Modenhan — Uyghur Falk Music

 

🎼

 

音楽は道徳律である。宇宙に魂を、心に翼, 想像力に飛ぶ力を、そして人生のあらゆることに魅力と輝きを与えてくれる。

プラトン

مۇزىكا-ئەخلاق قانۇنى.
ئۇ كائىناتقا روھ، قەلبكە قانات، تەسەۋۋۇرغا قاناتلاندۇرغۇچ قۇدىرەت، شۇنداقلا، ھاياتقا سېھرى كۈچ ۋە چاقناش بەخىش ئېتىدۇ.

پلاتون

🎼

مۇزىكا ئاڭلاش- يېتىلدۈرۈشۈم ھاجەتسىز بولغان مەندە بار ئادەت. تاماق ئېتىۋاتقاچ، ئۆي تازىلىغاچ، ھەتتا، يېزىقچىلىق قىلغاچ مۇزىكا ئاڭلاش ئاللىقاچان ئادىتىمگە ئايلانغان.

بەزىلەردە گۈزەل بىر مۇزىكا بىلەن يالغۇز قالغاندىكى ھوزۇر ۋە ئارامنى بەزىلەردە خېلى ھەشەمەتلىك سورۇنلارمۇ بېرەلمەيدۇ.

بەلكىم، بىلوگىمغا ئىزچىل ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلار مۇزىكا سىزىمنىڭ خېلى ياخشىلىقىنى، بىلوگىمغا پەچەت ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كىرگۈزىلىدىغىنىنى بىلىۋالدى.😋
مىللىيچە خەلق ناخشا-مۇزىكىلاردىنمۇ شۇنچىلىك ھوزۇر ئالىمەنكى، بۈگۈنكى مۇزىكا مەن ئامراق «مودەنخان» بولسۇن~🎼

 

 

 

يېڭىچە ئۆزىڭىزنى كۆرگىڭىز، ھاياتتا يېڭىچە تەمدىن، يېڭىچە ئۆزىڭىزدىن قانائەت ۋە خۇشاللىق تاپماقچى بولسىڭىز # ھەپتىدە بىر ئادەت# كە ئەگەشكەيسىز~

چارچىغان تېنىڭىز ۋە روھىڭىز ئۇشبۇ گۈزەل مۇزىكىدىن ئاراملىق تاپقاي ~🎼

تارقىتىڭ...