كىتاب ئوقۇشتىن ھوزۇرلىنىش
بىر سائەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان باش قېتىنچىلىقى يوق.
Charles de Montescue
يۇقارقى جۈملە سەل مۇبالىغە تۇيۇلسىمۇ، شەخسەن ماڭا نىسبەتەن ھەر كۈندىدىكى كامىدا20مىنۇتلۇق كىتاب ئوقۇش ۋاقتىم پۈتۈن شۇ كۈنلۈك ئېنىرگىيە مەنبەيىم. خېلى-خېلى سورۇنلاردىنمۇ ئالالمايدىغان قەلبىمنىڭ تىنچلىقى ھەم بەخىت تۇيغۇسىنى جىمجىتقىنە ئۆزۈمگە تەئەللۇق شۇ دەقىقىلەردىن تاپىمەن.
بۇ ھەپتىلىك ئادىتمىز-كۆپىنچىمىزگە بەك تونۇشلۇق بولغان، يەنە ئەمما شۇ كۆپىنچىمىز داۋاملاشتۇرۇپ بولالمايدىغان-كىتاب ئوقۇش ئادىتى.
قەنى، بۇ قېتىم داۋاملاشتۇرالامسىزكىن؟
Chris Spheeris – Juliette
قەرەرلىك كىتاب ئوقۇپ بېرىش- مېڭىنىڭ ساغلاملىقى، روھى ھالەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە پايدىلىق.
تىلۋىزور قاتارلىق مىدىئالارغا سېلىشتۇرغاندا، كىتاب ئوقۇش ئاكىتىپ بىر جەريان بولۇپ، مېڭە ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مېڭىنىڭ قېرىشىنى، ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قانچىلىك كۆپ كىتاب ئوقۇغانسىرى شۇنچىلىك كۆپ تىل ئىقتىدارى، سۆزلۈك، تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاشىدۇ. ئادەمنىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، تەسەۋۋۇر قىلىش، ئىجادكارلىقىنى يېتىلدۈرىدۇ.
لوندوندىكى ساسېكىس ئونۋىرىستىتىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتا،ئېغىر روھى بىسىمدىكى كىشىلەرپەقەت ئالتە مىنۇت بېرىلىپ كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن، روھى بىسىم كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
جەمىئەت نوقتىسىدىن قارىغاندا، كىتاب ئوقۇش ئەقىل-پاراسەتلىك، جەلىپكار كىشىلەرنى يېتىلدۈرىدۇ.
كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرىمەن؟
🔺كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت ئاجىرىتىڭ
بىر كۈنىڭىز ئىچىدە ئاز دىگەندىمۇ 15-20 مىنۇت كىتاب ئوقۇشقا كاپالەت بېرىڭ. كەچلەردە، ئۇخلاش ئالدىدا كىتاب ئوقۇش-جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ.
مەن ئادەتتە كىتاب ئوقۇغاندا ئالدى بىلەن 20مىنۇتقا توغۇرلاپ قويۇپ، ۋاقتىم ھەم قىزغىنلىقىم يار بەرسە ئۇزارتىمەن. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر بەت ساغلاملىققا ئائىت كىتاب ئوقۇش خېلى ئۇزۇندىن بىرى ئادىتىمگە ئايلانغان.
🔺 كىتاب تاللىغاندا ئوقۇغۇڭىز بار كىتابنى تاللاڭ
ۋەزىپە ئۈچۈنلا كىتاب ئوقۇسىڭىز ھوزۇر تاپالمايسىز. بىرەر كىتابنى باشلاپ نەچچە كۈنگىچىمۇ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كىتابىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ.
پىقىر، بەزى كىتابلارنىڭ ئىچىگە نەچچە ئاي، ھەتتا، بىرەر يىلمۇ كىرەرمەي، ۋاقتى كەلگەندە زورلاپ ئوقۇۋەتكەن، ئوقۇغۇنىمدىن خۇش بوپقالغان كىتابلىرىم بار. مەسلەن: كازىئۇ ئىشىگۇرۇنىڭ «مەندىن ئايرىلمىغىن»، ئورخان پامۇكنىڭ « مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دىگەندەك كىتابلار.
ئەمما، بۇ ئايدا تاللىغان ئەلس مۇنرونىڭ «سۆيۈملۈك ھايات»نىڭ ئىچىگە كېرەلمىدىم. شۇڭا ئۆزۈمنى زورلىماستىن پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابنى قولۇمغا ئالدىم.
🔺 يېڭىچە ژانىرلارنىمۇ ئوقۇپ بېقىڭ
يېڭىچە ژانىرلار بىلەن ئۇچىرىشىش ئارقىلىق نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ.
يېڭىچە ئېقىم، چۈشەنچىلەر، سۆزلۈكلەر بىلەن ئۇچىرىشىشلار ئەمەس، يېڭىچە قىزىقىشمۇ يېتىلدۈرەلىشىڭىز مۇمكىن.
🔺 ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ھەر قانداق جايدا ئەپلىك.
ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق يەردە ئوقۇغىلى بولىدىغان ئېلكىتابنى ئوقۇش ئادىتى شەخسەن مەندە يوق. مەن يەنىلا قەغەز كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپ، مۇھىم يەرلىرىنى جىجاپ تۇرۇپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن.
ئەمما، يول ماڭغاندا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ، چىنىققاچ كىتاب ئاڭلاشنى ياقتۇرىمەن.
🔺 يېنىدا كىتاب ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
كىتاب ئوقۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدىن بىرى- يېنىدا ئوقۇۋاتقان كىتابىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش.
سومكىڭىز، ماشىنىڭىزغا ئوقۇۋاتقان كىتابىڭىز، ژورنال، گىزىتلىرىڭىزنى قويۇپ قويۇڭ. كىچىككىنە ۋاقىت تاپسىڭىز چىقىرىپلا ئوقۇيالايسىز.
مەسلەن: دوختۇرخانىدا نۆۋەت كۈتكەچ، مىتىرولاردا دىگەندەك.
پىقىرنىڭ ھەر كۈنى سومكىسىدا كىتابى بارلا بار. ھەتتا، يىگىتى بىلەن ئوينىغىلى چىققاندىمۇ.😜
🔺 كۆڭۈلگە ئازادىلىك بېغىشلايدىغان جايلارنى تاللاش.
مەنزىرسى گۈزەل باغچىلارنىڭ ئورۇندۇقى، دېڭىز ساھىلى، سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخ ئاستىدىكى چىملىق…دىگەندەك جايلاردا يېشىل چاي، قەھۋە، يەڭگىل يىمەكلىكلەر بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇش ھاياتنىڭ بىر ھوزۇرى.
مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن شۇنداق، ئۇندىن باشقا ئۆي، قەھۋەخانا، ئۆيۈمنىڭ ئاپتاپلىق باغچىسى..مەن كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغان جايلار.
🔺ئوقۇيدىغان كىتاب سانىنى نىشان قىلىۋىلىڭ.
مەسلەن، ئايدا بىر پارچىدىن يىلدا 24 پارچە كىتاب ئوقۇيمەن دىگەندەك.
پىلانىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ئوقۇشتىن ھوزۇرلىنالايدىغان دەرىجىدە بولسۇن.
شەخسەن ئۆزۈمنى ئالسام، مەن كۆپىنچە كىتاب سانىنى قوغلاشمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش سۈرئىتىم ئاستا. كۆپىنچە ئەھۋالدا باشقا تىللىق كىتاب بولغاچقا، مۇھىم يەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، خاتىرىلەپ مېڭىشقىمۇ ۋاقىت كېتىپ قالىدۇ.
ئوقۇغان كىتابىڭىزدىن تەسىرات قالدۇرۇش ھەممىدىن موھىم.
بۇ جەھەتتە، يىللار بوپتۇ ھېچ بولمىسا كۈندىلىك خاتىرەمگە بولسىمۇ تەسىراتىمنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئادەت قىلغىلى. شەخسى بىلوگىمدا ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ تەسىراتلىرى خېلى كۆپ جۇغلىنىپمۇ قاپتۇ.
يېڭى ئادەت يېتىلدۈرۈشنى، يېڭىچە ئۆزىنى كۆرۈشنى خالايدىغان دوستلارھەپتىدە بىر ئادەت# گە ئەگىشىۋىلىڭ.
************
رەيھان ئابلەت


















































23/07/2020 2:48 چۈشتىن بۇرۇن
ناھايتى ياخشى ئاددەت چارچىماڭ…☕️☕️
25/08/2020 6:30 چۈشتىن بۇرۇن
ماقۇل مەن ئەگىشىمەن ، رەيھانگۈل ھەدە
26/08/2020 8:32 چۈشتىن بۇرۇن
گۈزەل❤️