلىمەن، لېكىن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئۈمىدنى يوقاتمايمەن. چۈنكى، ھاياتلىق بار يەردە ئۈمىد بولىدۇ. ئۈمىدلا بولىدىكەن، ھەممىسى بولىدۇ!
دۇنيادا ھەردائىم مۆجىزە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھەتتا، ئەڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىمۇ
ئېدىنىڭ سالامەتلىكى ئاخىرى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەركىنلككىمۇ ئېرىشىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن بىرۇسالدىكى ئاتا–ئانىسى تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدا تۇرغان چىرايلىق ئۆيگە كېلىدۇ. ئۆي قۇپقۇرۇق بولۇپ، ئۇ ئەمدى بۇ ئۆيدە ئاتا–ئانىسىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ھاياتلىقى بۇ دۇنيادا ھېچكىمگىمۇ مۇھىم ئەمەس… مۇنداق ئەركىنلىككە ئېرىشىش زادى نېمە ئۈچۈن؟!
بۇ كۈنلەردە ئۇ جاندىن ئۆتكۈدەك غېرىبلىقدىن ھەتتا ئۆلۈۋىلىش دەرىجىسىگە يېتىدۇ. ئۇ ئۆزىگە، تەڭرىگە بەرگەن قەسىمىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە ئاتا–ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى، ئۇنىڭ تارتقان جەبىر–جاپالىرى بىكارغا كەتمەمدۇ؟ ئۇ يەنىلا ياشاشنى تاللايدۇ.
شۇ كۈنلەردە ئۇ مۆجىزە كەبى ئاللىقاچان«ئۆلۈپ كەتتى»دەپ ئويلىغان، دۇنيالىقتىكى ئەڭ يېقىن دوستى كورتنى ئۇچىرىتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ھەرقېتىم دوستىنى ئۇچىرىتىشى ئاجايىپ تاساددىبيلىققا تولغان. بۇ قېتىممۇ بۇ ھاياتتا ھېچنىمىسى قالمىغان،جاننى ئەزگۈدەك غېرىبلىقتا قالغان ۋاقتىدا ئۇنى يەنە ئۇچىرىتىدۇ ھەم ياشاشقا بولغان سەۋەب، ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
ئىككى دوست خىزمەت تاپىدۇ، چىرايلىق بىر ئۆيدە قېرىنداش، ئائىلە، دوست بولۇپ بىللە ياشاۋاتقان مەزگىلدە ئېدى سىڭلىسىنىمۇ تاپىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ يېقىن ئىككى ئادىمى بىلەن بىللە ياشايدۇ.
ئۇرۇشتىن كېيىن گەرچە لاگىرلاردىكى يەھۇدىيلار ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئېغىر روھى جاراھەت، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق–تۇغقانلىرى ھايات قالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلار كۆپ ئىدى.
بىر كۈنى كۇرت بىلەن ئېدى گىزىتتىن ئىككى قىزنىڭ لاگىردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چۈشكۈنلىشىپ ئۆلىۋالماقچى بولغىنىدا قۇتقۇزىۋىلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىق خەۋرىنى كۆرۈپ قالىدۇ–دە، قىزلارنى يوقلىغىلى بارىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ بۇ قىزلارنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئېگە چىقىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ.
قىزلارغا ئېيتقان«بىز ئەسكى ئادەملەر ئەمەس، بۈگۈندىن باشلاپ بىز سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار» دېگەن سۆزى بىلەن بۇ قىزلارنى ئۆيىدە تۇرغۇزىدۇ، ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولىدۇ ھەم ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. قىزلار كېيىنكى كۈنلەردە ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىدۇ، ياخشى يىگىتلەر بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلىسىمۇ بولىدۇ.
بۇ ئۈچ قىزچاققا يارىدەم قولىنى سۇنۇپ، ئەينى چاغدىكى دادىسىنىڭ «ئېغىر كۈنلەردە قالغانلارغا يارىدەم قىلىش بەخىتلىك كىشلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى. ئالغاندىن بەرگەن ياخشى.» دېگەن سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىدۇ.
ھاياتتا ھەر دائىم مۆجىزە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھەتتا، ئەڭ ئۈمىدسىز قالغاندىمۇ. مۆجىزىنى تاپالمىغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىز مۆجىزە ياراتسىڭىز بولىدۇ. كىچككىنە يارىدەم، سەمىمىي مىھىر، باشقىلارنى ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئەڭ قالتىس مۆجىزە.
مۇھەببەت ئەڭ قالتىس دورا
مەن پىرىنسىپچان، ئەستايدىل، ماشىنا، سان–سىفىرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەكسىچە، ئايالىم بولسا كىشلەر بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشنى، ئوخشىتىپ تاماق ئېتىشنى، مۇزىكا، تىياتىرلارغا بېرىشنى، يەنە شېئىرنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ شائىر بىلەن ئەمەس، مەندەك كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان ئادەم بىلەن توي قىلغىنى مېنىڭ بەختىم ئىدى. (ماۋۇجۈملە مېنىڭ يولدىشىمنىڭ كۆڭۈل سۆزى 😁)
ئىككىمىزدىكى دەل مۇشۇ ئوخشىمغان مىجەز بىزنى تېخىمۇ ياخشى ئەر–ئايال بولىشىمىزغا نائىل قىلغانىدى. ئادەم ئۆزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەم بىلەن مۇھەببەتلەشمىگەن تۈزۈك.
مىجەزى ئوخشىمايدىغان ئەر–ئايالنىڭ نىكاھى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىر–بىرىنى تولۇقلايدۇ، يېڭىچە ئىشلارنى سىناپ باقىدۇ، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى ئادەم بولىدۇ.
يېڭى توي قىلغان مەزگىللەردە بىر ئىشلارغا ئاسان خۇش بولالمايدىغان ئادەم ئىدىم. ئۇسۇل–تانسا، كىنوخانا..دېگەندەك ئادەم كۆپ جايلارغا بېرىشلارنى ياقتۇرمايتتىم. ئۇزۇن مۇددەت قورقۇنچ ئىچىدە ياشىغان بولغاچ، قەلبىمدە ھەر ۋاقىت ھاياتىمغا خەۋپ يېتىشتىن ئەنسىرەشلەر، ئىھتىيات قىلىشلار، ۋەھىمىلەر يوقالمىغانىدى.
ئايالىم لاگىر ھاياتىدا ياشاپ باقمىغاچقا، مەندىكى بۇ ھىسياتنى تولۇق چۈشەنمەيتتى. ھېچبىر ئىنسان ھەقىقى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقماي تۇرۇپ، ئىنساننىڭ قانداق ئېغىر كۈنلەردە ياشايدىغىنىنى، ۋاقتى كەلگەندە جاننىڭ كىچىككىنە يەردە ئېكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى.
شۇنداق، قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا ئېغىر ئازاب بار ئىدى..بۇرۇنقى دوستىمىز كونا ئۆيىمىزدىكى ئاتا–ئانامدىن قالغان نەرسىلەرنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردى. بۇرۇنقى رەسىملەر، ھۆججەت، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامەم..مەن ئەمدى بۇ ھاياتىمدا يەنە بىر رەت كۆرەلمەيدىغان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمنىڭ سۈرەتلىرى..تۈرلۈك ئېغىر تۇيغۇلاردا يىغلاپ كەتتىم… بۇلارنى كۆزۈم چىلىقمايدىغان يەرگە تىقىۋەتتىم…
مەن بەخىتلىك بولالمىغانىدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ياشايدىغانلىقىمنى، راستىنلا ياشىغۇم بار–يوقلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام ئايالىمغا يۈز كېلەلمەيمەن. توي قىلىپ ئىككى–ئۈچ يىلغىچە ئايالىم ئۈچۈنمۇ ئېغىر سىناق بولغانىدى. ئايالىمنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر خىل ساھەدىن دوستلىرىمۇ كۆپ ئىدى. مېنىڭ بولسا سۆزۈم ئاز، قەلبىمنى قۇلۇپلىۋالغان، مۆرىمەس ئىدىم. ھالبۇكى، دادا بولغىنىمدىن كېيىن ھەممە ئۆزگەردى.
توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن چوڭ ئوغلىمىز مايكىل تۇغۇلدى. ئوغلۇمنى تۇنجى قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا مۆجىزە يۈز بەردى. ئوغلۇمنى قولۇمغا ئالغان شۇ پەيتتە قەلبىمدىكى يارىلىرىم ساقىيىپ، ئىچ–ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم. شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئەر ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ھەم ئۆزۈمگە«بۈگۈندىن باشلاپ تاكى ئاخىرىقى تىنىقىمغىچە باشقىلارغا يارىدەم قىلىدىغان، دۇرۇس،سەمىمى، خۇشال ئادم بولىمەن.» دەپ ۋەدە بەردىم.
شۇنداق، دادا بولغان ئەنە شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۆزگەردىم. مەن ئۈچۈن ئەڭ قالتىس دورا گۈزەل ئايالىم بىلەن ئوغلۇم بولدى. لاگىردا قىينالغان، ئاچ قالغان چاغلىرىمدا بىرەرى ئازلا كۈندە سەنمۇ بەخىتلىك بولسىەن دېگەن بولسا ئىشەنمەس ئىدىم. ئايالىم ماڭا ئاياللا بولماستىن، مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم، سىردىشىم بولدى. مۇھەببەت، ئائىلە مېنى قۇتقازدى.
ھاياتىمدىن ئالغان يەنە بىر دەرسىم شۇ بولدۇكى:
بەخىت ئۆزلىكىدىن ئاسماندىن چۈشۈپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ سىزنىڭ قولىڭىزدا. خۇشاللىق ئىچىڭىزدىن كېلىدۇ. سىز سۆيىدىغان ئادەملىرىڭىزدىن كېلىدۇ. خۇشاللىقنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىگەندە خۇشاللىقىڭىز ئىككى ھەسسە كۆپىيدۇ. ئايالىم خۇشاللىقىمنى ئىككى ھەسسە ئۇلغىيتىدۇ. كۇرت بىلەن بولغان دوستلىقىمىز خۇشاللىقىمغا خۇشاللىق بېرىدۇ. ئۇنداقتا، يېڭى دوستۇم بولغان سىزچۇ؟
سۆزلەشنى تاللىدىم!
ئاۋستىرالىيەدەك ئەركىن دۆلەتتە تولىمۇ بەخىتلىك ياشاۋاتقان بولساممۇ، روھىم تۈرمىدە ئىدى….
ھازىر ئوغلۇم 52ياشتىن ھالقىدى. ئەپسۇس، دادام 52 يېشىدا ئۆلتۈرۈلدى، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ئازابلار زادى نېمە ئۈچۈن؟
ناتسىسلار ئۆلتۈرگەن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە سەنئەتكار، دوختۇر، ئادۇكات…قاتارلىق بىلىم ئېگىلىرى بار ئىدى…ئۇلارنى ئۆلتۈرسە، دۇنيانىڭ نېمىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ناتسىسلار بېلىپ يېتەلمىدى. ناتسىسلارنىڭ نەزىرىدە يەھۇدىيلار ئادەم ھېسابلانمىدى.
دەسلەپتە باشقىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلۈپ، مېنىڭ ساق قىلىشىمنى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ ئويلاپ كەلدىم… ئاخىرى، مۇنداق يەكۈنگە كەلدىم.
لاگىردىكى مۇدىھشلىق ئازاب–خورلۇقنى، ھەر كۈنى ھاياتىدىن خەۋپسرەپ ياشاشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى، ئۆچمەنلىكنىڭ قانچىلىك خەتەرلىكلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايات قالغانلىقىمنى، ئۆلتۈرۈلگەن 6 مىلىيون يەھۇدىينىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش مېنىڭ ۋەزىپەم ئېكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.
ئەزەلدىن كۆڭلۈمنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس ئىدىم. شۇنداقتىمۇ كۈندىن–كۈنگە بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىش ئىستىكىم كۈچىيىشكە باشلىدى. ھايات قالغۇچىلارنىڭ ئىچىدە لاگىردىن چىققاندىن كېيىن، تېنى ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ روھى ھېلىمۇ ھەم 75 يىل بۇرۇنقى تۈرمىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر بار ئىدى. مېنىڭمۇ قورقۇنچ، يۈرەكتىكى ئاغرىقلار بىلەن ھەرگىزمۇ ھەقىقى مەنادىكى ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنشىم ئۈچۈن نۇرغۇن يىللار كەتتى…
بىزدە مۇنداق گەپ بار«كىشىلەرگە خۇشاللىقىڭنى ئېيتساڭ، خۇشاللىقىڭغا خۇشاللىق قېتىلىدۇ، خاپىلىقىڭنى ئېيتساڭ، ئازابىڭ يېرىملايدۇ»دەيدىغان! ئۆز كەچمىشلىرىمنى ئورتاقلىشالايدىغا، چۈشىنەلەيدىغان ئوخشاش كەچمىشتىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا مۇھتاج ئىدىم. شۇ ۋەجدىن2011-يىلى ئامان قالغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان كەچمىشلىرىمىزنى سۆزلەيدىغان گورۇپىدىن بىرنى قۇردۇم.
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لاگىر كەچمىشى بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ باققان، ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، دوستلىرى ئۆلتۈرۈلۈپ ھەتتا، ئۇلارنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلگەندىكى جەسەت پۇرىقىنى پۇراپ باققان، بىخەتەر جاي ئىزدەپ تاپالمىغان، خائىنلىقنىڭ، قىيىن–قىستاقنىڭ، ئاچ قىلىشنىڭ تەمىنى تىتىپ باققان كىشىلەر ئىدى….
مۇنداق ئازابنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان كىشى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئورتاقلاشقان تەقدىردىمۇ يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدەك چۈشەنمەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئوخشاش مۇدھىش كەچمىشى بار بىزلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ بۇ ھەقتىكى تۇيغۇلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش ھەم بۇنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۆزىمىزنى روھى تۈرمىدىن ئازاد قىلغانلىق، شۇنداقلا كۆرگەن خورلۇقلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئالتە مىليون خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىتىش ۋەىزىپسىنى ئادا قىلغانلىق ھېسابلىناتتى.
شۇنداق، مەن نۇرغۇن يىلللاردىن كېيىن ئۆز كەچمىشلىرىمنى سۆزلەش گەرچە ئازابلىق بولسىمۇ، ئۇنى سۆزلەشنىڭ ھاياتىمنىڭ ۋەزىپىسى ھەم روھى تۈرمىدىن چىقىشىمنىڭ يولى ئېكەنلىكىنى چۈشەندىم!
***
ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بالىلىرىمغا يۈك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن لاگىر كەچمىشىم ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدىم. ئاتا–ئانام، چوڭ ئانام، تۇغقانلىرىمنى يوقىتىشتەك مۇنداق ئېغىر ئازابنى سۆزلىگىلى بولسۇنمۇ؟! بەلكىم، بالىلىرىمنى قوغداشنى ئويلىغاندىمەن..ھەقىقى ئەھۋالنى بالىلىرىم بىلسە ئازابلىنىشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئېغىزئاچمىغاندىمەن…
بالىلىرىم كەچمىشىمنى دەسلەپكى قېتىم مېنىڭ ئاممىۋى نۇتىقىمدىن بىلدى. شۇ چاغدا ئوغلۇم مايكىل خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغانىدى. تولىمۇ ئازابلىق كەچمىشلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن مايكىل مەندىن يوشۇرۇن نۇتۇق سۆزلەيدىغان زالغا بېرىپ، قېلىن پەردىنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئاڭلاپتۇ. نۇتۇق تۈگىگەندە ئۇ پەردىنىڭ ئارقىدىن چىقىپ يىغلىغىنىچە مېنى چىڭ قۇچاقلىدى…
شۇندىن كېيىن ئوغۇللىرىم ئانچە–مۇنچە نۇتىقىمنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئاڭلىدى–يۇ، بىرەر قېتىممۇ كەچمىشنى ئۇلارغا بىۋاستە سۆزلەپ باقمىدىم. چۈنكى، ھەر قېتىم بۇ ئىشنى تىلغا ئالاي دېسەم نېمىشقىدۇر دادام كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ بالىلارغا بۇ ھەقتە ئېغىز ئىچىش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كەلدى…
***
مۇشۇنداق ئېغىز ئېچىش ئېغىر بولغان قېيىن–قىستاق، خورلۇقلارنىڭ بولغىنىنى ئىنكار قىلىدىغان، رىئاللىققا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرمۇ بار، بۇنداق كىشىلەردىن سورايدىغىنىم:
ماقۇل، دېگەنلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز جاۋاب بېرىپ بېقىڭ. 6 مىلىيون ئادەم قەيەرگە غايىپ بولدى؟ بىلىكىمگە ئويۇلغان بۇ نۇمۇر زادى نېمە؟
ھەقىقى كەچمىشىنى سۆزلەش-مۇشۇنداق بىر قانلىق تارىخىنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكارقىلىدىغانلارنى، تارىخىنى بۇرمىلىماقچى بولغانلارنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش، ھەقىقەت ئۈچۈن دەس تۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئانام يېنىمدا بولغان بولسىمۇ شۇنداق دېگەن بولاتتى: «ئوغلۇم، مەن ئۈچۈن سۆزلىگىن، بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشقىن!».
ئورتاقلىشىدىغىنىمىز ئازاب ئەمەس، ئۈمۈد!
ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىدىن ناتونۇش بىر خانىمدىن مۇنداق خەت تاپشۇرىۋالدىم:«17مىنۇتلۇق تېد لىكسىيەرىڭىزنى ئاڭلاپ، ھاياتىم ئۆزگەردى. بىلەمسىز، تېخى بايىلا تۇرمۇشۇمدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىرەرسىگە سۆزلىۋالاي دەپ تۇرغانىدىم. ئەمدى شۇنى بىلدىمكى، ئەسلى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا تېگىشلىكى ئازابلىرىمىز ئەمەس، ئۈمىدكەن.»
***
بىز جەمىيەتنىڭ بىر قىسمى. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىن، بىخەتەر ياشىشى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى كىچىك چاغلىرىمدىلا ئۆگەنگەنىدىم.
دوختۇرخانىلارغا بارغاندا مەن ياسىغان ئۈسكۈنىنىڭ ئىشلىتىلۋاتقىنىىنى كۆرگىنىمدە تولىمۇ خۇش بولىمەن.
ھەر قانداق خىزمەت ئوخشاشلا جەمىئەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇئەللىم بولسىڭىز، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ھاياتىغا نۇر ئاتا قىلىسىز. ئاشپەز بولسىڭىز، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئادەمنى خۇش قىلالايسىز.
ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان خىزمەتنى ياخشى كۆرمىگەن، مىجەزىڭىز كېلىشمەيدىغان ئادەملەر بىلەن ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، دۇنياغا نىسبەتەنشۇنچىلىك كىچىك ئىش قىلسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا تۆھپە قوشقان ھېسابلىنىسىز.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىڭىز ھەتتا سىز تونۇمايدىغان كىشىلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. باشقىلارغا ياخشى ياكى يامان تەسىر قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق. ھەر كۈنكى شۇ بىر مىنۇتلۇق تاللىشىڭىز بىراۋلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ ياكى بىراۋلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. تاللاش ئاسان، شۇنداقلا تاللايدىغان ئادەم سىز!
***
بىر پارچە قاقاس يەرگە بىرەرتۈپ گىياھ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، قاقاسلىق باغچىغا ئايلىنىدۇ. ھاياتمۇ ئەنە شۇنداق.
ھاياتقا نېمىنى بەرسىڭىز، بەرگەنلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ.
بىر تال گۈل ئېچىلدۇرۇش–مۆجىزىدۇر. بىر تال گۈل ئېچىلدۇرالىغان يەردە، تېخىمۇ كۆپ گۈللەرنى ئېچىلدۇرالايسىز. بىر تۈپ گۈل شۇنداقلا قۇرۇپ قالمايدۇ. ئۇ چوڭ بىر باغنىڭ باشلىنىشى.
ئەڭ ياخشى ئۆچ ئېلىش-تېخىمۇ ياخشى ياشاشتۇر
75 يىل ئىلگىرى، ئەمدىلا ئۇرۇش ئاخىرلاشقان مەزگىلدە ناتسسلاردىن بىرى بىلگىيەدە ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىدۇ. شۇچاغدا مەن ئۇنى كۆرگىلى بېرىپ«نېمە ئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ۋەھشىيلىك قىلىسەن؟»دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ تىتىرگىنىچە يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ ئەسكى ئادەمدەكمۇ كۆرۈنمەيتتى، شۇ تۇرىقىدا ئادەم ئەمەس، گوياكى ئادەمنىڭ كۆلەڭگۈسىدەك كۆرۈنۈپ ئىچىم ئاغرىپمۇ قالغانىدى. نەتىجىدە، يەنىلا ئۇنىڭدىن سۇئالىمنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمىدىم.
يېشىم چوڭايغانسىرى «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن بۇ سۇئال ھەققىدە ئويلىماي تۇرالمىدىم. ئەگەر بىرەر ئۈسكۈنە بولغان بولسا، سۇئالىمغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سەۋەبىنى تاپقان، بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىغان بولاتتىم، بەلكىم!
يىللار ئۆتۈپ ئاخىرى جاۋابقىمۇ ئېرىشتىم. جاۋابى شۇ بولدۇكى–ئۆچمەنلىك!
ئۆچمەنلىك بىر خىل كىسەللىك، بەئەينى راكقا ئوخشاش. ئۆچمەنلىك–بەلكىم دۈشمىنىڭىزنى ئۆلتۈرەلىشى مۇمكىن. بىراق، سىزنى ۋەيران قىلىدۇ. مەن ھېچكىمگە ئۆچلۈك قىلمايمەن. ھەتتا گىتلىرغىمۇ! بۇ ھەرگىزمۇ گىتلىرنى كەچۈرىۋەتكىنىم ئەمەس، كەچۈرىۋەتسەم ئۆلۈپ كەتكەن ئالتە مىليون يەھۇدىيغا يۈز كېلەلمەيمەن، كەچۈرىۋىتىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!
يۇقارقىسى ھەم ئەمدى سۆزلىيەلمەيدىغان ئاشۇ ئالتە مىلىيون بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ يۈرەك سۆزى. مەن ئۇلار ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ھەم ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياشاشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئەڭ ياخشى ئۆچ ئېلىش تېخىمۇ ياخشى ياشاش!
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايالىم ئىككىمىز توي خاتىرە كۈنىمىزنى تەبرىكلەيمىز. بۇ كۈن ھەم گىتلىرىنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى.
ئايالىم ئىككىمىز تىلۋىزور ئالدىدا قېزىل چاي بىلەن پىچىنە يەۋىتىپ ئۆزىمىزنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتقىنىمىزدا، گىتلىر ئاللىقاچان جەھەننەمگە كەتكەن بولىدۇ. مانا بۇ ئەڭ كۈچلۈك ئۆچ ئېلىش بولماي نېمە؟! شۇنداق، مەن گىتلىردىن دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم بولۇپ ئۆچ ئالىمەن.
بىز كۈلسەك، دۇنيامۇ بىزگە قاراپ كۈلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھايات ھەر ۋاقىت خۇشاللىققا تولىۋەرمەيدۇ. يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىز ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر بەخىت. مۇشۇ مەنىدىن ھايات ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم بەخىتلىك، ھەر بىر نەپەس سوۋغىدۇر.
ھاياتىڭىزنى گۈزەللەشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ھاياتىڭىز گۈزەللىشىدۇ. خۇشاللىق سىزنىڭ قولىڭىزدا. ھەر كۈنى خۇشال ياشاڭ ھەم باشقىلارغىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىڭ. دۇنيانى ئۆزىڭىزنىڭ دوستىڭىز قىلىڭ.
خاتىمە
شۇنچىلىك ئازابلىق كەچمىشلەرنىڭ ئاخىرىدا شۇنچىلىك گۈزەل خاتىمىلىنىشى كىشىگە ئۈمىد، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتابنىڭ ئاخىرىنىمۇ يېزىپ چىقىرىۋەتتىم.
مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇغان بولسىڭىز، دەسلەپكى مەزمۇندىكى«ھاياتىدا شۇنچىلىك ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن تۇرۇقلۇق، بۇ ئادەم يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى يەرشارىدىكى ئەڭ بەختىلىك ئادەم دەپ سانايدىغاندۇ؟»دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب تاپتىڭىز، شۇنداققۇ؟
دۇنيادا ئەڭ چۇڭقۇرئازابىنى سۆزلەشنىڭ ئاجايىپ جاسارەت تەلەپ قىلىدىغىنىنى ئېدىنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىنى بالىلىرىغا بىۋاستە سۆزلەپ بىرەلمىگىنىدىن تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدىم…
كىتابىمىزغا قايتىپ كەلسەك، بىر ئاددى ئادەم بولۇش سالاھىيتىمىز بىلەن بىز مەيلى ئۆز بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتلەر بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىدە بولسۇن، ئىچىنىشلىق نالە-پەرياد ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر ئىنسانغا ھىسداشلىق قىلىمىز ھەم ھەر قانداق ۋەھشىلىك، رەھىمسىزلىك، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان رەھىمسىزلىككە قارشى تۇرىمىز.
يەھۇدىيلار توغۇرلۇق يېزىلغان كىتاب، ئىشلەنگەن تەسىرلىك فىلىىملار ئاز ئەمەس. بۇ كىتابنىڭ ئۆزگىچە تەرىپى دەل شۇكى، يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئازابلىق كەچمىش، ئۈمىد ھەم خۇشاللىق بىلەن خاتىمىلىنىدۇ. بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى توختىلىشىمنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى بار. بىرىنجىسى، ھەر بىر ۋەقە، ھەر بىر تۇيغۇ شۇنچىلىك راست. ئىككىنجى سەۋەب، ئادەمنىڭ قېرىندىشىنىڭ قولىغا تېكەن كىرسە، يۈرەك سىقىرايدۇ…مۇشۇ مەنىدىن لاگىر ھاياتى مەندىن، بىزدىن يېراقتا ئەمەس! شۇڭا، ئېدىنىڭ تۇيغۇلىرى ھەم ئازابلىرىغا ئورتاقلىشالايمىز.
ئۈچىنجىدىن، بۇ كىتاب بۇ يىللاردا مېنى تىڭىرقاتقان، ئويلاندۇرغان سۇئاللىرىمغا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاب بولدى.. مەسلەن، بىر قانچە يىل بۇرۇن بىرىنىڭ توردا «بەخىت ھەققىدە سۆز ئېچىشتىنمۇ نۇمۇس قىلىدۇكىشى»دېگەن سۆزى ئېسىمدە. بىر مەزگىل كۈلۈشمۇ گۇناھتەك ھېس قىلغان چاغلىرىمىز بولغان… چۈنكى، بىز بۇ يىللاردا ھېلىغۇ ئوخشىغان تاماق، مۇنچىلاركەن،ھەتتا، ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى ئىھتىياجى بولغان ھاجەتخانىغا كىرىش، قەغەز ئىشلىتىش ئىھتىياجىدىنمۇ مەھرۇم ياشاۋاتقان قان-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق…جېنىمىز سىقىرىدى… روھىيتىمىز خورىدى..ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەن بولسا، بىز تېشىدا كۆيدۇق..
قانداق ياشاش كېرەك؟ نېمە قىلالايمىز؟ قەلبىمىزدىكى ئۆچمەنلىكتىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەكمۇ؟ كەچۈرىۋىتەلەمدۇق؟…قاتارلىق تالاي سۇئاللار بىزنى قىينىدى. قەلبىمىزدە بەزىلىرىگە جاۋاب تاپقان بولساقمۇ، بەزىلىرى سۇئال پېتى قالدى…
ئۇشبۇ كىتاب بولسا، رەھىمسىزلىك ئالدىدا ئۆزىنى تاشلىۋىتىش ئەمەس، ئۆچ ئېلىشنىڭ ئەڭ قالتىس شەكلىنى، ھاياتلىقنىڭ ئۆزىلا بەخىت، ھەر بىرنەپەسنىڭ سوۋغا ئېكەنلىكىنى ئېيىتپ بەردى.
خوش، باشتىن ئاخىرى يازمىلىرىمغا جۆر بولغان سز، قانداق ياشاۋاتىسىز؟ يەنە قانداق ياشىماقچى سىز؟
*************************
ئېدى جەكۇنىڭ«يەر شارىدىكى ئەڭ خۇشال كىشى»ناملىق كىتابىدىن تەسىرات
رەيھان ئابلەت
ئەسكەرتىش: مەيلى بىلوگىم ياكى باشقا تاراتقۇلاردا بولسۇن، يوللاۋاتقىنىم ماڭا خاس ئىجادى ئەمگەكلەر، خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. باشقا تاراتقۇلاردا تارقاتماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن رۇخسىتىمنى ئالغايسىز.
ئىنكاس يازىمەن