توكيو خاتىرىلىرى: بالىتچى خىزمەتدىشىم

1,229 قېتىم ئوقۇلدى

ياپون ئاياللىرىنى بىر جۈملە سۆز بىلەن شەرھىيلەپ بېرىش توغرا كەلسە مەن ئۇلارنى ≪سىرىتتىن نازۇك، ئىچىدىن كۈچلۈك≫ دەيمەن!

بۈگۈن بۇ ياپونلۇق بالىت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇنداق بىر ھاياتلىق ھىكايسىنى ئاڭلاپ قالدىم. تۈنۈگۈن كۆرگەن،تېخىچە كاللامدىن تەسىرلىرى كەتمىگەن ياپوننىڭ فىلىمى بىلەن بۇ رىئاللىق ھىكايىسى قوشۇلۇپ ياپون ئاياللىرى، جۈملىدىن ئاياللار توغۇرلۇق يەنە بىر ئويلىنىپ قالدىم ھەم بۇ رىئال ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى.

 

The Lonely Ballerina – Michele McLaughlin

 

قارىماققا ئۆز يېشىدىن خېلىلا ياش كۆرۈنىدىغان، بۇ يىل64 بولسىمۇ روھلۇق ھەم گۈزەللىك ئېڭىنى يوقاتمىغان ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسىنىڭسۈرىتىنى شەخسكە ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىلوگقا چىقارمىدىم.
. ياق ، سۆزلىمەكچى بولغىنىم ئۇنىڭ كىملىكى ئەمەس، ئەلۋەتتە!

مىرائۇ خانىمنىڭ يولدىشى قىرىق يېشىدىلا خىزمەت بىسىمى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ. ئۈچ ياشلىق ۋە ئالتە ياشلىق ئىككى بالا بىلەن قالغان مىئۇرا خانىم ھۆكۈمەتنىڭ ئېيىغا15 تۈمەن بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى رەت قىلىپ، ئىشلەشنى قارار قىپتۇ .
ياپونىيە ، بولۇپمۇ توكيودەك ئىستىمال سەۋىيەسى يۇقىرى شەھەردە بىر يالغۇز ئانىنىڭ ئىككى كىچىك بالا بىلەن ھەم تۇرمۇش ھەم خىزمەت ھەم پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماقنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى مۇشۇ زېمىندا ياشاپ باققان، مەلۇم ئوخشاش كەچۈرمۈشتە بولۇپ باققان ئادەم ھېس قىلالايدۇ !
مىئۇرا خانىم كېچە12:00گىچە ئىشلەشكە مەجبۇر بوپتۇ.ھاياتىنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدىن ئۆزى يالغۇز ھالقىش ئاسانمۇ؟مۇمكىنمۇ ؟ !
مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ھەم تەسىرلەندۈرگىنى ھېچكىم ھېچكىمنىڭ يۈكىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ماۋۇ ئالدىراش زىمىندىكى مۇنداق ئاجايىپ ئادىمىيلىك بولدى. يەنى، مىئۇرا خانىمنىڭ بالىلىرىنى يەسلىدىن ئۇنىڭ ئايال باشلىقى ئەكىلىپ ئۆز ئۆيىدە كەچلىك تاماق بېرىپ، يەنە يېرىم كېچىدە ئاپىسىنىڭ يېىنىغا ئاچىقىپ قويۇش يەتتە يىلمۇ داۋاملىشىپتۇ !

 30 يېشىدا يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغان مىئۇرا خانىم بىر ئۆمۈر قايتا توي قىلماپتۇ. نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىسام، بالىلىرىنىڭ يات بىرئەر ئالدىدا خارلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.
ياپونلارنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىل، زىيادە ئىنچىكە خاراكتىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ بىپەرۋا ھېسابلىنىدىغان مەن مەيلى تۇرمۇشتا مەيلى خىزمەتتە زىيادە زىغىرلاپ كېتىدىغانلار بىلەن ئانچە كېلىشەلمەيتتىم. دەسلەپكى كۈنلىرى بەكلا ئەستايدىل تۇيۇلغان بۇ خىزمەتداشتىن سەل ئۆزۈمنى قاچۇرغان بولسام، ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئانام دىمەتلىك بۇ خانىمغا ھۆرمىتىم ئاشتى.

ھەر بىر ئادەم بىر دۇنيا، ئوقۇمىغىچە چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر كىتاب.
مانا مۇشۇنداق بەزى كىشىلەر قارىماققا ھېچنىمە بولمىغاندەك ياشايدۇ. ئىچىدىكى ئېغىر يارىلىرىنى ، كەچمىشلىرىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ. يەنە كىملەرئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرىنى، يارىلىرىنى ئادىمىيلىكنىڭ دەبدەبىسىز، گۈزەل مىھرىدە ئاۋايلاپ سۈرتۈپ قويىدۇ،ئۈنسىز ھالدا ھىمايە قىلىدۇ.

ھايات مانا مۇشۇنداق ئادىمىيلىك بىلەن كېڭىيىدۇ ھەم گۈزەللىشىدۇ.

 

**********************

رەيھان ئابلەت        2018.12.03

 ئەسكەرتىش : دەل بىر يىل بۇرۇنقى يازمامكەنتۇق، يوللاپ قويۇشنىق لايىق كۆردۈم. مەزمۇندا ياپونلۇق خانىمنىڭ رۇخسىتى ئېلىندى. 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،تولىمۇ ياخشى يازمىلارنى يوللاۋاتىسىز،قەلەملىرىڭىز ھارمىسۇن!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيو

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى