پىسخولوگىيە: نارازىلىقىڭىزنى ئېيتمىسىڭىز قەلبىڭىز يارىلىنىدۇ

2,817 قېتىم ئوقۇلدى

 

يازغۇچى Gregg Easterbrook ئۆزىنىڭ «The Progress Paradox»ناملىق كىتابىدا 20ئەسىردىن كېيىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسكەن بولسىمۇ، بەخىت تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ، بەخىتسىزلەر كۆپىيىپ كەتتىدەيدۇ.

ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرنىڭ تەلىپى ئاشقانسىرى ئىھتىياجنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى، قورساق كۆپىكى ۋە ئۈمىدسىزلىك ئېشىپ كەتتى.

نارازىلىقنى ھىسىيات ئارقىلىق ئىپادىلەشمۇ روھى بىسىمدىن قوغدايدىغان، پىسخىكىلىق جەھەتتىن  ئۈنۈملۈك، بەكلا ئاشۇرىۋەتمىسىلا ساغلام ھەرىكەت دېيىشكە بولىدۇ.

RAIN – Sulton Ali Rahmatov

 

مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۈپ قىزيىگىت كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا بارغىنىدا، يىگىت باشقا بىر قىزدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قاپتۇ. بۇنىڭدىن نارازى بولغا قىز:« بولدى قىلىڭە» دىيىشى بىلەن يىگىت ئىككىسى گەپ تالىشىپ قىلىپ يىگىت قىزدىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

قىز تازلىق ئۆيىگە كىرىپلا يىغلاپ كېتىپتۇ ھەم كۆزلىرى ئۇچىرىشىپ قالغان ئەينەك ئالدىدا گىرىم قىلىۋاتقان ئايالغا:«ئەر كىشى دىگەن ھەجەپ ناچار بولىدىكەن» دىگىنىدە، ئۇ ئايال كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويۇپ « ناچار دىگەن ئۆزىڭىز»دەپتۇ!

*

ئاغرىنىشلىرىڭىزنى ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ، ئۇنى ئاڭلاپ بىرىدىغان ئادەم بولىشى كىرەك.ھېچكىم يوق ئۆيدە بارچە ئاغرىنىشلىرىڭىزنى دەپدەۋالسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز يىنىكلەپ قالغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيسىز.

خۇددى ئۆزىڭىزنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە كۆڭۈل چۈشەندۈرگەندەك ئۈنۈمسىزلا ئىش!

يەنى، بۇ يەردىكى كۆڭۈلنىڭ ئازادىلىكى قارشى تەرەپنىڭ  كۆڭلىڭىزنى ناھايتى چۈشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.

كۆڭۈل ئازادىلىكنىڭ دەرىجىسى قارشى تەرەپنىڭ ئاغرىنىشلىرىڭىزنى قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭلىڭىزنى توغرا چۈشىنىپ، قانچىلىك دەرىجىدە قەلبىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالايدىغانلىقىغا باغلىق.

ئەمدى ئالدىنقى قېتىمقى مىسالغا قايتساق، قىز تازىلىق ئۆيىگە كىرگەندە ھېلىقى ئايال يىغلاۋاتقان قىزغا: « بىرەر ئىش بولدىمۇ؟» دىگەنبولسا ياكى قىزنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ بەرگەن بولسا، ھېچ بولمىغاندا ئۈنسىز قەغەز سۇنغان ياكى ھىسداشلىق نەزىرىدە قىزغا قاراپقويغان بولسىمۇ قىزغا خېلىلا تەسەللى بولاتتى.  بىراق، ئايالنىڭ سوغۇق نەزىرى قىزنىڭ قەلبىنى يىگىتىدىن ئايرىلغان بىلەن ئوخشاشدەرىجىدە يارىلاندۇردى. ھەتتا، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

دىمەك، ئاغرىنىشلىرىڭىزنى ئېيتىپ بىرىدىغان ئادەمنىڭ قانداق ئادەملىكى بەك موھىم.

يەنى، بىراۋغا ئىچىڭىزدىكى ئاغرىنىشلىرىڭىزنى تۆكۈشتىن بۇرۇن مۇنداق ئۈچ سۇئالنى سوراپ كۆرۈڭ:

(1) بۇ ئادەم باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەر تىپىدىنمۇ؟

يەنى، بەزى ئادەملەردە ئەزەلدىن بىراۋلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان يۈرەك بولمايدۇ. ھەتتا، بىراۋلارنىڭ قايغۇسىنى كۆرسە خۇش بولىدىغانئادەملەرمۇ بولىدۇ. (يېقىندا دەل مۇشۇنداق ئادەمنى ئۇچراتتىم).

ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئادەملەرگە كۆڭۈل يارىلىرىڭىزنى ئېيتىشتىن ساقلىنىڭ.

(2)قارشى تەرەپ ئاغرىنىشلىرىڭىزنى ئاڭلىيالىغۇدەك ھالدىمۇ؟

مەسلەن، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىرىغان دوستىڭىزنى يوقلاپ بارغىنىڭىزدا، ماشىنا توختاتقۇدەك يەر تاپالماي قانچە قىينالغىنىڭىزنى ئۇنىڭغائېيتامسىز؟

(3)بۇ ئادەم كۆڭۈل ئاغرىقلىرىڭىزغا ئورتاقلىشالامدۇ؟

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقان بىرىگە خىزمەتتە ئۇتۇق قازانغان ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىككى ھەپتىلىك ئوينىغانساياھىتىدە تىرىسىنىڭ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەنلىرىدىن قاقشاپ بەرسە، بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەشۋىش ئىچىدە كۈتىۋاتقان ئوقۇغۇچىغا تىتارمۇ؟

كۆپىنچىمىزنىڭ ئىچىمىزدە نۇرغۇنلىغان نارازىلىقلىرىمىز تولۇپ تۇرسىمۇ، بۇلارنى باشقىلارغا سۆزلەپ «قاقشىغۇچىلار»دىن بولۇپ قىلىشتىنئەنسىرەيمىز،بىزنىڭ تىنىچخاتىرجەم ئۆتكىمىز بار، شۇنداقمۇ؟

لېكىن، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى: پەقەت غېچىرلىغان چاقلا مايلىنىشقا ئېرىشەلەيدۇ.

يەنى، قانچىلىك خالىماسلىقىڭىزدىن قەتئىنەزەر ۋاقتى كەلگەندە نارازىلىقىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىشىڭىز كېرەك. بولمىسا روھى بېسىملار يىغىلىپ قەلبىڭىزنى يارىلاندۇرىدۇ،دەيدۇ پىسخولوگ گايۋىنىچ.

Will Bowen ئۆزىنىڭ «ئەمدى قاقشىمايمەننامىلىق كىتابىنى يېزىپ چىقىپ، 2006 يىلىكانزاس شىتاتىدىكى بىر يېغىلىشتا ئۆزىنىڭ 21 كۈن نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرمۇئېغىز سۆز قىلماسلىقنى سىناپ باقىدىغانلىقغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇسىېنىقى ئۈچۈن ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ.

ۋىل بوۋىن بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۆزىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ ھەم قاقشاش ئاز بولغان دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەلبولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

ۋىل بوۋىننىڭ بۇ تەشەببۇسى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس دىيىشكە بولسىمۇ، بىراق! پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن بۇ خىل تەشەببۇسنى تەرغىپ قىلىشقابولمايدۇ.

ئاغرىنىش، ئۈمىدسىزلىك، قورساق كۆپىكى دىگەندەك ئادەمدە بولىدىغان تەبىئى روھى ھالەتلەرنى باستۇرۇپ، ئۆلتۈرىمەن دېيىش ئەكسىچەتېخىمۇ ئېغىر بولغان «D تىپلىق غەيرى كىملىك»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇرغۇنلىرىمىز مۇنداق ئوي سەۋەبىدىن ئاغرىنىشلىرىمىزنى ئىچىمىزگە يۈتىۋىتىمىز.(مەنمۇ مۇشۇلارنىڭ بىرى ئىدىم، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن.)

(1) ئاغرىنىشلىرىمنى ئېيتقۇدەك ۋاقىت، ئېنىرگىيە يوق!

(2) بۇ ئاغرىنىشلارنى كىمگىمۇ دەپ بېرەمەن؟

(3) قارشى تەرەپنىڭ ئۆچ ئىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.بۇ نارازىلىقلارنى ئېيتساممۇ بەربىر ھېچنىمە ھەل بولمايدۇ!

شۇنىڭ بىلەن ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمىز ئاتائانا بىلەن بالا، ئەرخوتۇن، قېرىنداشدوستلار ئارىسىدىمۇ بىربىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىدىنرەنجىپ يۈرىۋاتقانلىقىنىمۇ دىيىشمەيدۇ ھەم بىلىشمەيدۇ.

بەرىبىر دىسەممۇ ئۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ،- دەپ قارشى تەرەپكە ئويلىرىنى، نارازىلىقلىرىنى ئېيتمايدىغان ئەرخوتۇنلار نۇرغۇن.

بىراق، نارازىلىقىڭىزنى ئىپادىلىمىسىڭىز سۆيگەنلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز، جەمىيەت ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.

ئۇنداقتا، ئىچىمىزگە پاتمىغان ئەلەملىرىمىزنى قانداق ئېيتىمىز؟

داۋامىغا قىززىقسىڭىزكېلەرھەپتىلىك #ھەپتىدە بىر ئەسەر# گە دىققىتىڭىزنى بەرگەيسىز~

      

***************

مەنبە: گاي ۋىنچنىڭ ”نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق ياپونچە كىتابدىن

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. يۈرەك يارىمىزنى دەپ چۈشەندۈرۇشكىمۇ ئىنىرگىيە كىتىدىكەن ،ھەتتا 90%ئادەم بىزنى ئاجىز كۈرۈپ بىر يەرلەرگە كەلگەندە چاندۇرىدىكەن ،ھەتتا دۇنيادا سىزنى ماڭا ئىگىسى بەرگەن دىگەن قېرىنداشتىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۈرۈلدى ،ھەتتا يارىلاندۇرغۇچىنىڭ ئۈزى سىزنىڭ ھىچبىر گېپىڭىزنى ئىلىك ئالمىسا كۈنلەر ئۈتكەنسىرى ۋاز كىچىپ ئۈزىڭىزنىڭ خىيالى دۇنياسىدا ياشاپ ،ھايات بەرىبىر دىگەن نوقتىغا كەپ قالىدىكەسىز ،يازمىدا ئېيتىلغان ئۇسۇللارنى ھەممىنى دىگۈدەك سىناپ بولغان ۋاقتىمىزدا كىيىنكى باسقۇچتا قانداق قىلىش كىرەك دىگەن تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقسام بولغۇدەك

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

پىسخولوگىيە:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى