سالام كىچىك دوستلار~
دىسنى باغچىسى توغۇرلۇق ھەممىڭلار ئاڭلىغانتىڭلار شۇنداقمۇ؟
بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا بالىلىرىنىڭ فانتازىيەلىك چۈشلىرىنىڭ مەنبەسىدىن بېرى بولغان، چوڭلارمۇ بۇ ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈپ بىقىشنى ئارمان قىلىدىغان «دىسنى باغچىسى» توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.
ئوكېي، ئۇنداقتا چۈشلەر ۋە فانتازىيە دۇنياسى، خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى توكيو دىسنى باغچىسىغا خۇش كەلدىڭىز!

ۋىدىئوغا مەرھەمەت~🎶

 

 

دېسنى باغچىسى ھەققىدە ئومومى چۈشەنچە

 

«يەرشارىدىكى ئەڭ خۇشال جاي» دەپ تەرىپلىنىدىغان دېسنى باغچىسى تۇنجى قېتىم ۋالىت دېسنىي تەرىپىدىن 1955-يىلى6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامرىكا كالفورنىيە شىتاتىنىڭ ئەناخايم شەھىرىدە قۇرۇلغان.

ھەممىمىزگە تونۇشلۇق مىكى چاشقانچاق ئوبرازىنى يارىتىش بىلەن تونۇلغان، قىزلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ۋلىت دېسنى ئون نەچچە يىل ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش باغچىللىرىنى ئايلىنىپ چىققان ۋە ئاخىرىدا قىزلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن رىئال-فانتازىيە دۇنياسى بولغان دېسنى باغچىسىنى قۇرۇش ئارزۇسىنى  تىنىمسىز تىرىشىش رىئاللىققا ئايلاندۇرغان.

1983-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان «توكيو دېسنى باغچىسى»ئامېرىكىنىڭ سىرتىدا قۇرۇلغان تۇنجى دېسنى باغچىسى ھېسابلىنىدۇ.

 

 

توكيو دىسنى باغچىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرمەي تۇرۇپلا ئەتراپىدىكى كۆپكۆك دېڭىز بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالاھىدە سەنئەت تۈسىدىكى قۇرۇلۇشلىرى، سىھىر كۈچكە تولغان مەنزىرە، ياڭراپ تۇرغان شوخ كۈيلەردىن ئىختىيارسىز پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزدىكى شادلىق ھۈجەيرىلىرى قوزغىلىدۇ.

ئىنىرگىيە ۋە شادلىق مەنبەسى بولغان بۇ فانتازىيە دۇنياسى ھەمىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك يەتتە رايونىدىن تەركىب تاپقان. يەنى بۇلار :
دۇنياۋى بازار، تەۋەككۇل ئارىلى، غەرىب ئارىلى، فانتازىيە ئارىلى، Toon town تۇۇن شەھىرى ، Tomorrowlandئەتىدىكى دۇنيا , Critter country جانلىقلار دۆلىتى .

دىسنى باغچىسىنىڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي دەل تەۋەككۇل ئارىلى.
بۇ يەردە سىز دېڭىز قاراقچىسىنىڭ كېمىسىگە چىقالايسىز، دېڭىز ئالۋاستىلىرى بىلەن ئۇچىرىشالايسىز!
ھەممىدىن مۇھىمى جاڭگال ساياھىتى ئارقىلىق جاڭگالدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار، ئىندىيان قەبىلىلىرى بىلەن ئۇچرىشالايسىز ھەم ئۆزىڭىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئىندىيانلار ئارىلىغا ساياھەتكە بارغاندەك، ئۆتمۈش مەنزىرىلىرى ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز.

تىرامۋايغا ئولتۇرۇپ دىسنىنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان مەنزىرىلىرىنى، ھەرخىل ھايۋانلارنى، ئامېرىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇشىنى كۆرەلەيسىز. تېخى تاماق يىگەچ كارتۇن قونچاقلىرىنىڭ ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنالايسىز.

فانتازىيە دۇنياسى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى -جىسمىغا لايىق بىر فانتازىيە دۇنياسى.
بۇ يەردە كىشىنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدىغىنى ”ئالۋاستى ئوردىسى ”.
ئەلۋەتتە، بىرەر سائەتتىن ئارتۇق ئۆچرەتتە تۇرغاندىن كېيىن كېرىشكە مۇيەسسەر بولىدىغان ئالۋاستىلار دۇنياسىدىن ئالىدىغان ھاياجانلىرىڭىزمۇ قالتىس !

ئۇندىن باشقا قار مەلىكە، پىنوكىيو قاتارلىق كارتۇنلار دۇنياسى ھەقىقەتەنمۇ كىچىكلەرنىلا ئەمەس چوڭلارغىمۇ شۇ كارتون دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

سىزنى ئۈچ -تۆت سائەت ساقلاتسىمۇ چوقۇم بىر سىناپ بىقىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان يەنە بىر جاي بار.
ئۇ بولسىمۇ جانلىقلار دۆلىتىدىكى تاغ شارقىراتمىسىدىن چۈشۈش!
يىغلىسىڭىزمۇ چىداپ بىر قېتىم سىناپ بىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

ئۇف، يۈرەكنى ئالىدىغان قورقۇنچلۇق خۇشال دەملەردە بۇ!
كىچىك دوستلار، بەك كۆپ سۆزلىۋەتتىم، شۇنداققۇ ؟😅

ئاخىرىدا سىلەرنىڭمۇ بۇ سېھىرلىك دۇنياغا كېلىپ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلارنى يۈرۈكۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ~😘

خەير-خوش

 

 

 

 ئۆتكەن يىلى دەل مۇشۇ كۈندە تۈركەنئاينىڭ يېڭى بىر ياشقا كىرگەن كۈنى ئۈچۈن فانتازىيە دۇنياسدىكى گۈزەل بىر كۈن خاتىرىسىنى سوۋغا قىلغانىدۇق. بۇ يىلقى بۈگۈنكى كۈندە ئاۋازلىق ۋىدىئو بۈگۈن يوللىنىشقا  مۇيەسسەر بوپتۇ. بارچە بالىلارغا خۇشاللىق ۋە ساغلاملىق يار بولغاي~❤️

 

 

ئاخىرىدا مەزمۇن ۋە ۋىدىئو تەييارلاشقا ھەمكارلاشقان ئاينۇر، ۋارىسلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.☕️

تارقىتىڭ...