شۇنداق بىر زامانلاردا ياشاۋاتىمىز… تاللاشلىرىمىز، تېڭىرقاشلىرىمىز، يوقىتىشلىرىمىز، ھەتتا ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىمىز كۆپ بىر زاماندا.
بىز ھەممىنى تاشلاپ يەنىلا ئۈمىدنى، ئاز-ئازدىن بولسىمۇ تىرىشچانلىقىمىزنى توختاتماسلقنى، ھاياتقا تەبەسسۇم بىلەن قاراشنى، قەلبىمىزدىكى مۇھەببەتنى تاللىدۇق.
ۋىۋالدىنىڭ «تۆت پەسىل – كۈز» سىمفونىيىسىنى تىڭشىغاچ، تەبىئەتنىڭ ساپ، گۈزەل رەڭلىرىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى.
Vivaldis Four Seasons – Autumn
ئېنىقلىق دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان سۈرەتلەرنى كىمنىڭ تارتقانلىقىنى ئاسانلا بايقىۋالالايسىز، بەلكىم.
مەيلى نىمە بولسۇن… كۈنلىرىمىزنىڭ، پەسىللىرىمىزنىڭ گۈزەل خاتىرىسى قالسۇن…
********************
ھەر قانداق كىشى بۇ ھاياتىدا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان خازان پەسلىمىزنىمۇ زوقلىنىش ئىلكىدە كۈتىۋالالايدىغان ھاياتتا ياشاش نىسىپ بولارمۇ، – ھە؟!
ھاياتى كۈچكە تولغان پەسىللىرىمىزدە مۇۋاپىقىيەتلىك ياشاش، ئاخىرقى بېكىتىمىزدىكى يېڭى بىر سەپىرىمىزنى خۇرسەنلىك بىلەن باشلاشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ھەر بىرىمىزگە شۇنداق ياشاش نىسىپ بولسۇن دەپ تىلەيمىز.
2017.11.26
08/12/2017 12:46 چۈشتىن كېيىن
ئۈندىدارىڭىزدىمۇ ھەمبەھىرلىگەن بولسىڭىز بەكلا ياخشى بۇلاتتىكەنتۇق…
08/12/2017 5:16 چۈشتىن كېيىن
ئۈندىدارىمغا بىلوگ پىتىلا ھەمبەھىرلەپ قويىدىكەنمەن ..ئەسلىدە سالۇن قۇرىۋالغان بولسام كۆپرەك دوستلار كۆرەلەيتتى …ئەپسۇس ☺️
08/12/2017 10:53 چۈشتىن كېيىن
سىزنى بىلوگىمدا ئۇچىرىتىش مىنى خۇش قىلىدۇ، خۇش كەلدىڭىز ☕️