سۆيگۈنىڭ رەڭگى
ئاپتۇرى :- رەيھان ئابلەت
ئاۋازدا : – رەيھان ئابلەت
***
***
دېرىك ئالتون ۋالكوت – 1992 ـ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، بوستون ئۇنۋىسىتىتىنىڭ پروففىسورى، ئۇ 2017-يىلى3-ئاينىڭ 17-كۈنى 87 يىشىدا ۋاپات بولدى·
ئۆزىنى سۆيۈش
شۇنداق بىر پەيت يىتىپ كىلىدۇ ،
ئۆزۈڭنىڭ بوسۇغۇسىدا ،
ئۆزۈڭنىڭ ئەينىكىدە،
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كۈلۈمسىرەپ ،
چەكسىز ھاياجان بىلەن قارشى ئالغىنىڭدا ،
بۇ يەردە ئولتۇر، غىزالانغىن دىگىنىڭدە .
ئەسلى ئۆزۈڭ بولغان بۇ كىشىنى سۆيۈپ قالىسەن ،
ئۇنىڭغا شاراپ بىرىسەن، بولكا بىرىسەن،
ئۆزۈڭنى سۆيۈپ كەلگەن بۇ يوچۇن كىشىگە ،
يۈرىگىڭنىمۇ قايتۇرۇپ بىرىسەن .
ئۆمرۈڭ بويى، باشقىلارنى مۇھىم دەپ ،
سەن سەل قارىغان ئەمما سىنى ئۆزى دەپ بىلىپ كەلگەن ،
يوچۇن كىشىنى قايتا سۆيۈپ قالىسەن .
سۆيگۈ مەكتۈپلىرىنى،
رومانتىك سۈرەتلەرنى،
تاقەتسىزلىككە توشقان خاتىرىلەرنى ،
كىتاپ ئىشكاۋىدىن يۇلۇپ ئىلىۋىتىسەن .
ھەتتا ئەينەكتىكى ئۆزۈڭنىڭ سىماسىنىمۇ سۆكۈۋىتىسەن .
شۇ پەيت يىتىپ كەلگىنىدە ،
تەمكىن ئولتۇرۇپ ،
ئۆزۈڭنىڭ رەڭگا ـ رەڭ ھاياتىنى ,
كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەيسەن !!!!!
( … يۇقاردىكى شېئىرنى يازمامنى كۆرگەن بىر ھەدەم تۈنۈگۈن ئەۋەتىپتۇ….شېئىردىكى ئىددىيە دەل دېمەكچى بولغانلىرىم ئەمەسمۇ ؟! )
2017.08.19
20/08/2017 11:14 چۈشتىن بۇرۇن
ئېسىل ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
27/04/2019 10:59 چۈشتىن بۇرۇن
قەلىمىڭىز زىيادە بولسۇن ……
27/04/2019 11:56 چۈشتىن بۇرۇن
رەھمەت، دېگىنىڭىز كەلسۇن ~❤️(o^^o)
05/11/2017 3:06 چۈشتىن كېيىن
قەلىمىڭىزدىكى سۆز ئىبارىلەرنىڭ جۇشقۇنلىقىنى تولىمۇ ياقتۇردۇم، ئۆزۈمگە يەنە بىر بالداق ئىشەنچىم ئاشقاندەك تۇيۇلدى ، ئاۋازىڭىزغا درەت بەمىسۇن
05/11/2017 4:18 چۈشتىن كېيىن
Rehmet ❤
27/04/2019 8:46 چۈشتىن كېيىن
ئاۋازىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم ❤️
29/04/2019 6:42 چۈشتىن بۇرۇن
☕️✨