ئاخىرى بۈگۈننى تاپتىم… قەلبىمدىكى غۇچچىدە غەليانلارغا «سېغىنىش» دەپ ئىسىم قويدۇم………

 

Backstreet Boys – Show Me The Meaning Of Being Lonely

 

سېغىندىم

يۈرەكنىڭ قات – قاتلىرىدىن جاراڭلىغان كۈلكىلەرنى،

سېغىندىم
سېنىڭ پەردازسىز، نىقابسىز «سەن چىرايلىق ئەمەس!» دىيشلىرىڭنى،

سېغىندىم
سۈكۈتتىن، رەھىمسىز تەننىڭ قاماللىقىدىن  قېچىپ چىققان روھنىڭ  ئەركىن ئىسيانلىرىنى!

سېغىندىم
سېنىڭ خۇشامەتسىز مەدھيەلىرىڭنى،

سېغىندىم
ۋۇجۇدۇمنىڭ نامەلۇم يەرلىرىدىكى نامەلۇم ئاغرىقلارسىز كۈنلەرنى،
كۈزۈمنى ئاچسام مۇدھىشلىكتىن خالى ئايدىڭ تۈنلەرنى.

سېغىندىم
سېنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ «بالام» دىيىشلىرىڭنى
سېغىندىم… سېغىندىم… تولىمۇ سېغىندىم…
بەختىيار چىرايلارنى،

چىرايلىق گۈللەرنى،

كۈلگەن قۇياشنى!

 ……….

**************************

2018.02.28

 

تارقىتىڭ...