شۇنداق بىر ھاللىرىمىز باركى،  كۆڭلىمىزدىن چىقىرالمايمىز… سۆز قىلىپ ئېيتالمايمىز… يامغۇر بولۇپ تۆكەلمەيمىز… تۇتۇق ھاۋا بولۇپ چاچالمايمىز…

***

ھاياتنى گۈزەل دەمسەن؟ نىمىسى بىلەن؟! كۈلكىلىرى بىلەن، غەمسىزلىكى بىلەن… ئېيتاۋۇر… ئاجايىپ سۆيگۈلىرى بىلەن…؟!
ھىچكىم، بەخىتنىڭ ھەم ساپ خۇشاللىقنىڭ مۇتلەق بېكىتىدە ئەمەس .
ئاڭلا ئەزىزىم! قەلبىڭدىكى ھەسرەتلىرىڭدىن يېڭى بىر ھايات ھەقىقىتىڭنى ئاڭلىيالىشىڭ، ھاياتىڭنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا بىر يورۇقلۇقنى كۆرەلىشىڭ، كۆز ياشلىرىڭنى يامغۇردەك تۆكۈپ بولۇپ تاتلىق بىر كۈلۈمسىرىيەلىشىڭ… ھەممە بىپەرۋا… ھەممە  ئالدىراش دەملەردە ساپ قەلىبلەرنىڭ ئېنتىرنىتسىز تىلەكلىرىنى، شىۋىرلاشلىرىنى تىڭشىيالىشىڭ… مانا بۇلار چىن  بەخىت… مەنچە، مانا بۇ ھاياتنىڭ گۈزەللىكى.

 

Canzona – Desert Garden

***

يىقىلغىنىمنى، كۆز ياشلىرىمنى كۆرۈشتىن ھوزۇرلاندىڭ… بەخىتلىك كۈلكىلىرىمنى كۆرگىنىڭدە بۇ كۈلكىلەرگە لايىق ئەمەستىڭ دىدىڭ! چاقناپ تۇرغان تەرەپلىرىمدىن گۇمانلاندىڭ… ئەسلىدە بۇ نۇر ئەمەس زۇلـمەت ئىدى دىدىڭ… چىرايلىق تەبەسسۇملىرىم سەن ئۈچۈن قار مەلىكىنى يىقىتقان زەھەرلىك ئالـما بىلىندى …
بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ …
مەن ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى روماندىكى قۇرلاردەك
« بەزى گۈللەرنى سىققانسىرى خۇشپۇراق تارقىتىدۇ…»

شۇ ئىسىڭدە بولسۇن . شۇنداق كىشىلەرمۇ يارىتىلغان… سەن قانچە چۈشۈرىمەن دىگەنسىرى كۆتۈرۈلىدىغان، سەن قانچىكى خۇنۇكلەشتۈرىمەن دىگەنسىرى چاقنايدىغان، سەن قانچىكى يالغۇز قالدۇرىمەن دىگەنسىرى قەدىرلىنىدىغان.

***

مۇشۇ يېشىمغىچە ئېسىمنى بىلسەم ئۈگىنىش قىلاتتىم… بىكار بولساملا قولۇمدىن كىتاب چۈشمەيتتى… شۇنچىلىك تىرىشىپ بەك قالتىسمۇ بولۇپ بولالمىدىم. ئېرىشكىنىم بار دىيىلسە، بەلكىم… تۇيغۇلىرىمنى، خۇشاللىقلىرىم، ھەسرەتلىرىم، زۇلمەتلىرىم ھەم بارچە نۇرلىرىمنى قوبۇل قىلىش ھەم بۇلارنى مەناغا ئىگە قىلىش، ئۆزۈمنى تېخىمۇ تىڭشىيالايدىغان، خۇشاللىقىمنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئازابلىرىمنى جىمجىت تىڭشاشنى ئۈگەنگەن بولىشىم مۈمكىن…

***

ھاياتنى ئۈمىدسىز، قاراڭغۇ، مۇدىھىش، ئەنىسز بىر ھالەتتە كۆرگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، يەنى، ھاياتنىڭ بىر ئېغىر سىناقلىرىدا تۇرغان ھالىتىمىزدىمۇ تەڭرىنىڭ  بىزگە كىچىككىنە بولسىمۇ بىر يورۇقلۇقنى ساقلاپ قويىدىغىنىغا، گۈزەل بىر ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ھەدىيە قىلىدىغىنىغا ئىشىنەيلى.

 

*****************************

رەيھان ئابلەت

2017.09.23

 

تارقىتىڭ...