25 ياشلىق دېنىس ئەقىللىق يىگىت ئىدى. ئۇ قانۇن ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەدىن نىيۇيوركقا كىلىدۇ.
مەكتەپ باشلىنىشتىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ئاپىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كىچىك شەھەردىن مەركىزى شەھەرگە كەلگەندىن كېيىنكى خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان پىسخىكىلىق تەييارلىق بولىشى ئۈچۈن گايۋىنىچنىڭ داۋالاش مەركىزىگە پىسخىكىلىق مەسلىھەتكە كىلىدۇ.
دەرۋەقە، مەكتەپنىڭ تۇنجى كۈنلىرىلا ئىشلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ.
ماتىرىيال تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئىقتىسادى يارىدىمىگە ئېرىشىش رەسىمىيىتىنى بېجىرەلمەي قالىدۇ.

ياتاقدىشىنىڭ ۋەھشى قورقۇنۇچلۇق فىلىملارنى يۇقىرى ئاۋازدا قويىۋىلىشلىرى جېنىغا تېگىدۇ. بۇسەۋەبلىك ياتاقدىشىغا قاتتىق ئاچچىقلاپ قالىدۇ.

كىتابخانىدىن كېرەكلىك كىتابلىرىنى سېتىۋالاي دىگەندە، كارتىسىنىڭ ھەق تۆلەش چىكى بەك تۆۋەن بولغاچ ستىۋالالمايدۇ. ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا دەسلەپكى بېجىرگەن يەرلىك بانكا تارمىقىنىڭ قالدۇق پۇل ئىسپاتى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئىككى ھەپتە بۇرۇن توردىن سېتىۋالغان خاتىرە كومپىيۇتىرى كېچىكىپ كىلىدۇ ھەم سىستىمىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.
كېلىشكەن ۋاقىتتا گايۋىنىچنىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەن دېنىس ئىشىكتىن كىرىپلا يىغلاپ كېتىدۇ ھەم قانۇن مەكتىپىدىمۇ ئوقۇماي قايتىپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ.


Richard Clayderman – Belle

 

مەسىللەرگە ئاكىتىپ ۋە پاسسىپ نوقتىدىن قاراشنىڭ پەرىقى

 مەسلىنىڭ مەنبەسىنى سىرىتقى سەۋەبتىن دەپ قارىغاندا ئادەم ”نېمىلا قىلسام بەرىبىر“ دەپ ئويلىۋىلىپ، ئۆزىنى ئىلاجسىز، چارىسىز ھېس قىلىدۇ.
مەسلىنى ۋاقىتلىق دەپ ئويلاش بىلەن مەڭگۈلۈك ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە دەپ ئويلىغاننىڭ، مەسلىگە ئاكىتىپ يۈزلىنىش بىلەن پاسسىپ يۈزلىنىشىنىڭ مۇنداق پەرقى بار.

مەسىللەرگە پاسسىپ نوقتىدىن يۈزلەنگەندە:

ھەر قانداق ئادەم ياشاش جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىققا نىسبەتەن:
*مۇشۇنداق قىيىنچىلىق، بەخىتسىزلىك ماڭىلا كېلىدۇ.
*مەنغۇ زادى مۇشۇنداق ئىشلارغىلا يولۇقاتتىم.
*مېنىڭغۇ زادى ھېچنىمىدىن تەلىيىم يوق.
*يامانلىق كەلسە قوش كېلىدۇ.
دىگەندەك ھەممە ئىشلارغا پاسسىپ نوقتىدىن قاراپ ئويلايدۇ.

ئاكىتىپ ئويلايدىغان ئادەملەر بولسا:
بۇلار پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، مەن مۇشۇ قىيىن شارائىتتىمۇ چوقۇم بىرەر ئىش قىلالايمەن، بۇ مەسلىمۇ چوقۇم ھەل بوپ كېتىدۇ دەپ ئويلىيالايدۇ.
بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ئاجايىپ چوڭ پەرىقى بولۇپ، ئوخشاش قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، پاسسىپ ئويلىغۇچىلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ئاكىتىپ پىكىرقىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئېغىر بولىدۇ.

روھى چۈشكۈن كىشىلەرنىڭ ئېغىر كىسەللەرگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. يۈرەك كىسىلىنىڭ قوزغىلىشى، سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداق كىشىلەرنىڭ ئالدىراپ چۈشكۈنلەشمەيدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۆمرى قىسقا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

ئاكىتىپ پىكىر قىلىش -مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ، تىرىشىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

ئەگەر 10 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىغا ئىشلارغا ئاكىتىپ تەرەپتىن پىكىر قىلىش ئۆگىتىلسە، بالىنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى باش قېتىنچىلىقىنىڭ 50% ئازلايدىكەن.

 

 

ئۆگىنىپ قالغان چارىسىزلىق تۇيغۇسىدىن ھالقىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

 

ئادەم ئۆزىنى مەلۇم ئىشنى قىلالايمەن دەپ ئويلىيالىغىنىدا «ھېچ ئىش قىلالمايمەن»لەر ئاخىرلىشىپ، يەلكىسىنى بېسىۋالغان ئامالسىزلىق، چارىسىزلىقلاردىن ھالقىشنىڭ قەدىمى باشلانغان بولىدۇ.

بۇ بىر جۈملە-ئۇشبۇ كىتابتىكى گايۋىنىچ يەتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ موھىم ئىددىيە.

نارازىلىق-ھەل قىلغىلى بولىدىغان ھەم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان موھىم مەسىلە.

ھەر قانداق ۋاقىتتا، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، ھېچنىمە قىلماستىن چارىسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالغاندىن كۆپ ئەۋزەل.

بولۇپمۇ قەلبىدە كۈچلۈك نارازىلىقى بولغان، قاتمۇ-قات نارازىلىقلارنى قەلبىدە يۈدۈپ يۈرگەن كىشىلەر تېخىمۇ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

سىزنى نارازى قىلغان ئىشلارنىڭ ھەل بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشىنىڭ:
بۇ سىزدە ئەسلىدىنلا مەسلىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يوقلىقىدىن بولماستىن، پەقەت ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭىز، بىلىشىڭىزنىڭ كەملىكىدىن بولغان،خالاس!

ئادەمنىڭ ئۆزىنى كۈچسىز، چارىسىز ھېس قىلىشى «ئىچىمدىكى نارازىلىقلىرىمنى دىسەممۇ، بەرىبىر ھەل بولمايدۇ» دىگەن ئويدىن كىلىدۇ.

مەيلى قانچىلىك كىچىك ئىش بولسۇن، ئۆزىڭىز نارازى بولغان كىچىككىنە مەسلىنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان شۇ بىر قېتىملىق ئىسپاتىڭىز بولسىلا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلغاندىكى ئۇتۇق تۇيغۇسىنى ئەسلەش ئادەمگە كۈچ بېرىدۇ، تېخىمۇ چوڭ، قىيىن بولغان مەسىللەرگە ئاكىتىپ يۈزلەنگىلى بولىدۇ.

مەسلەن: دېنىسنىڭ ئەھۋالىنى ئالىساق، قورقۇنچلۇق فىلىملارنى يۇقىرى ئاۋازدا قويىۋىلىپ ئۇنى بىئارام قىلىدىغان ياتاقدىشىغا ئاچچىقلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئاۋازنى سەل پەسەيتىپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىدى.
ناۋادا، ياتاقدىشى شۇ گېپى بىلەن كۆرىۋاتقان كىنوسىنىڭ ئاۋازىنى پەسەيتسە، بۇ نارازىلىقىڭىزنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالىقىغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا نارازىلىقلىرىڭىزغىمۇ ئاكىتىپ يۈزلىنەلىشى مۇمكىن ئىدى.

ئۇندىن باشقا ئوقۇش يارىدەم پۇلىغا كىرەكلىك بولغان ماتىريالنى ئاپىسىغا ئەۋەتكۈزسە، بانكىنىڭ قالدۇق ھېساباتىنى چىقارسىلا ئىش پۈتەتتى، ئوقۇشتىن چېكىنىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق ئىدى.

يەنى،نارازىلىقلارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئىشنى ھەل قىلماق ئاسانراق بولغان كىچىك-كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، تەدىرىجى مۇرەككەپ ئىشلارنى سىناپ باققان تۈزۈك.

سۆيۈملۈك كىشىمىز، خىزمەتدىشىمىز، ياتاقداش، دوست، ئائىلە ئەزالىرىغا نارازىلىقىمىزنى قانچە قېتىم ئېيتىپمۇ ھەل قىلالمىغان چاغلىرىمىز بولۇپ باققان بولىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئاشۇ مەسىلە توغۇرلۇق قايتا پاراڭلىشىپ باقساق بولىدۇ.
نارازىلىقلىرىمىزنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىۋالساق، بىزگە تىراگىدىيە كۆرۈنگەن ئىشلارغا باشقا بىر نوقتىدىن ئاكىتىپ يۈزلىنىپ باقساق، ئۆزىمىزنى كۈچسىز، چارىسىز ھېس قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىمىز. بەدەنمۇ، قەلبمۇ كۈچلىنىدۇ.

 

******************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابتىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...