مەندىن:
ئەڭ دەسلەپكى بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، ئۆيىمىز چوڭ ئۆيگە يېقىن،بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدە بىزنى كۆپرەك بىقىشىپ بەرگەن چوڭ دادام-چوڭ ئاپاملار ۋە چوڭ ئۆيدە ئۆتكەن ئەسلىمىلەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيتتى.رەھمەتلىك چوڭ دادام شۇنچىلىك مۇھەببەتلىك،كۆيۈمچان ئادەم بولسىمۇ سۈرى بار ئەر ئىدى. موماي ئانام(مەن مۇشۇنداق دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن) ئانىلىق ۋە ئاياللىقنى مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ بىلگەن، پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆي ۋە قازان بېشىدا ئۆتكۈزگەن، ئەرگە تىكىلىپ قاراشنىمۇ ”گۇناھ ”دەپ بىلىدىغان، ئۆمرىدە گىرىممۇ قىپ باقمىغان، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرىدىمۇ ئەقىدىسى ۋە مۇھەببىتى بىلەن ياشىغان قانائەتچان، ئىشچان، ھايالىق ۋە ئەقىدىلىك تىپىك ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ئىدى. ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكىنىمىز مەن ئاخىرقى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلغان سەھەر خوشلىشىپ بولۇپمۇ قايتا-قايتا لىڧىتنىڭ ئالدىغا چىققانىدى…شۇندىن كېيىن كۆرەلمىدىم ھەم كۆرەلمەيدىغىنىمنى بىلدىم…بۇ دۇنيادا ئېسىمنى بىلگىنىمدە تۇنجى مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغان، كىچىلىرى دۈمبىلىرىمنى سىيلاپ، مۇزلاپ پاقىدەك بوپ كېتىدىغان پۇتلىرىمنى قورسىقىغا يېقىپ ئىسىسىتىدىغان، بىرەر ئىشتىن كۆڭلۈم يېرىم بوپ قالسا مېنى باغرىغا باسىدىغان ماڭا بۇ دۇنيادا مۇھەببەت بىرىدىغان ئادىمىمدىن بىرى كەتتى…
پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇندا بۇلارنى نېمىشقا سۆزلەپ كېتىدىغاندىمەن؟ مەن بۇ مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ بالىلىقىنى قايتا تەھلىل قىپ قالدىم، بالىلىقىمغا قايتىدىن قايتتىم ھەم قايتىدىن دىئاگىنوز قويدۇم دىسەم بولىدۇ.
سۆزىمىزگە كەلسەك، چوڭ دادام گەرچە ئاشۇنداق مۇھەببەتلىك ئادەم بولسىمۇ، سۈرى سەۋەبلىك شۇنچىلىك تەپتارتاتتۇق، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاڭ-چۇڭ قىلالمايتتۇق، ئانامنىڭ دىييىشىچە،كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا چوڭ دادام بار يەردە يىغلىساقمۇ بولمايمىشكەنتۇق..ئەمدى ئويلىسام بىزدىكى ھىسيات ئىپادىلەشنىڭ تۆۋەنلىكى، بەزىدە كەيپىياتنى كونتىرۇل قىلىشنىڭ مۈشكۈللىكىنىڭ سەۋەبىنى بۇلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.
بالىلارنىڭ بالىلىقىدىكى كەپسىزلىكى،مەنپىي ھىسياتلىرىنى ئىپادىلەشكە يول قويۇش ۋە ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش بالىلارنىڭ كىيىنكى ھاياتى ۋە ساغلام قەلبلىك بىر ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن بەك موھىمكەن.
بۇ كىتابنى قانچىلىغان قېتىم ئوقۇغان بولساممۇ، قايتا تەھرىرلەش جەريانىدا ئاددى جۈملىلەربىلەن قىيىن سۇئاللارنى يېشىپ بىرەلىگەن ئۇشبۇ تېمىنى ئاتا-ئانىلىق مۇساپىسىدا بالىلىرىنىڭ كەپسىزلىكى، ئارتۇقچە ۋارقىراپ -جارقىراشلىرى، يىغىلىرىدىن چارچىغان، ئەينى چاغلاردىكى“كارل ۋىتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى“ دىگەندەك كىتابلاردىكى بالىنى تاماق بەرمەي جازالاش، بەزى پىروگراممىلاردىكى ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىىرىۋىتىپ جازالاش توغرا بولىشى مۇمكىن دەپ تىڭرقاپ قالغانلار ئۈچۈن ئۇشبۇ تېمىدا ئورتاقلاشماقچىمەن.
The Lonely Ballerina – Michele McLaughlin
(3)
كۈچ سەرىپ قىلىدىغان بالا ، ئەمەلىيەتتە بەكمۇ ياخشى بالا
خوش، ئۇنداقتا بالىدىكى ئۆزىنى قەدىرلەش ئېڭىنى قانداق يىتىلدۈرىمىز؟ دىگەن ئاساسلىق گىپىمىزگە قايتىپ كىلىمىز.
شۇنداق، بالىلارنى ماختاشنى بەك موھىم دىدۇق، بىراق، بۇنىڭ ئۆزىلا يىتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، بالا داۋاملىق ئوماق، تاتلىق سۆيۈملۈك ۋە ماختاشقا لايىق بولىۋەرمەيدۇ.
بالا دىگەننىڭ يىغلاپ قەغىشلىق قىلىدىغان، ئاچچىقلايدىغان، ۋارقىراپ-جارقىراپ ھەممە يەرنى بېشىغا كىيدىغان، ئويلىمىغان مەسىللەرنى تۇغدۇرۇپ ئاتا-ئانىنى تىڭىرقىتىدىغان، چارچىتىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق مەنپىي ھېسلىرىنى ئوتتۇرىغا چىققانلىرىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇلارنى توغرا قوبۇل قىلالىشى ۋە بىر تەرەپ قىلالىشى بالىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىدىكى يەنە بىر موھىم ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
ئەمسە ھەر قېتىمقىدەك ئەمەلىي مىسالغا كەتتۇق:
بالىنىڭ مەنپىي ھېسلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىش
ئاپىسى ئوغلىنى باغچىدا ئوينىتىۋاتاتتى، ئەمىد ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قىزچاققا:
-بالام، ئەمدى قايتامدۇق؟
-ياق..ياق!يەنە ئوينىغۇم بار،-دېدى قىزچاق قايتقۇسى كەلمەي.
-شۇھە،-بالام ، بەك كۆڭۈللۈك ئويناۋاتاتتىڭ ھە؟بوپتۇ ئەمسە يەنە بىر ئوينىۋالغىن، ئۇندىن كېيىن قايتايلى، بولامدۇ؟
بۇ چاغدا ئاپىسىدىن مىننەتدار بولغان قىزچاق ”ئاپام ھەقىقەتەن كۆڭلۈمنى چۈشىنىدۇ“دەپ ئويلىدى.
***
تاماق ۋاقتىدا ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا مۇنداق سۆزلەر بولۇندى:
-يىمەيمەن-يىمەيمەن! مېنىڭ بۇنىڭ بىلەن پەقەت خوشۇم يوق!،-دىدى قىزچاق ئالدىدىكى تاماقنى ئىلغاپ.
-دېمىسىمۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ياقتۇرمايدىغان يىمەكلىكى بولىدۇ. كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم قىزىم، شۇنداقتىمۇ بىر چىشلەم تەمىنى تېتىپ بىقىڭە قەنى؟-دىدى ئاپىسى قىزىغا مۇلايىملىق بىلەن.
(مۇنداق ئىشلار ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە بوپقالىدۇ. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاماق تاللايدۇ، كۆكتات يىمەيدۇ. بىراق، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ بالىغا زورلاپ يىگۈزىدۇ. زورلىغانسىرى بالا بۇ يىمەكلىككە تېخىمۇ ئۆچ بوپ قالىدۇ.)
بالا پەقەت ئەركىلىگەن تاتلىق چاغلىرىدىلا ئەمەس، مەنپىي ھېسلىرىنى چىقارغانلىرىدا ئاتا- ئانىلىرى تەرىپىدىن يەنىلا چۈشىنىشكە ئېرىشەلىگەنلىرىدە ”مۇشۇنداق كەپسىزلىك قىلساممۇ ، يەنىلا ئېتىراپ قىلىندىم.“ دېگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئەلۋەتتە، بالا خاپا قىلغاندا بەزىلەردە تەنقىدلىنىپمۇ قالىدۇ. بىراق، بۇ تەنقىدلەر ھەرگىزمۇ بالا ئاچچىقلاپ-يىغلىغانلىرىدا، غەلۋە قىلغانلىرىدا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلىش،تاماق بەرمەي جازالىنىش بىلەن ئىپادىلەنمەسلىكى لازىمدۇر. يەنى، بالا مانا مۇشۇنداق غەلۋىلىرى بىلەنمۇ يەنىلا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلمىسا، ئوخشاشلا تاماقتىن مەھرۇم قالمىسا، بالا مۇشۇنداق مەنپىي تەرەپلىرى بار ئۆزىنىڭ يەنىلا ئائىلە ئۈچۈن موھىملىقىنى تەستىقلايدۇ.
ئەكسىچە ئۆزىنىڭ مەنپىي ھىسياتلىرىنى چىقىرالمايدىغان ئاتالمىش“ گەپ ئاڭلايدىغان ياخشى بالا “ ياخشى بالا بولالماي قالغانلىرىدا، يەنى ئاچچىقلانغان، يىغلىغان، ۋارقىرىغان، قاقشىغان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزەردىن چۈشۈپ كىتىشىدىن، تاشلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەشلىرى كۈچلۈك بولىدۇ. گەرچە، ئاتا-ئانا بولغۇچى “ بالا ھەرقانچە خاپا قىلسمۇ تاشلىۋىتىشىمىز مۇمكىنمۇ؟!“ دەپ قارىسىمۇ، بىراق ، بالىلار بالىلىق ساددا ئويىدا ئۇنداق ئويلىيالمايدۇ.
بۇ خىل بالىلار ھېچقاچان ئۆزىنىڭ مەنپى تەرەپلىرى، مەنپىي ھىسياتلىرىنى ئىپادىلىگىنىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ۋە قوبۇل قىلىشىغا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن، ئەسلى ئۆزى بولۇشقا بولغان ئىشەنچىسى يېتىلمىگەن بالىلار دېيىشكە بولىدۇ.
دەرۋەقە، ئاتالمىش “ گەپ ئاڭلايدىغان قۇلىقى يۇمشاق بالىلار“ گەرچە مەكتەپلەردە نەتىجىلىرى شۇنداق ياخشى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلاردىن ھىسابلانسىمۇ ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.
ئوكېي، ئەمسە يەنە ئەمەلىي مىسالغا كەتتۇق.
مەنپىي ھىسياتلىرىنى قەتئىي چىقارماسلىق _ خاتا
-يەنە ئوينىغۇم بار، بىردەم ئوينىۋالايچۇ؟-دىدى باغچىدا ئىلانگۈچ ئويناۋاتقان قىزچاق قايتقۇسى كەلمەي.
-چاقچاق قىلمايۋاتقانسەن؟ تولا مۇمكىن ئەمەس گەپنى قىلماي،ئۆزۈڭنى بىلىۋال !
ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا ئۆزىگە ئۆچ بوپ قىلىشىدىن قورققان بالا ئويۇنىنى توختىتىپ ئاپىسى بىلەن بىللە ماڭىدۇ.
***
-ئۇڧ،ھەجەپ چارچىدىم.-دىدى تاماق ئېتىۋاتقان ئاپا.
ئاپا ، ھېچنىمە بولمىغانسىز؟- دىدى ئاپىسىدىن ئەنسىرىگەن قىزچاق. تاماق ۋاقتىدا ئاپىسىنىڭ ئاچچىقلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن قىزچاق“ ئاپا ، تاماق بەك ئوخشاپتۇ “ دېگىنىچە تامىقىنى تېز-تېز يىيىشكە باشلىدى.
تېخى بالا تۇرۇپ بالىلىق كەپسىزلىكىدە ياشىيالماي بەكلا ”قۇلىقى يۇمشاق ياخشى بالا “ بولۇپ كەتكەن قەتئى خاپىسى يوق بالىنىڭ قانداقدۇر بىر يەرلىرىدە ئاللىقانداق سەبىرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ ھەم بالا بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىڭ .
”سەن ھەقىقەتەن بەك ياخشى بالا، بىراق، كۆڭلۈڭدە بىرەر قورقۇنچۇڭ بارمۇ؟ بىرەر ئىشقا سەبىر قىلىپ ،چىداپ يۈرىۋاتامسەن نېمە؟راستىنلا ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپىڭ يوقمۇ؟“-دەپ سورالغاندا ، “ ئۇنداقتا،دېسەم بولارمۇ ؟“ دەپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئېيتىدىغان بالىلار بار.
بۇ چاغدا ئاتا- ئانا بولغۇچى “ شۇنداقمۇ ؟ ئەسلىدە سىنىڭ بۇنداق ئويلىغىنىڭنى بىلمەي قاپتۇق.كەچۈرگىن بالام،بۇندىن كېيىن نېمىنى ئويلىساڭ،نېمە دىگۈڭ بولسا بىزگە ئېيتقىن “ دىگەنلىرىدە تۇنجى قىتىم ئىچىدىكىنى دەپ بېرىدىغان بالىلارمۇ بار.
بالىلارنىڭ ئاچچىقلىنىشلىرى، يىغلاشلىرى، ۋارقىراپ – جارقىراشلىرى، داۋاملىق يامانلاپ تۇرۇشلىرى ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن باش قاتۇرىدىغان، چارچىتىدىغان قېيىن بىر ئەھۋال.بىراق، بالىلارنىڭ مۇشۇ قىلىقلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلالىغاندا، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ھەقىقەتەن ئاشىدۇ.
”بالىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا يول قويساق، تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشمامدۇ؟“،“بالا يىغلىسا، ئورتاق ھىسياتتا بولىمەن دەپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قايغۇرۇپ ئولتۇرساق، تېخىمۇ يىغلاڭغۇ بولۇپ قالمامدۇ؟“-دەپ ئەنسىرەيدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ بولىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئارتۇقچە ئەندىشە.
بىر مەزگىل جاپا چىكىشىڭىز مۇمكىن ، بىراق، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ھەمدە ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشقا ئېرىشكەن بالىلار ۋاقتى كەلگەندە، ئۆز كەيپىياتىنى كونتىرۇل قىلالايدىغان ، ھەقىقى مەنىدىكى كۈچلۈك بىر قەلىپ ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
************************
مەنبە: «مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزەلەيدىغان ماختاش ۋە تەنقىدلەش ئۇسۇلى»ناملىق كىتابتىن
تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت
ئىنكاس يازىمەن