سۈكۈتلەردە ياش

1,906 قېتىم ئوقۇلدى

– ئازابلانماسلىقنىڭ چارىسى بارمۇ؟

– بار!  كۆرمەس، سەزمەس، بىلمەس، ئاڭلىماس.. دۆت… ساراڭ بولىۋىلىش!  قىلالامسەن؟

– …….مۇمكىنمۇ !!!!!!!!

– ئۇنداقتا ئازابلىرىڭنى ئۈنسىز تىڭشاشنى ئۆگەن,  ئۇنىڭ ساڭا دەيدىغانلىرى بار .

 

Il Mostro – Ashram

 

سۈكۈت –

قەلىبنىڭ ئەڭ كۈچلۈك چۇقانىدۇر.

سۈكۈت –

سۇئاللارغىلا ئەمەس جاۋابلارغىمۇ لىق تولغان گۈزەل بوشلۇقتۇر.

سۈكۈت –

تېڭىرقاشلارنىڭ جاۋاب ئىزدەش رەستىلىرىدۇر.

سۈكۈت –

  يارىلانغان روھنىڭ پۈتۈنلىنىش جەريانىدۇر…

سۈكۈت-

ئازابلارنىڭ كۈچلۈك پەريادىدۇر.

 

***

قەلىبلەر چارسىز، تەگسىز قاراڭغۇلۇقىغا  چۆكۈپ نەپەسلەر قىسىلغاندا…

ھاياتقا بولغان زوق ۋە تەبەسسۇملار ئۆچۈش ئالدىدىكى ئاخىرقى يالقۇنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تىركەشكەندە …

ھەر قانداق بىر ئىنسان  بۇ ھاياتىدا تۆلەيدىغان ھاياتلىق بەدىلى نورمال چەكتىن ئېشىپ روھىمىزنى چارچاتقىنىدا …

شۇنداق تەسكىنلىك بەرگىن.

بەلكىم، تولىمۇ بەلكىم… بۇ ھاياتنىڭ  سەندىن  نورمال بىر ئىنساننىڭ روھىدىن ھالقىغان  كۈچ  ھەم قۇۋۋەتتە تاۋلىنىشىڭنى  تەلەپ قىلغىنىدۇر

 !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

 

******************

2018.01.30

 

تارقىتىڭ...
  1. گاس گاچا بولۇۋىلىش ئاسانمۇ؟سۈكۈتلەر داۋاملاشسا ھامان بىر كۈنى ئىچىڭىزدىكى ۋولقان بولۇپ پارتىلايدۇ

  2. ھەممىزگە بىر ئاسانلىق بۇلا دەيمەن مەنمۇ سۈكۈت ئىچدە

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سۈكۈتلەردە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى