ياپۇنلار ئاياللار ساغلاملىقى توغۇرلۇق نېمە دەيدۇ؟

4,324 قېتىم ئوقۇلدى

ياپۇنلار ئاياللار ساغلاملىقى توغرىسىدا نىمە دەيدۇ ؟

***

さよなら 西野カナ

***

ئاياللار ئۈچۈن گۈزەللىك موھىممۇ ياكى ساغلاملىقمۇ ؟
جاۋاب بەك ئاددى ، ساغلام بولغاندا گۈزەل بولغىلى بولىدۇ .

ياپۇن مائارىپىدا ، باشلانغۇچنىڭ 5ـ يىللىقىدىكى 10 ياشلىق قىزلارغا مەكتەپلەرگە مەخسۇس كەسىپ ئىگىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ ، يىتىلىش باسقۇچىدىكى قىزلار بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەر بېرىلىدۇ . بۇ غۇنچىلارنىڭ كەلگۈسىدە  ساغلام ، چىرايلىق بىر گۈل بولۇپ ئېچىلىشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ يىمەك ـئىچمەك ، ساغلاملىق جەھەتتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تەربىيەلەر ئىشلىنىدۇ.

مەن كۆرگەن ئالى مەكتەپتە 20 ياشلىق قىزلارغا مەخسۇس ساغلاملىق لىكسىيەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مۇتەخەسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ لىكسىيە سۆزلىنەتتى ، ساغلاملىق دەرسى مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن دەرسلەردىن بىرى ئىدى.
ھەرخىل ساغلاملىققا ئائىت بىلىملەر سۆزلەنگەندىن باشقا ،  قىزلار  18ـ20 ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا، كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان بەدىنىنى ئاسراشنىڭ لازىملىقى تەكىتلەنگەن مەزمۇنلارمۇ بار ئىدى.
يەنى ، خانىم ـ قىزچاقلار سالامەتلىكىنى ئويلاشقاندا ھازىرنىلا ئەمەس كەلگۈسى 10 ـ20 يىلنى ، ھەتتا ، بىر ئۆمۈرلۈك سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ قىممەتلىك ساغلاملىقىنى ئاسىرىشى موھىم ئىدى .

بۈگۈنكى مەزمۇن دەل ئاياللارنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى ساغلاملىقى ، گۈزەللىكى ، ئاياللىق سىھرى كۈچى ھەم ساغلام روھى ھالىتى ئۈچۈن كەم بولسا بولـمايدىغان ھەم سەل قارالسا بولـمايدىغان ئەڭ موھىم ئامىل ـ ئاياللىق ھورمۇن توغرىسىدا بولدى .

كۆپىنچىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ، ئاياللىق ھورمۇن ئىككى خىل :
بىرى ، ئېستېروگىن
يەنى ، ئاياللارنى ساغلام ، گۈزەل تىرىگە ، ئاياللارغا خاس بەدەن ھەم سىھرى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ھورمۇن بولۇپ ، يېتىلىش باسقۇچىدىن تاكى كىلماكتىرىيە دەۋرىگىچە داۋاملىشىدۇ .سۆڭەك ، قان تومۇرلارنىڭ ساغلام ھەركەتلىنىشگە پايدىلىق .
يەنە بىرى ، پىروگېستېرون
يەنى ، ئاياللاردىكى ئانىلىق ھورمۇنى بولۇپ ھامىلدارلىق ، يەڭگىش..قاتارلىق ھاياتىدىكى موھىم باسقۇچلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ھورمۇن .

ئاياللىق ھورمۇن ـ يېتلىش دەۋرى ، ھامىلدارلىق & تۇغۇت مەزگىلى ھەم كىلماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ ، ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى روھى جەھەتتىمۇ ساغلاملىققىمۇ يامان تەسىرلەرنى ئەكىلىدۇ .
ئاياللىق ھورمۇن ،( 自律神経 , Autonomic nerves ) نىرۋا سىستىمىسىغا ئوخشاش Hypothalamus دا كونتىرۇل قىلىنىدىغان بولغاچقا ، ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى بەدەن تىمپىراتۇرىسى ، نەپەس سىستىمىسىدىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ .
ساغلام بولغان تەرتىپلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاياللىق ھورمۇن ۋە نىرۋا سىسىتىمىسىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ .
40 ياشلاردىن كىيىنكى كىلماكتىرىيە دەۋىرىدىكى ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئازلاپ مېڭىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمىسىمۇ،  بىراق يىنىك تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن مىڭىدىكى سېروتىنىنى ئاشۇرۇپ بەرگەندە نىرۋا سىستىمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كىلماكتىرىيە دەۋىرىدىكى مەسىللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

كېچىنىڭ ئۇيقۇسى، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات، مۇۋاپىق چىنىقىش، گۈزەل ئىستىمال ئادىتى ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان ئامىللار، تۆۋەندىكىسى مۇشۇنىڭ بىر قىسمى خالاس .

ساغلاملىق تابلىتلىرىغا يۆلىنىۋالماستىن ، كۈندىلىك يىمەك ـئىچمەك ئارقىلىق ئاياللىق ھورمۇن تولۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر

 

پۇرچاق تۈردىكى يىمەكلىكلەردە بولىدىغان ئىسوفلاۋون ئارقىلىق ھورمۇن تولۇقلاش

يەنى ، ياپۇنچە イソフラボン ، ئىنگىلىز تېلىدا Isoflavones دېگىنىمىز پۇرچاقلاردا بولىدىغان ئېستىروگىن ياسايدىغان تەبىئى ماددا بولۇپ ، راك ، كىلماكتىرىيە دەۋىرىدىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش ، تېرە قىزىللىقى ..دىگەندەكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئېستىروگىننى تەبىئى تولۇقلاش ئارزۇسىدىكى خانىم ـقىزچاقلارنىڭ ھەر كۈندىكى ئىستىمالىدا 2/1 پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ، بىر قاپ ناتتو ( ياپۇنلارنىڭ پۇرچاقتا ياسايدىغان يىمەكلىكى ، بۇنى مەنمۇ تا ـھازىرغىچە يىيىشكە ئادەتلىنەلمىدىم ) بولىشى كىرەككەن .
كۈندە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يېيىش مۇمكىنمۇ ؟ ياق !
بىراق ، مىنىڭ باشقىچە ئۇسۇلۇم بار ، شۇ ناتتولارنىڭ ئورنىغا ئۆزۈم ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ سالامەتلىكىم ئۈچۈن پۇرچاق سۈتى ئېچىپ بىرىش ، بۇ قىرتاق تەمگە قارا ھەسەل سىلىپ ئېچىپ بەرسىڭىز ، سەل بولىدىغان تەمگە كىرىدۇ ، سىناپ باققايسىز ~

ۋىتامىن B6 ئارقىلىق ھورمۇننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ۋىتامىن B6 ئاقسىلنىڭ مىتابولىزىمنى ياخشىلايدىغان موھىم ماددا بولۇپلا قالماي ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ، ئاقسىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئاياللىق ھورمۇننىڭ مىتابولىزىمى ئۈچۈنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر .
سامساق دەل ۋىتامىن B6 كۆپ بولغان مەھسۇلاتتىن بىرى بولۇپ ئىتالىيچە ، كورىيەچە تاماقلار ئارقىلىق كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىڭ .
بىز ئۇيغۇرچە تاماقلار ئارقىلىقمۇ ئىستىمال قىلىپ بىرىۋىرىمىز سامساقنى ، شۇنداققۇ ؟!

ئومېگا 3 مىيى
يېقىندىن بىرى دىققەتكە سازاۋەر بولىۋاتقىنى ئومېگا 3 مىيى بولۇپ ، سالمان بىلىقى ، كۆك بىلىقلاردا بۇ خىل بۇ خىل ماي بار .

ھورمۇننىڭ ئەسلى خام ـئەشىياسى ھىسابلىنىدىغان ھايۋانات ئاقسىلى

ئاياللىق ھورمۇننىڭ مەنبەسى بولغىنى ھايۋانات ئاقسىلىدۇر .
پۇرچاق يىمەكلىكلىرىدە بولىدىغان ئۆسۈملۈك ئاقسىلىدىن باشقا ، گۆش ، بىلىق ، تۇخۇم ..قاتارلىق ھايۋانات ئاقسىلى بولغان يىمەكلىكلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلايلى .

كالتىسى ۋە ماگىنىيلىق يىمەكلىكلەر
روھى بىسىم ، ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ موھىم ئامىلدىن بېرى .
كەيپىياتى تۇراقسىز كىشىلەرگە نىسبەتەن كالتىسى ، ماگىنىي مىقدارى كۆپ بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەۋسىيە
قىلىنىدۇ .
بۇ خىل يىمەكلىك يەنى ئۆز نۆۋىتىدە سۆڭەك شالالڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

تۆمۈر ماددىسى مول يىمەكلىكلەر

ھايۋانات جىگىرى ، قۇلۇلە ، قارا ئۈرۈك ، رەڭگى قىزىل مىۋىلەر ..مەسلەن ، بۆلجۈرگەن ، گىلاس دىگەندەكلەر تۆمۈر ماددىسى مول يىمەكلىك بولۇپ ، قان كاملىق ، ھورمۇن يىتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

قىزچاقلار ~ ھەممىمىزنىڭ ئۆمرىمىزنى بەرسە 70 ياشلىق ساغلام ، گۈزەل ھەم سالاپەتلىك ، ئوماق موماي بولغان ھالىتىمىزنى كۆرگىمىز بارغۇ ھە ؟!

شۇ ھالىتىمىزنى كۆرۈش  ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تېرىشىپ باقامدۇق ؟! 😘

「女性ホルモンの分泌を促す生活習慣」

دىن تەرجىمە قىلىندى .

ـ تەرجىمىدە رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. ياخشى ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش ئادىتى ۋە مۇۋاپىق چېنىقىپ تۇرۇش بىزنىڭ تېنىمىزنى ساغلام قىلىپلا قالماي ساغلام بۇلغان رۇھى ھالىتىزغىمۇ پايدىلىق .رەھمەت ياخشى تېمىكەن

  2. بەك ياخشى يازمىكەن رەھمەت رەيھانگۈل،قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن،تېنىڭىز مەڭگۈ ساغلام بوغاي

  3. muxundak yahxi tilarni dawamlik yollap turxingizni umut kiliman rahmat sizga

  4. نىمىدىگەن گۈزەل قۇرلار بۇ ،بەك ياقتۇردۇم

  5. ئەسەرلىرىڭىز مىنىڭ تۇيغۇمدەكلا ماڭا بەك تۇنۇش،بەك ياقتۇردۇم،سىز بىلەن دوست بوپ قالغۇم بار

  6. Yazmingizdin nurghun nersilerni biliealdim. Rexmet sizge .

  7. ئاياللار ئۇچۇن بەك مۇھىم مەزمۇنلاركەن ھارمىغايسىز

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپۇنلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى