بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: مېنىڭ ۋە ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بىرىنجىلىك(ياپونچە-ئۇيغۇرچە)

3,578 قېتىم ئوقۇلدى

ئەتراپىمىزدا ھەممىلا ئىشتا بىرىنجى بولۇشنى تالىشىدىغان، يېگەن – ئىچكىنى، كەيگىنىدىن تارتىپ ھەر بىر نەرسىسىنى كۆز – كۆز قىلىشنى، قىلغان ھەر بىر ئىشىنى داۋراڭ سىېلپ ماختىنىشنى ياقتۇرىدىغان ھېكايىدىكى بايئولىتلار ئاز ئەمەس!

بۇ بايئولىتلارنىڭ ھەر بىر قىلغىنى، كەيگىنى، يىگىنى، ھەتتا تۇتقان ئۆيى باشقىلار ئۈچۈن ھەم باشقىلارنىڭ «سىز بەك قالتىس!» دىيىشلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن.
بىز مۇنداق بايئولىتلارنى ئۇچراتقىنىمىزدا بەزىدە ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس شادلىقى ۋە ئۇتۇقى بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىشىمىز، ئۇلارغا قاراپ ئۆزىمىزنى تەلەيسىز ۋە بولۇمىسزمۇ ھېس قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ھەتتا، ئۆزىمىزمۇ بىلىپ – بىلمەي ئاشۇ بايئولىت رولىنى ئەپقالغىنىمىزنى تۇيىمايمۇ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ھاياتتا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى قالتقسلىقىمىز، گۈزەللىكىمىز، ئەقىللىقلىقىمىز، بايلىقمىز مۇھىممۇ ياكى
ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرى بىلەن ھاياتنىڭ ھەر بىر بېتى ھەر بىر قامۇسىدىن مەنا ۋە شادلىق تېپىشمىزمۇ؟

تۈركەنئاي

 

مېنىڭ ۋە ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بىرىنجىلىك

 

ئاپتۇرى: ئالىسون ۋورچى
رەسسامى: پارتىس بارتون
تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

ئاۋازدا:

ياپونچىدا: تۈركەنئاي

ئۇيغۇرچىدە: رەيھان

 

مېنىڭ ۋە ئۇنىڭ نەزىردىكى بىرىنجىلىك

 

ھەر قانداق ئىشتا ھەممىنىڭ بىرىنجىسى بولىدىغان  بايئولىت ھەمىشىە مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇ «بىر»  دېگەن ئاجايىپ – ئاجايىپ قالتىس سان جۇمۇ! ئىستىرىلكىغا ئوخشاش ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن چاقناپلا تۇرىدۇ،
شۇڭا مەن بىرىنجى بولۇشنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن!

يۈگۈرگەندە باشقىلاردىن تېز يۈگۈرۈپ بىرىنجى بولۇش بەك قالتىس!
ناخشا ئوقۇغاندا يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇش شۇنداق پەيزى!
باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان چىرايلىق كىيىم كەيگەندىغۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزى سىزدىلا بولىدىغان گەپ!

-قاراڭلارچۇ مەن يەنە بىرىنجىنىڭ بىرىنجىسى بولدۇم!
-بايئولىت بەك قالتىس!
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئۇنىڭدا بولىدۇ. يەنە شۇنىڭ بىلەن ھەممىلا ئىشتا ھەممىلا ئادەمدىن بىرىنجى بولىدىغان بايئولىت كۆرەڭلىگەن ھالدا: «بىرىنجى بولۇش يەنىلا بىرىنجىدە!» دەيدۇ.

بىراق، مەن بۇنىڭدىن نېمىشقىدۇر تىڭىرقاپ قالىمەن. ھەممىدە بىرىنجى بايئولىتقۇ ھەقىقەتەن قالتىس، لېكىن ھەممىلا ئادەم ھەممىنىڭ ئالدىدا بولۇشنى ھەقىقەتەن ھەممىدىن ياخشى دەپ ئويلامدىغاندۇ؟

 

مەنغۇ تېز يۈگۈرەلمىگىنىم بىلەن مەكتەپ ھويلىسىدا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان گۈل دېگەندەك بىرەر نەرسىنى تېپىۋالسام شۇنچىلىك خۇش بوپكىتىمەن!

ئاۋازىم ئانچە يۇقىرى بولمىغىنى بىلەن پەس ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشنى، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشىنىمۇ ياقتۇرىمەن.

مەن ئۈچۈن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىق كىيىم بولمىسىمۇ مەيلى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كىيىم بولسىلا كۇپايە.

شۇڭا مەن ئۈچۈن  بىرىنجى بولۇش دىگەنلىك ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بولۇش دىگەنلىك!

لېكىنزە مۇشۇ ھەممىدە بىرىنجى بايئولىت «نېمە دەيدىغانسەن؟ بىرىنجى دېگىنىمىز يەنىلا بىرىنجى! ئەڭ ياخشىسى بىرىنجى بولىدۇ – دە! » دەپ مېنى زاڭلىق قىلىدۇ.

بىر كۈنى ئەتىگەندە مۇئەللىم «بۈگۈن ھەممىڭلارغا تەشتەك تارقىتىپ بېرىمەن، ئۇنداقتا كىم تاپالايدىكىن ئەتە سىلەرگە نېمە تارقىتىپ بەرمەكچىمەكچى؟»
سۇئالغا يەنىلا بىرىنجى بولۇپ جاۋاب بەرگىنى  بايئولىت.
-گۈل!
-ياق، ئۇرۇق! نېمىنىڭ ئۇرۇقى ئېكەنلىكى ھازىرچە مەخپىيەتلىك.

ھەممەيلەن «ۋۇييۇ!» دېيىشكىنىچە قىيا – چىيا قىلىشتى، مېنىڭمۇ نېمىنىڭ ئۇرۇقى ئېكەنلىكىنى بىلگۈم كېلىپ يۈرۈكۈم دۈك – دۈك قىلىپ سوقىۋاتاتتى.

شۇ كۈنى ھەممىمىز تەشتەكنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتۇق. ئۇرۇقنىڭ تېزراق گۈلگە ئايلىنىپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن رەڭ، ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن شەكىلدە رەسىم سىزىشتۇق.

مەن كۆك رەڭنى، مەيىن شاماللىق، كىشىگە  ئارامبەخش بېغىشلايدىغان كۆك رەڭلىك ئاسماننىڭ رەڭگىنى ياقتۇرىمەن!
شۇنداقلا يۈرەكنى، «سېنى سۆيىمەن» نىڭ بەلگىسى بولغان يۈرەكنىمۇ ياخشى كۆرىمەن!

ئەتىسى مۇئەللىمنىڭ بىزگە بەرگىنى پۇرچاقنىڭ ئۇرۇقى بولدى. ئۇنداقتا بۇ ئۇرۇقنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئۈچۈن نېمە كېرەك ؟
ھاۋا، تۇپراق، سۇ، قۇياش نۇرى…

مەن توپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارمىقمدا ئازراق تۆشۈك ئېچىپ ئۇرۇقنى سالدىم ھەم «تېزراق چوڭ بولغىن ھە!» دەپ تىلەك تىلىگەچ ئۈستىگە توپا كۆمۈپ قويدۇم.

شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز ھەر كۈنى، ھەر كۈنى، ھەر كۈنى سۇ قۇيۇپ ئۇرۇقىمىزنىڭ تېزراق ئۈنۈپ چىقىشىنى ساقلىدۇق، لېكىن تېخىچە خەۋەر يوق. . .

ئاخىرى بىر كۈنى كىچىككىنە بىخ، يېڭى يۇمران بىخ چىقتى!
“ پاھ، نېمىدىگەن ئوماق، قاراڭلارچۇ !“ دەپ تۇرىشىمغا يېنمدا بايئولىت چۇقىراشقا باشلىدى.
”بىخ چىقىرىپتۇ، بىخ چىقىرىپتۇ! يەنىلا مەن بىرىنجى بوپتىمەن!“
ھىم، نېمىشقا يەنە بايئولىت بىرىنجى بولغۇدەك؟ مېنىڭمۇ بىخ چىقارغان تۇرسا؟

ئەتىسى بالدۇرلا مەكتەپكە كەلدىم. كۆزۈم تەشتەكتىكى پۇرچاق نوتىسىغا چۈشۈشى بىلەنلا بېشىم پىررىدە چۆگىلىگەندەك بولدى. چۈنكى، بايئولىتنىڭ نوتىسى مېنىڭكىدىن ئېگىزرەك ئۆسكەندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن يۈرۈكۈم مۇنداق ئېيتاتتى: ≪بايئولىتنىڭ ئۆسكەن بىخىنى يوشۇرۇپ قويغىن!≫.
سىنىپتا دوسكىغا خەت يېزىۋاتقان مۇئەللىمدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى.

«كۆزگە كۆرۈنۈپ ئاشۇ نوتىسىنى توپىغا كۆمىۋىتەيچۇ!» شۇنىڭ بىلەن تىزلىك بىلەن ئىشنى پۈتتۈرۈپ ئورۇندۇقۇمغا كېلىپ ئولتۇرىۋالدىم.

باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ بىر – بىرلەپ سىنىپقا كىرىشكە باشلىدى. نېمىشقىدۇر سىقىلغاندەك بولدۇم، بىشىمنىمۇ كۆتۈرەلمەي قىلىۋاتاتتىم. . .

سىتىرىلكىدەك «1» دىگەن سان ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
≪ سېنىڭ يەنىلا بىرىنجى بولغۇڭ كەلدى شۇنداقمۇ؟ ۋۇي يالغانچى روجى!≫

ياق -ياق، ئۇنداق ئەمەس!. . .  يەنىلا، بىلەلمىدىم….
مەن يەنىلا بىشىمنى كۆتۈرەلمەي قىلىۋاتاتتىم. . .

دەرس قوڭغۇرىقىمۇ چېلىنىپ، كىمدۇر بىرى بۈگۈن بايئولىتنىڭ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىممۇ «بايئولىت ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپكە بىر مەزگىل كېلەلمەيدۇ.» دېدى.

نەپسىم توختاپ، پۈتۈن بەدىنىم مۇزلىغاندەك بولدى.
نېمىشقىمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلغاندىمەن؟ بىرىنجىلىك شۇنچىلىك موھىممىتى؟!
بايئولىت  مېنى كەچۈرۈڭ،پۇرچاق مېنى كەچۈرگىن!

بايئولىت ساقايغىچە پۇرچاقنى ئۆزۈم باقىمەن! ناخشا ئېيتقاچ گۈللەرگە سۇ قۇياتتىم، پۇرچاقنىڭ يېڭى – يېڭى يوپۇرماقلىرى چىقىشقا باشلىدى.
ناخشا ئېيتسام يۇمران يوپۇرماقلار كۈلگەندەك، يەنە يېڭى -يېڭى يوپۇرماقلار چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك، شۇنچىلىك خۇشالمەن! مەن پۇرچاقلىرىمنى، قۇياش نۇرىنى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن!

ھەر قېتىمقىدەك گۈللىرىمنى سۇغىرىۋاتقىنىمدا مۇئەللىم كەپ قالدى.
روجى، سىز ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز! ھەممىدىن مۇنەۋۋىرى، بىرىنجىسى سىز بولدىڭىز!
مەن خۇشاللىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم ھەم مۇئەللىمدىن مۇنداق سورىدىم:
مۇئەللىم، سىزمۇ بىرىنجىلىكنى ھەممىدىن ياخشىسى دەپ ئويلامسىز ؟
مۇئەللىم بېشىنى چايقىغىنىچە «ياقەي، مەن ھەممىدىن گۈزەللىكتىن ھوزۇرلانغان، خۇشال بولغان، گۈللەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋاقتىنى ھەممىدىن ئەلادەپ ئويلايمەن».

بايئولىت ئاخىرى ساقىيىپ مەكتەپكە كەلدى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى «قىينالدىڭىزمۇ؟ تەس بولغاندۇ؟» دەپ سورىشاتتى. بايئولىت خۇشال قىياپەتتە:

”ياقەي، شاكىلات ماروژنا يەپ، تېلۋىزور كۆرۈپ، كىيىملىرىمگە ماسلاشتۇرۇپ زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقاپ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۈم، كۆك رەڭلىك ئۆچۈرگۈچى بار قېرىنداشمۇ ئالدۇردۇم تېخى!“ دەپ كۆپچىلىككە قېرىندىشىنى كۆرسەتتى.

قاراڭلار، مۇشۇ كىسىلمىدىمۇ بىرىنجى بولدۇم مەن نېمىدىگەن قالتىس دەيمەن !“
دوختۇر مېنىڭكىدەك بۇ خىل كىسەلنىڭ دەھشىتىنى تا-ھازىرغىچە كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى“- دېدى بايئولىت كېسىلىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا.

بايئولىت پۇرچاقنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى، ئارقىدىن باشقا بالىلارمۇ ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ كەلدى!
بايئولىت «ۋۇييۇ، مۇشۇنچىۋالا ئۆسۈپ كېتىپتۇ -دە! مەن يەنىلا بىرىنجى بولدۇم!» دېدى ھەم ئۆزىنىڭ تەشتىكىنىڭ يېنىدىكى ئوخشاش ئېگىزلىكتە ئۆسكەن مېنىڭ گۈلۈمگە كۆزى چۈشتى -دە ، «بۇ كىمنىڭ؟» دەپ سورىدى.

روجىنىڭ، روجى سىزنىڭ گۈلىڭىزنى ئۆزىنىڭكى بىلەن تەڭ باقتى،- دەپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ۋىچىرلاشتى. مۇئەللىممۇ «شۇنداق» دېگىنىچە ساۋاقداشلىرىمنىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلىغان قياپەتتە بىشىنى لىڭشىتتى .

بايئولىت بەكمۇ تۆۋەن ئاۋازدا ماڭا «رەھمەت» ئېيتتى -يۇ، تولىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا «قاراڭلار، ئوخشاش ئېگىزلىكتە ئۆسكىنى بىلەن يەنىلا مېنىڭ گۈلۈم بۇ لىنتلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ، شۇڭا يەنىلا مەن بىرىنجى!» دېدى.

روجىنىڭ ئېيقىنىدەك بېرىنجى بولۇش ھەممىدىن ياخشىسى بولۇش دېگەنلىك ئەمەس.
روجى روجىغا خاس بىرىنجى بولدى،- دېدى مۇئەللىم. مەن خۇشاللىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
ئىچىمدە نېمىدۇر بىر خۇشاللىق تىپچەكلەيتتى، خۇددى ئۆزۈم يېتىشتۈرگەن پۇرچاق گۈلىدەك ئۆسۈپ يېتىلگۈم كەلدى.

ھېكايە تامام!

بەزىدە توم – توم كىتابلار بېرەلمىگەن ھاياتلىق ھەقىقىتىنى، زوقنى بالىلار ھېكايىلىرىدىن تېپۋالىمىز. ياپوندا تازا تەيفىڭ چىققان كۈنى تۈركەن قىز ئىككىمىز زۇكامداپ كەتكەن ئاۋازىمىزدا ئۇشبۇ ھېكايىنى ئوقۇۋەتتۇق!
ھەر قېتىمقى يازمام بولۇپمۇ ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلىرىمىز شۇنچىلىك ۋاقىت ھەم زېھىن بىلەن پۈتىدۇ.
بىز باشقىلاردىن بايئولىتقا ئوخشاش ماختاشلىرىنى، بىرىنجى بولۇشنى  كۈتكەن بولساق، ئاللىقاچان توختاپ قالغان بولاتتۇق!
خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن قىلدۇق، مەنا ۋە شادلىق ئالالايدىغان ساناقلىق كىشىلىرىمىز بولسىمۇ بۇ يولىمىزدا بىزگە ھەمراھ دەپ ئويلىدۇق~😎

 

تارقىتىڭ...
  1. ياخشى ھېكايىكەن.. چارچىماڭ رەھمەت☕️☕️

  2. بىر خىل ئازادىلىك بېرىدىكەن كىشىگە ، ھارمىغايسىز !!!

  3. سالام رەيھان. ئاۋازىڭىز بەك يىقىملىق ئىكەن. ئوماق قىزىمىزنىڭ ھەم……قىزلىرىم بىلەن كۆپ ھوزۇر ئالدۇق….

  4. بۇ ھېكايە ئادەمگە بىر خىل راھەتلىك تۇيغۇسى بىرىدىكەن ،بولۇپمۇ ئاخىرى .ھارمىغايسىلەر ، يىڭى ھېكاينىڭ چىقىشىنى كۈتىمەن.

  5. ھ بەك ياقتۇردۇم ھەدە بۇ ئەسەرنى بۈگۈن ئوقۇپتىمەن

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى