تېنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان_ئاننېنىڭ ئەتىرگۈلى

2,626 قېتىم ئوقۇلدى

 

Anne Frank’s Rose

 

«ئاننېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» نامىلىق دۇنياۋى ئەسىرى بىلەن ئىنسانلار قەلبى چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاننې فىرەنك 1929-يىلى گىرمانىيەنىڭ فىرانكلىت شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قارا بەتلىرىدىن بولغان، ئىنسانى دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانىدىن بىرى ئاننېمۇ يەھۇدى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ناتسىسلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان ھەم ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە گوللاندىيەنىڭ ئامېستىرىدام شەھىرىگە بېرىپ پاناھلانغان.

 

ئاننېنىڭ ئەتىرگۈلى

Canzona – Desert Garden

 

بۇ ئەتىرگۈل ئاننېنىڭ ھويلىسىدا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئاننېنىڭ تېنچلىققا تەلپۈنگەن يۈرىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە دادىسى تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىغا يەتكۈزۈلگەن ھەم 1980-يىلى توكيو مىتاكا شەھەرلىك تاكاياما باشلانغۇچ مەكتىۋىگىمۇ يېتىپ كەلگەن شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ ئۆستۈرۈلۈپ بۈگۈنگە قەدەر تىنچلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئاننېنىڭ ئەتىرگۈلى دەپ خاتىرىلىنىپ كەلگەن.

تىنچلىق لەۋھەسى

لەۋھەدە مۇنداق دېيىلگەن:
ئۇشبۇ ئەتىرگۈل كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە يەتكۈزۈلگۈسى.
تېنچلىق – ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھېچنىمىگە تېگىشكۈسىز، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرمىسا بولمايدىغان ئەڭ موھىم قىممەتلىك مىراس.

باھارنىڭ تۇنجى كۈنى باغچامدا ئېچىلغان رەيھاننىڭ ئەتىرگۈلى 2020.05.01

 

شۇنداق قىلىپ بۇنىڭدىن دەل بىر يىل بۇرۇنقى بىر سەھەردە يېڭىلا كۆچۈپ كەلگەن مەھەللەمنى ئايلىنىۋىتىپ، بۇ تەسىرلىك تارىخى مىراسنى ئۇچىرىتىپ قالدىم ھەم سىلەرگە تۇنجى قېتىم بۇنى ئۆز كۆزىدە كۆرۈپ يەتكۈزگەن ئۇيغۇر بوپقالدىم.
مەنمۇ مۇشۇ تىنچلىق سىمۋولى بولغان ئەتىرگۈلگە قاراپ ھەر بىرىمىزگە تىنچلىق گۈللىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى، ئەۋلادلىرىمىزغىچە يەتكۈزۈلىشىنى بۇ گۈزەل ئاينىڭ باشلىنىشىدا تىلەپ قالدىم ~💙

**********

2019/5/1 سەھەر رەيھان

 

.يازمامدىكى ئاننېنىڭ ئەتىرگۈلىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر شۇ كۈنى مەن تەرىپىدىن تارتىلغان

تارقىتىڭ...
  1. رەھمەت دىگىنىڭىز كەلسۇن…! ھىكاينىڭ بىرقىسمى بار ئوخشايدۇ دەپ خوش بوپ قارپتىمەن.. ئەپسۇس.. چۈنكى كۆپ ئاڭلىغان ئوقۇماپتىكەنمەن… چارچىماڭ…☕️☕️

  2. رەھمەت كۈتىمەن..! چۈنكى سىز يازسىڭىز ناھايىتى ئخچام ھىسياتلىق يازسىز ، ھەم شۈنچىلىك ياقتۇرمەن…!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

تېنچلىقنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى