Dvorak – Humoresque

 

Is the glass half empty or half full?
ئىستاكاندىكى ئەڭ ئامراق مېۋە شەربىتىڭىز ، قەھۋەرىڭىز ·· يېرىملىشىپتۇ، بۇ چاغدا سىز قانداق ئويلايسىز ؟
≪ئاپلا، يېرىمىلا قاپتۇ≫ دەمسىز ياكى
≪يەنە يېرىمى باركەن!≫ دەپ ئويلامسىز ؟
مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشىڭىزدىكى ئىشلارغا سىز قانداق تەپەككۇردا قاراۋاتىسىز ؟

يۇقاردىكىسى ئاكىتىپ تەپەككۇرنىڭ موھىملىقىنى چۈشەندۈرۈشتە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بەلكىم سىزمۇ ئاڭلاپ باققان پىسخولوگىيەدىكى≪يېرىم ئىستاكان سۇ نەزىرىيەسى≫ .

ئوخشاش بىر شەيئى، ئوخشاش بىر ئىشقا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆرىدىغىنى، ئويلايدىغىنى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئوخشاش بىر ئادەمنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ شۇ مىنۇتتىكى روھى ھالەت ۋە شارائىتقا بېقىپ كۆرىدىغىنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
يەنى، ئوخشاش بىر نەرسىگە ئوخشىمىغان نوقتىدىن قارىساق، كۆرىدىغىنىمىز يەنە پەرىقلىق بولىدۇ .
ئوخشاش ئىشقا ئوخشىمىغان تەپەككۇر بىلەن قارىساق كەيپىياتتىمۇ ئۆزگىرىش چوڭ بولىدۇ ·
تۇنجى قارىشىمىزدا مەنپى كۆرۈنگەن ئىشلار تەپەككۇ شەكلىمىزنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر نوقتىدىن قارىساق، مۇسبەت تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ!

شۇنداق، جاۋاب پەقەت بىرلا ئەمەس !
تامغا ئۈسسىۋالغىنىمىزدا كۆرۈش نوقتىمىزنى تامدىن سەل يېراقلاشتۇرۇپ دەل ھازىرقى ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشنى ئويلىنىپ كۆرەيلى.

 

 

 

يېرىم يىل بۇرۇنقى تەرجىمەمكەن، نېمە ئۈچۈن ۋاقتىدا يوللىمىغىنىمنى چۈشەنمىدىم. كونا تېلىفۇنىمنى رەتلىگەچ ئۇچراپ قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ئامال بار ھەر كۈنى بىر تەرجىمەم يوللىنىدۇ كونا ئارخىبىمدىن.

 

*************

سۇئې گۇچى شىزۇئې خانىمنىڭ「世界で活躍する子どもに育てる方法」ناملىق كىتابىدىن پارچە
تەرجىمىدە: رەيھان

تارقىتىڭ...