ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ سوۋغىسى(2)

1,827 قېتىم ئوقۇلدى

#ھەر كۈنى بىر جۈملە

بارلىق ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى، سۆيۈلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر نوقتا بالىغا يەتكۈزۈلگەندە، بالا تېخىمۇ چاقنايدۇ.

 

 

ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى-ئۆزىنىڭ بارلىقى بىلەن، يەنى بارلىق ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن سۆيۈلۈشىدۇر. مانا مۇشۇ نوقتا بالىغا يەتكۈزۈلگەندە ، بالا تېخىمۇ چاقنايدۇ.

قىزلارنىڭ ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئۆزىنى بارلىقى بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان بولىشى، شۇنداققۇ ؟!

قەلبىنى چۈشىندىغان كىشى دىگىنىمىز، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا ئەمەس، كەم تەرەپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىپ سۆيەلەيدىغان ئادەم دىمەكلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، يالغۇز قىزلارلا ئەمەس ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇنداق سۆيۈلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداقلا، مانا مۇشۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قەلبىنى چۈشىنەلەيدىغان ئىتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئەلۋەتتە، بالىلارمۇ دەل شۇنداق!

« بارلىق ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن سۆيۈلۈش» دىگەنلەر دەل بىز ئېيتقان ئۆزىنىڭ ئىنسانى قىممىتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدىغان، بالىنىڭ كەلگۈسىدە بەخىتلىك بىر ئىنسان بولىشىدىكى مۇھىم  بىر ئامىل.

ئۇنداقتا، بالىلىرىمىزغا بارلىقى بىلەن سۆيۈلىۋاتقانلىقىنى قانداق ئىپادىلەيمىز؟

 

Childhood Memory-Bandari

 

(1)

بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ھەم ئازابلىرىغا ئورتاقلىشىش

كۆڭلىنى چۈشىنىش دىگەنلىك – «ئورتاق ھىسياتتا بولۇش»  دىگەنلىكتۇر. يەنى، ئازابلانغانلىرىدا بىللە ئازابلىنىپ، خۇشاللانغانلىرىدا بۇ خۇشاللىقلارغا جۆر بولغاندا، بالا ئۆزىنىڭ چۈشىنىشكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ سۆيۈلىۋاتقانلىقىدىن بەختىيارلىققا چۆمىدۇ.

«ئورتاق ھىسياتتا بولۇش» بالىلارنىڭ قەدىر – قىممەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشىكى بەكمۇ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى.

بالا مەغلۇپ بولغاندا، «شۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ تۈگىشەپ كېتەمسەن؟» دېيىش بەلكىم بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن ئانچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئورنىغا «كۆڭلۈڭ يېرىم بولدى- ھە بالام؟» ، «بۇنداق بولىشىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانتىڭ بالام» دىگەندەك بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنش بالىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىشى مۇمكىن.

بالا بىر ئىشلارنى ياخشى قىلالىغاندا، ئاتا – ئانا بولغۇچى «سەن بەك قالتىس!»، «بەك ياخشى بولدى!» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىلارنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولغاندا، بۇ خۇشاللىق تېخىمۇ كۆككە كۆتۈرۈلىشى، بالىدا «تېخىمۇ تىرىشاي» دەيىدىغان ئىنتىلىش پەيدا بولىشى مۇمكىن.

«بالىنى ماختاش ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش» دىگەنلىك، گەرچە ماختاش بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئاشۇرىدىغان ۋاستىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى بالا بىلەن ئورتاق تۇيغۇلاردا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

بالىنىڭ خۇشاللىق ھەم خاپىلىقلىرىدا بىللە بولۇش، بالىغا ئۆزىنىڭ مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ھەم بالىدا تېخىمۇ ئۆزلىكىدىن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئىستەك بولىدۇ.

بىز تۆۋەندىكى ئوخشاش ۋەقەگە ئىككى  ئانىنىڭ تۇتقان ئوخشىمىغان پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ باقايلى:

 

بالىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان ئانا

بالىنىڭ كۆڭلىنى ئىنكار قىلىش-توغرا ئەمەس

-ئاپا… ئاپا قارىغىنە!- دېگىنىچە قىزچاق ھېلىلا سىزغان رەسىمنى ئاپىسىغا كۆرسەتتى.

-ھە،- نىمە؟ ھازىر مەن بەك ئالدىراش، گەپ قىلماي تۇرغىنە- دېدى تاماق ئېتىۋاتقان ئاپا پەرۋاسىزلىق بىلەن.

.قىزچاق ئۆزى سىزغان رەسىمگە كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى..

-ئاپا…ئاپا!

-نېمە بولدى بالام؟

-ئاداشلىرىم بىللە بىللە ئويناي دىسەم مېنى ئارىغا ئالمىدى – دېدى قىزچاق كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلغان ھالدا.

-شۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلاپ كىتەمسەن؟ ھە قاچان سەنمۇ بالىلار ئارىغا ئالمىغۇدەك بىرەر قاملاشمىغان ئىش قىلغان بولغىيتتىڭ ؟

بۇ چاغدا بالا «ئاپام زادى مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ ئويلىدى.

 

ئەمدى بىز مۇشۇ ئوخشاش ئەھۋالغا باشقىچە پوزىتىسىيە تۇتقان يەنە بىر ئانىغا قاراپ باقايلى، بالىنىڭ خۇشاللىق ھەم خاپىلىقىدا بىللە بولالايدىغان ئانا بۇ ئىشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟

بالىنىڭ خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىغا ئورتاقلىشىش

-ئاپا… ئاپا قارىغىنە ؟ دېگىنىچە قىزچاق يېڭىلا سىزغان رەسىمىنى ئانىسىغا كۆرسەتتى .

-ۋۇي بالام، بەك چىرايلىق سىزىۋېتىپسىزغۇ ؟! – دېگىنىچە تاماق ئېتىۋاتقان ئانا قولىدىكى ئىشنى قويۇپ بالا سىزغان رەسىمنى قولىغا ئېلىپ كۆرىدۇ ھەم بالىنى ماختىدى.

بۇ چاغدا بالا «ئاپام ھەقىقەتەن  نېمىلا قىلسام دىققەت قىلىدۇ» دەپ ئويلىدى.

-ئاپا..ئاپا!

-نېمە بولدى بالام؟

-ئاداشلىرىم بىلەن بىللە ئويناي دىسەم مېنى ئارىغا ئالمىدى،-دېدى قىزچاق كۆڭلى يىرىم بولغان ھالدا.

-ئاداشلىرىڭىز ئۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ بالام… مېنىڭمۇ ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى،-دېدى ئانىمۇ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ.

بۇ چاغدا بالا «ئانام ھەقىقەتەن مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدۇ جۇمۇ !» دەپ ئويلىدى.

(2)

بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن سۆيۈلۈش

بەزىدە بالىلارنىڭ ئائىلىدىكىلەرتەرىپدىن ياخشى تەرەپلىرى ئېتىراپ قىلىنسىمۇ ، كەمچىللىكلىرى قوبۇل قىلىنالمايدۇ ،ئىنكار قىلىنىدۇ.

ياخشىلىقلىرى كۆپ بولسا ، ئېرىشىدىغان باھاسى يۇقىرلايدۇھەم ئائىلىدە ئورنى بولىدۇ، خاتالىقلىرى كۆپ بولسىچۇ؟ ئەكسىچە ھېلىقى باھا تۆۋەنلەيدۇ،_ دە ، ئائىلىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت گەرچە خىزمەتتىكى مۇناسىۋەتلەرگە ماس كەلسىمۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ماس كەلمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ چۈنكى، بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگىنىمىز، بىربىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ، كام تەرەپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلالايدىغان، ئۆز –ئارا ھەمكارلىىشىپ ياردەم قىلىدىغان كىشىلەر دىمەكتۇر.

گىپىمىزگە كەلسەك،ھازىرقى بالىلارئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن قوبۇل قىلىنىشقا،سۆيۈلۈشكە ئىرىشەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بالىلار كۆپىيىۋاتىدۇ.

تەنقىدلەشبالىلارغا نىسبەتەن بەئەينى مەنپى تەرەپلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ،بارغانسىرى ئائىلىدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقاندەك خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسىنى بېرىۋاتىدۇ.

ئەمدى تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ نوقتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ كۆرەيلى.

كەمچىللىكلىرىنى قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماستىن كۆرسىتىپ بېرىش

يەنە سىڭلىڭنى يىغلىتىپسەندە؟! ماڭ، سىڭلىڭدىن كەچۈرۈم سورا!-دەپ خاپا بولدى ئاپا سىڭلىسىنى يىغلاتقان ئوغلىغا .

نېمىشقا مەن دىگەندەك قىلمايسەن؟ راستىنلا، پەقەت كىچىك بالىدەك ئوماقلىقى يوق بۇنىڭ،دەپ تېخىمۇ ئاچچىقلىدى ئاپا ئەپۇ سورىماي قاراپ تۇرغان ئوغلىغا . ..

سىڭلىڭدىن ئەپۇ سورغۇڭ بولمىسا، خاتالىقىڭنى تونۇغىچە سىرىتتا كاللاڭنى سەگىتىپ كىر!-دېگىنىچە بالىنى سېرىتقا چىقىرىۋەتتى.

( تالادا ئۆزى يالغۇز يىغلاپ قالغان بالا شۇلارنى ئويلىدى…)

بۇ ئۆيدە پەقەت سىڭلىملا ئوماق ، سىڭلىملا ياخشىمەن بۇ ئۆيدە ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەم….“

ئوكېي، بۇ خىل ئەھۋالدىكى ئىككىنجى خىل كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ باقايلى.

خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ بالا تەرەپتە تۇرۇپ ئويلاش

سىڭلىسى يىغلىغاندى، دادىسى ئاكىسىدىن سورىدى:

نېمە بولدى بالام؟ نېمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر باشقىلارنى ئۇرساق بولمايدۇ، ئېيتقىنا سىڭلىڭنى ئۇرۇشىڭغا نېمە سەۋەپ بولدى؟،دەپ ئېغىر بىسىقلىق بىلەن ئوغلىدىن سەۋەبىنى سورىدى دادا.

بۇ چاغدا بالا مۇنداق ئويلىدى…( ھەدادام مىنىڭ كۆڭلۈمنىمۇ چۈشەندى.)

خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالساق، جەمىئەت ئۇنچىلىك ئاسانلا بولدى قىلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى،«جەمىئەت ئۇنچىلىك تاتلىق ئەمەس»دەپ قارايدىغانلارمۇ بار، ئەلۋەتتە.

شۇنداق، ئۆزىمىزنى ئويلاپ باقايلى، خىزمەتتىكى سەۋەنلىكىمىز ئۈچۈن باشلىقىمىزدىن يەنە مۇشۇنداق خاتالىق كۆرۈلسە،ئەمدى خىزمەتتىن توختىلىسەن!“ دەپ تەنقىدلىنىپ بېشىمىزچۈشكەن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.ھالبۇكى، ئۆيدىكلەر بىزنىڭ كىلىشمىزنى كۈتۈپ تۇرغان، ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئىللىق كۈتىۋالغان ، يەنىلا خاتالىقلىرىمىز بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغان بولسا بىز قانداق ئويلايمىز؟ ئەلۋەتتە، قەلبىمىزدىكى بۇلۇتلار تارقاپ، ئەتىمۇ تېرىشىشىم كىرەك !“ دىيەلەيمىز. بالىلارمۇ دەل مۇشۇنداق!

مەغلۇپ بولساممۇ يەنىلا مېنى قوبۇل قىلالايدىغانلار بار!

نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ يەنە مۇشۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزسەڭ، خىزمەتتىن ھەيدىلىسەن!-دەپ ئاچچىقلاندى باشلىق.

بىلدىمكەچۈرۈڭباشلىق!

( ئەر ئۆيگە قايتىش يولىدا روھى چۈشكەن ھالدا ئۆزىنى شۇنداق بولۇمسىز چاغلىدى…)

مەن كەلدىم! ( ئەر ئۆيگە قايتىپ كىلىدۇ.)

دادىسى ، جاپا چەكتىڭىز،دېگىنىچە ئايالى ھەر ۋاقىتتىكىدەك يولدىشىنى كۈتىۋالدى.

دادامېنىمۇمېنىمۇ دەپ بىربىرىدىن قىزغىنىپ دادىسىنى قۇچاقلاپ قارشى ئالغان بالىلارغا قاراپ ئەر ئۆزىنىڭ موھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى.

 (3)

قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچتىنمۇ مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچ موھىم

«بالىنى ئۆزىگە ئىشىندىغان قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟»،«بالامنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بەك تۆۋەن…“ دىگەندەك سۆزلەرنى ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز.

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. بىراق، مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئىشەنچنىڭ قوش قاتلاملىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

بىرىنجى قاتلام:  ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئىشەنچ. يەنى، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتى بىلەن قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە، ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ كېرەكسىز ئادەم ئەمەسلىكىگە، ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىش دىگەنلىكتۇر. يەنى، بۇ دەلئالدىنقى باپتا دىيىلگەن ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت.

بالىلاردىكى بۇ خىل ئىشەنچ قانداق يېتىلىدۇ دىگەندە، ئاتائانا ھەم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ شۇ بالىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن خۇشال بولۇشى ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

ئىشەنچنىڭ ئىككىنجى قاتلىمى بولساقابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچتۇر. يەنى، ئۆگىنىش قىلالايدىغان بولۇش، تەنتەربىيە، مۇزىكا، بىرەر ساھەدە ئالاھىدە تالانتى  بولۇش، باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان بولۇشدىگەندەك ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارغا بولغان ئىشەنچ بولۇپ، بۇ خىل ئىشەنچ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، ماختاشلىرى بىلەن يېتىلىدۇ.

ئادەتتە بىز «ئىشەنچ» دىگەن ئاتالغۇنى دەل مانا مۇشۇنداق قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچكە باغلىۋالىمىزئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنىئۆز مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچ!

ئۆز قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچنى خۇددى تىرىشچانلىق بىلەن ياراتقىلى بولغىندەك، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ئىشەنچ يوقاپمۇ كېتىدۇ. مەسلەن، ئۆگىنىشتە مەغلۇپ بولۇش، مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشدىگەندەك چاغلاردا.دەل مۇشۇنداق مەغلۇپ بولغان چاغلاردا «بۇ قېتىم  نەس باستىدەپ، يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالامدۇ ياكى «مەن زادى يارامسىز» دەپ ئويلاپ ۋاز كېچەمدۇ؟ بۇ چاغدىكى يېقىلغان ئورنىدىن تۇرۇش دەل ئۆز مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچتىن كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، بالىغا مەيلى ئۆگىنىش، مەيلى تەنتەربىيەلەردە ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشلەردە بولسۇن ۋە ياكى تەنقىدلەشلەردە، بىرەر قائىدە ئۆگىتىشتە بولسۇن ئۆز قىممىتىگە، مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچنى ئاساسى ئورۇنغا قويىشىمىز لازىم.

ئەمدى تۆۋەندىكى داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان تۇرمۇش كارتىنىسىغا قاراپ باقايلى:

ئاپا، مەن يەنە سىنىپ بويىچە بىردىنبىر 100 نۇمۇرلۇق ئوقۇغۇچى بولدۇم!،دىگىنىچە  خۇشال بولغان بالا قولىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنى ئاپىسىغا سۇندى.

ۋاي مېنىڭ بالام دىگەن ھەقىقەتەن تالانت ئىگىسى،دەپ خۇشاللىقىدىن بېشى كۆككە يەتتى بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇش بولغان ئانىسى.

ئوخشاش ئىمتىھاندا يەنە بىر بالا 40 نۇمۇرلۇق ئىمتىھان قەغىزىگە قاراپ كۆڭلى يېرىم بولدى-يۇ

«تىرىشساملا مەنمۇ100نۇمۇرئالالايمەن!» دىگەن ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئاخىرى ئۆزى كۈتكەن شۇ نۇمۇرغىمۇ ئېرىشەلەيدۇ .

ئالدىنقى قېتىم 100 نۇمۇر ئالغان بالا بۇ قېتىم 90 نۇمۇر ئەپ قىلىۋىدى ئۆزىنى تولىمۇ يارامسىز ھېس قىلىپ مەكتەپكە بارماسلىقنى قارار قىلىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئانىسىمۇ «مېنىڭ بالام باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالسا قانداق بولغىنى؟باشقىلارغا ئۇتتۇرىۋەتكىنى بالامنىڭ تۈگەشكىنىدەپ قارايدۇ.

قىسقىسى، قەدىر-قىممەت ئېڭى، ئۆزمەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچى يۇقىرى بالا بىرەر ئىشتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئۆزىنى قەدىرسىز دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، قەدىر-قىممەت ئېڭى تۆۋەن بالا بىرەر ئىشتا مەغلۇب بولسىلا ئۆزىنى «تۈگەشتىم»، «مەن زادى يارىماس، نېمە قىلسام قاملاشتۇرالمايمەن» دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.

مەندىن: ئۆزىنى توغرا تونۇغان ئادەم خارلانمايدۇ، خارلىققا يول قويمايدۇ. ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ھۆرمەت قىلىپ ياشىيالايدۇ. كۈچلۈكلەر ئالدىدا كىچىكلەپ كەتمەيدىغان، تالانتلىقلار ئالدىدا ئۆزىنى ئەرزىمەس قىلىۋەتمەيدىغان، زەردارلار ئالدىدا ئەرزانلاشمايدىغان، شاھلىق تونى كەيسىمۇ، جەندە-كۇلالدىمۇ ئۆزىنى بىر خىل تۇتالايدىغان ئادەم مانا مۇشۇنداق كىچىكىدىن تارتىپ يارالمىش قىممىتىگە بولغان ئىشەنچ ئەقىدىسى ۋۇجۇدىدىن يىلتىز تارتقان بولىدۇ.

 

******************

مەنبە: «مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزەلەيدىغان ماختاش ۋە تەنقىدلەش ئۇسۇلى» ناملىق كىتاب

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. يازمىلىرىڭىزنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن. ھەربىر يازمىڭىز يىڭى بىر دەرس بېرىدۇ ئادەمگە. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇشقا نىسىپ بولغاي!

  2. مەن سىرتىدىن كۆرۈپ سىزنى يازغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن..ياخشى تەرجىمە قىلشمۇ ئاسان ئەمەس رەھمەت☕️☕️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى