توكيودىكى بىر ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن پارچىلار

2,508 قېتىم ئوقۇلدى

مۇقەددىمە

10يىل بۇرۇن تۇنجى ئانىلىقتىكى ھاياجان قولۇمغا قەلەم ئالغۇزدى. چەتئەلگە يېڭى چىققاندىكى غېرىپلىق تۇيغۇلىرىم، ئانا يوق يەردە تۇنجى ئالغان ئانىلىق قەدەملىرىم، سېغىنىشلىرىم … كۆز ياشلىرىم بىلەن پۈتكەن «ياپونىيەدىكى تۇغۇتۇم» نىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولدى ھەم «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر تەپەككۇرلىرىم، ھېسلىرىم پەقەت كۈندىلىك خاتىرەمگە پۈتۈلۈپ كەلدى…

ئەلى مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئىلھامىنى «مۇئەللىم» دەپ ئاتىغان، مەن بۇ ئىلھامىمنى نىمە دەپ ئالسام بولار؟! يەنىلا بۇرۇنقىلاردەك ئىلھام دەپ تۇراي!  10يىلدىن بىرى ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بوپتىمەن، تالاي ئانىلىق ھاياجانلار، خۇشاللىقلار، گاڭگىراشلار…نى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئۇزۇندىن بېرى تاپالـمىغان قەلبىمدىكى بۇ كۈچنى يەنە تۇنجۇقتۇرىۋەتمەي ياكى ھىچكىم ئوقىيالـمايدىغان كۈندىلىك خاتىرەمدىلا تۈگىتىۋەتمەي، ئۇنىڭ بىر پارچىسىنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىگە كەلدىم.

 

 

Snow-Bandari

 

توكيودا تۇنجى قار

54 يىلدىن بۇيان توكيودا تۇنجى قېتىم 11ـ ئايدا قار يېغىشى ئىكەن. ئاخشامقى خەۋەردە، ئەتە تۇنجى قار ياغىدىغانلىقى توغۇرلۇق كىشىلەرنى زىيارەت قىلدى. ئۆيىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ماي ئالغان كىشى، ئەتە قار يېغىپ قالسا قار تازىلاش ئۈچۈن گۈرجەك سېتىۋالغانلار… قىسقىسى، ياپۇنلار بىر كۈن بۇرۇن ئالدىراش قار تەييارلىقىغا چۈشكەن ئىدى. «دۇنيادا ياپۇنلاردەك ئەستايدىل، ئېھتىياتچان مىللەتتىن يەنە بىرى بارمىدۇ؟!»، – دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ئىنسان تەبىئەتتىكى ئەڭ كىچىك ئۆزگىرىشلەردىنمۇ، گۈزەللىكتىنمۇ ئالەمچە بەخىت تۇيغۇسىنى تاپالايدۇ! ياراتقۇچىنىڭ قۇدىرىتىنى ھېس قىلالايدۇ! تېخى تۈنۈگۈنلا سېرىق، قىزىل رەڭلەردە  بويالغان توكيو بىر كېچىدىلا ئاق تون كىيىپ قىش رەڭگىگە كىردى…

ئوغلۇم ئىككىمىز سىرىتقا چىقىپ ھاۋانىڭ بىز ئويلىغاندىنمۇ سوغ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ماشىنام قارغا كۆمۈلگەن … ئاھ خۇدا! ئەتراپىدىكى ماشىنىلار قارغا چۆمۈلگەن ھالىتىدە تەمكىن تۇرماقتا… نىمىشقا بىزنىڭ ماشىنىلا قار ياغسىمۇ يولغا چىقىشى كېرەك؟! قار ياغقان كۈندە، ئۆينى پاكىز تازىلاپ، ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ يىسە، قەھۋە ئىچكەچ كىتاب ئوقىۋالسا نىمىدىگەن پەيزى!!!

«بولدىلا رەيھان،  ئىش ئورنۇڭغا تېلىفۇن قىلىپ قويۇپ  ئوغلۇڭ بىلەن ئارام ئالغىن، ئۆزۈڭنى يەنە ئىشقا زورلاپ، غەيرەت كۆرسىتىپ نېمىمۇ قىلارسەن؟!»، – دەيتتى ئىچىمدىكى يەنە بىر مەن.

– ئوغلۇم! بۈگۈن  يەسلىگە بارامسەن، بارمامسەن؟

– بارىمەن!
– راست بارامسەن؟
– بارمايمەن!
ئەمدىلا ئىككى ياشتىن ئاشقان ئوغلۇمنىڭ كۆڭلىنى بىلگىلى بولـمىدى، ئەمدى ئۆزۈم بىكىتمىسەم بولـمىدى…
ماشىنىنى ئوت ئالدۇردۇم… دەرىزىلەردىكى قارنى چۈشۈردۈم … تولۇق چۈشمىگەن قارلار بىلەن ماشىنا شۇنداق سوغۇق ھەم ھەيدەش قىيىن تۇيۇلدى…

بەزى ئىشلارنى قىلىشتىن ۋاز كەچسەڭ، ھاياتىڭ تىپتىنىچ، خاتىرجەم ئۆتىشى مۇمكىن.  قورققان ئىشىڭنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالىساڭ، ئازراق جاپا چىكىشىڭ مۇمكىن، بىراق، ھاياتىڭ ئۆزگىچە رەڭدارلىققا، گۈزەل ھاياجانغا تولىدۇ.
يوللارنىڭ قار مەنزىرىسىنى، قەھۋەخانىدىكى ئىسسىق قەھۋەنى، ئەڭ مۇھىمى خىزمىتىمگە «كەچۈرۈڭ، بۈگۈن قار ياغقاچقا كىچىك بالامنى يەسلىگە ئاپىرالـمىدىم…» دەپ
تېلىفۇن قىلغاندىكى ئوڭايسىزلىقنى ئويلىدىم – دە، قايتا ماشىنامنى ئوت ئالدۇردۇم…

يوللار كۈزنىڭ سارغايغان دەرەخلىرى بىلەن ئاپئاق قارلار بىرلىشىپ شۇنداق گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى…ئەجىبا، ئۆيدە ئولتۇرغان بولساق بۇ گۈزەللىكنى كۆرەلەمتتۇق؟! ئوغلۇم ماشىنىغا چىقىپ ئۇخلاپ قالدى… ئوغلۇم! باغرىمدا ئۇخلاپ خالىغان ۋاقتىڭدا ئويغانغان بولساڭ ھە؟!

بىر ئانىنىڭ بالىسىنى 4 ياشقا كىرگىچە ئۆزىنىڭ بىر قوللۇق بېقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بالا تەربىيەسى توغۇرلۇق ھەر  كىشى ئوخشىمىغان پەلسەپىسىنى سۆزلىشىدۇ. ئۆزى بالىسىنى بىر قوللۇق باقالـمىغان بىر ئانا باشقىلارغا  «بالاڭلارنى ئۆزۈڭلار بېقىشىڭلار كېرەك» دەپ سۆزلەيدۇ. بالىسىنى ئىككى ياشقىچە تولۇق ئىمىتىپ باقمىغان يەنە بىر ئانا، ئانا سۈتى ھەم بالىنى تولۇق ئىمىتىشنىڭ ئەھمىيىتى توغۇرلۇق دەرس ئۆتىدۇ. بىر ئانىنىڭ مىڭ خىل نەزىرىيەسى بولسىمۇ، ئەمەل قىلـمىغان ئانىدىن، بىر شۇئارنى توۋلاپ ئەمەل قىلغان ئانا ئەۋزەل!

يېقىنقى ياپۇن ئاياللىرىنىڭ ئارزۇسىنى سىتاستىكا قىلغاندىكى نەتىجىدىن قارىغاندا، يىللاردىن بىرى 2016ـ يىلى تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ خىزمەتنى تاشلىماستىن، بىر تەرەپتىن بالىسىغا قاراپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىشنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى 50 پىرسەنتتىن ئېشىپتۇ.

ياپۇن ئاياللىرىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىلىرىنى ھەم يولدىشىنى كۈتىدۇ دەپلا بىلىدىغانلار، ئۇلارنىڭمۇ مەيلى ئۆزلىرىنىڭ روھى ھالىتىدە بولسۇن، مەيلى بالا تەربىيلەشتە بولسۇن نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ گاڭگىرايدىغان، ئۈمىدسىزلىنىدىغان، مەنىسىز ھىس قىلىدىغان ۋاقىتلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ بىر ئىنسان، ئاددى بىر ئايال ھەم ئاددى بىر ئانا ئىكەنلىكىنى بىلـمەيدۇ. (مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر يازما يېقىندا يوللانماقچى)

ئىككى بالامنىڭ ياش پەرىقى كىچىك، بىر يىل يالغۇز ئۆيدە قاراپ، پەقەت بالا  بېقىپ ياخشى ئانا بولالايمەن دىيىشنىڭ نۇرغۇن ئادەمگە رىئاللىق بولىشى مۇمكىن بولسىمۇ، مەن ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدىم!

بىر ئانىنىڭ پەقەت بىرلا بالىسى بولسا، بۇ ئانا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مھىرىنى، ۋاقتىنى، زىھنىنى بالىسىغا بېرەلەيدۇ، ھەم ئۆزىگىمۇ شەخسى بوشلۇق بېرەلەيدىغان، كۈندە بىرەر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقىيالايدىغان، ئۈگىنىش قىلالايدىغان، گۈزەللىكى ئۈچۈنمۇ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدىغان سۆيۈملۈك ئانا بولالايدۇ!

ئەگەر ئۇ ئانىنىڭ كىچىك ـ كىچىك ئۈچ بالىسى بولغاندىچۇ؟! ئۈچ بالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، مىھىرنى تەڭ ئۈچكە بۆلۈش ـ مۇشۇنداق بىر جەرياننى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان ئانا ئۈچۈن شۇنداق بىر رىئال ھەقىقەتكى، ئۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس! بىر ئانا ئالدى بىلەن ئۆزى ساغلام بولـماي تۇرۇپ، ئۆزى خۇشال بىر ئانا بولـماي تۇرۇپ ھەرگىز بالىلىرىغا، ئائىلىسىگە، ھەم باشقىلارغا خۇشاللىق بېرەلـمەيدۇ!

ئۆزى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقىيالـمىغان، ئاز – ئازدىن بولسىمۇ غايىسى ئۈچۈن تىرىشالـمىغان بىر ئانا بالىلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىقنىڭ ئۈلگىسى بولالـمايدۇ!

ئەلۋەتتە، ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پەرزەنت تەربىيەسى، ئائىلە! تۈركىيە، مالايسىيالاردىن پەرقلىق جىددىيچىلىك بىلەن تولغان ئالدىراش ياپۇنىيەدەك بىر دۆلەتتە ئۈچ بالىغا ئاتا ـ ئانا بولـماق ئاسان ئەمەس ئىدى… ئۈچ بالىنىڭ سىزىكىنى تارتىپ، تۇغۇپ چوڭ قىلـماق سىزدىن خېلىلا غەيرەت تەلەپ قىلاتتى…

 «سۆيۈلگەن ئايال قەيسەر بولىشى ھاجەتسىز» دىگەن سەپسەتىچىلەرگە شۇنى دەپ قويغۇم كېلىدۇ.

شەخسى ھاياتىمدا بەك سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، مۇشۇ “ قەيسەرلىك“ دىگەن سۆزنى ئۆزۈمگە بەك ئىشلىتىپ كەتمىسەممۇ، بىراق،  ئاياللارنى زىمستاندىمۇ ئېچىلالايدىغان نازۇك گۈللەردەك بولسا دەپ قارايمەن.

 ئۆزۈم ھەم ئىككى قىزىمنىڭ سىرىتتىن لاتاپەتلىك، قىزلارغا خاس نازۇك، ئىچىدىن  كۈچلۈك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!  قىزلىرىمنىڭمۇ ھەم  يولدىشى، ئوغلى يىقىلغاندا ئاياللىق لاتاپىتى ھەم مىھرى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلالايدىغان، ھاياتلىق يولىدىكى قىيىنچىلىقلارغا باشقىلارغا يېلىنماستىن، پۈكۈنمەستىن ئۆزى تاقابىل تۇرىدىغان غورۇرلۇق قىزلاردىن بولىشىنى تىلەيمەن….

خوش گىپىمىزگە كەلسەك، ھىچبىر كىتاب، ھىچبىر نەزىرىيە ھەممىلا ئائىلىگە  پۈتۈنلەي ماس كەپكەتمەيدۇ. ئۇلاردىن مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ، پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ ئائىلىگە ئەكىرىشكە بولـمايدۇ!

ئۆزۈمگە مەلۇم ۋاقىت بېرىش ھەم تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرۇش مەقسىتىدە خىزمەت ئىزلىدىم! بىراق، يەنىلا ئائىلەم ھەم بالىلىرىمنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ، بالامنى قىسقا ۋاقىتلىق يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىشلەشنى تاللىدىم!

ھەر كۈنى ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھەرخىل چىرايلار، بوۋاي ـ مومايلارغا ياردەم قىلىش… ماڭا جەمىئەتنىڭ مەلۇم تەرىپىدىكى كارتىنىسى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىنى بېرەتتى. بۇ ئاددى خىزمىتىمنى ياخشى كۆرەتتىم، روھلىنىپ قالاتتىم. خىزمەت ئارلىقىدا ئانچە ـ مۇنچە قەھۋەخانىلاردا ئولتۇرۇپ خاتىرە يېزىۋالاتتىم، ئۈگنىش قىلاتتىم…

بۇلار ماڭا مەلۇم دەرىجىدە كۈچ بېرەتتى، ئەسلىدىكى خىزمەت، ئاتا ـ ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان، دوستلار… بار كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەت بولغان نورمال بىر تۇرمۇشتىن چەتئەلدىكى چەكلىك مۇناسىۋەتلىك تۇرمۇشنىڭ  يوچۇقلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە يېپىپ كىتەلەيتتى… بالىلىرىم بىلەن بالا بولۇپ بىللە قارىغۇ چاشقان ئوينايدىغان، يولدىشىمنىڭ چوڭ قىزىدەك بالىلىرىم بىلەن ئۇسۇلغا چۈشىدىغان، كەچلىرى پاراڭلىشىپ بىللە كۈلىشىدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان، چارچاپ كەتسەممۇ بالىلىرىم ھەم يولدىشىم ئۈچۈن تاماق ئىتىپ ئۇلارنى كۈتىۋالىدىغان ئىنىرگىيە ئاتا قىلاتتى…

مەن ئامېرىكىلىق Facebook  نىڭ لىدىرى Sheryl Sandberg نىڭ ”lean in“ ناملىق كىتاۋىدا سۆزلەنگىنىدەك ئەر ـ ئايال باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، بالا بىقىشتىن تارتىپ كۆكتات سېتۋىلىشقىچە، پارلامىنتتىن تارتىپ ئادەتتىكى خىزمەتچىلىككىچە ئەر ـ ئاياللارنىڭ تەپمۇ ـ تەڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن ئەمەس!

مەن يەنىلا  ئەر ئەردەك، ئايال ئايالدەك بولۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى. ( كۆزدە تۇتقىنىم ئەرلەر ئەرلەرگە خاس مەسئۇلىيەت، ئايال ئاياللارغا خاس مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ، ئاياللار ئەركەكلەشمىگەن، ئەرلەر ئاياللاشمىغان خاس خاراكتىر)  ھەتتا، تاماق ئېتىشنى بىلـمەيدىغان ئايال ئاياللىق نازاكىتى مۇكەممەل بولـمىغان ئايال دىگۈچى. بىر ئايالنىڭ ئائىلە ھەم پەرزەنت تەربىيەسىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھەم مەۋجۇدلىقىنى ئۇنتۇپ قالـماسلىقىنى تەكىتلىگۈچى!

يېقىندا توكيوغا كەلگەن دادام ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان تۇرمۇشۇمنى كۆرۈپ، «بالام، سېنىڭ ھاياتىڭ ھىچقايسى بالىنىڭ ھاياتىغا ئوخشىمايدىكەن، ھاياتىڭ پەقەت بالا بىلەنلا ئۆتىدىكەن…»، – دىدى. دادامنىڭ بۇ سۆزنى قايسى مەنىدە دىگىنىنى بىلـمىدىم… بىراق، ئاتا ـ ئانامنىڭ مېنى «بالا بىلەنلا جاپا تارتىپسەن» دىيىشىنى خالىمايتتىم. ھەم قەلبىمگە يۈزلىنىپ شۇنداق دىيەلەيتتىم : «بۇ بىر مەزگىللىك قىيىنچىلىق، بالا ـ پەقەتلا جاپا ئەمەس… بالىلىرىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرى مېنىڭ بالىلىرىمغا ئاتا قىلغىنىمدىن كەم ئەمەس!» دىيەلەيتتىم.

خىزمەتكە چۈشۈش ئارلىقىدا قەھۋەخانىدا بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، ئەتىگەن ئوغلۇم بىلەن ئۆيدە قالغۇم بولسىمۇ، خىجىل بولۇپ تېلىفۇن قىلالـمىغان خىزمەت ئورنۇمدىن بۈگۈن قاردا دەم ئالساممۇ بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق تېىلفۇن كەلدى! قالتىس! ئەمدى ئوغلۇمنى ئەكىلىۋالاي ~

ھاياتتا بەزى ئىشلار سەن ئويلىغاندىن ئاددى! «بۈگۈن دەم ئالىمەن» دىگەن ئوڭايسىزلىقتىنمۇ قۇتۇلدۇم، گۈزەل قاردىنمۇ، ئىسسىق قەھۋەخانىدىكى قىززىق قەھۋەدىنمۇ، قەھۋە ئىچكەچ خاتىرە يېزىشتىنمۇ ھوزۇرلىنالىدىم… بالام بىلەن كۈلۈشۈپ تۇرۇپ كۆكتات سېتىۋىلىشنىڭ، قار ياغقان كۈندە ئۆيلەرنى پاكىز تازىلاپ ئىللىق ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ ھوزۇرىنىمۇ سۈرەلىدىم … ئوغلۇمنى ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئاتاپ توقىغان ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ ئۇخلىتالىدىم… قىسقىسى، قار ياغقان بۈگۈندىن خۇشال بولالىدىم!!!

 

رەيھان ئابلەت

2016ـ يىلى 24ـ نويابىر، توكيو

**************************

 

يۇقارقىسى دەل بىر يىل بۇرۇنقى توكيودىكى تۇنجى قار ياغقان كۈندىكى تۇيغۇلىرىم…

قىززىقتە مەن؟! ئەگەر شۇ كۈنى، شۇ تۇيغۇلىرىمدا ئېلان قىلمىغان بولسام يەنە شۇ پېتى خاتىرەمدە ساقلىنىپ قالاتتى… بۈگۈن پەقەت ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىپ قويدۇم، مەزمۇنىغا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش بەرمىدىم… بۇ ئوماق مۇزىكىدىن ھوزۇرلانغاچ قايتا شۇ گۈزەل تۇيغۇلىرىمغا قايتتىم …

2017.11.24

 

تارقىتىڭ...
  1. بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ ئاۋازلىقىنى ئۇندىداردا ئاڭلاپ،بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم،بەزى يەرلىرىنى ئۆزەمگە ئوخشۇتۇپمۇ قالغانتىم.
    «ياپونىيەدىكى تۇغۇتۇم»ناملىق ئەسىرىڭىزنىمۇ بەكمۇ ئوقۇغۇم بار،ئەگەر ۋەتەندە بولغان بولسام چوقۇم ئەشۇ ژورنالنى تېپىپ ئوقۇغان بولاتتىم.ئەگەر خالىسىڭىز ئەشۇ ئەسىرىڭىزنىمۇ توكيو خاتىرىلىرىگە چىقارغان بولسىڭىز بەك خوش بولاتتىم.

  2. سالام رەيھان مەنمۇ بىرياشتىن پەرق قىلىدىغان ئۇچ بالىنىڭ ئانىسى ،ھەقىقەتەن سىزئىيتقاندەك بالىلىرىمنى تۆت ياشقىچە يىنىمدىن ئايرىمايمەن دەپ قارىغۇلاچە تىركىشىپ نەتىجىدەبالىلىرىمغاھەقىقى مىھر گۇزەل بالىلىق ئەسلىمە بىرىش ئورنىغا ئۆزۇمگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك خامىۇشلۇق كىسىلى تىپىۋالدىم ، يازمىڭىزنى ئوقۇپ تۆت ياشقىچەيىنىمدا تۇرغۇزىمەن دىگەنگە چۇشلۇق 24سائەت پاسسىپ كەيپىياتىمنى كۆرسەتكەندىن كۇزدە ئىككىلا بالامنى يەسلىگە بىرىپ ئۆزەمگە ئازراق بوشلۇق قويۇپ ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ گۇزەل كەيپىياتلا بىلەن ھەمرا بولسام بولغىدەك دىگەن قارارىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم !كۆز ئالدىمغا ساغلام بىر ھالىتىمدە بالىلىرىم بىلەن ئۇينىشىۋاتقان كۆرىنىش كىلىۋاتىدۇ ،يازمىڭىزغا رەھمەت

    • سالام ☕️
      بىر ياشتىنلا پەرىقلىنىدىغان ئۈچ بالىغا ئاپا بولۇش بىر ئانىنىڭ روھىنىلا ئەمەس ، تىنىنىمۇ خېلىلا بەك خورتىدۇ، بۇ ئەھۋالدا بىر ئانىنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە چارچايدىغانلىقىنى بەكلا چۈشىنىمەن.
      سۆيۈملۈك بالىلىرىڭىز بىلەن تەڭ كۈلگەن تاتلىق كۈلكىلىرىڭىز كۆپ ھاياتتا ياشاش نىسىپ بولسۇن~
      سىزگە ساغلاملىق ھەم خۇشاللىق تىلەيمەن. ھەم بۇ خىل ئەھۋالدىكى ھەر قانداق ئانا دۇچ كېلىدىغان بۇ چارچاشلىرىڭىزنىڭ پات ئارىدا ئارام تېپىپ قالىدىغىنىغىمۇ ئىشىنىمەن.❤️

  3. سۆيۈملۈك رەيھان، بۈگۈن مەن ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خۇش بوپ كەتتىم، ئەسىرىڭىزنى شنجاڭ مەدەنىيىتىدە ئوقۇغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىزنى ئىزدىدىم مەن

  4. ياخشىمۇسىز توكىيۇ خاتىرىللىرىنى قانداق قاتالايمەن

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيودىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى