مىننەتدارلىق باشلانغاندا، كۆرەش ئاخىرلىشىدۇ.

感謝が始まるとか、苦闘が終わる。

Neil Donald Walsh

تەرجىمىدە: رەيھان

 

 

SAKURA TEARS

 

كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ مىننەتدار بولۇش

 

ئەمەلىيەتتە، مىننەتدار بولۇش شۇنچىلىك ئاسان. شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئۆزىمىزدە بار بولغانلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولساقلا كۇپايە. مەندە ھېچنىمە يوق دىمەڭ، ھېچ بولمىغاندا، كۆزىڭىز بار، ئەقلى -ھۇشىڭىز جايىدا، تور بار، ئۇشبۇ يازمىنى ئوقۇيالىغۇدەك ساۋادىڭىز بار
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ مىننەتدار بولالايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش روھى جەھەتتىنمۇ سىزگە ئاجايىپ كۈچ بېغىشلايدۇ.
مەيلى تۇرمۇش، مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن كىشىگە ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ.
قەلبىدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بار ئادەمنىڭ بەخىت كۆرسەتكۈچى مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدىغان، ھەمىشە قاقشاپ يۈرىدىغانلاردىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
مۇنداق كىشلەر ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، قىزغىن، خۇشال، ئىنىرگىيە تولۇپ-تاشقان، كەڭ قورساق، ۋاقتى كەلگەندە باشقىلارغا يارىدەم قىلىشنى بىلىدىغان كېلىدۇ.
مىننەتدارلىق ھىسياتى ئۆز نۆۋىتىدە روھى بېسىملارنى يېنىكلىتىدۇ.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر كۈن غەيرەت قىلغان ئۆزىڭىزگە، بەدىنىڭىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا، سىزگە ھاياتلىق بەرگەن ياراتقۇچى ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە، ھەتتا، شۇ كۈنى ئېرىشكەن بىر ئىستاكان قەھۋەگىمۇ مىننەتدار بولۇش سىزنى ياخشى ئۇيقىغا باشلايدۇ. ئويغانغاندىمۇ يېنىك ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز.(ھىم، ماۋۇ نەم ھاۋالاردا بەدەنلەر ئېغىرلىشىپ ئەتىگىنىمۇ شۇنچىلىك تەستە ئورنۇمدىن تۇرىۋاتىمەن دىسە 🥳)

مىننەتدارلىق ھىسياتىڭىزنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرگەندە، كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئۇلغايغاندا، باشقىلارنى كەچۈرىۋىتەلەيدىغانو بولىسىز، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن رازىمەنلىك ھېسياتىڭىز ئۇلغىيىدۇ.
ئويلىنىپ بېقىڭ، سىز بىرسىگە سەمىمىيىتىڭىز بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولغان بولسىڭىز، قارشى تەرەپ سىزنىڭ غەرەزسىز سۆزلىرىڭىزنى خاتا تەرجىمە قىلىۋىلىپ، قەستەن قۇسۇر ئىزلەپ ياخشى بىر مۇناسىۋەتنى، ياخشى بىر كۆڭۈلنى يېراقلاشتۇرغان بولسا نەتىجىدە كۆپرەك ئازار يەيدىغىنى مىننەتداربولۇشنى بىلمەيدىغان يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بولىدۇ.
مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئىمۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، كىسەللىك ئالامەتلىرى، ئاغرىق ئازابىنى پەسەيتىدۇ.

 

يېڭىچە ئۆزىڭىز بولۇشىڭىز ئۈچۈن دەرھال قىلالايدىغان ئىشلار

 

🔺 ھاياتىڭىزدا ئەڭ مىننەتداربولىدىغان بەش ئىشنى تېزىپ چىقىڭ.

ھاياتىڭىزدا ئەڭ مىننەتدار بولىدىغان، ئويلىسىڭىز قەلبىڭىزگە كۈچ بولىدىغان بەش ئىشنى يېزىپ، ئۇنى دائىم كۆزگە چىلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويۇڭ.
مەسلەن، تېلىفۇنىڭىزنىڭ باش كۆزنىكى، پورتمال، سومكا، يېزىق ئۈستىلى…دىگەندەك. پاسسىپ ئويلار باش كۆتۈرگەندە ئوقۇسىڭىز، دىققىىڭىز ھاياتنىڭ ئاكىتىپ، گۈزەل تەرەپلىرىگە يۆتكىلەلەيدىغان بولىدۇ.

 

🔺مىننەتدارلىق خاتىرىسى يېزىڭ.

مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنىڭ قالتىس ئۇسۇلىدىن بېرى مىننەتدارلىق خاتىرىسى يېزىش.
يېقىندا كىتابخانىدا بىر جۈپلەر ئۈچۈن مىننەتدارلىق خاتىرىسى ئۇچىرىتىپ قالدىم .😊مەنچە بۇخىل خاتىرىنى يېزىش مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ياخشى ئۇسۇل.
مىننەتدارلىق خاتىرىسىنى مۇنداقراق يازسىڭىز بولىدۇ.

*بۈگۈن كىمدىن، نېمىلەردىن مىننەتدار بولدىڭىز؟
• نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟
• ھاياتىڭىزدا مىننەتدار بولىدىغان ئادىمىڭىز، نەرسىلىرىڭىز، ھەتتا مىننەتدار بولغان ئەسلىمىڭىز بولمىغىنىدا، ھاياتىڭىز قانداق بوپ كېتىشى مۇمكىن ئويلاپ بېقىڭ؟ مىننەتدار بولىدىغان ئىشلارنىڭ قېتىم سانىنى ئامال بار يېڭىلاپ تۇرۇڭ. تەپسىلاتىنى ئىنچىكىرەك قىلىپ يېزىپ، كىچىككىنە مىننەتدارلىق ۋە خۇشاللىقنىڭ تەمىنى تېتىش بەكلا قىممەتلىك.

🔺كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ مىننەتدار بولۇش

كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن مىننەتدار بولۇش تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مىننەتدارلىققا باشلايدۇ. قۇياش پارلىغان بىر كۈن ئۈچۈن مىننەتدار بولغىنىڭىزدەك قار ياغقان كۈن ئۈچۈنمۇ مىننەتدار بولۇڭ.( ئەلۋەتتە😁) مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ ھوزۇرلىنىشنى، خۇشال بولۇشنى بىلىڭ.

🔺 موھىم ئادەملىرىڭىزگە« رەھمەت» ئېيتىپ مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

ئاز دىگەندىمۇ ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ موھىم ئادەملىرىڭىزگە رەھمەت ئېيىتىپ تۇرۇڭ.
قىممەتلىك ئادەملىرىڭىزگە مىننەتدارلىقىڭىزنى ئېيتىپ تۇرغاندا، كەيپىياتمۇ ياخشىلىنىدۇ.
باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ مىننەتدارلىقىنىمۇ قوبۇل قىلغاندا خۇشال بولۇڭ.

 

🔺 ئۆزىڭىزدىكى بەخىتنى ئىتىراپ قىلىڭ
ئەركىن، تىنچ -خاتىرجەم، تۇرمۇشىڭىزنى قامدىغۇدەك خىزمەت، ھايات قىلىشىڭىزغا يىتەرلىك يىمەكلىك، سۇ بولۇش، تۇرىدىغان ئۆيىڭىز، كىيىدىغان كىيمىڭىز…نىڭ بولىشى بىر ئادەمنىڭ بەخىتلىك بولىشىغا يېتىدۇ.
ھالبۇكى، نۇرغۇنلىرىمىز يۇقارقىلارنى « بولۇشقا تېگىشلىك» دەپ قاراپ شۈكۈر قىلىشنى، مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتۇپلا قالىمىز.
دۇنيادا مۇشۇنچىلىك بەخىتكە ئېرىشەلمەي ئۇرۇش، نامراتلىق،ئاچلىق، كىسەللىك…ھەتتا، ناھەق زىندان ئازابىنى تارتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ ھەم بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

🔺كۆرۈش نوقتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ.
ئىشلارغا مۇئەييەنلەشتۈرۈش نوقتىسىدىن قاراپ بېقىڭ. مىسالغا، سىمىنا ئىشلەش توغرا كەلگەندە، پۇل تاپالايدىغان خىزمىتىڭىزنىڭ بولغىنىدىن، ئۆزىڭىزنى باقالايدىغان ئىقتىدارىڭىزدىن، شۇنداقلا ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ.
يامان كۆرۈنگەن ئىشلاردىن ياخشىلىق تاپالايدىغان بولۇڭ.

 

🔺مىننەتدارلىقنى باشقىلارغىمۇ ھەمبەھىرلەيلى

بىر كۈنلۈك خىزمەت ئاخىرلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن جۆرىمىز، بالىلىرىمىزدىن شۇ كۈنى بولغان ياخشى ئىش، مىننەتدار بولغۇدەك ئىشنى سوراپ باقايلى.
باشقىلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاشمۇ خۇشاللىقنى بېيىتىدۇ.
دىمىسىمۇ داۋاملىق باشقىلاردىن قاقشاپ، باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ يۈرىدىغان ئادەمدىن ئادەمنىڭ قاچقۇسى كېلىدۇ. دۇنيا تېخىمۇ تارلىشىپ كەتكەندەك  بىلىنىدۇ. ئەكسىچە، بىراۋلارنىڭ ياخشى سۆزىنى قىلىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرگەندە ئىختىيارسىز قەلب ئىللىپ، دۇنيا كېڭىيىپ قالغاندەك تۇيۇلىدۇ.

 

🔺ئۆتمۈشىڭىزدىن مىننەتدار بولغاندا، قەلبىڭىز بەخىت تۇيغۇسىغا تولىدۇ.

ئۆتمۈشىڭىزدىكى سىزنى مىننەتدار قىلىدىغان ئىشلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، بەخىت تۇيغۇسى تېخىمۇ يۇقىرلايدۇ.
سىزگە يارىدەم قولىنى سۇنغان كىشى، ھاياتىڭىزغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشىنى تېپىپ چىقىڭ ھەم مىننەتدار بولۇڭ.
بىر مەزگىل ئالاقىڭىز ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا تېىلىفۇن ياكى خەت ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قانچىلىك مىننەتدار ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ.

 

 

 

***************

مەنبە: 52 small changes for the mind – brett blumenthal

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...