مىجەزى چۇس، قوپال بالىلارغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولغان ياخشىمۇ؟

5,286 قېتىم ئوقۇلدى

‏ئازاب، تەشۋىش، ئەنسىزلىك، ئۈمىدسىزلىك، ھەسەت، ئاچچىق ، غەزەپ…دىن ئىبارەت ھەر قانداق بىر ئىنساندا بولىدىغان نورمال تۇيغۇلارنى قەستەن باستۇرۇش ياكى ئۇلارغا پەرۋاسىز قاراش خەتەرلىك!

ئەگەر ئۇلارنى ۋاقتىدا تىڭشاپ ھەل قىلمىساق، يەنى، سۆز ۋە ياكى باشقا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا چىقىرىۋەتمىسەك نامۇۋاپىق باشقا بىر چىقىش ئېغىزى ئىزدەپ چىقىپ كېتىدۇ.

قەلبىڭىزدىكى  قورقۇنچ، ئەنسىرەشلىرىڭىزگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدىن بېرى ئىشەنچىلىك ئادىمىڭىزگە سۆزلەپ بىرىش! يەنى، بۇلارنى سۆز بىلەن چىقىرىۋەتكەندە، بىلىپ – بىلمەستىن تېخىمۇ يامانلىق ئەكىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

بالىلارمۇ دەل شۇنداق! بالىلارنىڭ قورساق، كىيىم – كېچىكىدىن بەكرەك ئىچكى دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلاردىكى دەل مۇشۇنداق روھى توسالغۇلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا چىقىرىۋىتىشىگە يارىدەمدە بولۇش – ئاتا – ئانىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

گېپىمىزگە كەلسەك،  مىجەزى چۇس، قوپال بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ دىققىتىڭىز ئاكې خاشى ئەپەندىنىڭ ئالدىنقى سۇئالغا بەرگەن جاۋابىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.

 

Babam – Toygar ışıklı

 

بالىنىڭ قوپال ئىش -ھەرىكەتلىرىنى  كونتىرول قىلىش ئۈچۈن مۇھىمى، بالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى روھى بېسىمنى سۆز ئارقىلىق چىقىرىۋىتىشكە ياردەم قىلىڭ.

ئۇ مەيلى ئۆزىمىزنىڭ بالىمىز بولسۇن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بالىسى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش بالا. مۇنداق چاغدا بالىدىن «نېمە بولدى ساڭا بالام؟»، «كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىدىغان بىرەر ئىش بوپقالدىمۇ؟» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىنىڭ كۆڭلىنى سوراڭ..
ئەگەر بالىدىن: «مۇنداق…مۇنداق ئىشلار بولغاچقا…» دىگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشىپ قالساق،«شۇنداقمۇ؟ بۇنداق بولىشىنى خالىمايتتىڭغۇ ھە؟» دىگەندەك بالىنىڭ ھىسياتىغا ئورتاقلاشقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. بالا سەۋەبىنى ئېيتىشنى خالىمىغان تەقدىردىمۇ «نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، بىراق، كۆڭلۈڭگە كەلگۈدەك بىرەر ئىش بوپتۇ» دىگەندەك بالىنىڭ ھىسياتىنى چۈشىندىغان سۆزلەرنى، شۇنداقلا «بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشقا خاپا بولۇپ قالساڭ «قىلغۇم يوق»، «كۆڭلۈمگە كەلدى» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن كۆڭلۈڭدىكى خاپىلىقنى ئېيتقىن، كىلىپلا باشقىلارنى ئۇرساڭ، چىچىنى تارتساڭ بولمايدۇ، باشقىلارنىڭمۇ سېنى شۇنداق قىلىشىنى خالىمايسەنغۇ؟!» دىگەندەك سۆزلەر  بىلەن بالا بىلەن پاراڭلىشىپ كۆرۈڭ.

 

يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا:

(1) بالىنىڭ قەلبىنى تىڭشاش.

(2) بالىنىڭ شۇ چاغدىكى ھىسياتىغا ئورتاقلىشىش.

(3) ھەركەتكە ئۆتۈشىنى چەكلەش.

ناۋادا كەپسىز بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باققۇڭىز بولسا، بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ دائىم ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ ئوخشاش شىكايەتلىرىنى كۆپ ئاڭلاۋېرىپ جاق تويۇغلۇق ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدە بولسۇن. شۇڭا، پاراڭلاشقاندا  ئۇلارنىڭمۇ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرىستىۋاتقانلىقى، جاپا چىكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئاخىرىدا، بۇ مىسال بىلەن سۆزىمىزنى تاماملايمىز.

-ئاپلا، تاكېشى يەنە باشقىلارنى ئۇرۇۋاتىدۇ،- دىگىنىچە تاكېشىنىڭ ئاپىسى بالىنىڭ يېنىغا كەلدى.

-بالام، نېمە ئۈچۈن دوستۇڭنى ئۇرىسەن؟ كۆڭلۈڭگە كەلگۈدەك بىرەرئىش بولدىمۇ؟

-شۇ….- بالا ئاپىسىغا كۆڭلىگە كەلگەن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.

-شۇنداقمۇ؟ مەن سېنىڭ نېمىگە بۇنچىلىك ئاچچىقلاپ قالغىنىڭنى ئۇ بالىغىمۇ يەتكۈزۈپ قوياي، بولامدۇ؟

لېكىن، بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارنى ئۇرساڭ ھەرگىز بولمايدۇ، كىلشتۇق ھە؟

-ماقۇل.

تامام

***********************

قىستۇرما:

قىسقىسى، بۇ ئۇرۇشقاق، قوپال بالا مەيلى بىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بالىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قۇلاق سېلىشىمىز، ئۇلارنىڭ  بالىلىق روھى بېسىملىرىنى سۆز ئارقىلىق چىقىرىۋىتىشىگە يارىدەم قىلىشىمىز كېرەكتەك تۇرىدۇ، بالىلارنىڭ كىچىككىنە قەلبى ئازابلار ۋە روھى بىسىملار خالتىسىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.

 

چېلىشچى دادا

فىلىم نامى: چېلىشچى دادا
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2016-يىلى
ئىشلىگەن دۆلەت: ھىندىستان
باش رولدا: Aamir Khan

ئۇيغۇرچە سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ كۆرۈش ئادېرىسى:

https://goo.gl/t5SmMu

”قىزىم! سەن ئالتۇن مىدالنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەمەس، دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئالىسەن ! ”
نېمىدىگەن ئۇلۇغ دادا!
نېمىدىگەن بۈيۈك تەربىيە!

دەھشەت فىلىملارنىڭ ئادىرىسىنى ئەۋەتىۋەتتىم، ۋاقتىدا كۆرىۋالغايسىلەر، نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىمىش.😜

بىز ۋە قەدىردانلىرىمىز ئامان بولغاي~❤

**********************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. يازمىللىرىڭىزنى داۋاملىق ئۇقۇپ تۇرغۇم بار ئىدى ، بىراق سالۇنغا قانداق ئەزا بۇلۇشنى بىلمىدىم ..

  2. رەيھان ھەدە تېنچلىقمۇ قانداق ئەھۋالىڭىز

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

مىجەزى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى