دۇنياۋى ئەسەر: مەندىن ئايرىلمىغىن

1,161 قېتىم ئوقۇلدى

بىر يىلدىن بېرى ئاران ئەللىك نەچچە بەت ئوقۇغان كىتابىمنى ئاخىرى بۇ بىر ئايدا تۈگىتىۋەتتىم. ئەسلىدىلا بۇ رومان ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يېزىلغان، رومان تىلى باشقا ژانىر تىلىدىن پاساھەتلىك بولغاچ ياپون تىلىدىكى ئۇشبۇ روماننى ئوقۇۋىتىپ دەسلەپتە «مۇشۇنداق بىر كىتابمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسە ھە…» دەپ ئىچىگە كىرەلمەي ئىچىم پۇشقان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تا- ھازىرغىچە ئېغىر ئويدىمەن….
رومان قارىماققا ئالاھىدە ۋەقەلىكمۇ يوق، ئىچىگە كىرمەك تەسرەك بولغان تىنىچ ئەسلىمىدىن ئىبارەت. بىراق، ئۇنىڭ تەگلىرىگە يوشۇرۇنغان تىراگىدىيە ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا چاپلىغان ھاقارىتى، رەھمىسىزلىكى ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرىدۇ. ھەتتا، توقۇلما رومان سۈپىتىدە ئوقۇش ۋە كۆرۈشمۇ ئادەمنى ئازابلايدىغان بەزى ۋەقەلىكنىڭ بىز ياشاۋاتقان رىئاللىقنىڭ خۇپىيانە قاراڭغۇلىقلىرىدا يوق ئەمەسلىكى نورمال بىر تەپەككۇردىكى ئىنساننى قىينايدۇ.

كىتابنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسقىسى

شۇنداق، بىزنىڭ بۈگۈن تونۇشۇپ چىقىدىغىنىمىز – كازىئو ئىشىگۇرو ئەپەندىنىڭ 2005 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان، 2010ـ يىلىغاكەلگەندە، سىنارىيلەشتۈرۈلۈپ كىنو قىلىنىپ ئىشلەنگەن، 2017- يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ۋەكىل خاراكتىرىلىك ئەسىرى «مەندىن ئايرىلمىغىن«

 بۇئەسەر19-ئەسىرلەرنىڭ ئەدەبىيات پىشىۋالىرىدىن بولغان تولستوي، دوستويىۋىسكىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پەرىقلىق ھالدا «ئادەمنىڭ ماھىيتى، ئادىمىيلىكنىڭ مەنىسى» ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنى باشقىچە نوقتىدىن ئويلىنىشقا ئېلىپ كىرىدۇ. ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ئازابلىق ھېكايە شۇنداق تىنىچ، چىرايلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەنچە مانا بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تەرىپى.

سىنارىيلەشتۈرۈلگەن كىنوسى

Toccata- Paul Mauriat

 

كىتاب 28 ياشلىق مۇنەۋۋەر پەرۋىشكار سىستىرا قىز كەسىنىڭ ئۆزىنىڭ بىمارى ھەم سۆيگەن يىگىتىنىڭ ئوپراتسىيە كارۋىتىدا يۇمۇلىۋاتقان كۆزلىرىگە دەرىزىدىن قاراۋاتقان كۆرۈنۈشىدىن باشلىنىپ، ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئالاھىدە بالىلىق ئەسلىمىسىگە قايتىدۇ. بارچە ئوپراتسىيە ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈمىدى بولسا، بۇھاياتلىقنى ئېلىپ كېتىدىغان ئوپراتسىيە ئىدى. ھالبۇكى، قىز يەنىلا نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەمكىن تۇرالايدۇ؟ ئۇنىڭ سۆيگەن يىگىتى زادى قانداق ئوپراتسىيە ئۈستىدە؟ ئۇلارزادى قانداق ئادەملەر؟

1978-يىلى خايلشام
خايلشام – تاشقى دۇنيادىن سىم توساق بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان چەت ئورمانلىق ئىچىدىكى سىرلىق «مەكتەپ» بولۇپ، بالىلار خايلشامنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ. سرتقى دۇنياغا قانچە قىززىقسىمۇ مەكتەپنى ئوراپ تۇرغان ئورمان ھەققىدە بالىلارنىڭ قەلبىگە قاچاندۇر بىرى ئورناپ كەتكەن قورقۇنچلۇق ئەپسانىلەر، يەنى، بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئوغۇل بالا سىم توساقتىن چىقىرىۋىتىلىپ ئورمانلىقتا دەرەخلەر تەرىپىدىن بوغۇلغان، قوللىرى كېسىۋىتىلگەن. سىم توساقتىن سىرتىغا چىقىپ كەتكەن يەنە بىر قىزچاق قايتا ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن، نەتىجىدە قىز ئۆلۈپ كەتكەن… دىگەندەك قۇرقۇنچلار سەۋەبلىك بالىلاردا دەرىزىنىڭ سىرتىغا، ئورمان تەرەپكىمۇ قارىيالىغۇدەك دەرىجىدىمۇ جاسارەت قالمىغان ھەم سىرىتقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلانغان. مەكتەپتە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بالىلارغا رەسىم سىزىش،
قول – ھۈنەرۋەن دەرسى، شېئىرىيەت، ئانىتونومىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ ھەم بالىلارنىڭ سىزغان رەسىم، شېئىردەك ئەسەرلىرى قارارلىق كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ. مەكتەپتىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلكتىن بىرى – تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن بۇ ۋاكوئوملۇق تەربىيلەش ئورنىدىكى يىتەكچى دەپ چاقىرىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىرلىق يۈرۈش – تۇرۇشلىرى، قاتتىق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بالىلارنىڭ ھەر ھەپتىدە قەرەرلىك بەدەن تەكشۈرۈتۈشلىرى، ساغلاملىقنىڭ ئۆگىنىش ۋە ھەر قانداق نەرسىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىشى ئىدى. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

خايلشام

كەسى ئۆزىنىڭ بالىلىق خاتىرىلىرىنى جۈملىدىن خايلشامدىكى ئەسلىمىسىنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن دەپ قارايدۇ.
يەنى،13ياشقىچە ئالدىنقى بۆلەكنى چۈشتىن بۇرۇنغا ئوخشاتسا، 13-16 ياشقىچە بولغان دەۋرىنى كىيىنكى دەۋىر دەپ ئېلىپ بەئەينى بارغانسىرى قاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىۋاتقان چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئوخشىتىدۇ.
كەسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە دۇنيانى كۆرەر كۆزلىرى تېخىمۇ روشەنلىشىپ خايلىشامنىڭ سىرلىرى ھەققىدە ئاز-تولا بىلىشلىرى ئايدىڭلىشىشقا باشلايدۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ لۇسى مۇئەللىمگە بولغان كۆز – قاراشلىرى ئۆزگىرىدۇ. يەنى، كەسى 15 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.

لۇسى مۇئەللىم بالىلارغا ئۇلارنىڭ كىم ئېكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ.

بىر كۈنى ئۇلار تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇردىن پاناھلىنىپ بالكوندا تۇرغان چېغىدا لۇسى مۇئەللىم پىتىر ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنىڭ يىنىدىكى گودونغا «ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشنى، ئارتىس بولۇشنى، چولپان بولۇپ ياشاپ بېقىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئېيتقۇزۇپ ھەر بىر بالىنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ ئېچىنغان ھالدا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا بارالمايدىغانلىقىنى، ئارتىس بولالمايدىغانلىقى، قىلغۇسى بار ئىشنى قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بالىلارنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغانلىقى، ھەتتا كۆپىنچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ياشقىمۇ بارماي 3-4قېتىملىق ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئىچكى ئەزالىرى ئېلنىدىغانلىقى، قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى، قىسقىسى بۇ بالىلارنىڭ مەخسۇس ئىچكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كىلونلىنىپ يېتىلدۈرىۋاتقانلىقىنى ئوچۇقتىن – ئوچۇق ئاشكارىلىۋېتىدۇ. لۇسى مۇئەللىم مۇشۇ سەۋەبلىك مەكتەپتىن قوغلىنىدۇ. ئەمدىلا 15ياشلاردىكى بالىلار مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق سۆزنى ئاڭلىسا قانداق تۇيغۇدا بولىشى مۇمكىن؟؟!!!

كوتېجى

1985-يىلى كوتېجى
بالىلار خايلشامنى18يېشىدا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوپراتسىيە ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋىلىشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن بىر قانچە ئورۇنغا تەقسىملىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردىمۇ بالىلارنىڭ ھەركىتى قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ، سىرىتقا چىقىشى چەكلىنىدۇ.
تومى، كەسى ۋە رۇستىن ئىبارەت ئۈچ دوست مەلۇم يېزىدىكى كوتېجى دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنغا جايلىشىدۇ ھەم تۇنجى قېتىم رۇسنىڭ مەلۇم شەھەردىكى ئەسلى ئورگىنالىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئۇچىرىشىدۇ. 18 ياشقىچە تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچىرىشىپ باقمىغان ياشلارنىڭ شۇ كۈندىكى ھاياتىدا تۇنجى كىرگەن قەھۋەخانىدا تەمتىرەيدۇ….
دەل شۇ قەھۋەخانىدا بالىلار بىر – بىرى بىلەن ھەقىقى سۆيۈشكەن بىر جۈپلەرنىڭ ئوپراتسىيە قىلىنىش ۋاقتىنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىردىنبىر شەرتىنىڭ ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىنىڭ ھەقىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئىكەنلىكىنى باشقا دوستلىرىدىن ئاڭلايدۇ. تومى بىلەن كەسى خايلشامدىكى چاغلىرىدىكى كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىم ۋە شېئىرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى روھىيتىنى، ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىغا، مۇئەللىملەرنىڭ بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەقىقى سۆيگۈ بار – يوقلىقىغا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە سىڭگەن ئىچكى دۇنياسى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ كۆرگەزمىگە قويغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق سۆيگۈسىنىڭ ئىسپاتقا ئېرىشىپ ئوپراتسىيەنىڭ كىچىكتۈرۈلۈش ئىجازەتنامىسىگە ئېرشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

تۇنجى قەھۋەخانغا كىرىشى

 

1994-يىلى
بۇ ئۈچ دوست ئوتتۇرىسدىكى مۇھەببەت زىددىيىتىنى تەپسىلى تىلغا ئالمايمەن. كەسى شۇ زىددىيەت سەۋەبلىك سىستىرالىققا ئىلتىماس قىلىپ كوتېجىدىن كېتىدۇ ھەم ئارىدىن10يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە تۇيۇقسىز دوختۇرخانىدا رۇسىنى ئىككىنجى قېتىملىق ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى ئاجىزلىغان ھالتىدە ئۇچىرىتىدۇ ھەم رۇس بىلەن بىللە باشقا بىر جايدا ئۈچىنجى قېتىملىق ئوپراتسىيەنى ساقلاۋاتقان تومىنىڭ يېنىغا يوقلاپ بارىدۇ.
رۇس ئۈچىنجى قېتىملىق ئوپراتسىيە ئالدىدا مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئادىرىسىنى تومى بىلەن كەسىگە تاپشۇرۇپ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوپراتسىيەنى كېچىكتۈرۈش ئىلتىماسىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ دوستنڭ ئىچىدە ئالدى بىلەن رۇس ئۈچ قېتىملىق ئوپراتسىيەدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

ئۈچ دوستنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچىرىشىشى

رومانىمىزنىڭ سىرلىرى مۇشۇ يەردە يېشىلىدۇ.
تومى ۋە كەسى ئۆز مۇھەببىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەينى چاغلاردىكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەسئۇل مادامنى ئىزدەپ بارىدۇ.
تومى ئۆز ۋاقتىدا باشقا بالىلاردىن پەرىقلىق مەسىلىسى بار بالا بولغاچ، مادامنىڭ كۆرگەزمىسىگە باشقا بالىلار قويغان رەسىم ۋە شىئىردىن بىرنىمۇ قويمىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئۇزۇندىن بېرى سىزىپ چىققان رەسىملىرىنى مادامغا كۆرسىتىشكە ئېلىپ كېلىدۇ.

تومى ۋە كەسىنىڭ ئىلتىماس ئۈچۈن كېلىشى

ئۇلار كۆرگەزمىگە قويۇلغان شېئىر ۋە رەسىم ئارقىلىق بالىلارنىڭ روھىىيتىنى چۈشىنىدىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن روھىيتى بىرلەشكەن مۇھەببەتداشلار ئىكەنلىكگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانسا ئوپراتسىيەنىڭ ئۈچ يىل كېچىكتۈرىلىدىغىنىغا ئىشىنىشكەن ئىدى.
مادام بالىلارنىڭ مەقسىتىنى ئاڭلىغاندىن ناھايتى تۆۋەن ۋە ئەپسۇسلانغان ئاۋازدا «بىچارە بالىلار، بىز زادى نېمە ئىش قىلغاندىمىز؟ » دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ.
ئۆز ۋاقتىدىكى مەكتەپ مۇدىرى ئېمىلى خانىم خايلشامنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ئېيىتىپ بېرىدۇ.

ئېمىلى خانىم ۋە مادام

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 50-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئارقا – ئارقىدىن پەن – تېخنىكىدىكى يېڭى بايقىلىشلار بارلىققا كېلىدۇ. ئەسلىدىنلا «ساقايمايدۇ» دېيىلگەن راكقا ئوخشاش كېسەللەرگە داۋا تېپىلىشقا باشلايدۇ ھەم ساقىيدىغانلىقى جاكارلىنىدۇ. ھەتتا، 1967-يىللارغا كەلگەندە ئىنسانىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 100ياشتىنمۇ ئاشىدۇ. (ئەسكەرتىش، بۇ پەقەت روماندىكى سانلىق مەلۇمات) ئۇنداقتا بۇ كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان ئىچكى ئەزالار قەيەردىن كېلىشى كېرەك ؟
جېمىس مورنىڭ ئىسىملىك تەتقىقاتچى شوتلاندىيەنىڭ ئادەمسىز يەرلىرىدە ئىنسان، يەنى پەۋقۇلئاددە ئەقىللىق ۋە تالانتلىق بالىلارنى كىلونلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ تەتقىقات قانۇندا يولغا قويۇلمىغىنى ئۈچۈن خايلشامدەك تىببى ساھەدە ئىشلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس كىلونلاپ يېتىشتۈرۈلگەن بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان خايلشامدەك «مەخپى ئادەم فىرمىسى» بارلىققا كېلىدۇ.
بۇ يەردىكى بالىلار نورمال بالىلاردەك مائارىپ ئالىدۇ، رەسىم سىزىدۇ، شېئىر يازىدۇ، كىتاب ئوقۇيدۇ!
ئۇلارنىڭ سىزغان رەسىملىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ!
ھالبۇكى، تومى ۋە كەسىدەك بىر – بىرىنى سۆيگەنلەر بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر شۇ ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى سۈرەتلەپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان سۆيگۈسىنىڭ چىن ياكى ئەمەسلىكى مۇشۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق ھۆكۈملىنىدۇ، سۆيگۈمىزنىڭ چىنلىقى ئىسپاتلانسا ئىچكى ئورگان تەقدىم قىلىشىمىز كىچكتۈرۈلۈپ نەچچە يىل  ئەركىن ياشاش ۋاقتى بېرىلىدۇ،- دەپ ئىشىنىپ يۈرىدۇ.
تولىمۇئەپسۇس! بۇ كۆرگەزمە بويۇملىرى پەقەت ئۆزلىرىنى «ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەجىرىبەخانىلىرىدا ئادەم يېتىشتۈرىۋاتىمىز» دەپ چۈشىنىدىغانلارنىڭ تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن مانا مۇشۇنداق ئاددى ئىنسانلاردىن پەرىقسىز كىلونلانغان ئادەملەرنى يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ  ئىسپاتىدىن، كىلونلانغان بۇ بالىلاردا نورمال ئادەمدەك روھ بار-يوقلىقىنى بىلىپ بېقىشقا بولغان پاكىتتىنلا ئىبارەت بولغان، خالاس!

ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىمۇ نورمال ھېس – تۇيغۇ، نورمال ئىنسانى يۈرەك بار، روھ مەۋجۇت ئىدى! ئەجىبا، نورمال بىر يۈرىكى بار ئادەم مۇشۇنداق قاباھەتلىك سۆزنى ئاڭلىسا، ئاخىرقى نەچچە يىل بولسىمۇ ياشىۋىلىش ئۈمىدىنىڭمۇ رەھىمسىزلەرچە يوقىلىشىنى بىلسە قانداق بولىشى مۇمكىن؟!

  ئىنسان يۈرىكى قوبۇل قىلغۇسىز، پۈتۈن دۇنياغىمۇ ئېغىر كەلگۈدەك چىدىغۇسىز ئازاب قايتىش يولىدا 28 ياشلىق تومىنىڭ ئېچىنىشلىق ھۇۋلىشى بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ! تومىنىڭ بۇ چۇقانلىرى نورمال بىر تەن ۋە روھ ئىگىسىنىڭ روھى چۇقانلىرى ئىدى… شۇنداق، روھى چۇقانلار بەزىدە سىرتىغا ھەقىقى تۈستە چىقالمايدۇ… بۇ چۇقانلار بەزىلەردە ياش، بەزىلەردە تىمتاسلىق، بەزىلەردە پۈتۈن دۇنيانى ئەزگۈدەك دەرىجىدىكى قاتتىق يىغلىۋىلىش بىلەن خاتىملىنىدۇ… ئۇنىڭ دەرىجىسىنى شۇ روھى ئېگىسى ئۆزى بىلىدۇ…
ئاقىۋەت تومى 4-قېتىملىق ئوپراتسىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ… كەسى بىر ئايدىن كېيىن تۇنجى ئوپراتسىيەگە كىرىش چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالىدۇ.

 

 

خاتىمە:

خايلشام – تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن  مەخسۇس كىلونلاپ يېتىشتۈرۈلگەن بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان ۋاكوملاشقان «مەخپى ئادەم فېرمىسى». بۇ يەردە يېتىشتۈرۈلگەن بالىلار ئۆزلىرىنى «ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەجىرىبەخانىلىرىدا يىتىشتۈرۈلىۋاتىمىز» دەپ چۈشىندىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىغا، ھايات مۇساپىسىگە، ھاياتىغا، مۇھەببىتىگە، ھەتتا، تىنىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان، تۇغۇلۇشنىڭ، ئەركىن ياشاشنىڭ، ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنىڭ نېمىلىكىنى، قېرىپ ئۆلۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ھەتتا ئوتتۇرا ياشقىمۇ بارماي ھاياتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدىغان بالىلار ئىدى. بۇ بالىلارنىڭ ھاياتى ۋە پاجىئەسى تەبىئى ھالدىلا بىزنى ئەسلى ئىنساننىڭ ماھىيتى ۋەھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ.

يەنە بىر نوقتىدىن قارىساق، خايلشام كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ بالىلىق دەۋىرگىمۇ سىمۋول قىلىنغان، يەنى، بالىلار ھامان تاشقى دۇنياغا قىزىقىدۇ، بىراق ئاتا – ئانىلار ئۇلارغا پەقەت ئۆزى كۆرسەتمەكچى بولغانلىرىنىلا كۆرسىتىدۇ.
چوڭلارنىڭ نەزىرىدە بالىلارنى تاشقى دۇنيانىڭ دىشۋارچىلىقلىرى، رىئاللىقنىڭ رەھىمسىزلىكلىرىدىن خالى تىنىچ ۋاكۇم ئىچىدە تەربىيەلەش ئەڭ توغرا ھېسابلىنىدۇ.
مۇشۇ مەندىن ئاپتۇر ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى بۇ ۋاكۇئۇملۇق دۇنيانى ئىپادىلەش ئۈچۈن روماندىكى «خايلشام» نى ياراتقان دىيىشكىمۇ بولىدۇ.

يەنە شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، ئادەملەر ئۆز رىئاللىقى، تار تەقدىرى ۋە مۇھىتىدىن، ئەتراپىدىكى قورشاۋلاردىن بۆسۈپ چىقىپ بېقىشنى ئويلاشمايدۇ.
ئۆزىنى چىرماپ تۇرغان ئىسكەنجىلەردىن، چەكلىملىكلەردىن، روھىيتىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن ھالقىپ تېخىمۇ ھەم تېخىمۇ كەڭرى بولغان دۇنياسىنى بايقاش ۋە يارىتىش ھاياتنىڭ ئەسلى قىممىتى ھەم ئاپتۇرنىڭمۇ دىمەكچى بولغىنىمۇ شۇ بولسا كېرەك.

 

****************

رەيھان ئابلەت

2019.11.9

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسەرنى ئوقۇپ بۇلۇپ ،ئىختىيارسىز ھالدا كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيدىغان ،ئەمما يۈرىكىمىزگە ئەڭ يىقىن ئەزىزلىرىمىز يادىمدىن كەچتى ،ئاھ .. .جانلىرىمىز ئامان بولسۇن دىدىم ،يۈرىكىم ئىزىلىپ كەتتى .قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن .

  2. بۇ ئەسەرنىڭ كىنو قىلىپ ئىشلەنگىنىنى كۆرۈپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، ئىسمى نىمىدۇ ھە

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

دۇنياۋى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى