بۈگۈن 20-ئەسىرنىڭ ئەدەبىيات پىشىۋالىرىدىن بېرى ھېسابلانغان ئېرنېست ھېمىڭۋاينىڭ ھايات ۋاقتىدا نەشىرقىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى، يەنى،1952-يىلى يېزىلىپ، 1954-يىلى ئەدەبىيات نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىل خاراكتىرىلىك قىسقا ھەجىمدىكى داڭلىق رومانى «بوۋاي ۋە دېڭىز» ھەققىدە توختىلىمىز.
يازمامنى ئوقۇشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
🔺 ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يۈرىكى بىر قانچە سائەت سوقىدىغان دېڭىزھايۋىنى قايسى؟
🔺ئەسەردە بوۋاي دېڭىزنى نېمىگە ئوخشىتىدۇ؟
🔺بوۋاي تۇتقان بىلىقنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا؟
🔺ئۇشبۇ ئەسەر توغۇرلۇق نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟
HAVASI- The Road
ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
84 كۈن ھېچنىمە تۇتالمىغان كۇبالىق بىلىقچى بوۋاي سانتىياگو «85»دېگەن ساننى ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدىغان ئالاھىدە سان دەپ بىلىدۇ.
سانتىياگونىڭ پۈتۈن جىسمىدىن قېرىلىق چىقىپ تۇرسىمۇ، مەيۈسلىنىشتىن يات دېڭىزدەك كۆپكۆك بىر جۈپ كۆزلىرى شادلىق ۋە ئۈمىدتىن چاقناپ تۇرىدۇ.
رومانىمىزدا بىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنىمۇ بوۋايدىكى ئەنە شۇ يارقىنلىق.
شۇنداق قىلىپ 85-كۈنى بوۋاي يەنە بىرقېتىم سىناپ باقماقچى بولۇپ كىمىسى بىلەن يالغۇز دېڭىزغا چىقىدۇ. شۇ كۈنى ئويلىمغان يەردىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز شۇنداق چوڭ بىلىقتىن بىرى قارماققا ئېلىنىپ قالىدۇ.
بوۋاي ئۈچ كېچە-كۈندۈز بىلىق بىلەن تەنھا ئېلىشىش جەريانىدا، كاللىسىدىن تۈرلۈك-تۈمەن خىياللار، ئەسلىمىلەر كېچىدۇ.
ئۇ دېڭىز ساھىلغا يېقىنلىشاي دېگەندە بىر توپ لەھەڭلەر كېلىپ، ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش بەدىلىگە تۇتقان بىلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ يەپ قۇرۇق سۆڭىكىنىلا قالدۇرۇپ قويىدۇ.
ئاقىۋەت، بوۋاي بىلىقنىڭ سۆڭىكى بىلەن پورتقا قايتىپ كېلىدۇ.
ئەسەر ھەققىدە مۇلاھىزە
ھېمىڭۋاينىڭ يېزىش ئۇسلۇبىدىن بىرى، ئۆزئىددىيەسىنى بىۋاستە سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىمەستىن، مەلۇم يوشۇرۇن مەنا ئارقىلىق ئىپادىلەش دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىت، مۈشۈك دىگەندەكلەرنىڭ تەسۋىرىمۇ ھەرگىز بىكاردىن تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ، مەلۇم مەقسەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە خىللانغان سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئەسەرلەر ئارتۇقچە بايانلاردىن خالى قىسقا-ئىخچام بولغان. قارايدىغان بولساق، ئەسلىدىكى ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان، پەقەت 140 بەتلىك قىسقا ھەجىملىك ئۇشبۇ رومانىدىمۇ ئارتۇق-سۆز جۈملىلەر ئىشلىتىلمىگەن.
بوۋاي ئۈچ كېچە-كۈندۈز بىلىق-لەھەڭلەر بىلەن ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش بەدىلىگە ئېرىشكىنى بىلىقنىڭ بېشى ھەم قۇيرۇقىلا قالغان ئىسكىلىتنى ئېلىپ كىچىككىنە كەپىسىگە قايتىش يولىدا ئۆزى دۇچ كەلگەن كۈلپەتنى «ھېچنىمە بولغىنى يوق،شۇ بەكرەك يېراققا كېتىپ قاپتىمەن!»دەپ يەكۈنلەيدۇ. بۇ يەردىكى مونولوگ ئەمەلىيەتتە، بوۋاينىڭ ئۆزىدىن ھالقىغانلىقىنىڭ ھازىرغا قەدەر ياشاپ باقمىغان يەنە بىر دۇنياغا كىرگەنلىكىنىڭ يوشۇرۇن مەناسى ئىدى.
ئەنە شۇنداق، ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىمۇ ساھىلدىكى مەيخانىغا كەلگەن ئىككى ئامېرىكىلىق ساياھەتچى تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى كىشىنىڭ بەش يېرىم مېتىر كېلىدىغان مۇنداق چوڭ بىلىقنىڭ ئىسكىلىتىدىن،ھاياتىدا تۇنجى رەت كۆرگەن مۇنداق چىرايلىق بىلىق قۇيرۇقىدىن ھەيرەتتە قالغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىسكىلىتنىڭ كىلىش ماھىيتىنى پەقەت بوۋاينىڭ ھەقىقى چۈشىنىدىغانلىقىنى يوشۇرۇن تەكىتلەيدۇ.
ھالبۇكى، بوۋاينىڭ ئۈچ كېچە-كۈندۈز تارتقان ھايات-ماماتلىق كۆرىشىنى ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك چۈشەنمەيدۇ.
بۇ دىمەك، ئادەم تەنھا كېلىدۇ. ھەر بىر ئاچچىق، ھەر بىر ئازاب، ھەتتا، ھەر بىر جان تىتىيدىغان ئۆلۈمنىڭ تەمىمۇ پەقەت شۇجاننىڭ ئۆزىگىلا خاس جەريان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئادىمىيلىكتىكى تەنھالىق دىگەن شۇ بولسا كېرەك.
بوۋايدىكى مۇھەببەت ۋە جاسارەت
بوۋاي ئەركەك-چىشى بىلىقنىڭ سۇ پۈركۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى پەرق ئىتەلەيدۇ. دېڭىز تاشپاقىلىرىنى، ئۇنىڭغا دەسسەپ ماڭغاندىكى قېپىنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ.
يۇنۇس بىلىقلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن بەكمۇ ئىناقلىقىنى، ئەركەك بىلىق بىرەر يەم تاپقىنىدا ئالدى بىلەن چىشى بىلىققا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تېخى بىر قېتىم چىشى ساڭقۇرت بىلىقىنى تۇتىۋالغىنىدا ئەركەك بىلىقنىڭ يېنىدىن ئەگىپ كىتەلمىگەنلىكىنى، ئاخىرى چىشى بىلىق ئۆلگەندىن كېيىن چارىسىز كېتىپ قالغانلىقىدەك ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتكە شاھىد بولىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ بۇ رەھىمسىزلىكىنى ھەر بىر ئەسلىگىنىدە ئازابلىنىدۇ.
بوۋاي بۇ قېتىمقى چوڭ بىلىقنى تۇتۇش جەريانىدا قىيىقنى توختاۋسىز سۆرەپ كېتىۋاتقان بىلىققا يىقىملىق ئاۋازدا سۆزلەيدۇ، قىيىققا قونغان كىچىك بىر قۇش بىلەنمۇ پاراڭلىشىدۇ.
بوۋاي ئۆزىنى تولىمۇ يالغۇز ھېس قىلىدۇ، بەش يېشىدىن باشلاپ ئۆزىگە ھەمراھ بولغان بالىنىڭ يېنىدا بولىشىنى قانچە قېتىم ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا كىچىككىنە قۇشنىڭ بولسىمۇ يېنىدىن كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ قاپىقى يېرىلىپ قان ئاقىدۇ. قولىمۇ يارىلىنىدۇ.سول قولىنىڭ پېيى تارتىپ قىلىپ ئىشلىمەي قويىدۇ.
ئۇ بىر ئۆمۈر بىلىق تۇتۇپ، ھاياتىدا ئۇچراتقان ئەڭ چوڭ بىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى، ئادەمنىڭ قانداق ئىش قىلالايدىغانلىقىنى، نېمىلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغىنىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت ئادىمىيلىك جاسارەت دەپ قارايدۇ.
بوۋاي بىلىقنى ئالىيجاناپلىقتا، كۈچلۈكلۈكتە ئادەملەردىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئادەملەردەك ئەقىللىق ئەمەس دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئۇ يۇلتۇزلارنى، بىلىقنى، قۇشنى، دېڭىزنى… دوستى دەپ قارايدۇ. بىلىقنىڭ جاسارىتى ئالدىدا يېڭىلىپ قىلىشنى خالىمايدۇ.
بىر زامانلاردا بىر نېگىر بىلەن قول قايرىش مۇسابقىسىگە چۈشۈپ ئىككى كېچە-كۈندۈزمۇ تىركىشىپ ئاخىرى يەڭگەن بوۋاي بىر بىلىققا يېڭىلىپ قىلىشنى، بىلقنىڭ قولىدا ئۆلۈشنى نۇمۇس ھېسابلايدۇ. ئۈمىدسىزلىكنى ئەخمەقلىق دەپ بىلىدۇ. يېرىلىپ كەتكەن قاپىقى، تارتىشىپ قىلىۋاتقان قولى، ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقان بەدىنىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۆزىگە جاسارەت بېرىش ئارقىلىق ھاياتىدا ئۇچراتقان ئەڭ چوڭ بىلىقنى ئۆلتۈرىدۇ-يۇ، ئۆزىنى جىنايەتكار ھېسابلايدۇ.
«سەن ئۇنى يوقاتمىساڭ، ئۇ سېنى يوقىتىدۇ»دىگەن ئوي بىلەن ئۆزىگە تەسەللى تاپقان بولىدۇ. ئۇ بىلىقنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولسىمۇ ياشاش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. يەنە كېلىپ يېڭىلگەنلىكنى نۇمۇس دەپ بىلىدۇ.
بىر يوغان لەھەڭ كېلىپ بىلىقنى يىيىشكە باشلىغاندا، بوۋاي باتۇرلۇق بىلەن لەھەڭنى ئۆلتۈرىدۇ-يۇ، ئارىسى لەھەڭ بىلەن دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىدۇ.
ئارقىدىن ئىككى ۋەھشى لەھەڭ كېلىپ بىلىقنى غاجاشقا باشلىغاندا، قولىدىكى پىچاق بىلەن ئېلىشىدۇ.
پىچىقى سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن،ساھىلغا ئۇلاشقىچە يەنە بىر توپ لەھەڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قولىدىكى پالىقى بىلەن ئېلىشىدۇ. قىسقىسى، بوۋاي ئۆزىدە بارئەڭ ئاخىرقى كىچىككىنە كۈچ، كىچىككىنە قۇرال تۈگىگىچە ئېلىشىشنى توختاتمايدۇ.
شۇنداقتىمۇ نەتىجىدە، ساھىلغا ئېلىپ كېلىدىغىنى قۇرۇق ئىسكىلىت بولىدۇ.
بالا ئۈچ كۈن يوقاپ كەتكەن بوۋاينى قولى يارىلانغان ھالدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكىنىنى كۆرۈپ، بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا قانچىلىك كۈلپەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگىنىنى بىلگەندەك بولىدۇھەم يىغلايدۇ.
بوۋاي ئويغانغاندىن كېيىن بالىغا گەپ قىلىۋىتىپ، چەكسىز كەتكەن دېڭىزدا يېگانە ئۆزىگە، بىلىققا، قۇشقا، دېڭىزغا سۆزلەپ كەلگەن بوۋاي ئادىمىزاتقا گەپ قىلىشنىڭ نەقەدەر راھەتلىكىنى بىلىدۇ.
يېغىپ ئېيتقاندا، ئۇشبۇ ئەسەردە بوۋاينىڭ تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن تەبىئىتى، تەبىئەتكە بولغان مۇھەببىتى ۋە باغلىنىشى بىلەن ھاياتقا، ياشاشقا بولغان مۇھەببىتى ھەم جاسارىتى ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەرچەس باغلىنىش ھەم مەلۇم دەرىجىدىكى زىددىيەتمۇ ئىپادىلەنگەن.
ئەسەرنىڭ خۇلاسە-كالامى شۇكى، نەتىجە موھىممۇ جەريانمۇ؟ دېگەن سۇئالغا كۆپىنچىمىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابى تەييار بولىشى مۇمكىن. شۇنداق، مەيلى نەزىرىيە جەھەتتىن بولسۇن ياكى رىئاللىق نوقتىسىدىن بولسۇن نەتىجىمۇ ھەقىقەتەن موھىم. لېكىن، ئاخىرقى نىشانىنى ئۆزىدىن ھالقىش دەپ قارايدىغان، ھاياتنى چىن مەنىسىدىن سۆيىدىغان ئادەم ئۈچۈن جەريانمۇ شۇنچىلىك قىممەتلىك.
بوۋاينىڭ ئېرىشكىنى ئىسكىلىت. لېكىن،ئۇ ئۆزىدىن ھالقىيالىدى، ئۆزى قىلالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىقى بىلەن بىلىقنى، لەھەڭنى،ئاخىرىدا ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنى يەڭدى! بۇ قانداق قالتىسلىق، بۇ قانداق غورور ھە؟!
بىز ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىز بىلەن كىشىنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىك ھېسابلىنىشىمىز مۇمكىن، بىراق، جەرياندىكى تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئۆزىمىز ۋە تەڭرىنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ھۆرمەتلىك ۋە قىممەتلىك بىز!
شۇنداق قىلىپ، بىلوگىمدىكى «ھېمىڭۋاي تەتقىقاتىم» ئاخىرلاشقان بولدى. قىززىققانلار مەن توختالغان جەمئي ئالتە پارچە ئەسەرنى ۋە ھەر بىر ئەسەربىلەن باغلانغان ھېمىڭۋاينىڭ كەچمىشلىرىنى قايتا ۋاراقلاپ باقساڭلار بولىدۇ.
خەير، ئامان بولۇڭلار~
**************
رەيھان ئابلەت
2010.05.09
09/05/2020 11:04 چۈشتىن كېيىن
رەھمەت مىھرى مۇھەببەت ۋە ھاياتلىقتىكى كۆرەش ۋە جاسارەتنى قايتا بىر ئەسلەتتىڭىز… سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىشكە ئاجىزمەن.. چارچىماڭ..☕️☕️