سىمېرنادىكى پورتتا

ئېرنىست ھېمىڭۋاي

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

ئەينى چاغلاردىكى سمېرنا بوغۇزى

 

Pera Classic’s-Kaybolan Yillar

 

ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

گىرىتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش باشلىنىپ، گىرىتسىيەلىكلەر تۈركىيەدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇشبۇ ئەسەردە دەل مۇشۇ مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ سمىرنا يەنى، ھازىرقى ئىزمىر پورتىدا يۈز بەرگەن راست ۋەقەلىكلەرئەسەردىكى«ئۇ»نىڭ «مەن»گە سۆزلەپ بېرىشى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ..
پورتقا توپلانغان گىرىتسىيە كۆچمەنلىرىنىڭ نېمىشقىدۇر كەچ كېرىشى بىلەنلا توۋلىغان ئاۋازلىرى، تۈرك ئەسكىرىنىڭ ئەنگىلىيە ئارمىيسىنىڭ قوماندانى دەپ ئويلاپ قالغان«ئۇ»نىڭغا ئادالەتسىزلىك ھەققىدە دەرت تۆكۈشلىرى، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن بوۋىقىدىن ئايرىلىشنى خالىمىغان ئانا، گىرىتسىيە ئەسكىرى چىكىنىدىغان چاغدا بىللە ئەكىتەلمەيدىغان ئاتنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ تېرىكلا دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلىرى قاتارلىق قاباھەتلىك چۈشتەك يۈرەكنى ئېزىدىغان ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: تېمىدىكى سىمېرنا ھازىرقى تۈركىيەدىكى ئىزمىرنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى

1923-يىلىدىكى ئېرنىست ھېمىڭۋاي

1922-1923-يىللىرىدىكى گىرىتسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى بولغاندا، پارىژدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان ھېمىڭۋاي ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچىرىشىغا قارىماي تۈركىيەگە بارىدۇ.
يەنى، 1922-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ھېمىڭۋاينىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە زىيارىتى توغۇرلۇق يازغان 19 پارچىدەك ماقالىسى گېزىتكە  چىقىرىلىدۇ.
ئۇشبۇ ئەسەردىكى ۋەقەلەرمۇ دەل ئاشۇ مەزگىللەردە ھېمىڭۋاي ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قاباھەتلەر ئىدى.شۇ چاغلاردا تۈركىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغان گىرىتسىيەلىكلەرنىڭ ئاتلىرىنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ دېڭىزغا تاشلىنىشى، كىچىككىنە ھاياتلىقنىڭ كۆز يۇمۇشى، بۇ ئازابلىق رىئاللىققا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئانىنىڭ بالىنىڭ جەسىتىدىن ئايرىلالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھېمىڭۋاي سۆز بىلەن ئىپادىلمەك قېيىن بولغان ئىچكى تۇيغۇلىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن ۋە  ئۇرۇشنىڭ تەڭسىزلىكىدىن شىكايەت قىلغان.

 

ياپوننىڭ كىنوخانىلىرىدا قويۇلىۋاتىدۇ.

مەندىن خۇلاسە-كالام:

يېقىنقى زامان تارىخىدا كۆرگەن كىنولىرىمدىن بىرى دەل ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان« 1917» بولۇپ، كىنو باشلانغاندىن تارتىپ تاكى تۈگەپ خېلى بىر ۋاققىچە ئۇرۇشنىڭ مۇدھېش كۈلرەڭ قاباھىتىدىن نەپسىم قىسىلىپ بىئارام بولدۇم. ئۇرۇشتىن، ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەكىلىدىغان زىيانكەشلىكىدىن، قاباھىتىدىن يەنە بىر قېتىم سەسكەندىم.

شۇنداق، مەيلى ھېمىڭۋاي ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇرۇش تىراگىدىيەلىرى بولسۇن، مەيلى مەن كىنودا كۆرۈپ سەسكەنگەن ئۇرۇش قاباھەتلىرى بولسۇن، بۇلارھەر ھالدا دۇنيا تارىخنىڭ ئىبرەت بەتلىرىدە قالغان. ھالبۇكى، دۇنيانىڭ كۆزىدە، ھەسرىتى ۋە ھېسداشلىقى ئىچىدە ۋەيران بولغان مەدەنىيەت ۋە يوقاتقان ھاياتلىقدىنمۇ ئېچىنشلىق بولغىنى- ئاتالمىش ئىنسانىي ھوقۇق، تىنچلىق ئەڭ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان،ھەرخىل مەدەنىيەت ھۆرمەتلىنىدىغان، قوغدىلىدىغان 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىس-تۈتەكسىز، ئۈن-تۈنسىز چەيلىنىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىيلىقتۇر.

 

***************

2020.03.26(پەيشەنبە)

رەيھان ئابلەت

 

 

قىستۇرما: يېقىندىن بېرى <ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى> بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.(چاقچاق-ھە:-) بۇ ئەسەرلەر بىلەن ئۇچراشقان دوستلارئەسەر ھەققىدىكى   تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ قويارسىلەر-ھە!

تارقىتىڭ...