بىر يولدىكى ئادەملەر مەيلى يولنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرلىرىدا بولسۇن ھامان بىر يەرلەردە چوقۇم ئۇچرىشىدۇ.
***
Omar Akram – Take My Hand
***
يۇقاردىكىسى ئەسلىدە كىمنىڭ سۆزى بىلـمەيمەن. بىراق، بۇ يېڭى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چاغلىرىمىزدا ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىغان خوتەنلىك يېقىن دوستۇم ئامىنەنىڭ يېراقتىكى ماڭا ئاتاپ يازغان كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ باشلىنىش سۆزى ئىدى.
تۇيۇقسىز يىللار ئىلگىرىكى بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى ئويلاپ قالغانىدىم.
رەيھان، ئەقىلسىزلىقىڭنى قارا! ھاياتىڭدا پەقەت ساڭىلا ئاتاپ خاتىرە يازىدىغان، قەلبىدىكىنى بېزىمەستىن، تارتىنماستىن، ئەنسىرىمەستىن… ئېيتالايدىغان، يازالايدىغان ئادىمىڭدىن قانچىسى بولـماقچى ئىدى؟! نىمىشقا دوستۇڭنىڭ شۇ قىممەتلىك ئەستەرلىكىنى ئۆزۈڭ بىلەن ئەكەلـمىگەنسەن؟!
ئىككى كۈن ئاۋۋالقى توكيونىڭ قىسقا يەڭلىك كىيىم بىلەنمۇ ئىسسىتىۋەتكەن 9-ئايلىق ھاۋاسى بىر سەكرەپلا ئىككى ئاي ئالدىغا سۈرۈلۈپ 11-ئاينىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ھاۋاسىغا كەتكەنىدى.
چۈشىۋاتقان كەچكۈزنىڭ سوغۇق يامغۇرىدەك مۇزدەك سوغۇق ئېقىم قەلبىمنى سەگىدىۋاتاتتى.
شۇ تاپتىكى نازۇك، زىددىيەتلىك، مۇرەككەپ ئويلىرىمغا چۈشكىدەك مىسرالارنى، قۇرلارنى ئوقۇغۇم كەلدى… بىراق، قايسى كىتابتىن، قايسى بەتلەردىن؟!
ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىدىكى تۆت پەسىللىك مەھەللىنىڭ مۇزدەك ئورۇندۇقىدا بۇ قۇرلارنى يېزىشقا باشلىدىم… ھاياتىمدا تۇنجى رەت تىل بايلىقىمنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى مەسخىرە قىلدىم…
نەھايەت، ئىنساندىن ئىبارەت مۇرەككەپ، زىددىيەتلىك، چۈشىنىكسىز، نازۇك مەخلۇقنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى تۇيغۇلىرىنى، زىدىيەتلىرىنى ناھايتى چىرايلىق، ئىنچىكە ھەم ئەسلى قىياپىتىدە ئىپادىلەپ چىقالىغان قەلەم ساھىبلىرىغا، بىز بىلىدىغان ھېلىقى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىلىرىگە تۇنجى قېتىم ھەۋىسىم كېلىۋاتاتتى… ئۇلار شۇ شۆھرەتلىرىگە، سەلتەنەتلىك مۇكاپاتلىرى ھەم نام-ئاتاقلىرىغا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى يېزىپ چىقالايدىغان، يېشىپ چىقالايدىغان، تۆكەلەيدىغانلاردىن ئىدى…
دولقۇنلارنى، يىنىك شاماللارنى، چۇقانلارنى… بىلمەسكە سىلىش، ئاڭلىماسقا سېلىۋىلىش، كۆمۈۋىتىپ ياشاش – نېمىدىگەن ئېغىر يۈك؟!
***
Your heart and my heart are very, very old friends. —Hafiz
تىمتاسلىققا چۆككەن بۈگۈن كۆڭۈللەر پەقەت مۇڭلۇق كۈيلەرنى خالىغاندەك، خىياللارمۇ ئالى مەكتەپتىكى شۇ ساناقلىق قىممەتلىكلىرىم بىلەن كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ مەكتەپ ھويلىىلىرىدا لەيلەپ سىرداشقان مىنۇتلارنى، نەچچە يېقىن ئاداش چىملىقلاردا قىززىق چاقچاقلار بىلەن توختىتالـمايدىغان كۈلكىلىرىمىزنى، كارۋاتقا چىقىپ يېتىپ بولۇپمۇ، دىيىلـمىگەن بىرەر گەپ ئىسىمىزگە كەپقالسا ياتىقىغا يۈگۈرەپ چىقشلىرىمىزنى، دەرتلىك بولۇپ قالغاندا بىر ـ بىرىمىزگە بېرىدىغان تەسەللىلىرىمىزنى… يىراقتا قالغان ئەسلىمىلەرنى ۋاراقلاۋاتاتتى.
ئۇلارنىڭمۇ ھەم مىنى ئەسلەپ قالىدىغىنىنى بىلەتتىم.
بىزنىڭ «ئېينىشتىيىن» ئېيتقاندەك بىز ماكان ـ زامان ھالقىغان دوستلاردىن ئىدۇق، قەيەردە ياشايلى، مەيلى قانچىلىك يىللار ئارىمىزدىن ئۆتسۇن كۆرۈشسەك يېتىرقىمايدىغان، كۆزلىرىمىز، روھلىرىمىز ئۇچىرىشالايدىغانلاردىن ئىدۇق.
چۈنكى، يىللار بىزنى ئۆزگەرتسىمۇ ماھىيەتلىرىمىزنى، ئەسلىدىكى كىملىكىمىزنى ئۆزگەرتەلـمەيتتى.
ھاپىز ئېيتقاندەك، قەلىبلىرىمىز ئەسلىدىنلا تونۇشلاردىن ئىدى.
رۇمى ئېيتقاندەك، روھلىرىمىز كىلىشەلەيدىغانلاردىن ئىدى.
بىر يولدىكى كىشىلەر دەل ئاشۇنداق يىللارنىڭ، ئارىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمايدىغان يىقىنلاردىن، روھداشلاردىن ئىدى.
***
I belong to no religion. My religion is love. Every heart is my temple. —Rumi
ئۆپكىنى تەكشۈرىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ قاپقىقىنى ياپقىنىدا، قاراڭغۇلۇقتىكى بۇ «ساندۇق» ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئۆلۈمنىڭ تەنھالىقىنى تەجىرىبە قىلغاندەك بولدۇم، ـ دە، ۋۇجۇدۇمنى مۇزدەك تىتىرەك باستى …
ئۆلۈمنى تەنھا تېتىغۇچىلاردىن ئىدۇق.
تەنھالىق – نورمال ئىنسان بۇ ھاياتىدا تېتىيدىغان ھەم تېگىشلىك بولغا نىسىۋە ئىدى.
ھالبۇكى، ھىچكىمىڭسىز ياشىيالمايدىغان بۇ ئالەمدە ئىنسان – ئىنساننىڭ قىبلىگاھى، ئىنساننىڭ قەلبى رۇمىنىڭ سۆزى بويىچە بىر – بىرلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ئىدى. ئىنساننىڭ ئۇلۇغلىقى ھەم دەل مۇشۇ يەردە ئىدى.
ساڭا ئەينەك بولالايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە ۋۇجۇدۇڭغا جان قوشالايدىغان، سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئۆز مەۋجۇتلىقىدا كۆرەلىگەن شۇ ساناقلىق ئادەملىرىڭ ھاياتلىق يەلكىنىڭنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قۇۋۋىتى ئىدى.
سانسىزلىغان ئادەم توپىدا سېنى تەنھالىقنىڭ سوغۇق ئېقىملىرىدا جۇغۇلداتمىغان كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى.
شۇنچە چۇقانلار ئىچىدە شىۋىرلاشلىرىڭنى تىڭشىيالىغان كىم؟ – يېقىىنىڭ ئىدى.
ھاياتنىڭ قويۇق تۇمانلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغان سېنى قولۇڭدىن تۇتۇپ ماڭالىغان كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى.
كۈلۈپ تۇرغان يۈزلىرىڭدە ھەسرىتىڭنى بايقىۋالىغان كىم؟ – يېقنىڭ ئىدى.
يىقىلغان كۈنلىرىڭدە ئۈنسىز كىلىپ قولۇڭنى تۇتقان كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى.
ئويلىرى، كۈلكىلىرى، ياشلىرىنى ئەنسىرىمەستىن، بىزىمەستىن ئىپادىلىيەلىگەن كىم؟ – يېقىنىڭ ئىدى…
مىغ – مىغ كىشىلەر توپىدا ئەنە شۇ ”يېقىنلىق“ نى سېغىنغان دەملىرىڭىز بولغانمۇ ؟
گەر ھەقىقەتەن بىر يولدىكى شۇ ئادىمىمىزنى تاساددىبىي ئۇچىرىتىپ قالساق، مەيلى قەيەردە بولايلى، روھىيەت سەپىرىمىزدىكى يېقىنلىقنى بىپەرۋالىقىمىز، بىخۇدلىقلىرىمىز بىلەن يېراقلاشتۇرمايلى.
بەكمۇ… بەكمۇ قىسقا ھاياتتا ئۆزىمىزنى ھەم ئۇنى تەنھالىق ھىسلىرىدا قويۇپ ئۆلۈم ھىدىنىڭ پۇراقلىرىنى تاراتمايلى…
ھەقىقەتەن بىر يولدىكى ئادىمىم بولساڭ…
***
2017-يىلى 13-ئۆكتەبىر
رەيھان
15/10/2017 1:23 چۈشتىن كېيىن
いつも読んでいます。すごく素敵です。ソールメイトいいですよね、何年会わなくても心がつながってるし、言いたいこともすぐにわかってしまう。本当に心が幸せを感じるそんな存在です。
15/10/2017 2:13 چۈشتىن كېيىن
確かに❤, いつも読んでくれてありがとう☕
15/10/2017 4:21 چۈشتىن كېيىن
مۇشۇنداق تىلى يەڭگىل، لېكىن چوڭقۇر ۋەزنىلىك يازمىلارنى ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن.
ھەر ئىنسان باشقىلار قانچە رەت ئوقۇسىمۇ يازغۇچىدىن باشقا ئادەم تولۇقى بىلەن چۈشەنمەيدىغان بىر رومان. ئوقۇغۇچى پەقەت سىرىتتىن يۈزەكى چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مۇشۇنداق يازمىلارغا ئامراقلىقىمغا باقماي، ئۆزۈمنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىمنىڭ ئاجىزلىقىغا ئىچىم ئىچىشىدۇ. ئۇزۇن-ئۇزۇن ھېكايىلەرنى، رومانلارنى يازغۇم كېلىدۇ. لېكىن بىر قانچە خەت بېسىپلا، گەپنىڭ ئالدى ئاخىرىنى قولاشتۇرالماي، يېزىشتىن توختاپ قالىمەن.
ھاۋا سوۋۇپ قالدى، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.
15/10/2017 4:24 چۈشتىن كېيىن
رەھمەت ☺️