قېرىنداشلىق

4,329 قېتىم ئوقۇلدى

قېرىنداشلىرىمىز – ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسى، كاتتا سوۋغىسى ئىكەن.

ئاتا-ئانىمىزنىڭ شادلىقىمىزنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ماتىمىمىزنى تەڭ تارتىشىپ بېرىدىغان، يىراقلارغا كەتسەك سېغىنىدىغان، مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ شاھىدى بولالايدىغان، ھاياتلىق مۇساپىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك ھەمراھى، سەپەردىشى  بولغان يېقىنىمىزنى بىزگە تۇغۇپ، يېتىشتۈرۈپ بەرگىنى ئىكەن…

 

Qerindash – Nurnisa Abbas & kerem Abbas

 

سىز بەلكىم ئەڭ كاتتا ئىنئام سىز ماڭا،
يېنىمدا ھەمرا ئىكەنسىز كەلسەم دۇنياغا.

(ناخشا تېكىستىدىن)

 ……………….

بۈگۈن خىزمەتكىمۇ چىقالمىدىم، ئىشلىگۈدەك ماغدۇر ھەم كەيپىممۇ يوق ئىدى. رەسىملەرگە قاراپ، ئەسلىملەر ئىچىدە ئولتۇرۇپ كەتتىم… خېلى نەرسىنى ئۇنتۇپ قالساممۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئەتىگەنلىك قەھۋەرىمنىمۇ ئۇنتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم… سېغىنىشلار، چۇقانلار… سۈكۈتلەرگە پاتمىغاندا ياكى سۆز  بولۇپ چىقىدۇ ياكى ياش ۋە ياكى باشقىچە رەڭدە باشقىچە شەكىلدە  ئۆزىنى تاپىدۇ… سېغىنىشلىرىمغا تەسەللى ئۈچۈن يەنىلا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

ھەر قېتىم ئەڭ مۇرەككەپ تۇيغۇلىرىمنى تۆكۈۋالغۇم كەلگەندە، قەلىمىمنىڭ بۇ نازۇكلۇق، چۇڭقۇرلۇق ئالدىدا بەكلا ئاجىز ئىكەنلىكىدىن زارلىنىپلا قالاتتىم. نېمىلا بولسۇن، يۈرۈكۈڭنى يېزىۋال رەيھان! تۇيغۇلۇرۇڭنى بېزىمەستىن، ياسىماستىن تۆكۈۋال، مەيلى بەك قالتىس يازالمىساڭمۇ…

مۇساپىرلىق بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەتتى… ۋەتەننى، خەلقنى، ئائىلىنى، قېرىنداشلارنى… ھەممىنى، ھەممىنى قايتا تونۇتتى… قەلبىمىزنى ئۆزىمىزگە تېخىمۇ يىقىنلاشتۇردى… نازۇك تۇيغۇلىرىمىزنى تىڭشاشنى، كۈلۈشنى، يىغلاشنى، تىرىشىشنى ئۈگەتتى…

قېرىنداش دىمەك، ئارىلىق قانچىلىك يىراق بولسا بولسۇن قەلىبلەر يەنىلا بىر دىمەكتۇر.

بالىلىقىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل جۇلاسىدىن بىرى قېرىنداشلىرىمىز ئىدى. ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بارماقىلىرىغا ئوخشايتتۇق، بىرسىمىزنىڭ قولىغا تىكەن كىرسە، ئاغرىق  يۈرىكىمىزگە باراتتى…

ئاچا-سىڭىللار بىر-بىرىمىز ئۈچۈن سىرداش، دوست، بىر يەرگە كەلسەك كۈلكە-چاقچاقلىرىمىز ئۈزۈلمەيدىغان، يىغىلىرىمىزنى تارتىنماي كۆرسىتەلەيدىغانلاردىن  ئىدۇق.

بىز بىر-بىرلىرىمىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىقلاردىن ئىدۇق، كەيگەن كىيىملىرىمىزنى، بىر-بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان قاشلىرىمىز، كۆزلىرىمىزنى… ئىچىمىزدىن مەستلىكىمىز كىلىپ ماختاپ كۆڭلىمىزنى كۆك ئاسماندەك ئېچىلدۇرۋىتەلەيتتۇق… ئالتە بالا بىر يەرگە جەم بولغان ۋاقتىمىزدا ئۆيىمىزدە مەشرەپ قاينايتتى.

دادامنىڭ دۇتتار بىلەن ئېيتقان ناخشىلىرىدا ئۇسۇلغا چۈشەتتۇق، ئانچىكىم ئىشلار بىز ئۈچۈن ئىچ-ئىچىمىزدىن قاقاقلاپ كۈلەلەيدىغان يۇمۇر ئىدى…

ئەجىبا، بۇ كۈنلەر شۇنچىلىك ئۇزاقتا قالدى… ھەتتا، يىلدا ئىككى كېلىدىغان ھېيتلىقتەكمۇ نېسىپ بولمىدى…

ئاكىسى بار قىزلار مەلىكە ئىدى، ئاكىلىرىنىڭ غورورى ھەم ئىپتىخارى ئىدى.

ئاكىمىز- قوغدىغۇچىمىز، كۈچىمىز ھەم قالقىنىمىز ئىدى. كەپسىز بالىلار ئۇلاردىن قورقۇپ بوزەك قىلالمايتتى،  تەپتارتىپ قاتتىق تىگەلمەيتتى…

ئاكىمىزنىڭ  بىزنى  قوغداشلىرى ئائىلىنىڭ غورۇرۇىنى قوغدىغانلىق ئىدى. ئاكىسىدىن، دادىسىدىن تەپتارتىپ چوڭ بولغان قىز خالىغان كوچىلاردا، خالىغان كىشىلەر بىلەن ماڭالمايتتى. كىيىنىشلىرى  ئەڭ مودا دەۋرىدە  ياشىسىمۇ ھەددىنى بىلەتتى.

قېرىنداشلىقتا ئاداۋەت يوق ئىدى.

بىرەر تال كەمپۈتنى، تەييار چۆپ، راڭپىزىلارنى تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ تۇرۇپ يىيىشەتتۇق، ئانام تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى بەسخورلۇق قىلىپ ئاران قىلىشاتتۇق، پۈتۈنلەي ۋاز كىچىپ كەتكۈدەك بىر ـ بىرىمىزدىن يامانلايتتۇق. بىراق، بۇ سوقۇشۇشلىرىمىز، ئاداۋەتلىرىمىز بىردەملىك ئىدى. بىردەمدىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كەچۈرىۋىتەتتۇق، بىرـ بىرىمىزگە قىيىمايتتۇق. تېخى يېقىندىلا ئىنىم ئىككىمىز شۇنداق دىيىشىپ قالدۇق: «كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا راستىنلا ساراڭكەنمىز، ھەجەپ ئۇرۇشاتتۇق ھە؟!»، ـ دەپ.

ھېيتلىرىمىز، دوستىخانلىرىمىز، خۇشاللىقلىرىمىز، ئويۇنلىرىمىز، ھېيتلىق پۇللىرىمىز، گۇناھلىرىمىز، ھەتتا،  بازار چۆرگىلەشلىرىمىز… يالغۇز قالمايتتى.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالدىنقى يىلىدىكى بىر ھېيت ھارپىىسدا يولدا كېتىۋىتىپ،  يېڭى مائاشلىق بولۇپ ئۇكامغا ئاياغ ئەپبىرىمەن، دەپ بىللە بازارلارنى چۆگىلىگەن، كەچتە قايتىپ كەلسەك ئانامنىڭ تامىقى تەييار بىر ھېيت ھارپىسىنى ئەسلەپ يېغلاپ تاشلىغىنىم…

ھەممە قېرىنداش بىر يەرگە كېلىپ ھېيت تەييارلىقى قىلىدىغان، بىللە ئۆتكۈزىدىغان دەملەر بۇ ھاياتىمىزدا  ساناقلىقلا بولىدىغاندەك…

بىر شاختا  ئېچىلغان گۈللەردەك شۇ يۈرەك پارىلىرى بىلەن بىللە ياشاش، بىللە كۈلۈپ بىللە يىغلاش، بىر دوستىخانىغا جەم بولۇشلار… نېمىدىگەن كاتتا رېسىق، – ھە؟!

بۇ گۈزەل رىسىقتىن بەھىرلىنىۋاتقانلار، ئۇلاردىن ئەڭ  گۈزەل تەبەسسۇملىرىنى، سۆزلىرىنى، ياقتۇرىدىغانلىرىنى ئايىمىغانلار نىمىدىگەن بەخىتلىك؟!

بۈگۈن قانغۇچە مۇڭلىنىۋالدىم… ئەسلىۋالدىم… بىلىمەن! ئەتە يەنە يېڭى بىر تاڭنى، يېڭى بىر قۇياشنى كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتىۋالىدىغىنىمنى.

بىز بىلمەيدىغان بىلىشلەرنىڭ ئىچىدە ئەتە نىمە ئىش يۈز بىرىدىغانلىقىمۇ يېزىلغان. كىم بىلىدۇ ئەتە قانداق  گۈزەل بىر ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟!

يۈرىكىمگە  دادامنىڭ «ئۈمىدسىزلىك شەيتاندىن» دىگەن سۆزىدىن تەسەللى بەردىم ھەم شۇنىڭغا ئىشىنىشكە تىرىشتىم.

بىز ئويلىغاندىن گۈزەل ئاقىۋەتلەر ھامان قەلبىمىزنى تەسكىن قىلىدۇ، بىز ئەڭ ياخشى لاھىيلىگۈچىنىڭ ئىلكىدە.

(بۇ دۇنيادا بىردىنبىر «سەن مېنىڭ پەخىرلىنىدىغان سىڭلىم!» دىگەن ھەم دىيەلەيدىغان سەن ئۈچۈن يازدىم. قۇتلۇق كۈنۈڭدە ساڭا سېغىنشلىرىمنى، تىلەكلىرىمنى ئەۋەتتىم……..)

 

****************************

2017.12.25

تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تۆنۈگۈندىن گۈزەل بۈگۈندە ياشايلى  ~ 🌹☀🌹

 

تارقىتىڭ...
  1. يۈرەكتىن چىققان ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قەيسەر ھالەتتىكى سېغىنىشلىرىڭىز بىلەن مېنىڭ سېغىنىشىمغا ھەم مەلھەم بولدىڭىز، سېغىنىشىمنى پەقەت كۆز ياشلىرى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ، ئۇلارنىڭ مەندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشنى لايىق كۆرۈپ ياشىغانىدىم ، بۇ تەرىپىم سىز بىلەن ئورتاق ئىكەن ، گۈزەل ئارزۇلار ئۈچۈن مۇساپىرلىقنى تاللىدۇق ، لېكىن بۇ ئەڭ گۈزەل ھالدا جەم بولۇش ئۈچۈندۇر ، غەيرەتلىك بولايلى، مۇڭدىشايلى ، سىردىشايلى ، ھەر جايدا بولساقمۇ قەلبلىرىمىز گۈزەل يازمىلار ئارقىلىق مۇڭدىشالايدىكەن ، ھەر جايدا دىلىمىزدىكىلەر ئامان بولسۇن
    ❤❤❤

  2. بەكمۇ تەسرلىك ئىكەن رەھمەت سىزگە !

  3. 写的太好了,我特别感动。

  4. Tilingiz xuncilik yinik we guzel iken,yazmiziliringizni bek yahturimen.

  5. قەيەردىن ئۇقۇيالايمەن ،يازمىللىرڭىزنى ،داۋاملىق ئۇقۇغۇم بار ئىدى يازمىڭىزنى قەيەرگە دىققەت قىلىپ ئۇقۇشنى بىلنمىدىم

  6. يازمىڭىزنى ياخشى كۆردۈم ،دائىم ئوقۇش ئۈچۈن قانداق قىلاي ،قوشالمىدىم ،ياردەم قىلىڭ

    • سىز ئىنكاس يازغان تېمىنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز تىزىملىككە يېڭى يازمىلار قوشۇلۇپ ماڭغان بولىدۇ .
      بىر تېىمىنى ساقلاپ قويسىڭىز ، قالغان يېڭى يازمىلارنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا كۆرەلەيسىز .
      قولايسىز بوپقالدى .. ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن ☕️

  7. ئوھ رەيھان ھەدە يۈرەكلەرگە ئوت ياقتىڭىز ،سىغىنىشلارنى باسالماي يۈرەك كۆيۈپ يۈرەتتى ،يالقۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويدىڭىز

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قېرىنداشلىق"

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى