قورقىمەن سەنسىزلىكتىن!

1,504 قېتىم ئوقۇلدى

ئىنسان مۇھەببەتسىز، دوستلۇقسىز، ئۈمىدسىز، ھەتتا، تەڭرىسىز… ياشىيالىشى مۇمكىن. بىراق! مەن بۇنىڭ ھەقىقى ياشاش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.

***

 

Johannes Linstead – Eleni

 

قورقىمەن!

ساڭا كۆنۈشلىرىمدىن!

ئىسيانكار تۇيغۇلىرىمنىڭ

مەغرۇر قەددىمنىڭ

پەقەت ۋە پەقەت

بىر سەن ئالدىدا

پۈكۈلىشىدىن

پەقەت ۋە پەقەت

بىر ساڭا باغلىنىشلىرىدىن!

 

قورقىمەن!

سەنسىز…

مەۋجۇتلىقىمنىڭ

ياتسىراشلىرىدىن

سەنسىز…

شەپەق نۇرى بولۇپ

زىمىننى گۈزەل قىزغۇچ رەڭدە

بويالماسلىقىمدىن

 

قورقىمەن!

سەنىسز…

ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويۇشتىن

ھاياتىمنىڭ گۈزەل نۇرىنى،

قەلبىمنىڭ ئىللىق باھارىنى،

يوقىتىشلىرىمدىن!

ھاياتلىق نۇرۇمنىڭ

ئۆچۈشلىرىدىن!

 

***

ئىنسان كۈچلۈك ھەم ئاجىزدۇر.

ھاياتىمىزغا كۈچ ۋە گۈزەللىك، قۇۋۋەت ۋە مەنا  بېرەلەيدىغان ۋۇجۇدىمىزدىكى، ھاياتىمىزدىكى بىز يوقىتىشتىن قورقىدىغان، يوقاتساق بولمايدىغان قىممەتلىكلىرىمىز، ساناقلىقلىرىمىز باركى، ئاجىزلىق ھەم كۈچلۈكلىكىمىز بىلەن ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىز:

سەنسىز مەن «مەن» ئەمەس!

سەنسىز مەن «ھايات» ئەمەس!

****************************

2017.12.05

تارقىتىڭ...
  1. -بىلەمسەن، سەن ئۈچۈن ياشايمەن.
    -ياق، سەن تېخى كىچىك، ئۆزگىرىسەن.
    -ياق، ئىشەنگىن، مەن سەن ئۈچۈن تۇغۇلدۇم، پەقەت سەن ئۈچۈنلا ياشايمەن، پەقەت ۋە پەقەت بىرسەن ئۈچۈنلا.
    -بىلدىم، لىكىن سەن ئۆزگىرىسەن. بۇنىڭغىمۇ ئىشەن. بىر كۈنلەردە بەخت قۇشى ئايلىنىپ بېشىڭغا قونغاندا، شۇنداق بىرسىگە ئۇچىرايسەنكى، سىنى شۇنداق مەھلىيا قىلىدۇ، پۈتۈن ھۇجۇدۇڭنى چىرمايدۇ، چىرايى كۈندەك يورۇق، كۆزلىرى چولپان كەبى نۇرلۇق، چاچلىرى تۈندىن رەڭ ئالغان، قاش-كىرپىكلىرى گوياكى ئوقيا. شۇ چاغدا مىنى ئۇنتۇيسەن، پۈتۈنلەي ئۇنتۇيسەن. مەن ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيىدىغان، سۈيىدە ئاقىدىغان، ھىچقاچان ئىچىلمىغان قەلب ئىشىكلىرىڭ ئۇنىڭغا داغدام ئىچىلىدىغان، قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىسەن.
    -يالغان، مىنى ئالدىما، بۇنداق بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ھىچىنىمە ئۆزگەرمەيدۇ، ۋەدە بىرەي، پۈتۈن ئۆمرۈم ھەم بارلىقىم سەن ئۈچۈنلا ئاتالغان، سەنسىز، ھەممە روھسىز.
    -كۈتكىن، بەخت قۇشى كىلەي دەپ قالدى، سەبرىڭ بىلەن كۈتۈپ تۇر، سەزگىن، چىن يۈرەكىڭدىن سەزگىن، ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرىڭ بىلەن سەزگىن. سەن چوقۇم ئۆزگىرىسەن، ھەقىقىي بەخت ئىگىسى، مۇھەببەت ساھېبى بولۇپ ئۆزگىرىسەن … …

    ۋەلسىپىتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىدىن چۆچۈپ قارىسام، يول بويىدىكى ئەينەككە، ئەينەكتىكى ئۆزەمگە قاراپ قىتىپ قاپتىمەن، قانچىلىك تۇرغىنىمنى ئاڭقىرالماي، ئەينەككە قاراپ چاچلىرىمنى ئوڭشاپ، ئۇچامنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ كانازاۋا ئۇنىۋىرستىتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.

  2. -كۈتكىن، بەخت قۇشى كىلەي دەپ قالدى، سەبرىڭ بىلەن كۈتۈپ تۇر، سەزگىن، چىن يۈرەكىڭدىن سەزگىن، ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرىڭ بىلەن سەزگىن. سەن چوقۇم ئۆزگىرىسەن، ھەقىقىي بەخت ئىگىسى، مۇھەببەت ساھېبى بولۇپ ئۆزگىرىسەن … …

    ھېيتىڭىزغا مۇبارەك ~ ✨

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قورقىمەن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى