بالىڭىز ھەقىقەتەن ئەيىپلىنىشكە تېگىشلىكمۇ؟

6,371 قېتىم ئوقۇلدى

پەرزەنت تەربىيەسىدە خاتا تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللىنىش – بالىنىڭ قەدىر – قىممەت ئېڭىنى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىتىدۇ. بالا ئۆزىنى بولۇمسىز، بۇ دۇنيادا قەدىرسىز، ياشىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى يوق بىر ئىنسان دەپ بىلىپ تۈگۈلۈپ ياشايدىغان بولىۋالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ.

بالىنى پەقەتلا تەنقىدلىمەي تەربىيلەشنى بەك توغرا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق، بالىنى زىيادە ئەيىپلەپ بالىنى بەخىتىسىز بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ زىيىنى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭدۇر. بىر بەخىتىلىك بالىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ماختاشلىرىمىزنىڭ تەنقىدلىرىمىزدىن كۆپ بولىشى ناھايتى ئۈنۈملۈك چارىدۇر.

ـ ئاكې خاشى دايجى

بۈگۈنكىسى ئالدىنقى مەزمۇننىڭ داۋامى، ھەممە ياشتىكى بالىلارغا ماس كىلىدۇ.

 

***

ponyo

 

***

 

(2) ئاتا – ئانىغا نىسبەتەن بىر ئاۋارىچىلىق ھىسابلانسىمۇ، باشقىلارغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار

مەسلەن، ئېيتىپ تۇرساقمۇ بىز دېگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، بىر ئىشلارنى قىلغاندا بەك سۆرەلمىلىك قىلىش، تاماقنى لۆمۈلدەپ يىيش، بىر نەرسىلەرنى تۆكۈۋىتىش، چېقىۋىتىش، تەكرار قىلىۋىرىش، نەرسىلىرىنى يۇغۇشتۇرماسلىق، كىيىم ئالماشتۇرۇشقا قېرىق بولۇش، كەپسىزلىك قىلىش، مەينەت نەرسىلەرنى تۇتۇش، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك… دىگەندەك ئىشلاردا ئاچچىقلىنىپ قالىمىز.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك ئىشلار بولسىمۇ، دەماللىققا ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزگۈدەك بەك چوڭ ئىشلاردىنمۇ ئەمەس. ئويلاپ باقايلى، بەزىدە بالىنىڭ خاراكتىرىدە بىز ئامالسىز تەرەپلەرمۇ بولىدۇ ھەم بالىنىڭ بەزىبىر كەپسىزلىكلىرى بالىنىڭ ئۆسۈپ ـ يىتلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم باسقۇچ بولۇپمۇ ھىسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي خاتا قىلمىش دەپ كەتكىلىمۇ بولماس.

 

ئاپلا…قايسىڭلارنىڭ  يانڧۇنى   بولغىيتتى ئاۋۇ

***

بالا دېگەنلىك – ئەسلىدىنلا پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى، داۋاملىق مەغلۇپ بولۇپلا، خاتالىق ئۆتكۈزۈپلا يۈرۈيدىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان مەخلۇق دىگەنلىك. ( ماۋۇ يەرنى تەرجىمە قىلىۋىتىپ تازا كۈلۈپ كىتىپتىمەن… راست، -ھە؟! )

بالىلارنىڭ يۇقارقىدەك بولىشى سىزنىڭ ياخشى تەربىيلىيەلمىگىنىڭىزدىن بولماستىن، نورمال بالا دىمەك دەل مۇشۇنداق بالا دىمەكلىكتىن، ھەم «بالا» دەپ ئاتىلىشىمۇ دەل مۇشۇنداق سەۋەبلىرى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك .

بالىلاردىكى ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش ـ دەل «ئۆزىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراش» تىن ئىبارەت. بالىلار باشقىلارنى مۇھىم دەپ بىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى ئۈگەنمىسە بولمايدۇ. (دەل بىز سەل قاراپ قالغان مەسىلە ـ دە بۇ … شۇڭا، يىتىلگەن ئادەم بولغاندىن كىيىنمۇ خەق ئۈچۈن ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپ) بۇ دەل بالىلاردىكى ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش بولۇپ ئىپادىلەنسىمۇ ، خاتالىقلىرى، مەغلۇبىيەتلىرى دەل بالىلارغا ئۆگىنىدىغان پۇرسەتلەرنى بېرىدۇ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بالىنىڭ شەخسىيەتچىلىكلىرىنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.

گەپ ئاڭلىماسلىقلىرىمۇ بالىلاردىكى ئۆزلۈكنىڭ بىخلىرى بولۇپ، مۇستەقىل ئىددىيەنىڭ يېتىلىش باسقۇچلىرى ھەم ناھايتىمۇ نورمال ئۆسۈپ ـ يېتىلۋاتقانلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

 

كىتابلار قاتلىنىۋىلىپ رەسىم بەك ئۆلچەملىك تارتىلمىدى… بۇ تېمىدا رەسىملەرنىڭمۇ مۇكەممەلسىزلىكىگە  رۇخسەت

***

رەسىمدىكى مىسالغا قارايلى.

يەنى، بالىلارنىڭ بىر – بىرىدىن بىر نەرسىلەرنى تالىشىشلىرىنى، يەنى بۇ شەخسىيەتچىلىكلىرىنى «ئۆزىنى مۇھىم بىلىش»، نەرسە – كىرەكلەرنى ئۆرىۋەتكەنلىرىنى «خاتالىقلىرىدىن، مەغلۇبىيەتلىرىدىن ئۈگىنىش»، ئاتا – ئانىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماسلىقىنى «ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بىخلىنىشى» دەپ چۈشىنەيلى .

بۇ ئاددى مىساللاردىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز بالىلارنى كومپىيۇتىر سىستىمىسىدەك قايسى كونۇپكىنى باسساق، شۇ سىستىما ھەركەتكە كىلىشى، خاتالاشماسلىقى كېرەك دەپ ئويلىۋالىمىز. بىراق، مۇستەقىل، تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئۆز قەدىر – قىمىمىتىنى تونۇيالايدىغان بىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى دەل مانا مۇشۇنداق ئاددى جەريانلار ئارقىلىق، يەنى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى، كەپسىزلىكىرى، پىتى قۇلاقلىقىغا ئىلمى مۇئامىلە قىلىشىمىز بىلەن يېتىلىدۇ .

 

ئۆيىڭىزنى ماۋۇ ھالدا كۆرۈپمۇ كۈلەلىسىڭىز ھىساب

***

ئەلۋەتتە، ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ھەر بىر بولۇمسىز قىلىقلىرىغا سەزگۈلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلسا بالا تۈزۈلۈپ خاتالىقىسىز بولۇپ كەتسىغۇ ياخشى. بىراق، بەزى ئىشلار شۇنداق دىققەت قىلىسڭىزمۇ ئۆزگەرمەيمۇ قالىدۇ. ھەر بىر ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن بالىنى توختىماي ئەيىپلەپ يۈرسىڭىز، ئەكسىچە ئۆزىڭىز چارچاپمۇ قالىسىز. (ئۆزىنى چارچاتماسلىقنىڭ ياخشى بىر ئامالى چىقتى مانا!) بۇنداق چاغلاردا مۇنداق ئويلاڭ.

كىچىك بالا دېگەن مانا مۇشۇنداق مەخلۇق.

ھازىر بىلىپ كەتمىسىمۇ، كىيىنچە چۈشىنىپ قالىدۇ.

بەك ئەيىپلىگۈڭىز كەپكەتسە، بىرەر قىتىم ئەيىپلەپ بولغاندىن كىيىن سەل ئۆزىگە قويۇپ بەرسىڭىز بولار.

 

***

 

تەرىڭىزنى تۈرۈپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ بولسىمۇ ئەيىپلىمىسىڭىز  بولمايدىغان مۇنداق ئىككى ئىش باركەن  .

بىرى، ئۆزىگە زىيان  يەتكۈزىدىغان ئىشلار، مەسلەن، ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان چوڭ يوللارغا يۈگۈرۈپ چىقىش، خەتەرلىك يەرلەردە ئويناش دىگەندەك.

يەنە بىرى،  باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدىغان ئىشلار، يەنى، زوراۋانلىق قىلىش، ئوت ئويناش دېگەندەك.

مانا مۇشۇنداق ئىشلاردا ئەيىپلىسىڭىىز بولىدىكەن… يەنىلا بەك ئېشىپ كەتمسىۇن ھە… ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ قويىسىز …

***

بالىنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكلىرىنىمۇ پىرىنسىپال مەسىلىگە كۆتۈرۈپ قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇش دەل ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلىنغان رەھمىسىزلىكىدىن بولسا كىرەك.

بالىلارنى ئاۋۇ ئىككى ئىشنى قىلمىسىلا بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ دەپتۇ ئاكې خاشى ئەپەندىم… بۈگۈن بىر سىناپ باقايلى… بالىلارنى ماختاش كۈنى، ئەيىپلىمەسلىك كۈنى قىلىپ … بولسا  بۇ كۈنلەر ئۇزۇنغا داۋاملاشقاي!

 

ponyo

***

مىيازاكى ئەپەندىنىڭ 2008- يىلى ئىشلىگەن يەنە بىر ئوماق كارتۇن ڧىلىمى

راستىنى دىگەندە، ماڭا بۇ كارتۇننى كۆرگىلى نەچچە يىللار بوپ كېتىپتۇ… بەلكىم، مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرىپىدىن بىرى سوسىكې بىلەن ئاپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى، ئىنسان بىلەن تەبئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىللىقلىق بولسا كىرەك.

ياپۇنچە  : 崖の上のポニョ

  ئىنگلىزچە : Ponyo on a Cliff by the Sea

خەنزۇچە  : 崖上的波妞

بۈگۈن سەھەردىكى توكيو ئاسىمىنى

 

********************************

 大好き! が伝わるほめ方&叱り方

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. سالام قەدىرلىكلەر ، ھەر قىتىملىق پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇندىكى قىستۇرما كارتۇن فىلىم ناخشلىرىنى باللىرىڭلارغىمۇ قويۇپ بەرگەيسىلەر ، ياپۇنچە بالىلار ناخشىلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويسۇن ئۇ كىچىكلەر ~
    كىلەركى مەزمۇن ئاتا ـئانىلار ئۈچۈن ھەم ئەڭ موھىمى مۇقەددەس ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۆيۈملۈك ئانىلار ئۈچۈن ❤️
    سەھىرىمىز ھەممىنى ئۇنتۇپ تاتلىق كۈلۈمسىرەش بىلەن باشلانغاي ~ ☀️☕️
    ـ رەيھان

  2. بۇ سالۇننى قۇشسام قانداق قۇشىمەن ،پەرزەنت تەربىسىگە ئائىت مەزمۇنلارنى بەكلا بىلگۇم بار

    • ئالدى بىلەن بىلوگىمدىكى مەزمۇنلارغا دىققىتىڭىزنى بەرگىنىڭىزگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
      بىلوگىمنى ھازىرچە ئىككىلىك كود ئارقىلىق قاتالـمايسىز ، پەقەت تور بەتنى ساقلاپ قويۇش ئارقىلىق كۆرەلەيسىز . ئەتە يەنە بىر يېڭى مەزمۇن بار .
      پات ئارىدا قىتىۋىلىش مەسلىسىمۇ ھەل بوپقالار ~ ☕️

  3. بەك ياخشى مەزمۇنكەن ، تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن .

  4. مەزمۇننى نورمال كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ بۇ قانداق ئىشتۇ بەك ياخشى كۈرەتتىم ئەسەرلىرىڭىزنى

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىڭىز

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى