توكيودىكى قىزچاقلاردىن كىچىك دوستلارغا يېڭى يىللىق سوۋغا

3,102 قېتىم ئوقۇلدى

يىللار بىلەن تەڭ چوڭ بولىۋاتقان، ئۆسۈپ – يېتىلىۋاتقان، ئەقىل كىرىۋاتقان… بالىلىقى ھەش – پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كېتىدىغان سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز ئۈچۈن ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان ئاچا – سىڭىل تۇمارىس & تۈركەنئايلاردىن  يېڭى يىللىق سوۋغا.

 

Tumaris  & Turkenay

 

كىچىككىنە مەن

ئاپتۇرى: كاساي مارى

رەسسامى: ئوكاداچىئاكى

تەرجىمىدە: تۇمارىس ئەخمەت

 

مىكروفۇن ئالدىدا:

تۈركەنئاي ئەخمەت (ياپونچە)

تۇمارىس ئەخمەت (ئۇيغۇرچە)

 

-رۇرۇ، ئايلىنىپ كېلەيلىمۇ؟

-ھاۋ …ھاۋ

-توختاپ تۇر ھە، ئاپامنى چاقىرىپ كېلەي.

مەن ھازىر بەك كىچىك، چوقۇم بىر كۈنلەرگە بارغاندا رۇرۇ بىلەن ئايلىنىپ كېلەلەيدىغان بولىمەن.

يۇقىرى ئاۋازدا سالاملىشالمايمەن.

بىراق، بىر كۈنلەرگە بارغاندا، چوقۇم مەنمۇ سالاملىشالايدىغان بولىمەن.

مومام ئەۋەتىپ بەرگەن كىيىم، بەكلا چوڭ كەپقالدى…

چوقۇم بىر كۈنلەرگە بارغاندا دەل كېلىدىغان بولىدۇ.

قاراڭغۇ چۈشكەندە قورقۇپ ئۇخلىيالمايمەن.

بىراق، بىر كۈنلەردە چوقۇم ئۆزۈم يالغۇز ئۇخلىيالايدىغانمۇ بولىمەن.

ئامراق قونچىقىمنى ساڭا بەرمەيمەن!

-ئەمدى سەن بىلەن ئوينىمايمەن، ھەرگىز  ئوينىمايمەن!!!

-ھەرگىز ئوينىمايمەن؟

-ياق…ياق…ئۇنداق قىلالمىغۇدەكمەن…

چوقۇم بىر كۈنلەردە بىللە ئوينىيالايمەن… لېكىن، ئۇ ۋاقىتقىچە ساقلىيالمايمەن… ھازىرلا كەچۈرۈم سورىغىلى بارايچۇ؟!

ھەممە ئىشلارنى قىلالايدىغان بولغىنىمدا، بۇ كىچىكلىكىممۇ يوقايدۇ… چوڭ بولغاندا قانداقمۇ ئادەم بولارمەن ھە؟!

بىلمەيمەن… بىراق، ياخشى كۆرىدىغانلىرىمنى مەڭگۈ، مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن. رۇرۇنىمۇ مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن.

(تەرجىمىگە كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدىم، بالىلىق تەرجىمىسىنى ساقلاپ قالدىم)

ئوماقلارئۈچۈن  ساغلام، خۇشال، ھاياتىدىكى ئەڭ يورۇق، گۈزەل بالىلىق ئەسلىمە قالغان يىللار بولغۇسى!👻

 

( يېڭى يىلدىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر قېتىم مانا مۇشۇنداق بالىلار رەسىملىك كىتابى ئېلان قىلىنىدۇ، ئوماقلارنىڭ مۇشۇنداق ئوقۇشلىقلىرىنى ئەۋەتىشنى خالايدىغان ئاتا – ئانىلار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بولىدۇ.   reyhan@tokyoxatiriliri.net)

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالام يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
    بەك ياخشى پىكىركەن….

  2. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، رەھمەت ، سىزنىڭمۇ ھەم يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەكلەر بولسۇن ~
    ئوماقلارنىڭ ئوقۇشلۇقلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قوبۇل قىلىمىز ~ ❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيودىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى