زېمىن ۋە تۇنجى قار

1,957 قېتىم ئوقۇلدى

توكيودا  كەچ سائەت 11:40 ئۆتكەن …دۇنيادىكى نوپۇس زىچلىقى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى  10 چوڭ دۆلەتنىڭ يەنە ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان  بۇ ئاھالىسى زىچ،  ئالدىراش شەھەرنىڭ  بۇرجىكىدىكى تىمتاس بىر مەھەللىدە، دەرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى يالتىراپ تۇرغان قار مەنزىرىسىدىن قەلبى ھاياجانغا تولغان رەيھان ئۈستەل ئۈستىدىكى تۇنجى قارغا ئاتاپ سېتىۋالغان  چىرايلىق بىر تەشتەك گۈلى، ئۆزى ياقتۇرىدىغان چالىقۇشى مۇزىكىسى بىلەن بىرگە بۈگۈننىڭ خاتىرىسىنى يازماقتا…

 

Çalıkuşu – yıldızlara doğru

 

چەتئەلدىكى ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ چوڭ تەسەللى ھەم شادلىقتىن بىرى – دەل تەبىئەت ئېلىپ كەلگەن شادلىق ئىدى. ھېلىلا تىلغا ئالغان نوپۇسى زىچ (توكيونىڭ نوپۇسى 13 مىليوندىن ئارتۇق) بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات مەركەزلىرىدىن شىبۇيا، شىنجىيۇكۇلاردا كېتىۋىتىپمۇ تەبىئەتنىڭ ئاللىقانداق گۈزەللىكلىرىدىن، ئەيتاۋۇر يوللاردىكى، ماگزىنلارنىڭ ئالدىلىرىدىكى گۈل – چىچەكلەردىن  قەلبىڭىز ئىللىقلىققا تولاتتى. ئالدىراش ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋىتىپمۇ يول بويىدىكى چىملىقلاردا يايراپ يۈرگەن قۇشلاردىن، كەپتەرلەردىن… ھوزۇرلىنالايتتىڭىز… شۇنچە زىچلىقىغا قارىماي قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان باغچىلاردىن، بۇ يەرلەردىن ئېرىشەلەيدىغان تىنچلىق ھەم تەبىئەتنىڭ تىمتاسلىقىدىن روھىڭىز ئاراملىناتتى… مەن بۇ مىللەتنىڭ تەبىئەتنى، گۈزەللىكنى سۆيۈش ئېڭىنى ياقتۇراتتىم.

شۇنداق! بۈگۈن توكيودا تۇنجى قار ياغدى… نىمىسىنى دەي؟! قارنى باشقىلاردەك «پاكلىق ئەلچىسى، ئاق لىباس…» دىگەندەك  ئاتالغۇلار بىلەن تەسۋىرلەيمۇ؟! مېنى تەسۋىرلە دىسە، ھەممىنى…ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ يۈزلىرىمدە ئىچ-ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبەسسۇمنى پەيدا قىلالىغان، قەلبىمدىكى ھېلىقى 6 ياشلىق بالىنى ئويغىتىۋەتكەن قارنى «تەڭرىنىڭ يۈرىكىمگە ھەدىيە قىلغان شادلىق گۈللىرى» دەپ تەسۋىرلەشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى…

دادا! سەن داۋاملىق ماڭا : «بالام! ھەممىسى تەڭرىنىڭ زىمىنى! قەيەردە ياشىساق، ئەقىدىمىز بىلەن ياخشى ياشىساقلا بولىدۇ…» دەيتتىڭ… بەلكىم، ماڭا بەرگەن تەسەللىرىڭدۇر.

شۇنداق! سەن ئابدۇللانىڭ ناخشىسىدىكى «توختار سەندە ئاخىرقى نەپەس…» دىگەن مىسرالىرى ئۈچۈن يىغلاپ باقمىغانىدىڭ… ئانامنى توكيودا كۆرۈپ نىمىشىقىدۇر ئۆز ۋەتىنىمدە، ئۆز خەلقىم ئىچىدە، ئۆز ئۆيۈمدە… كۆرگەن ئانىلىق تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگىنىمنى سەن مەڭگۈ چۈشەنمەيتتىڭ… قارا، بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ يەنە كۆزلىرىدىمدىن ياشلار تۆكىلىۋاتىدۇ… ئەمەلىيەتتە، بۈگۈن بەكلا…بەكلا خۇشال ئىدىمغۇ؟! ياق! بۈگۈن كۈلسەڭمۇ، يىغلىساڭمۇ بولىدۇ رەيھان… ئۆزۈڭنىڭ ئىچىدىكى ئۆزۈڭ بىلەن مۇڭدىشىۋال، خۇددى شۇ گۈللىرىڭ بىلەن، قارلىرىڭ بىلەن، قۇشلىرىڭ بىلەن، دېڭىزلىرىڭ بىلەن مۇڭداشقاندەك…

شۇنداق! نەچچە كۈن بۇرۇنلا خىزمەتداشلىرىمنى، ياپونلۇقلارنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن، ھەتتا، بۈگۈنكى خەۋەردە  دىكتورنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەتكەن، كۆپلىگەن مېتىرولارنىڭ  توختاپ كىتىشىگە، يېرىم كۈن ئىچىدىلا  500 ئەتراپىدا قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەپ بولغىنىغا قارىماستىن، تۈنۈگۈندىن باشلاپ ھېيت كىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن ساقلىغان بالىدەك مېنى تەقەززا قىلغان قار ماڭا ئاجايىپ بىر شادلىق بەرگەنىدى… تاڭ سۈزۈلگەندە سەھەرنىڭ  قار مەنزىرىسىنى رەسىمگە تارتىپ سىلەرگە يوللىماقچىمەن.

***

سەھەر، تېخى  ئاياغ  تەگمىگەن  قارلارنى كۆرۈش ئىستىكىدە كۆزۈمنى ئاچتىم… مەندىن بۇرۇن ئويغىنىپ ھەرىكەتكە كېلىپ بولغان مەھەللەمدىكى سەھەرچى  ياپونلارنىڭ گۈرجەكتە قار تازلىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى… يوللار شۇنچىلىك مۇزلاپ تىيىلغاق بوپكەتكەنىدى… 2 كىلومىتىرچە كېلىدىغان باغچىغا بېرىش قىيىن تۇيۇلدى…ئەمما، بارغىنىمدىن شۇنچىلىك  رازىمەن..

تۆۋەندىكىسى ھەم بۈگۈنكى يازمامدىكى بارلىق سۈرەتلەر سەھەردە تارتقان سۈرەتلىرىم… سۇس ئاق تۇمان ئىچىدىكى تىپ -تىنىچ قار مەنزىرىسى شۇنچىلىك ھەم شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، تەڭرىنىڭ مۇقەددەس ھوزۇرىنى تېتىدىم…   سىلەرمۇ ھوزۇرلانغايسىلەر.

 

 

شۇنداق! شادلىققا تولغان تۇنجى قارنى كۈتىۋالغان بولدۇم،  ياراتقۇچىمىز ئۆمۈر بەرسە 80 ياشلىق موماي ھالىتىمدىمۇ 6 ياشلىق بىر بالىنىڭ قەلبىدىكى شادلىقتا تۇنجى قارنى كۈتىۋىلىشىمنى، نەۋرىلىرىم بىلەن بىرگە قار موماي ياساشنى، بۇ شادلىق گۈللىرى تۆكۈلگەن  ئاسماننىڭ دەل ئانا زېمىنىمنىڭ ئاسمىنى بولىشىنى تىلەيمەن.

 

 

************************

2018.01.23  (سەيشەنبە)

رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. «توختار سەندە ئاخىرقى نەپەس…»مىنىمۇ يىغا باستى

  2. رەسىم تارتىشقا ئۇستا بولۇپ كېتىۋاتىسز جۇمۇ، يەنە كېلىپ قەلىمىڭىزمۇ كۈندىن كۈنگە كۈچىيۋاتىدۇ.

  3. Qolingizgha dert kelmisun, his-tuyghulurimiz ohshashken. Menmu musapirchilikta 3 balamni yalghuz tughup&beqip, sizge ohshash digudek kechurmushlerni bashtin otkuzup time. 10 yil 3 balini chong qilimen dep kun ve aylarning qandaq otup ketkinni bilmey qalduq, lekin balilar Chong bolghanseri bu yurektiki weten hesriti ademni bek qiynaydiken…..

    • يىللار بەك تېز ئۆتكەن ھە …بەزىدە چەتئەلدىكى ھاياتىمنى چۈشتەكلا ، ئۆزۈمنى ۋەتەندىكى يېشىمدا توختاپ قالغاندەك ھېس قىپ قالىمەن….ھەقىقى ھايات يىلتىزى بولغان ماكاندىمىدۇ دەپمۇ قالىمەن….
      يەنە شۈكۈر ….كۈنلىرىڭىزگە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.❤️

  4. بارىكاللا رەيھانگۈل،، ئەجىرلىك بىر ئەسەر بوپتۇ . ھارمىغايسىز

  5. ئەسەردىكى مۇزىكا، رەسىم ، قەلەم كۈچىڭىزدىن بەك ھوزۇرلاندىم ، تىرىشىڭ،

  6. يىللار بەك تېز ئۆتكەن ھە …بەزىدە چەتئەلدىكى ھاياتىمنى چۈشتەكلا ، ئۆزۈمنى ۋەتەندىكى يېشىمدا توختاپ قالغاندەك ھېس قىپ قالىمەن….ھەقىقى ھايات يىلتىزى بولغان ماكاندىمىدۇ دەپمۇ قالىمەن….
    يەنە شۈكۈر ….كۈنلىرىڭىزگە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.❤️ئوخشاش ھىسسياتتا ئىكەنمىز ،بۇ قۇرلارنى قاچانلاردىندۇر خۇددى ئۆزۈم يازغاندەكلا ھىس قىپ قالدىم .

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

زېمىن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى