تەنقدىلىمەي تۇرۇپ خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ئۇسۇلى

6,966 قېتىم ئوقۇلدى

 

بالىنىڭ ھەربىرناتوغرا ئىشلىرى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ، تەنقىد قىلغىلى تۇرسا يامان يېرى ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزلىرى چارچاپ قالىدۇ.

تەنقىدلىمەي، ئەيىپلىمەي، ئاچچىقلانماي تۇرۇپ بالىنىڭ بولمىغۇر قىلىقىنى تۈزىتىدىغان تۆۋەندىكى ئىككى خىل تاكتىكىنى ئۈگىنىۋالسىڭىز ئازراق بولسىمۇ ئېنىرگىيىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز.

 

 

仕事はじめ 魔女の宅急便

 

(1)

دىققەتنى بۇرىۋىتىش

 

بالىلار تۇتسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى تۇتقاندا، ئوينىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى  ئويناپ باققۇسى كەلگەندە «تۇتما، خەتەرلىك!» دىگىنىمىزبالىنى توسۇپ  قالىدىغان ئاماللاردىن  بىرى بولسىمۇ، يەنە بىر تەدبىر«بالام، ماۋۇنى كۆردۈڭمۇ؟»دەپ بالىنىڭ دىققىتىنى ئۇنى  تېخىمۇ قىززىقتۇرالايدىغان باشقا نەرسىگە  بۇرىۋىتىش.

يەنى، بۇ خىل ئۇسۇلدا بالىنى ئەيىپلىمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ خاتا قىلمىشىنى توختاتقىلىق بولىدۇ.

مەندىن: ئائىلىدىكى كىچىككىنە مىسالنى ئالسام، ھەرقېتىم ئىستەمىنىڭ تىرنىقىنى ئالماق شۇنداق تەسكە توختايدۇ، قېچىۋالىدۇ ياكى ئاغرىپ كەتتى دەپ قەستەن ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ. بۇچاغدا قوللىنىدىغان ئامالىمدىن بىرسى دەل مۇشۇ دىققەتنى بۇرىۋىتىش تاكتىكىسى. يەنى، بۇ چاغدا دەرھال ئۇ ئامراق ھېسابلاش سۇئاللىرىنى سوراشنى باشلايمەن.

بەشكە سەككىزنى قوشساق قانچە بولىدۇ؟ دىگەندەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەخمەق بالام ھەممىنى ئۇنتۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا چۈشۈپ كەتكەن پەيتتىن پايدىلىنىپ تىرنىقىنى ئېلىۋالىمەن.

ئۇندىن باشقا بالىلار بازاردا ئۇنى–بۇنى ئالىمەن دەپ بىشەملىك قىلغاندا، باغچىلاردىن قايتقىلى ئۇنمىغاندا …دىگەندەك ئاتا – ئانىلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىغان پەيىتلەردە قوللانسا بولىدىغان قالتىس تاكتىكا دەپ قارايمەن.

 

( 2 )

         بالىنىڭ خاتالىقىغا ماسلىشىپ بەرمەسلىك

 

بالا ئازراق چوڭ بولغاندىن كېيىن ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قەستەن ئەسكىلىك قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىغا ئاچچىقلاپ قويساق، بالا تېخىمۇقەغىشلىك قىلىدۇ. بەغەرەزلىشىپ يىغلىسا، نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي بىزمۇ يىغلىغۇدەك بوپ كېتىمىز.

بۇ ۋاقىتتىكى تەدبىر: بالىغا ماسلىشىپ بەرمەسلىك، پەرۋا قىلماسلىق!

 بۇچاغدا بالاھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانلىقىدىن ئۆزى قىلىپ ئۆزى زېرىكىپ قالىدۇ- دە، ئۆزلىكىدىن توختاپ قالىدۇ.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بالىغا دىققەت قىلىمىزھەم“ ماۋۇ ئىشىڭنى توختاتقىنىڭغا رەھمەت بالام“ دەپ بالا ئەسكى ئىش قىلمىغاندىلا دىققىتىمىزنى تارتالايدىغانلىقىنى، خۇش بولىدىغانلىقىمىزنى بالىغا بىلدۈرىمىز.

 

*****************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. مىنىڭ قىزىم دەرسىكەقىزىقماس بولىۋالدى ھەم باشقا ئىشلارغىمۇ قىزىقمايد، مەن خىلى سىناپ باقتىم لىكىن پەقەتلا سىزەلمىدىم نىمىگە قىزقىدىغانلقنى، قانداق قىلسام بولا …

  2. ئالدى بىلەن ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالـمىغانلىقىمدىن ئۆزۈر سورايمەن .
    راستىنى دىسەم ، نىمە دىيىشنى بىلەلـمىدىم ..
    قىزىڭىزنىڭ قانچە ياشتا ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم …بىر بالىنى بۇ دۇنيادا ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادىمى دەسلەپتە ئۇنىڭ ئانىسى بولىدۇ، قىزىڭىزنىڭ روھى دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچ ـپۇشۇقلىرى، تىڭىرقاشلىرىنى تىڭشاپ ، ئورتاقلىشىپ باقسىڭىز قانداق بولار …
    كىيىنكى مەزمۇنلارنىمۇ كۆرۈپ باقارسىز ، جاۋابى چىقىپ قالار ، بەلكىم .☺️

  3. ياخشمۇ سىز ؟ يازمىلىرىڭىز بەك ياخشكەن بەك ياقتۇردۇم لىكىن داۋاملىق كۆرۈش تۇرۇش ئۈچۈن بىرەر سالۇن ياكى ئاددىرس تاپالمىدىم ، قانداق قىلسام بولىدۇ ؟

  4. مەزمۇنلىرڭىز، بەك، ياخشىكەن، بەك ياقتۇردۇم مىنىڭ، ئۇغلۇم، بەك، ھەركەتچان، بىر، مىنۇتمۇ، جىم، تۇرالمايدۇ، ئەستە، تۇتۇش قابىلييتىمۇ، بەك، تۆۋەن ھازىر، دىسەم، ھازىر، ئۇنتۇيدۇ، خەنزۇچە يەسلىگە، بەگەن، 6ئاي، بۇلدى، ھىچ، بىر، نەرسە، يۇققاندەك، ئەمەس، قانداق، قىلسام، بۇلا

  5. مەن ئەمدى بىلۋالدىم رەھمەت

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

تەنقدىلىمەي

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى