ئىلغار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدىن بىرى – بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاۋات، كۆپ ئۇچرايدىغان، راھەتبەخىش، ھەشەمەتلىك ئورنى – دەل كىتابخانىلىرىدۇر.

 

大塚  愛ープラネタリウム

 

بۈگۈن ئالاھىدە «كىتاب ئوقۇش كۈنى» غۇ ئەمەس ئىدى… لېكىن، بۈگۈن كىرگەن توكيو گىنزادىكى يېڭى ئېچىلغان كىتابخانا  ۋە كىتابخانا ئىچىدىكى ئارامبەخش كەيپىيات  ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ھوزۇرلىرىدىن بىرى، ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەتنىڭ بىر پارچىسى بولغان كىتاب  ھەققىدىكى پىكىرلىرىمنى ئويغىتىۋەتتى… شۇنداق قىلىپ  بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خاتىرلەپ قويغان كىتابقا بولغان ئىشىقلىرىم ئۈچۈن  بىلوگىمدىنمۇ بىر بەت بېرىۋەتتىم.

Ginza Six – Tsutaya Books

 

ياپون جەمىئىيىتى كۈنىگە 200 يېڭى كىتاب، يىلىغا 77 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى كىتاب نەشىر قىلىنىدىغانلىقىغا قارىماي بازارلىق كىتابلىرى بىردەمدىلا سېتىلىپ ھىچنىمىسى قالـمايدىغان كىتاب ئىززەتلىنىدىغان جەمئىيەت.

ئىزدەپ چىقسىڭىز كۆڭلىڭىزگە يارىغۇدەك سەتەڭ كۆينەكتىن بىرنى تاپماق تەس بولغىنى بىلەن كىتابخانىلىرىدىكى كىتابلىرىنىڭ سەرخىللىقى، سۈپەتلىك، تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى، ھەتتا، باھاسىنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىگە باققاندا تولىمۇ ئەرزانلىقى كۆزىڭىزنى قاماشتۇرىدىغان جەمئىيەت.

شۇڭا بۇ جەمئىيەتنىڭ  قۇدىرىتىنى، كىشىگە بېرىدىغان خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى كىشىلەرنىڭ تاشقى تۇرقىدىكى، ئۆي ـ رېستۇرانلارنىڭ بېزىلىشلىرىدىكى، مەكتەپ ـ شىركەتلەردىكى بىنالارنىڭ سىرتىدىكى ئاددىيلىقتىن، ھەشەمسىزلىكتىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچكى كۈچىدىن بىلىسىز.

نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى كازىئو ئەپەندىنىڭ بىر كىتابىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، قانچە قېتىم مانا مۇشۇنداق سېتىلىپ بولغان قۇرۇق ھالىتىنى كۆردۈم.

كىتاب – سىرلىق سۆھبەتلەرگە خىيانەت قىلمايدىغان ئىشەنچىلىك ھەمراھ.
كىتاب – پىكىرلەردە ئىختىلاپلار كۆرۈلگەندە كۆڭۈل ئازارلانمايدىغان تەمكىن سۆھبەتداش.
كىتاب – دۇنيانىڭ تەگسىز خۇنۇكلىرىدە خىرەلەشكەن قەلىب ئەينەكلىرىنى ھىكىمەتلىرى بىلەن يارقىنلاشتۇرىدىغان گۈزەل تەسەللىكار.
كىتاب – يارىلانغان روھنىڭ تەننەرخى تۆۋەن قىممەتلىك مەلھىمى.

ئېسىل بىر كىتاب بىلەن ئۇچرىشىش نادىر تەپەككۇر، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن روھلىرى، كائىناتنىڭ ئەڭ گۈزەل نۇرلىرى بىلەن ئۇچراشقان، تەڭرىنىڭ كاتتا رىسقى بىلەن مۇكاپاتلانغان بىلەن باراۋەر.
شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، كىتاب ئوقۇشنىلا ئەمەس كىتاب بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى گۈزەل ھەم چۇڭقۇر بولىدۇ.
يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، تەپەككۇرى چۇڭقۇر كىشىلەر جەلىپكار ھەم گۈزەل بولىدۇ.

ھېلىقى سېرىق چاچلىق ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغان ياپوننىڭ مىشچان ئوقۇغۇچىلىرىغا دەيدىغان مۇنداق بىر گېپى بولىدىغان:

سۆيگۈنىڭىزنى ساقلىغاچ كىتاب ئوقۇسىڭىز تېخىمۇ جەلىپكار بولىسىز.

مېتىرودا  قۇرۇق تېىلىفۇنغا قارىغىچە كىتابىڭىزنى چىقىرىپ ئوقۇسىڭىز تېخىمۇ كىلىشكەن تۇيۇلىسىز.

داۋاملىق كىتاب ئوقۇپ بەرسىڭىز بارغانىسىرى قالتىسلىشىسىز.

***********

2018.03.07

 

ئۆتكەن ھەپتە تەييارلاپ قويۇپتىكەنمەن بۇ يازمىنى، بۈگۈن تەھرىرلەپ يوللاپ قويدۇم.

 

 

ھا ھا ھا… بۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم، بىرەر سائەت بۇرۇن بېرىپ، مېترو بېكىتىنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى قەھۋەخانىدا «مەمەت ئاۋىقىم» نى ئوقۇۋالايچۇ !😎

ۋاي – راست، سىزمۇ ئىشتىن قايتقاچ يول بويىدىكى   ئورۇندۇقتا  بىردەم  ئولتۇرۇپ  ھېلىقى كىتابىڭىزنى ئوقۇۋالارسىز، – ھە؟!😜

كىتاب  تەپەككۇرنى، تەپەككۇر ئىنساننى، ئىنسان دۇنيانى ئۆزگەرتىمىش! بۈگۈنمۇ ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىپ – ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارايلىچۇ!📖🌷

 

**************************

2018.03.14

رەيھان

 

تارقىتىڭ...