توكيو خاتىرىلىرى: يەسلىدىكى بىر كۈن

1,135 قېتىم ئوقۇلدى

چىقىۋاتقان نەشتەردەك سوغۇق شامالغا قارىماي، ئاپتاپ چىققان چىرايلىق بىر كۈن بولدى.
بىرەر ئاي بۇرۇنقى پىلان بويىچە بۈگۈن يەسلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كۆرگىلى باردىم.
بالىلارنىڭ ئەتىگەنلىك سالام، ناخشلىرىدىن كېيىن مۇئەللىم رەسىملىك كىتاب ئوقۇپ بەردى. قول -ھۈنەرۋەنچىلىكتە سۇ بوياق ئارقىلىق نېمىدۇر ياسىدى. توپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قاتارلىق ئويۇنلارنى مەنمۇ بالىلار بىلەن بىللە ئوينىدىم. سائەت 12:00بولغاندا بىللە تاماق يىدۇق.
بۇ جەريانلاردا ماڭا تەسىر قىلغان مۇنۇ ئىككى نوقتىنى خاتىرەمگە ئەپ قويماقچىمەن.

شۇ كۈنى تارتقان سۈرەتلەر

frozen2

 

بىرى، بەزى بالىلار ئويۇندا ئۇتتۇرىۋەتكىنى ئۈچۈنمۇ، بىر -بىرى بىلەن تالاش -تارتىش قىلغىنى ئۈچۈنمۇ قىسقىسى، يوقىلاڭ ئىش ئۈچۈن يىغلايتتى.
تاماق ۋاقتىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ، تاماقلارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى، قايسىبىرىنىڭ يەنە يوقىلاڭ يىغىلىرى ئىچىدە تاماق ئۇسسىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ چىرايىدىكى ھارغىنلىقىنى غىل -پال سىزىپ قالدىم.
راستىنى دىسەم، بالىلار ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك، خۇشاللىق پەرىشتىلىرى بولىشى بىلەن بىرگە ئۇلارنى تەربىيلەشنىڭ ئادەمدىن ئاجايىپ سەبىر بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەت تەلەپ قىلىدىغان يەنە بىر قېيىن تەرىپنىڭ بارلىقىنى چۈشىنەتتىم.
مەيلى ئانا بولۇش مەيلى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىزمەت جەريانىدا بالىلار بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتسەممۇ چارچىغانلىرىمدا خىزمەت مەسئۇلىيىتى سەۋەبلىك يەنە كۈلۈمسىرەش ئېغىر كىلەتتى. بالىلارنىڭ كەپسىزلىكى ئالدىدا بەزىدە ئامالسىز قالىدىغان چاغلىرىممۇ بولاتتى.
شۇ سەۋەبتىن قايتىدىغان چاغدا ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى قايتا تىلغا ئالدىم ۋە رەھمەت ئېيتتىم.

ئەتىگەنلىك سالام ۋە ناخشا

تاماق ۋاقتى ۋە بېشىغا ياغلىق چىگىپ تاماق ئۇسسىۋاتقان مۇئەللىم

ئىستەمى ئىككىمىزنىڭ ئايرىم تامىقى
كىيىنچە مۇشۇ يەسلى تامىقى توغۇرلۇق ئايرىم توختىلىمەن.

يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك خۇشاللىنارلىق ئىش كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى مەيلى ئويۇن ئوينىغاندا بولسۇن مەيلى تاماق يىگەندە بولسۇن قولۇمنى تۇتۇشنى، يېنىمدا ئولتۇرۇشلارنى بىر -بىرى بىلەن شۇنداق قىزغىنىپ تالىشىشتى. قايتىدىغان چاغدا ھەمم≪تاچ ≫قىلىشىپ، بەزىلىرى قۇچاقلىشىپ خوشلىشىشتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىشىچە بالىلار باشقىلارغا بەك ئۇنداق قىپ كەتمەيمىشكەنتۇق. ھاھاھا راستىنى دىسەم بۇ كىچىكلەر ئارسىدا تالاشتا قالغىنىمغا خۇش بوپ ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىپ كەتتىم!🙃🥰
ۋاي راست، قايسى كۈنكى يەسلىدىكى ئۇرۇشۇش ۋەقەسىدىكى كىچىككىنە سوسىكې قۇچىقىمدىن كەتمىگەن، مېنى قۇچاقلىغان، مېنى تالاشقان بالىدىن بىرى بولدى.
ئەمدى شۇ جىدەلگە ئازراق قايتايلى.

ئىككى ئۇرۇشقاق ئاداش

 

يەسلىدىكى جىدەل

بىرەر ئاي بۇرۇنقى بىر كۈنى يەسلىگە ئىستەمىنى ئالغىلى بارسام بالا سىنىپىدا يوق يەسلى مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكەن.
سەۋەبى، يەنە بىر ئوغۇل بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، ئۇ بالا ئىستەمىنىڭ پىشانىسىگە قاتتىق بىر نەرسىنى ئېتىپتۇ!
مۇئەللىمى ھەم يەسلى مۇدىرى ئۇ ئوغۇلغىمۇ نەسىھەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ تازىم قىلىپ كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى ھەم مەكتەپ مۇدىرىغا ئۇ ئوغۇل بىلەن ئۆزۈم پاراڭلىشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئايرىم ئۆيدە ئۇ ئوغۇل بىلەن پاراڭلاشتىم.
ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئوغلۇمنى ئۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىستەمىدىن سەۋەنلىك ئۆتسە مۇئەللىمگە ياكى ماڭا ئېيتسا بولىدىغانلىقىنى، بىر -بىرىنى ئۇرۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بىر-بىرى بىلەن ياخشى ئوينىشىنى ئېيتتىم. بۇ گەپنى ئىستەمىنىڭ ئالدىدا ئېيتتىم.
راستىنى دىسەم ئوغلۇمنىڭ باشقىلاردىن تاياق يىيىشىگە چىدىمىدىم، گەرچە بۇ كىچىك بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە جىدەل بولسىمۇ ئوغلۇمنىڭ قەلبىدە ئۇنى قوغدايدىغان ئادىمى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تاياق يىسە بولمايدىغانلىقىنى، باشقىلارنى ئۇرۇشنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم.

ئەنە شۇنداق بالىلارنىڭ قەلبىدە ئاداۋەت بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ دوستلىقى غەرەزسىز بولغىنىدەك ئۇرۇش-جىدەللىرىمۇ قەستەن بىر-بىرىگە ئازار بېرىش ئۈچۈن بولمايدۇ.

2019/11/21

 

ئۇزۇن بولدى بىلوگىمدا كارتونلارنى تونۇشتۇرمىغىلى ھە؟  يەكشەنبە كۈنى بىر ئوقۇرمىنىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ يېڭى كارتوننى يەنى، ”مۇز مەلىكە 2“ نى ئائىلىۋى كۆرۈپ كەلدۇق. ئالدىنقى كىنوسىدا كۆزنى چاقنتىدىغان قار مەنزىرىسى باش تېما بولسا، بۇ قېتىم سىرلىق ئورمانلىقنىڭ كىشىنى لال قىلىدىغان گۈزەل كۈز تەبىئەت مەنزىرىسى بوپتۇ. ئولاڧ ئېرىپ كەتكەن، ئاننا يالغۇز يىغلىغان، ئېلسا مۇزغا ئايلانغان كۆرۈنۈشلىرىدە قارىسام ئىستەمىدىن تارتىپ ھەممىسى مىچىلداپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ…ھالاكەت بولۇش ئالدىدىكى دۆلىتى ۋە خەلقىنى مۇھەببەت بىلەن بىرلىشىپ تىرىشىش نەتىجىسىدە قۇتقۇزۇپ قالغان قېرىنداشلىق مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ئۇشبۇ كارتوننى بالىلار بىلەن ئائىلىۋى كىنوخانا ۋاقتى قىلىپ كۆرۈشۈڭلارغا تەۋسىيە كەتتى ئەمسە! پىقىربۇ كىنو ھەققىدىكى ئويۇمنى تۆۋەندىكى بىر جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

كەلگۈسىنى، يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيۋاتقان زۇلمەتتىن بىزمۇ مۇھەببەت بىلەن بىرلىشىپ تىرىشىش ئارقىلىقلا ھالقىيالايمىز. ​​​

*********************

رەيھان ئابلەت

2019.11.29

 

تارقىتىڭ...

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيو

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى