ئانا، قاچان كۈلىسەن؟!

3,594 قېتىم ئوقۇلدى

ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ قات – قېتىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، بىر ئۆمۈر ھاياتىدىن، ھايات قىسمەتلىرىدىن ئايرىۋېتەلمەيدىغان،  تەنلەر ئەسلىدە شۇ تەننىڭ بىر پارچىسى بولغان، شۇنچە يىراقلاردا تۇرۇپمۇ  كۈلكە – يىغىلىرىنى، ئازابلىق پىچىرلاشلىرىنى تۇيۇپ قالىدىغان، ئاڭلاپ قالىدىغان… ھاياتىدا ئۇنى ئەڭ نازۇك، زىل تۇيغۇلاردا زىلزىلگە سالالايدىغان بىر ئىنسان بار! ئۇ بولسىمۇ -ئانا!

شېئىرلارنى ئوقۇدۇق ئانىلار كۈيلەندى! نەسىرلەرنى، ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق  «ئاھ، ئانىلار!» دىيىلدى!
رەيھان ھەر قېتىم چۈشىدىكى مىسكىن ئانىسى ئۈچۈن يېرىم كېچىلەردە يىغلىغىنىدا ئانىسىنى نەسىرلەرگە، شېئىرلارغا قاتمىدى ھەم قاتالمىدى… كۆز ياشلىرىدىن ئۈمىد ئاتلىق نۇر ياساپ قەلەملەرگە پۈتۈشكە تىرىشتى…

 

Ana by Abdulla Abdurehim

 

ھالبۇكى، يەنە ئوخشاش سەھەر پەيتلىرىدە يەنە شۇ مىسكىن ئانا، غېرىپ ئانا، قەلبى ھەم كۆزلىرى ياش ئانا… ئۇنىڭ چۈشلىرىدىن كەتمىدى ھەم كېتەلمىدى!

ئۇف!!!

ئايرىلغانلار… تىرىك ئايرىلغانلار… سېغىنغانلار، يىغلىغانلار، ھەسرەتلەنگەنلەر ھەم ئەنسىز يۈرەكلەرنى پەقەت شۇ خىل تەملەرنى تېتىپ باققان يۈرەكلەرلا ھىس قىلالايدۇ!

ئانىنىڭ رىئاللىقتىكى قىزىغا چاندۇرمىغان ھەسرەتلىرىنى ئۇ چۈشلىرىدە ئاڭلاۋاتاتتى… ئۇنىڭ تولىمۇ تۇيغۇن كۆڭلى ئانىسىنىڭ كەيپىياتىنى، كۆز ياشلىرىنى، يوشۇرىۋاتقان دەرتلىرىنى… ھەمىمىنى… ھەممىنى سىزىپ تۇرىۋاتاتتى…

چۈنكى!

 بالا دىمەك – ئانىنىڭ تېنىدىن، يۈرىكىدىن، تومۇرلىرىدا ئاققان قانلىرىدىن، جانلىرىدىن، روھىدىن يېتىلىپ، ئايرىم تەن  بولغۇچى دىمەك ئىدى!

ئانا دىمەك – چارچاشلىرىنى، كۆز-ياشلىرىنى، دەرت -ھەسرەتلىرىنى، ئاھلىرىنى، سېغىنىشلىرىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ، خاتىرجەملىكىنى، مىھرىبانلىقىنى، كۈلكىلىرىنى، ئۆزىدە بار ئەڭ ياخشلىرىنى بالىسغا بەرگۈچى دىمەكلىك ئىدى!

ئۇخلاۋاتقان شېرىن چۈشتىكى ئانا قەلب قۇلاقلىرىدا يەنىلا بوۋىقىنىڭ نەپەسلىرىگىچە تۇيالىغىنىدەك، بالىمۇ قانچىلىك چوڭ بولۇپ كەتسۇن ئانىنىڭ روھىيتىدىكى  بارچىنى ھىس قىلغۇچى ھەم ئاڭلىغۇچى  ئىدى…

مەيلى ئانا قانچىلىك يوشۇرسۇن ئۇنىڭ ئازابلىرىنى، ئەندىشلىرىنى، كۆز – ياشلىرىنى بالا يەنىلا تۇيىغۇچى ئىدى…

ئانىلار كۈلمەي تۇرۇپ، ئانىلار خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەي تۇرۇپ، قەلبىدە ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى يانماي تۇرۇپ بىز ئەۋلادلار خاتىرجەم كۈلكىگە، قەلبىمىزدىكى نۇرغا يىتەلمەيتتۇق…

ئېيتقىنە؟!

ئانىلارنىڭ كۆز ـ يېشى قاچان تۈگەيدۇ؟! ياكى بىزنىڭ ئانىلىرىمىزغا كۆز يېشىدىن، ئازابلاردىن كۆپرەك رىسىق پۈتۈلگەنمۇ؟!

ئېيتقىنە؟!

ئانىلار قاچان يۈرىكىدىن كۈلىدۇ؟! ياكى بىزنىڭ ئانىلىرىمىزغا، بىزنىڭ يارالمىش خۇرۇچلىرىمىزغا جۇدالىقنىڭ، ئازابنىڭ، غېرىبلىقنىڭ … نىسبەتلىرى كۆپرەك تەڭشەلگەنمۇ؟!

نەھايەت!

 ھايات ياشىماقتىن نىسىۋىلىرىمىز بار. ئۇچىمىزدىكى  چىرايلىق كىيىملەردىن،  ئىسىل نىھمەتلەردىن ھوزۇرلىرىمىز بار.
كائىناتنىڭ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل رەڭلىرىدىن، تەڭرىنىڭ بۇ بۈيۈك سەنئىتىدىن  ھاياجانلار ھەم شۈكۈرلەر بار. بالىلىرىمىزنىڭ ساغلام، تاتلىق كۈلكىلىرىدىن مەمنۇنلارمۇ ھەم بار.

نېمىدۇر ئەڭ موھىم بىر نەرسە كەم……!!!!

ۋادەرخ!
ئانىلار كۈلسۇن!
چۈشلەر ئۆزگەرسۇن!
يۈرەكلەر تېنچلانسۇن!

ئۈمىدلىرىمىز بىزنى نائۈمىد ھەم قويمىسۇن!!!

**************

رەيھان ئابلەت

2017.11.03
سەھەر

 

تارقىتىڭ...
  1. ئۇقۇسام ئۇقۇسام ئۇقۇغۇم كىلىدۇ. قۇللىڭىزغا دەت بەرمىسۇن، ھارمىغايسىز ، يۈرۈكۈمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، قەلبىمنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ تەسۋىرلەپسىز .بەك ياخشى كۆردۈم.

  2. « دىلىمىز ، تېلىمىز بىر » دىگەن شۇ …رەھمەت ❤️

  3. يۈرەكتىن چىققان چىن ھىسياتقا نىمە يەتسۇن!

  4. قۇلىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن،،،، ئەقلىڭىز تېخىمۇ ئۆتكۈر،،،تىنىڭىز تېخىمۇ ساغلام بولسۇن،،،كۈنلىرىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇنلار مول تەجرىبلەرنى ئگللەش ،،،تېخىمۇ رەڭگارەڭ تەبىئەت بىلەن تۇنۇشۇش بىلەن ئۆتسۇن،،،،،،قەلەملىرىڭىز تېخىمۇ پاساھەتلىك،،،بولسۇن،،كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلىرىڭىز سىزدىنمۇ خۇشپۇراق بولسۇن ،،،سىزنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى بىر دىيانەتلىك ،،،پەزىلەتلىك،،،،ئىلىملىك ،،،ياخشى بىر ئانا بۇلۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن سىڭلىم ،،،غەيرەت قىلىڭ ،،،مەيلى سىز قەيەردە بۇلۇڭ ،،، سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس،،،ئەكىسچە يالغۇزلۇقنىڭ ئۈزى بىر ئۆگنىش،،،كىيىن ھېس قىلىسىز كەلگۈسىدكى بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل نەتىجلىرىڭىزنىڭ يېتەكچىسى ،،،ئۆگەتكۈچىسى،،، نىڭ دەل مۇشۇ يالغۇزلۇق ،،،پەيدا قىلغان پولاتتەك تەۋرەنمەس ئىرادە،،،تىرىشچانلق ئىكەنلىكنى ھېس قىلىسىز ،،،شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھايات بىز ئۈچۈن بىرىلگەن نئمەت ھەر بىر مىنۇت بىز ئۈچۈن ئامانەت ،،، بەخت ئامەت ،پارلاق نەتجە سىزگە ۋە بىزلەرگە نىسىپ بولسۇن.

  5. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىللىقلىقنى يەنە بىر قىتىم تونۇتقان يىقىملىق سۆزلىرىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم.
    گۈزەل تىلەكلەر, ياخشىلىقلار سىزگە ئارتۇقى بىلەن بولسۇن, رەھمەت سىزگە❤

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئانا،

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى