بالىلارنىڭ بارلىقى بىلەن سۆيۈلۈشى

2,630 قېتىم ئوقۇلدى

ئارتۇقچىلىقلىرى،كەمچىللىكلىرى بىلەن بارلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەم ئەسلى ھالى بىلەن سۆيۈلۈشنىڭ بىر ئادەمگە نىسبەتەن قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەم بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

شەخسى نوقتىدىن ئويلىنىپ كۆرەيلى. ئادەمنىڭ قىممىتى چىرايلىق، كېلىشكەن، قابىلىيەتلىك، باي …بولغانسىرى يۇقىرى بولامدۇ؟ باشقىلاردىن ئالاھىدە بولغاندا، ئارتۇقچىلىقى كۆپ بولغاندا، قارشى تەرەپ كۆزلىگەن ئۆلچەمگە يەتكەندە سۆيۈلۈش سالاھىتىگە ئېگە بولامدۇ؟

بۈگۈن بىز بالىلارنىڭ سۆيۈلۈشى توغۇرلۇق ئۇشبۇ تېما ئارقىلىق سۆيگۈ توغۇرلۇق چۈشەنچىمىزنى يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇرلاشتۇرىمىز.

 

 

Lady Laura – Roberto Carlos

 

(2)

بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن سۆيۈلۈش

بەزىدە بالىلارنىڭ ئائىلىدىكىلەرتەرىپدىن ياخشى تەرەپلىرى ئېتىراپ قىلىنسىمۇ ، كەمچىللىكلىرى قوبۇل قىلىنالمايدۇ ،ئىنكار قىلىنىدۇ.

ياخشىلىقلىرى كۆپ بولسا ، ئېرىشىدىغان باھاسى يۇقىرلايدۇھەم ئائىلىدە ئورنى بولىدۇ، خاتالىقلىرى كۆپ بولسىچۇ؟ ئەكسىچە ھېلىقى باھا تۆۋەنلەيدۇ،_ دە ، ئائىلىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت گەرچە خىزمەتتىكى مۇناسىۋەتلەرگە ماس كەلسىمۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ماس كەلمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ چۈنكى، بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگىنىمىز، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ، كام تەرەپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلالايدىغان، ئۆز –ئارا ھەمكارلىىشىپ ياردەم قىلىدىغان كىشىلەر دىمەكتۇر.

گىپىمىزگە كەلسەك،ھازىرقى بالىلارئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن قوبۇل قىلىنىشقا،سۆيۈلۈشكە ئىرىشەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بالىلار كۆپىيىۋاتىدۇ.

تەنقىدلەش-بالىلارغا نىسبەتەن بەئەينى مەنپى تەرەپلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ،بارغانسىرى ئائىلىدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقاندەك خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسىنى بېرىۋاتىدۇ.

ئەمدى تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ نوقتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ كۆرەيلى.

كەمچىللىكلىرىنى ئىنىقلا كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئاتا-ئانىلار

-يەنە سىڭلىڭنى يىغلىتىپسەندە؟! ماڭ، سىڭلىڭنى “ خاپا بولما“دېگىن! دەپ خاپا بولدى ئاپا سىڭلىسىنى يىغلاتقان ئوغلىغا .

-نېمىشقا مەن دىگەندەك قىلمايسەن؟ راستىنلا، پەقەت كىچىك بالىدەك ئوماقلىقى يوق بۇنىڭ،- دەپ تېخىمۇ ئاچچىقلىدى ئاپا ئەپۇ سورىماي قاراپ تۇرغان ئوغلىغا . ..

-سىڭلىڭدىن ئەپۇ سورغۇڭ بولمىسا، خاتالىقىڭنى تونۇغىچە سىرىتتا كاللاڭنى سەگىتىپ كىر!-دېگىنىچە بالىنى سېرىتقا چىقىرىۋەتتى.

( تالادا ئۆزى يالغۇز يىغلاپ قالغان بالا شۇلارنى ئويلىدى…)

”بۇ ئۆيدە پەقەت سىڭلىملا ئوماق ، سىڭلىملا ياخشى…مەن بۇ ئۆيدە ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەم….“

ئوكېي، بۇ خىل ئەھۋالدىكى ئىككىنجى خىل كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ باقايلى.

خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ بالا تەرەپتە تۇرۇپ ئويلاش

سىڭلىسى يىغلىغاندى، دادىسى ئاكىسىدىن سورىدى:

-نېمە بولدى بالام؟ نېمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر باشقىلارنى ئۇرساق بولمايدۇ، ئېيتقىنا سىڭلىڭنى ئۇرۇشىڭغا نېمە سەۋەپ بولدى؟،- دەپ ئېغىر بىسىقلىق بىلەن ئوغلىدىن سەۋەبىنى سورىدى دادا.

بۇ چاغدا بالا مۇنداق ئويلىدى…( ھە…دادام مىنىڭ كۆڭلۈمنىمۇ چۈشەندى.)

خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالساق، جەمىئەت ئۇنچىلىك ئاسانلا بولدى قىلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى، ”جەمىئەت ئۇنچىلىك تاتلىق ئەمەس“ دەپ قارايدىغانلارمۇ بار، ئەلۋەتتە.

شۇنداق، ئۆزىمىزنى ئويلاپ باقايلى، خىزمەتتىكى سەۋەنلىكىمىز ئۈچۈن باشلىقىمىزدىن ”يەنە مۇشۇنداق خاتالىق كۆرۈلسە،ئەمدى خىزمەتتىن توختىلىسەن!“ دەپ تەنقىدلىنىپ بېشىمىزچۈشكەن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.ھالبۇكى، ئۆيدىكلەر بىزنىڭ كىلىشمىزنى كۈتۈپ تۇرغان، ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئىللىق كۈتىۋالغان ، يەنىلا خاتالىقلىرىمىز بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغان بولسا بىز قانداق ئويلايمىز؟ ئەلۋەتتە، قەلبىمىزدىكى بۇلۇتلار تارقاپ، “ ئەتىمۇ تېرىشىشىم كىرەك !“ دىيەلەيمىز. بالىلارمۇ دەل مۇشۇنداق!

 

 

مەغلۇپ بولساممۇ يەنىلا مېنى قوبۇل قىلالايدىغانلار بار!

-نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ يەنە مۇشۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزسەڭ، خىزمەتتىن ھەيدىلىسەن!-دەپ ئاچچىقلاندى باشلىق.

-بىلدىم…كەچۈرۈڭ…باشلىق!

( ئەر ئۆيگە قايتىش يولىدا روھى چۈشكەن ھالدا ئۆزىنى شۇنداق بولۇمسىز چاغلىدى…)

-مەن كەلدىم! ( ئەر ئۆيگە قايتىپ كىلىدۇ.)

-دادىسى ، جاپا چەكتىڭىز،-دېگىنىچە ئايالى ھەر ۋاقىتتىكىدەك يولدىشىنى كۈتىۋالدى.

دادا…مېنىمۇ…مېنىمۇ …دەپ بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ دادىسىنى قۇچاقلاپ قارشى ئالغان بالىلارغا قاراپ ئەر ئۆزىنىڭ موھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى.

شۇنداق قىلىپ ”يەنە ئاچاڭنى ئۇرساڭ ئەمدى سېنى ياخشى كۆرمەيمەن!“، ”مۇشۇنداق ئەسكى گەپنىمۇ قىلامسەن؟ ئەمدى سېنى بالام قىلمايمەن“ دېگەندەك سۆزنى قىلماسلىققا دېققەت قىلىدىغان بولدۇق، شۇنداقمۇ؟

خەير، ئۆزىمىزنى بارلىقىمىز بىلەن قوبۇل قىلايلى، باشقىلارنىمۇ بارلىقى بىلەن سۆيەلەيدىغان بولىمىز.

 ئامان بولغايسىلەر ماۋۇ تەيفىڭلاردا~💚

***********************

مەنبە: «مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزەلەيدىغان ماختاش ۋە تەنقىدلەش ئۇسۇلى»ناملىق كىتابتىن

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياخشى مەزمۇن .توختىماي تىرىشىپ ياخشى مەزمۇنلارنى ئورتاقلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلارنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى