يېقىنقى كۈنلەردە روھى جەھەتتىن شۇنچىلىك چارچاپ كېتىۋاتقان ماڭا «ياخشى ئارام ئېلىڭ» دىگەن بۇ سۆزنى بىرەر يېقىنىم كۆيۈنۈپ ئېيتىۋاتقاندەك مىھىرلىك تۇيۇلدى.
بۈگۈنكى مەزمۇنغا قايسى كۈنى ياپونچە تور بەتتىن ساقلىۋالغان جۈملىلەرمۇ قوشۇلدى. يېقىملىق مۇزىكىدىن نىرۋىلىرىڭىزنى ئارام ئالدۇرغاچ ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆزىڭىزگە ئارام بېرىش ئۇسۇلىڭىز توغۇرلۇق ئويلىنىپ كۆرگەيسىز ھەم خالىسىڭىز بىز بىلەن ئورتاقلاشقايسىز.
Guzlerin – Bris Akarsu
ئارامنى ياخشى ئېلىڭ
ھەقىقى ھورۇنلار ھېچ يەرگىمۇ بارالمايدۇ.
ئەكسىچە، ھەمىشە ئالدىراشلا يۈرىدىغانلار ھەرگىزمۇ ئىلگىرى باسالمايدۇ.
本当に怠惰な人はどこにも行きつけない。
いつでも忙しい人はそれ以上先には進めない.
William Henwich Ogilvie
بىز ئەتراپىمىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىمىز ئىچىدە:
« چۈشلۈك تاماق يىگۈدەك ۋاقىتمۇ يوق ئىشلەپ كەتتىم»،
«ماقالەم ئۈچۈن بۈگۈنگە تەۋە ئىككى سائەتلا ئۇخلىدىم»،
دىگەندەك «ئاجايىپ ئالدىراشلار» نى ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز.
ئايلاردىن بىرى سىز ئىزدىمىگىچە سىزنى بىرەر قېتىممۇ ئىزدەپ قويمىغان سىزنىڭ ئاتالمىش «دوستلىرىڭىز» بەزىدە سىز ئالدىن ئىزدىگەندە تېخى« مەن بەك ئالدىراش بوپ كېتىپ سىزگە ئۇچۇر قىلالماي قالدىم ..» دىگەندەك باھانىلارنى كۆرسىتىپ روھى جەھەتتىن سىزنى ھالسىرىتىپلا قويىدۇ ھەم ۋاقتى كەلگەندە مۇنداق كىشىلەرگە ئۆزىڭىزنىڭمۇ قانداق «ئالدىراش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دەرس بېرىپ قويىدۇ.
ھەقىقى ئۈنۈمدار ئادەم دەم ئېلىشنمۇ بىلىدىغان، ئىشلەشنىمۇ بىلىدىغان، ئەڭ ئالدىراش، جىددىي پەيتتىمۇ بەدىننىڭ سىگنالىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەملەر.
*
يېڭىچە ئۆزىڭىز بولىشىڭىز ئۈچۈن دەماللىققا قىلالايدىغان ئىشلار
🔺كۈندىلىك پىلان جەدىۋىلىڭىزگە ئارام ئېلىش ۋاقتىنىمۇ كىرگۈزۈپ قويۇڭ.
2001-يىللىق تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئارام ئېلىش ۋاقتىنى بىكىتىپ قويغاندا، خالىغان ۋاقىتتا دەم ئالغىلى بولىدىكەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرخىزمەت بىلەن بوپ كېتىپ ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى ئارام ئەپ بولۇپ ئارام ئالغان ۋاقتىغا ئېچى ئاغرىپ كېتىدۇ. بىردەم خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپمۇ ئايرىلالمايدۇ. مۇنداق ئەھۋالغا ياخشى ئامال جەدىۋەلگە ئارام ئېلىش ۋاقتىنى قىستۇرۇپ قويۇش.
*
🔺ئادەمنى روھلۇق قىلىدىغان دەم ئېلىش ئۇسۇلى
داۋاملىق شىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولسىڭىز:
سېرىتقا چىقىپ يېڭى ھاۋادىن نەپەس ئېلىش، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بەدەن سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش، تازىلىق ئۆيىگە بارىدىغان چاغدا پەشتاقتىن چىقىپ -چۈشۈش ئارقىلىق باشقا قەۋەتتىكى تازىلىق ئۆيىنى ئىشلىتىش، باشقىلار بىلەن تىلفۇندا پاراڭلاشقان ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلىشىش…دىگەندەك.
*
🔺ئۇندىن باشقا شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە قىلالايدىغان ئىشلار:
بەش مىنۇتلۇقمۇ ئىش ئورنىڭىزدىن ئاجرالمايدىغان ۋاقىتتا، چوۇڭقۇر نەپەس ئېلىش، بىردەم خام-خىيال سۈرۈش،خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز مېڭىڭىزنىڭ باشقا ئورۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كىتاب كۆرۈش،كىشىگە تىنچلىق بېغىشلايدىغان ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، بىردەم باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، چۈشتە بىردەم مۈگدىۋىلىش.( ياپوننىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىدا ماۋۇ ئىشلار قانداق بولار ھە 😅)
ئاخىرىدا، چارچىغان ئۆزۈمگە ھەم سىزگە تۆۋەندىكى كىشىگە راھەتلىك بېرىدىغان جۈملىلەرنى سوۋغا قىلاي.
「疲れた」と言葉にする。
چارچاپ كەتكەن بولسىڭىز « چارچىدىم» دەڭ.
・全部自分が悪いと思わない。
«ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم» دەپ ئويلىۋالماڭ.
・完璧な自分をやめる。
بەك مۇكەممەل ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.
・求め過ぎず、期待し過ぎない。
ئۈمىد-تەلەپلىرىڭىز چىكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن.
・心の逃げ場所を持つ。
يۈرىكىڭىزنى يوشۇرۇپ قويالايدىغان يېرىڭىز بولسۇن.
・理想と遠くても、自分を許す。
غايىڭىزدىن يېراقلاپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنى كەچۈرىۋىتىڭ.
・人は人、自分は自分でいい。
خەق دىگەن خەق، مەن ئۆزۈم بولسام كۇپايە.
ئۆتكەن بىر ھەپتە دەھشەت «ئالدىراش» بوپ كېتىپ، بىر قېتىملىق #ھەپتىلىك ئادەت# ئارام ئالغان بولدى.🤭
يېڭىچە ئادەت يېتىلدۈرۈشنى، يىڭىچە ئۆزىنى كۆرۈشنى خالايدىغان دوستلار#ھەپتىدە بىر ئادەت#كە ئەگىشىڭ.
***********************
مەنبە: 52 small changes for the mind – brett blumenthal
تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت
17/08/2020 10:06 چۈشتىن كېيىن
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن ، مەن چىقالىدىم