ئىزوپ مەسەللىرىدىن: شىر بىلەن چاشقان (ئاۋازلىق)

3,276 قېتىم ئوقۇلدى

سالام كىچىك دوستلار، بۈگۈنكى رەسىملىك كىتاب ئوقۇشلىقىنى ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ – چوڭ بولغان، ھازىر باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ئاكا – ئۇكىلاردىن 11 ياشلىق ئازات   بىلەن 7  ياشلىق نۇرزاتلار تەييارلىغان.  يات بىر مەدەنىيەت، يات تىل مۇھىتىدا ياشاپمۇ ئۆز ئانا تىلىدا چىرايلىق سۆزلىگەن بۇ ئوماق بالىلىرىمىز تەييارلىغان مەزمۇننى كۆپچىلىكنىڭ بەكلا ياقتۇرىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.

(بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشلىقلىرىنى ئەۋەتىشنى خالايدىغان ئاتا – ئانىلار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ. )

reyhan@tokyoxatiriliri.net

 

ئىزوپ مەسەللىرى

شىر بىلەن چاشقان

تەرجىمىدە : ئازات ئوسمان

مىكروفۇن ئالدىدا :

ئازات ئوسمان ( ئۇيغۇرچە)

نۇرزات ئوسمان (ياپونچە)

 

شىر بىلەن چاشقان

 

شىر بەك كۈچلۈك بولغاچقا، ھەممە ھايۋانلار ئۇنى «ھايۋانلار پادىشاھى» دەپ ئاتايدىكەن. ھەر قانداق بىر ھايۋان شىرنىڭ يېنىدىن ئۆتكىدەك بولسىمۇ، قورقۇپ تىتىرەپ تۇرۇپ ئاران ماڭىدىكەن.

بىر كۈنى شىر ئوت-چۆپلەر ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقىنىدا، بىر چاشقان ئۇخلاۋاتقان شىرنى دۆڭلىكمىكىن دەپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ.

ئۈستۈمدە يۈرگەن كىمۇ؟!،- دەپ دەھشەتلىك ۋارقىراپتۇ.

ئۇيقۇدىن بىدار بولغان شىر تىرناقلىرىدا چاشقاننى تۇتىۋاپتۇ. چاشقان غال -غال تىتىرىگىنىچە «ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇپ بەرگەن بولسىڭىز… بىر كۈنلەردە مەنمۇ چوقۇم سىزگە ياخشىلىق قىلغان بولاتتىم…» – دەپ قانچىلىغان قېتىم يالۋۇرۇپتۇ.

چاشقاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شىر قاتتىق كۈلۈپ كېتىپتۇ.

بارمىقمدەك كىچىككنە تۇرۇپ مېنى قۇتقۇزۇشنى ئويلاۋاتامسەن؟ ھا…ھا…ھا… تازا بىرھىچنىمنى بىلمەيدىغان ئەخمەق بىر نىمىكەنسەن!،- دىگىنىچە مەردلىك بىلەن چاشقاننى قويۇپ بىرىپتۇ.

بىر كۈنى، ئويلىمىغان يەردىن شىر ئوۋچىنىڭ تورىغا چۈشۈپ قاپتۇ. بارچە كۈچى بىلەن توردىن قۇتۇلۇشقا تىركەشكەنسىرى، تور تېخىمۇ ئىرماش – چىرماش بوپ كىتىپتۇ.

دەل شۇ پەيىتتە، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەھىم قىلىپ قويۇپ بەرگەن چاشقان پەيدا بوپتۇ.

چاشقان ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن تورنى ئۈزۈپ تاشلاپ شىرنى قۇتۇلدۇرىۋاپتۇ. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن شىر چاشقانغا: «كىچىككىنە تۇرۇپ بۇنچىلىك كۈچۈڭنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەندىكىن، ھەقىقى ئەخمەق مەن ئىكەنمەن!» دەپتۇ.

كىچىك دوست،  ئاكا – ئۇكىلار بىزگە ئېيتىپ بەرگەن بۇ مەسەلدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟؟

مەنمۇ مۇھىم بىر ھەقىقەتنى قايتا ھېس قىلغاندەك بولدۇم. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭكىنى ئاڭلاپ باقاي،-ھە؟!🐭🦁🤔

 

*********

 

يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار

تۈنۈگۈن كۆرگەن بۇ يىللىق نادىر فىلىم ”Detroit“ نىڭ تەسىراتلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، بۈگۈن يەنە بىر قالتىس فىلىمنى كۆرۈش پۇرسىتى بوپقالدى. يەنى، كىچىكىپ بولسىمۇ بۈگۈن كۆرۈش نېسىپ بولغان بۇ قالتىس فىلىم سىلەرگە كونا بوپكەتكەن  “ يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار“.

ئۇيغۇرچە سۈزۈك فىلىم: يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار(ھەممە بالىلار ئۆزگىچە)
Taare Zameen Par
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2007-يىلى
ئىشلىگەن دۆلەت: ھىندىستان
رېژىسسور ھەم باش رولدا: Aamir Khan

ئادرىسى: https://goo.gl/xTkfFw

ھەپتە ئاخىرىدا بالىلىرىڭلارنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ  پۈتۈن دۇنيا غەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنتۇپ بۇ كىنودىن بىرلىكتە ھوزۇرلانغايسلەر~😘

(ھە-راست، ئاخىرىدا نادىر فىلىملارنىڭ ئۇيغۇرچە – سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ ئادىرىسى بىلەن تەمىنلەۋاتقان سۆيۈملۈك دوستلارغا يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن)

 

تارقىتىڭ...
  1. يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار دىگەن بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرۈش ئادرىسى بارمىدۇ؟

  2. 地球上的星星p بۇ كىنو بەك ياخشى بىر كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ

  3. بۇ مەسەلدىن ياخشىلىققا ياخشىلىق دىگەن كەلمنى چۈشنىۋېلىشقا بولدۇ ،،،سىز ياخشى ئىش قىلسىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ،،، رەيھان قولڭىزغت دەت كەلمىسۇن مۇمكىن بولسا سىز بىلىەن مۇڭداشقۇم بار ئىدى ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرەلەسىزمۇ ؟

  4. ئەقىللىق بالىلارغا مۇكاپات (^_-)
    سىزگە بۇ ئېلخەت ئادىرىسى قولايلىقمىكىن بىلمىدىم .☺️
    Reyhan@outlook.jp
    كۈنلىرىڭىزگە ئاسايشىچىلىق بولسۇن ~☕️☀️

  5. بۇ ئەسەرنى تولىمۇ ياقتۇردۇم، كۆز تەگمىسۇن ئوماقلارغا. يەنە مۇشۇنداق گۈزەل ھىكايەڭلارنى پات پات ئاڭلاپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز ئوماقلار. مىنىڭ باللىرىممۇ ئاڭلاپ سىلەردەك مۇشۇنداق ھىكايە ئوقۇشنى پىلان قىلدى.
    بۇ ھىكايىدا مىنىڭچە بىر قانچە ھەقىقەت بار ئىكەن، بىرسى يۇقىرىدىكى قېرىندىشىمىز دىگەندەك ياخشىلىققا ياخشىلىق. يەنە بىرسى مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھىچكىمنىڭ كۈچىنى تۆۋەن كۆرمەسلىك ھەم ياخشىلىق قىلغاندا ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىنىڭ قانداق ئادەملىكىگە قاراپ ياخشىلىق قىلماسلىق. يەنى شىر چاشقاننى كىچىك كۆرۈپ مەسخىرە قىلغانتى. لىكىن ئاشۇ كىچىككىنە چاشقان ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. پەقەت بۈيۈك ئىنسانلارلا ياخشىلىق قىلالايدۇ ئەمەس ، بەلكى ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلالىغانلارلا بۈيۈك ئىنسانلاردۇر.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئىزوپ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى